dunyablog.com
  • 11/5/2011

    كارىز سۈيىنىڭ خاسىيىتى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/171671861.html

    كارىز سۈيىنىڭ خاسىيىتى

     

    ۋەلى كەرىم كۆكئالپ

     

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرپان، قۇمۇلدىن باشقا رايونلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىنىڭ گورزىنتال تەكشىلىكىدىن پايدىلىنپ يەر ئۈستىگە چىقىرىش سۇ قۇرۇلۇشى كارىز ئىنتايىن مەۋھۇم ئۇقۇم. كۆرگەنلەر ھە مۇشۇنداقكەن دەپ بىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ نوقۇل سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ئابىدىسى ئىكەنلىكىنى ۋە سۈيىنىڭ باشقا سۇلارغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە خاسىيەتلىكلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ.

    يېقىندا تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن پىچان ناھىيىسىنىڭ لەمجىن بازىرىغا بېرىپ، بىزنىڭ جەمەتىمىزدىن قالغان تەۋەرۈك كارىزنىڭ سۈيىدىن ئۇچۇملاپ ئىچىپ، ئىلگىرىكى بالىلىق دۋرىمگە قايتقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم، كارىز سۈيى تەن-تېنىمگە راھەت بېغىشلاپ تاراپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلدىم. بۈگۈنكى كۈندە كارىزلارنىڭ سانى ناھايىتى ئازلاپ كېتىپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە كارىزنىڭ ئورنى ئىنتايىن يۈكسەك ئىكەن. كارىز سۈيىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئىشلىتىشنى، كارىز سۈيى ئىستېمال قىلىشنى توختاتمغان ئائىلىلەر خېلى كۆپ ئىكەن. مەن شۇ قاتاردا بەزى پىشقەدەملەردىن، خەلق ئارىسىدا داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كىشىلەردىن كارىز سۈيىنىڭ بەزى خاسىيەتلىرىنى ئىگىلىدىم. ئىلگىرى كارىز توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەردە نوقۇل ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى، تارىخى ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەنىدى. بۇ قېتىم مەن چامامنىڭ يېتىشىچە كارىز سۈيىنىڭ خاسىيىتىنى ئىگىلىگەنلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.

    كارىز سۈيى قىش-ياز توختىماي شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، سۇ مىقدارى مۇقىم، سۇ تەركىبى ياخشى بولۇپ، يازلىقى سوغۇق، ئىچكەن كىشىنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، تېنىگە راھەت بېغىشلايدۇ، قىشتا بولسا يىلمانغا مايىل، ھور ئۆرلەپ تۇرىدۇ، يەنىلا جاڭ-جاڭ سوغۇقتىمۇ ئۇچۇملاپ ئىچكىلى، تەشنالىقنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

    تۇرپاندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تېرىلغۇ يەرلەر كارىز سۈيى، تاغ سۈيى ۋە ماشىنىلاشقان قۇدۇق سۇيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. تەجرىبىلىك دېھقانلار يېرىنى ئامال بار كارىز سۈيىدە سۇغىرىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا تېرىقچىلىق قىلىشقا مايىل، چۈنكى، يەر كارىز سۈيىدە سۇغىرىلسا 15 كۈندىن 20 كۈنگىچە، تەكلەر ھەتتا بىر ئايغىچە سۇغا تەشنا بولۇپ كەتمەيدىكەن، تۇپراق شورلاشمايدىكەن، كارىز سۈيىدە پىشقان مېۋىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولىدىكەن، ئۈزۈملەرمۇ ھەرگىز ساپىقىدا تۇرۇپ سېسىپ قالمايدىكەن. لېكىن ماشىنىلاشقان قۇدۇق سۈيىدە تۇپراق شورلاشقاننىڭ ئۈستىگە، ھەر خىل زىيانداش ھاشارەتلەرگە بولغان قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولىدىكەن. زىرائەتلەرنىڭ تەشنالىقى «بېسىلمايدىكەن»، يەنى بىر سۇغىرىش بىلەن يەنە بىر سۇغىرىشنىڭ ئارىلىقى 10 كۈن ياكى 12 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن. شۇڭا دېھقانلارغا نىسبەتەن كارىز سۈيى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدىكەن.

    كارىزلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، تۇرپاندا كارىز سۈيى ئىچەلمەيدىغان دېھقانلار كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن كارىز سۈيى ئىچىدىغانلار بىلەن قۇدۇق سۈيى ئىچىدىغانلار كارىز سۈيىنىڭ سۈپىتىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى، ئۇنى تېخىمۇ ئەتىۋارلاش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. كارىز سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، ئۇنى ئىچىپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەم باشقا سۇلارغا كۆنەلمەيدىكەن. مەيلى تاماق ئېتىشتە، چايدا بولسۇن تېتىمايدىكەن. شۇڭا يېزىلاردا كارىز سۈيى ئىچەلەيدىغان مەھەللىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ كارىز سۈيى ئىچىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان ئەھۋاللار بارغانسېرى گەۋدىلىك بولۇشقا باشلىغان.

    پىچان ناھىيىسىنىڭ پىچان يېزىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا «ھوڭنىڭ پولۇسى ئوخشايدۇ» دەيدىغان گەپ بار ئىكەن. ھوڭ كەنتىنىڭ قوغۇنى تاتلىقلىق ۋە شېرىنلىكتە داڭلىق بولۇپلا قالماي، پولۇسىنىڭ «ئوخشايدۇ» دەيدىغان گەپنىڭ چىقىشى قانداق گەپ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، بۇ كەنتتىكىلەر كارىز سۈيى ئىچىدىكەن، يەرلىرىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك كارىز سۈيىدە سۇغىرىلىدىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ قوغۇنى تاتلىق، چېيى تەملىك، ئەتكەن پولۇسى (تامىقى) ئوخشايدىكەن.

    كىچىكىدىن كارىز سۈيى ئىچىپ چوڭ بولغان، كارىز سۈيىنىڭ سۈپىتى ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن مۇھەممەتجان ئىسمائىل ماڭا مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىمى كارىز سۈيى ئىنتايىن پاكىز. قانداق دېگەندە، سۇنىڭ ئوكسىگېنغا تويۇنۇشى دەپ بىر گەپ بار، كارىز سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان تەڭرىتاغدىن ئېرىپ چۈشكەن قار سۇلىرى ئوكسىگېنغا تۇيۇنغان ئەركەك سۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۇ يەرگە سىڭىپ يەر ئاستى سۈيىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئوكسىگېن مەلۇم مىقداردا خورايدىغان بولسىمۇ، ئەمما كارىزغا ئۇلاشقاندىن كېيىن ھەر بىر قۇدۇق تەشمىسىدىن ئۆتۈش جەريانىدا يۇقىرى بېسىم بىلەن ئېقىپ ئوكسىگېنغا قايتىدىن تويۇنىدۇ ھەم ئون نەچچە كىلومېتىر مۇساپىدە ئېقىش جەريانىدا يۇقىرى سۈپەتتە دېستىرلىنىپ، مېنىراللىشىدۇ. ھازىرقى مېنىرال سۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ 28 قېتىم تازىلىغان سۇدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ مېنىراللىشىدۇ. بۇنداق سۇنى دائىم ئىسېمال قىلىپ بەرسە، تاماق ئېتىشكە ئىشلەتكەندە، چاي قاينىتىپ ئىچكەندە، تەبىئىي ھالدىلا ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك مول مېنىرال ماددىلار كۆپىيىپ، ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بەزى ماددىلارنى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىدىن باشقىلىرى بۇ تەلەپكە يېتەلمەيدۇ. نېمىشقا دېگەندە، بۇ سۇلارنىڭ مېنىراللىشىش دەرىجىسى تۆۋەن ياكى يوق، پاكىزلىقى يۇقىرى ئەمەس. كارىز سۈيىنىڭ سۈپىتى بۇلاق سۈيىنىڭ سۈپىتىگە تەڭلىشىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا كارىزنى «يەر ئاستى بۇلىقى» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

    سۇ ھاياتلىق نىشانى. ئادەم بەدىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سۇ تەشكىل قىلىدۇ. بىزنىڭ قانداق سۇنى ئىچىپ چوڭ بولۇشىمىز مۇقەررەر يوسۇندا بىزنىڭ تەبىئىتىمىزنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەقلىي ۋە جىسمانىي كۈچىمىزنىڭ ئۇلغىيىشى، بەدەن ساپاسىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. كارىز سۈيىنىڭ تۇرپان كىشىلىرىنىڭ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە جىسمانىيىتىگە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم، ئەمما ئىستېمال قىلغان سۇنىڭ ئادەم خاراكتېرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۇقەررەر.  

    پروفېسسور ئابدۇكېرىم رەھمان «كارىزنىڭ كۆز يېشى قۇرىمىسۇن» ناملىق ماقالىسىدە شۇنداق يازىدۇ: «نەچچە ئون كىلومېتىر يەر ئاستى ئېرىقىدىن ئېقىپ چىقىش جەريانىدا ئۇنىڭ سۈيى خۇددى ئالىي دەرىجىلىك مېنىرال سۇغا ئوخشاش مېنىراللىشىدۇ. مېنىراللىشىش دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقتىن، كارىز سۈيىنى ئىستېمال قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان كىشى باشقا تۈردىكى سۇلارغا كۆنەلمەيدۇ ھەم ئاغزىغا تېتىمايدۇ.  شۇڭا تۇرپان خەلقى تارىختىن بۇيان كارىزنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ كەلگەن، ئۇنىڭ مېنىرال ماددىلارغا تويۇنغان شىپالىق سۈيىدىن ئوزۇقلىنىپ ساغلام بەدەن بولۇپ يېتىلگەن. دەسلەپكى تەجرىبە نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تۇرپان كارىزلىرىنىڭ سۇ تەكىبىدە ئىنسان ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرگۈچى شىپالىق مېنىرال ماددىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ كۆرىنەرلىك يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا تۇرپاندا بىر قىسىم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، راك قاتارلىك ئەجەللىك كېسەللىكلەر نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولۇشى، تۇرپانلىقلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ قاۋۇل ۋە كۈچلۈك بولۇشى، كەسكىن تەبىئەتلىك ۋە روھلۇق بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ئەنە شۇ كارىز سۈيىنىڭ خاسىيىتىدىن دەپ ئېيتىش مۇمكىن».

    مۇھەممەتجان ئىسمائىل تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: كارىز سۈيى «يەر ئاستى بۇلىقى» بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇلاق سۈيىگە سۈپەت جەھەتتىن تەڭلىشىدۇ. دۇنيادا بىرمۇنچە «بۇلاق دۆلەتلىرى» بار بولۇپ، بۇلاق سۈيىنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ جاسارىتى ۋە روھلۇقلۇقى ھازىرمۇ تىللاردا داستان بولماقتا. ئامازون دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ بىر قىسمى يەر ئاستى سۈيىگە ئايلانغاندىن كېيىن ئارگېنتىنانىڭ پامپاس يايلىقىدىن يۇلتۇزلاردەك بۇلاق بولۇپ قايناپ چىقىدىكەن. بۇ بۇلاق سۇلىرىنى ئىستېمال قىلىدىغان ئارگېنتىنالىقلار ئىنتايىن روھلۇق ۋە قەيسەر كېلىدىكەن. بۇ يايلاقتا بېقىلغان قوي، كالىلارنىڭ گۆشى ئىنتايىن تەملىك بولغاچقا، پۈتۈن دۇنياغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ئالىي دەرىجىلىك گۆش ھېسابلىنىدىكەن. ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى «بۇلاق دۆلىتى» دەپ نام ئالغان ۋېنگىرىيىلىكلەرمۇ بۇلاق سۈيى ئىچىدۇ. ئۇلار ھونلارنىڭ ئەۋلادى سۈپىتىدە قەيسەر بولسىمۇ، مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئون نەچچە ئەسىردىن بېرى ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان بۇلاق سۈيىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بولۇشىدا گەپ يوق. تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر تاغلىق رايوندا بىر «بۇلاق رايونى» بار بولۇپ، بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى ئىنتايىن جەسۇر، روھلۇق كېلىدىكەن. بۇلار تۈركلەشكەن فىنكسلار بولۇپ، تاكى 17-ئەسىرگىچە ئوسمان تۈركلىرى ئېمپىرىيىسىنىڭ خېلىلا بېشىنى ئاغرىتقان. شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان ساپ ھاۋالىق «يېشىل دۆلەت» ئىسلاندىيە تىپىك بۇلاق ۋە ئارىشاڭ دۆلىتى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئارتېزىيان بۇلاقلىرى بىلەن قاپلانغان. نەچچە يۈز مىڭلا نوپۇسقا ئىگە كىچىك ئارال دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈيۈك بىرىتانىيە ئېمپىرىيىسىگە قەتئىي بوي ئەگمىگەن، ئۇلارنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىنى نەچچە ئەسىر دىر-دىر تىترەتكەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق جاسارەتكە ۋە قەيسەر روھقا ئىگە بولۇشىدا بۇلاق سۈيى ئىستېمال قىلىشى بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلىنىشى بار.

    كارىز سۈيى ئىچكەن ھەرقانداق ئادەم تەشنالىقىنىڭ قېنىپ، يۈرىكىنىڭ ياشىرىپ كەتكەندەك بولغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. كېيىنكى تەجرىبە نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، كارىز سۈيىنىڭ ھەقىقەتەن يۈرەكنى ياشارتىش، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان. كارىز سۈيىدە ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ موللۇقى  يۈرەكنى ياشارتىش، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئۇنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلغان.

    يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تېۋىپ ئەخمەتجان ئىسمائىل كارىز سۈيى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: كارىز سۈيى ئىنسانلار ئىچىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى سۇلارنىڭ بىرى. مېنىڭ تەتقىقاتىمغا ئاساسلانغاندا، كارىز سۈيى قۇلۇنجىنى داۋالايدۇ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ، تەشنالىقنى باسىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك سۇ بولغاچقا، ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى، بەدەنگە زۆرۈر بولغان ماددىلارنى تولۇقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    بىزنىڭ بىر تۇغقىنىمىزنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ ئاشقازان يارىسى كېسىلى بولۇپ قېلىپ، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدىكى بىر چوڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ساقايغان. بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا ئۇنىڭ ئاشقازىنى يەنە ئېسىلىپ ئاغرىشقا باشلىغان، سېسىق كېكىرىپ، يېگەن تامىقى سىڭمەي بەك بىئارام بولغان. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردىكى بىر تېۋىپقا كۆرۈنگەن. تېۋىپ ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، ئەھۋال سوراپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھېچقانداق دورا بەرمىگەن ۋە سەن كارىزغا بېرىپ قانچىلىك ئىچەلىسەڭ شۇنچىلىك سۇ ئىچ، شۇنىڭ بىلەن ساقىيىپ كېتىسەن، سېنىڭ كېسىلىڭ دورا بېرىدىغان كېسەل ئەمەسكەن دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارىز بويىغا بېرىشىغا ئىككى ئايال چىلەكلىرىنى كۆتۈرۈپ سۇ ئالغىلى كەلگەن. ئۇ بىر ئايالنىڭ چېلىكىنى سوراپ ئېلىپ، ساقىيىدىغان ئىش بولسا دەپ يېرىم چېلەك سۇنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتكەن، ئۆيىگە كەلگۈچە تەرلەپ ئېقىپ كەتكەن. بىر ئۇخلاپ قوپۇپ قورسىقىنىڭ كوركىرىپ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىشتىھاسى كارامەت ئېچىلىپ كەتكەن.

    بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ھېلىقى تېۋىپنىڭ ئالدىغا بارغاندا، تېۋىپ ئۇنىڭغا: «ئۇزۇندىن بۇيان تاماق ۋە تۇرمۇشقا تۇرۇبا سۈيى ئىشلەتكەنلىكىڭلاردىن، يېگەن تامىقىڭ تولۇق سىڭمەپتىكەن. قان ئەخلىتى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، مەن ساڭا كارىز سۈيى ئىچىشنى بۇيرۇدۇم. چۈنكى كارىز سۈيى ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن ئېقىپ كېلىش جەريانىدا ئىنتايىن پاكىزلىشىپ كېتىدۇ، سىڭىشلىك، ئۇ بەدەننى تازىلايدۇ. مۇمكىن بولسا كۈندە بىر نۆۋەت كارىز سۈيى ئىچىپ بەرگىن» دېگەن. ئۇ شۇندىن باشلاپ كۈندە بىر قېتىم كارىز سۈيى ئىچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئاشقازىنىنىڭ ئىنتايىن سازلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

    ئۇنداقتا تاماققىمۇ شۇنى ئىشلەتسەڭلار بولمامدۇ؟ دېدىم مەن.

    ئىلگىرى ئۇنداق شارائىتىم يوق ئىدى، يېقىندىن بېرى جاپا بولسىمۇ، كۆپرەك ئەكىلىۋېلىپ، كارىز سۈيى ئىچىپ كېلىۋاتىمىز، تاماق ئېتىشتىمۇ شۇنى ئىشلىتىۋاتىمىز. سالامەتلىك مۇھىمكەن ئادەمگە!

    بۇ سۆز ساددىلارچە ئېيتىلغان بولسىمۇ، كارىز سۈيىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندەك بىر ھەقىقەت چاقناپ تۇراتتى.

    ئاپام مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن: بىزنىڭ مەھەللىدە ئەينى چاغدا شۇنداق قاملاشقان بىر يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭ چوققىسىدا شاپىلاقتەك پاينىكى بار ئىكەن. كۆرسەتمىگەن دوختۇرى، سۈرمىگەن دورىسى قالماپتۇ، ساقايماپتۇ. تاز ئەمەسكەن، ئەمما چىۋىن قونسا تېيىلىپ كەتكۈدەك پارقىرايدىكەن. ئۇ دائىم بېشىدىن بۆكىنى ئالماي يۈرىدىكەن. بىر كۈنى كۆپنى بىلىدىغان بىر كىشى ئۇنىڭغا ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، كارىز سۈيىدە بېشىنى يېرىم سائەت يۇيۇپ تاتىلاپ بېرىشنى، پاينىكىنىڭ ئۈچ ئايغا قالمايلا ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ چاغدا بىزنىڭ مەھەللىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان كارىز قۇرۇپ كەتمىگەن، كىچىك بالىلارنى ئېقىتىپ كېتىدىغان دەرىجىدە ئۇلۇغ سۇلۇق ئىكەن. دېگەندەك، ئاپام ھەر كۈنى ئەتىگەندە سۇغا چىقسا، ئۇ يىگىتنىڭ دەرەخلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ بېشىنى يۇيغانلىقىنى كۆرىدىكەن. ئاپام سىنچى ئايال بولغاچقا، ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، راست دېگەندەك ھېلىقى يىگىتنىڭ پاينىكىگە تۈك ئۈنگەنلىكىنى  كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

    ھازىر ئۇنىڭ چېچى قومۇشتەك يىرىك، ھېچكىم ئۇنى تاز دېمەيدۇ، پاينەكلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ، دېگەنىدى ئاپام.

    ھازىر ئويلاپ باقسام بۇمۇ كارىز سۈيىنىڭ بىر خاسىيىتى ئىكەن. كارىز سۈيىنىڭ خاسىيىتى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئۇ بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشىمىزگە، بۇ جەھەتتە يېڭى-يېڭى بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە باغلىق، ئەلۋەتتە.

     

    مەنبەسى: ئۆزۈم توپلىغان ماتېرىياللار