پۇرچاقچىلىك زەمچىدىن ئىككى تالنى ئېزىپ ، ئىككى تال سامساقنىڭ سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچۈرسە ، بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ .
بالىلار تاماقنى تولۇق ھەزىم قىلالماي ئىچى سۈرگەن بولسا ، كىندىكىگە ئاغرىق توختىتىش پلاستىردىن بىر پارچە چاپلاپ ، ئالتە سائەتتە بىر قېتىمدىن ئالماشتۇرۇپ بەرسە ، بىر قانچە قېتىمدىلا ئىچ سۈرۈشنى توختايدۇ .
بالىلارنىڭ ئىچى يېنىڭ دەرىجىدە سۈرسە ، ئالمىنى پىشۇرۇپ پوستىنى سويۇپ ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ، ئېزىپ ، ئىككى ياش ئەتراپىدىكى بالىلارغا يېرىم تالدىن ، ئىككى ياشتىن ئاشقان بالىلارغا بىر تالدىن كۈنىگە بەش قېتىم يېگۈزسە بولىدۇ . داۋالاش مەزگىلىدە باشقا يېمەكلىك بەرمىسىمۇ بولىدۇ . قۇسۇش ، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ، سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى بېرىپ ، ئاستا - ئاستا نورمال تاماققا كۆندۈرسە بولىدۇ .
ھالۋابىدىتنى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ ، ئېزىپ ، جىڭمى گۈرۈچى بىلەن ئۇماچ قاينىتىپ بىر نەچچە قېتىم ئىچۈرسە ، بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشى توختايدۇ .
10دانە تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى قۇمقازانغا سېلىپ كۆيدۈرۈپ يېغىنى چىقىرىپ ، كۈندە ئۈچ ۋاخ يېگۈزسە ، بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشى ناھايىتى تېز ساقىيىدۇ .
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم
