-
11/5/2011
ئەسلىدە (زامانىمىز بەزى ئۇيغۇر قىزلىرىغا)
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/171673309.html
چىچىڭ سۇمبۇل دىسەم ماختاپ سېۋەتباشكەن ئەسلىدە ،
قىرىق تال_ تال چىچىڭ قۇندۇز دىسەم يوقكەن ئەسلىدە.
كىيىپ ئەتلەس چىمەن دوپپا يۈرۈيسەن ئەي گۈل دىسەم ،
خاتالاشتىم يەنە باشقا كىيىملەركەن ئەسلىدە.
كىيىپ ئەتلەس كۈلۈپ يۈرگىن ياراشقاي خويمۇ دىسەم ،
ئىنىقكى بۇ شۇ ئەتلەسكە ھاقارەتكەن ئەسلىدە.
سۈيۈندى ئەل سىياقىڭدىن بۇلۇپ خۇرسەن بەك دىسەم ،
سۈيۈنمەپتۇ نۇمۇس بىرلە ئۆلەر ھالكەن ئەسلىدە .
چۈشەندىم مەن سىنى ئەمدى نىقابىڭنى يىرتىۋەت ،
يۈزۈڭ ئاقكەن دىلىڭ ئەكسى ئەيىب كۆپكەن ئەسلىدە.
پەخىرلەندىڭ نۇمۇسسىزلىق ھاياسىزلىق ئۈستىدىن ،
سىنى كۈيلەپ يېزىش داستان خاتا ئىشكەن ئەسلىدە.
نۇمۇستىن يېرىلىپ كەتسەڭ ئەمەستۇر ھېچ كەم ساڭا،
ھاقارەتلىك ئىما سۆزلەر ئەجەپ باپكەن ئەسلىدە.
_ ئىسمائىل ئابلىتىپ ئىنتىل
http://bbs.misranim.com/read.php?tid=63273