• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چىشى بولىدۇ؟

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    كىلىنىكىدا بەزىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا چىش ئۆسكەن ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. تېببىي ئىلىمدە بۇخىل ھادىسە سۈت چىشىنىڭ بالدۇل بىخلىنىشى دېيىلىدۇ.ئادەتتە يەنە "تۇغما چىش "دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئېغىز بوشلۇقى تېببىي بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىشى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن ،بەزى كىشىلەر بوۋاقنىڭ "تۇغما چىشى "غا  غەيرى قاراشتا بولۇپ ،بالىغا بىر تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلىدۇ،بۇنداق قىلىش ئىنتا يىن خاتا.

          توغرىسىنى ئېيتقاندا ،تۇغما چىشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس . مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىكى تەللىللەرگە ئاساسلانغاندا،تۇغما چىشنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.ھامىلىدىكى چۇش تۆرەلمىسى ناھايىتى تىيىز بولۇشى ۋە ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ فونكىسىيىسى نورمالسىزلىنىشتىن كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇشى ،ياكى ئىرسىيەت بولۇشى مۇمكىن.

        ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچقايدىغىنى تۆۋەنكى جاغ ئوتتۇرا ئۇدۇل چىشى بولۇپ ،ئۇنىڭ شەكلى ،چوڭ-كىچىلىكى ،ناھايىتى نورمال، ئەمما چىش يىلتىزى پۈتۈنلەي يېتىلىپ بولالمىغانلىقتىن ،تۇغما چىشنى تۇتۇپ تۇرىدىغان چىش ئوقۇرى سۆڭىگى بولمايدۇ .شۇڭلاشقا ئۇ ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ.مۇبادا تۇغما چىش بەكلا بوش بولسا ،چىش چۈشۈپ كانايغا كىرىپ كىتىش خەتىرى بار.بوۋاق ئەمگەندە تىل ئىلىنچىقى ۋە ئۇنىڭ ئىككى يېنىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار تۇغما چىشقا سۈركۈلۈپ ،ياتاق يارىسىلىق جاراھەت پەيدا قىلىدۇ.جاراھەت ئۇزۇن مەزگىل ساقايماسلىقىمۇ مۇنكىن.ئائىلە باشلىقى بالىدا تۇغما چىشنى بايقىغاندا ،چوقۇم بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ،ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك.ئادەتتە تۇغما چىش بەك بوش بولسا تارتىۋىتىش لازىم.بەزى تۇغما چىشلار ئانچە بوش بولمىسىمۇ ،بىراق ئۇ تىل ئاستى يۇمشاق تۇقۇلمىللىرىنى يار ا قىلىپ قويىدۇ.شۇڭا سۈت ئېمىتىشنى توختۇتۇپ ،قوشۇق بىلەن سۈت ئىچكۈزۈش ،يارا يۈزىگە گېنتىئان چىئولېت قاتارلىق قورۇغۇچى دورىلارنى سۈرتۇش ئارقىلىق يارىنى ساقايتىش لازىم.زۆرۈر بولغاندا چىشنىڭ سىلىق يېرىنى سىلىقلىتىپ ،سۈركىلىشنى ئازايتىسا بولڭدۇ.جاراھەت ئاستا -ئاستا ئۆسۇپ يوغىناشقا ئۆزگەرسە ھەرگىزمۇ ئۇنى ئۆسمە ئورنىدا ئېلىۋىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئاسانلا ئېغىر قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئادىرسىمىز
    يىڭىلانغان بالىلار بىلىملىرى
    ئەڭ يىڭى بالىلار بىلىملىرى