dunyablog.com
  • 11/5/2011

    ھەزىرتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يىغلاتقان بالا!!!

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/171673109.html

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار!!! i.On{nB"k  
    ھەزىرتى ئۆمەر رازىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇبارەك ئادەتلىرىدىن بىرى ئەتتىگەندە سەھەردە مەسچىدكە بېرىش ئىدى. ھەزىرتى ئۆمەر مەسچىدكە ئەزان ئېيتىلماستىن بۇرۇن بارار ۋە ناماز ۋاقتىنى جامىدا كۈتەر ئىدى. h+H+>,N8`  
    بىر كۈنى تاڭ ئاتماي تۇرۇپ مەسچىدكە بارغاندا، بىر بالىنىڭ ئالدىراپ مەسچىدكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بالا ھەزىرتى ئۆمەر رازىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەزىرىگە چۈشتى. ھەزىرتى ئۆمەر بالىنىڭ بۇنداق ئالدىراپ ماڭغىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: "بالاجانىم، نىمىگە ئالدىراپ ماڭدىڭ؟ قەيەرگە يۈگۈرۈپ بارماقچىسەن؟ " دېدى. wV f 7<@/y  
    -نامازغا كېتىۋاتىمەن ھەزىرەت، ناماز ۋاقتى يېقىنلاشتى، مېنىڭ بولسا تاھارىتىم يوق. تاھارەت ئېلىشىم كېرەك. ئەزان ئېيتىلماستىن ئالدىن تاھارەت ئېلىپ ناماز ۋاقتىنى كۈتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈگۈرەپ ماڭدىم، -دېدى. m2(}$z3e  
    ھەزىرتى ئۆمەر رازىيەللاھۇ ئەنھۇ بالىغا، -بالام، سەن بەك كىچىك كۈرىنىسەن، ساڭا ناماز تېخى پەرىز ئەمەس، -دېدى. بالا: -b?M5P*:  
    -ھەزرەت، بۇ ئىش ئۈچۈن چوڭ كىچىكلىك بولامدۇ؟ كېچە مەھەللىمىزدە كىچىك بىر بالا ۋاپات ئەتتى. ئۇ مەندىن ئازراق كىچىك ئىدى. دېمەك بۇ ئىش ئۈچۈن چوڭ كىچىك بولمايدۇ، -دېدى. x @oxIXN  
    ھەزىرتى ئۆمەر رازىيەللاھۇ ئەنھۇ بالىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بەكمۇ تەسىرلىنىپ كەتتى. شۇنداق تەسىرلەندىكى، شۇنداق خۇشال بولدىكى، مۇبارەك كۆزلىرىدىن مەرۋايىت دانىلىرىدەك ياشلار ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى. "يا راببى، بۇ بالا قانداق ئاجايىپ، قانداق ئەقىللىق! بۇ گۈزەل سۆزلەر ئۇلۇغلارنىڭ ئاغىزىدىن چىقىدىغان سۆزلەردۇر" دەپ شۇنداق يىغلىدىكى مۇبارەك خىلقەسى ھۆل بولۇپ كەتتى. Q/Z>w+zh#  
    ئىزاھات ۋە نەسىھەت: ئەي ھەق يولچىسى! بۇ كىچىك ھېكايىدە قانداق نەسىھەتلەر بار. ئەگەر ئىنسان چۈشىنەلىسە بۇ كىچىك ھېكايىدە ئۆمرىنىڭ سائادەت بۇلۇقىنى تاپالايدۇ. ئاتا بوۋىلىرىمىز "ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا" دېگەن. ئۆزىگە ناماز پەرىز بولمىغان گۆدەك پەرىز بولغانلارغا قارىغاندا ھوشيارراق ئىكەنلىكى، ئەقلىنىڭ ئۈستۈنلىكىدىندۇر. RfvvX$  
    ئۆزلىرىگە ناماز ئەلۋەتتە پەرىز بولغان يېشى چوڭ بولغان قانچىلىغان مۇسۇلمانلار باركى، نامازدىن بىخەۋەردۇر. ھالبۇكى بۇ كىشىلەر نامازلىرىنى ھېچ قالدۇرماسلىقلىرى كېرەك ئىدى. بۈگۈن ناماز ئوقۇيمەن، ئەتە ناماز ئوقۇيمەن دەپ ھورۇنلۇق قىلىشلىرى ئاقىللىق ئەمەستۇر. >+i+_^]  
    بەزى خاتا چۈشەنچىلىك، نادان كىشىلەردىن سوغوق، تەمسىز، تۇزسىز سۆزلەرنى ئاڭلايسىز. "تېخى خېلى ياشمەن، سەل يېشىىم چوڭايسۇن شۇندا ناماز ئوقۇيمەن. ھېچ بولمىسا ئوتتۇز، قىرىققا كىرەي. ئەللىك ياشنى نىشانلاي. كېيىن ناماز ئوقۇيمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ نامازنى كەم قىلمايمەن" دېيشىدۇ. F)eP55C6  
    ئامانلىق بەر ئاللاھىم، ئامانلىق بەر! بۇلار شۇنداق سوغوق، خاتا سۆزلەرنى ئېيتىشامدۇ. بۇ ئادەملەر ئەقىل تەقسىم قىلىنىۋاتقاندا قەيەردە ئىدىلەر ئەجەبا! ئەي بۇنداق سۆزلەرنى سۆزلىگەن غەپلەتتىكى ئادەم! نەچچە ياشقا كىرىش سېنىڭ قولۇڭدىمۇ؟ بىر كۈن، ئون كۈن، بىر يىل ۋە ياكى ئون يىل ھەتتا ئون سېكونت، ئون مىنۇت ياشىشىڭنى كۆرسەتكۈچى بىرەر ئەھدىڭ، بىرەر شەرت نامەڭ بارمۇ؟ بۇ سۆزلىرىڭنى ئەقىل تارازىسىدە تارتىپ كۆردۈڭمۇ؟ S\I+UeFkf  
    ئەي بۇ كىچىك ھېكايىنى ئوقۇغان مۇسۇلمان! ئاڭلىغان مۇسۇلمان! ئەي جەننەت يولچىسى! ئەي ئاللاھ دېگەن قېرىنداش! بۇ كىچىك ھېكايىدىن ھېسسىمىزگە كەلگەن ئىبرەت دەرسىنى ئالايلى. بىز ھەم نامازلىرىمىزنى ۋاقتىدا ئوقۇيلى. مەسچىدكە ۋاقتىدا بارايلى. نامازلىرىمىزنى قالدۇرمايلى. ئەگەر قالدۇرۇلغان، ئوقۇيالمىغان نامازلىرىمىز بولسا ئۇلارنى دەرھال قازاسى بولسىمۇ ئوقۇۋالايلى. g6DIWMoO=h  
    ئەي ئاللاھ دېگۈچى مۆئمىن! ئاللاھ  ھەممىمىزنى غەپلەتتىن ئويغاتسۇن. دۇنياغا نىمىگە كەلگەنلىكىمىزنى چۈشەنمەك ۋە ئەمەل قىلىش كېرەك بولغىنىغا ئەمەل قىلىشنى نىسىب ئەيلىسۇن. ئامىن. دۇنيادا كېلىش ۋە كېتىشىمىزدىكى مەنانى چۈشۈنۈش ئىدراكىنى، ھېسىياتىنى بەرسۇن. ئامىن! 16I[z+RG  
    dVLrA`'P*  
    مەنبە: ھېكمەتلەر خەزىنىسى 4<1V  
    ::http://www.makanim.cn/read.php?tid=13606