2.بوۋاق 3 ئايلىق چوڭ بولغاندا ، يالغۇز بوۋاقلار كارىۋېتىدا يېتىشنى ئۆگىنىشى كېرەك . ئەگەر كېيىن ئۆگتسىڭىز ، ئۇ يالغۇز يېتىشقا كۆنۈشى تەسكە چۈشىدۇ .
3.بوۋاقلار 3ئايدىن 6 ئايغىچە بولغاندا چوڭ بالىلار ئوينايدىغان ئېلەڭگۈچتە ئوينىتپ باقسىڭىز بولىدۇ . بالا مېڭىشنى ئۆگىنىۋالسىا ، دېمەك بالىنىڭ ئىنكاسلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى يېتلگەنلىكىنى،بېلەك مۇسكۇللىرى بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . لېكىن دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:ئېلەڭگۈچ يەر يۈزىدىن بەك ئېگىزلەپ كەتمىسۇن ھەمدە ئېلەڭگۈچنى ئاستا ئىتتىرىش لازىم ، بېخەتەرلىككە قاتتىق دېققەت قىلىش كېرەك .
4.بوۋاقنىڭ 5 ئايلىق بولۇشنىڭ ئالدىدا ، ئەگەر سىز ساياھەتكە چىقماقچى بولسىڭىز ، ئېلىۋالمىسڭىزمۇ بولىدۇ . بوۋاقلار بۇ ياش ۋاقتىدا ، سىز قېشىدا بولمىسڭىز سىزنى بەكمۇ سېغىنىپ كەتمەيدۇ ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ، ئەگەر سىز يىراققا كەتسىڭىز ، 5 ئايلىق بالىلار 1~2 ياشلىق بالىلاغاقارىغاندا خوشالراق بولىدۇ . سىز قانچە بالدۇر بالىدىن ئايرىلىش باشلىسىڭىز ، ھەمدە ئايرىلىش ئالدىدا ، سىز چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا دىسىڭىز ، ھەمدە بالىنىڭ يالغۇز بولۇشىنى باشقا ئادەملەرنىڭ (بالا باققۇچى ، ئۇرۇغ-تۇققان)قارىشىغا كۆندۈرسىڭىز ، كېيىن بالدۇرلا سىلەر بىلەن ئۆي ئايرىلىپ ئۇخلاشقا كۆنىدۇ .
5.بوۋاقلار 6 ئايلىق بولغاندا تۇنجى چىشى چىقىدۇ . بۇ چاغدا چىش دوختۇرىغا چوقۇم كۆرسىتىڭ ، ھەم دوختۇرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاڭ . دوختۇرغا كۆرۈنىش ۋاقتى بالىنىڭ 1 ياش تۇغۇلغان كۈنىدىن ئېشىپ كەتمىگىنى ياخشى .
6.بوۋاقلار 6 ئايلىن بولغاندا سۆزلۈكلەر ، سان-سېفىر ، رەڭ ، شەكلىللەرنى تونۇشتۇرۇشقا باشلاڭ . شۇندىلا بالىنىڭ چۈشىنىشچانلىقى بالدۇر يېتىلىدۇ . كىتاپ ، جانلىق جىسىملار ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ساقلاڭ ، بوۋاققا باناننىڭ سېرىق ئىكەنلىكىنى ، توپنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىڭ . ئوقۇتۇش كارتوچكىلىرنى ئىشلەتكەندىن كۆرە ، ناخشا ئېيتىپ بېرىڭ ،ھېكايە ئېيتىپ بېرىڭ ، باغچىلارغا (ھەقسىز باغچىلار،پەقەت سەيلە قىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان ئورۇنلار)غا ئاپىرىپ كۆرسىتىڭ .
7.بوۋاقلار ئولتۇرالىغاندا ھەم دوستلىرىنى ئېنىق كۆرەلىگەن چاغدا ، ۋاقىتلىق ھالدا باشقا بوۋاقلار بىلەن بىللە ئوينىتىڭ . بوۋاقلارنىڭ تەڭتۇش دوستلىرىغا بولغان قىزىقىشى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن چوڭ بولىدۇ . بوۋاقلار 2~3 ئايلىق بولۇشتىن باشلاپلا قارشى تەرەپكە دېققەت قىلىشقا باشلايدۇ . 9~12 ئايلار بولغاندا ، ئۇلار قارشى تەرەپكە ئويۇنچۇق تەغدىم قىلىشقا ، قارشى تەرەپنى دوراشقا باشلايدۇ . بوۋىقىڭىز باشقا بوۋاقلار بىلەن ياخشى دوستانە مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن(گەرچە ئۇلار دوستانە مۇناسىۋەت دىگەن سۆزنى چۈشەنمىسىمۇ)،ئۆز ئارا تالىشىپ قېلىپ ئۇرۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، كۆپرەك ئويۇنچۇق تەييارلاپ قويۇڭ .
8.بوۋاق 5~18 ئاي بولغاندا ، سېرىلغۇچ ئوينىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ . بوۋاقلار مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ، قان تومۇر، نېرۋىلىرنى ھەم ماسلاشقان بەدەن ھالىتىنى باشقۇرۇش رولىغا ئېگە بولغانلىقدىن دېرەك بولىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بېخەتەر سېرىلغۇچتىن سېرىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
9.بوۋاقلار ئورنىدىن جىم تۇرالىغاندا ، مىنىدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئويناتسىڭىز بولىدۇ . بەزى بالىلار ئىككى پۇتنى ناھايىتى ياخشى تەڭشەپ ، ئويۇنچۇقنى ئالدى كەينىگە ئىتتىرەلەيدۇ . بەزى بالىلار سىزنىڭ يېنىك ئىتتىرىشىڭىز ئاستىدا تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئوينىيالايدۇ .
10.بوۋاقلار 18 ئايلىق بولغاندا ئۈچ چاقلىق تەپكۈچ ۋېلىسپىتتىن بىرنى تېپىپ بەرسىڭىز بولىدۇ .
بەلكىم ئۇ تەپكۈچنى ناھايىتى ياخشى تېپەلمىسىمۇ ، لېكىن ئۇ خوشاللىق بىلەن ۋېلىسپىت ئۈستىدە ئولتۇرىۋالىدۇ ، ھەم رولنى باشقۇرۇۋالىدۇ .
11.بوۋاق 18 ئايلىق بولغاندا ئۇنىڭغا كىچىك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا بۇيرۇڭ .
يېڭى باشلىغاندا ، ئۇنىڭغا ئويۇنچۇقلىرنى يىغىشتۇرۇشقا ياكى تازىلىق قەغىزىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇشنى بۇيرۇسىڭىز بولىدۇ . سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىشلارنىڭ سالمىقىنى سەل چوڭايتسىڭىز بولىدۇ .
12.بوۋاق 18 ئايلىق بولغاندا ، سۇ ئىچىدىغان پىيالىسىنى سەل چوڭايتىڭ ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇ شۈمۈرگۈچتىن بىرنى تەييارلاپ قويۇڭ .
13.بوۋاق 2 ياشتىن بۇرۇن ھايۋانلاربىلەن بىللە ئويناشقا قويۇپ بەرمەڭ ، ھەم ئۆيدە باقماڭ . مۈشۈك ، ئىت دىگەندەك ھايۋاللارنى بالىلار 3~4 ياشقا كىرگەندە ، ئاز تولا كۆيۈنۈشنى ئۆگەندە ئاندىن باقسا بولىدۇ .
14.بوۋاقلار 2 ياشلار ئەتراپىغا كىرگەندە ، چوڭراق بولغان بىر بالىلار كارىۋىتى تەييارلاپ بېرىڭ .
بۇرۇنقى بوۋاق ياتىدىغان بۆشۈك ياكى كىچىك كارىۋات ئەمدى كىچىك كېلىپ قالىدۇ .
15.بوۋاقلار 3 ياشقا كىرگەندە ، بۇرۇننى قانداق تازىلاشنى ئۆگىتىپ قويۇڭ .
بۇ يېشىدا بالىلار چوڭلارنى دوراشقا ئامراق بولۇپ ، چوڭلارنى خوش قىلىشقا باشلايدۇ ، شۇڭا سىز ئۇنىڭغا قانداق بۇرۇننى تازىلاشنى ئۆگىتىپ قويۇشىڭىز كېرەك .
16.بوۋاقلار 3 ياشقا كىرگەندە ، باشقا بوۋاقلار بىلەن بىللە كىچىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ.
گەرچە بۇ بىر ئاز قىزىقارلىق ئاڭلانسىمۇ ، بۇنداق كىچىك يىغىلىش تامامەن بولىدۇ . مەسىلەن نەچچە ئائىلە بىرلىشىپ ، ھەپتە ئاخىرىدا بىرەر ئائىلىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ يىغىلىپ ئولتۇرۇش ئۆتكۈزسەڭلەر تامامەن بولىدۇ . بوۋاقلار بىر يەرگە كېلىپ بىللە ئوينىسا ، بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشى ، مىجەزى ، ھەم باشقا بالىلار بىلەن بولغان يېقىنچىلىقى تېخىمۇ تېز يېتىلىدۇ . ئەگەر سىز قېشىدا بولمىغان ئەھۋال ئاستىد ، بالىڭىز بەكمۇ ياىشى ، كۆڭۈللۈك ئارامخۇدا ئوينىيالمىسا ، كېلەر قېتىمقى يىغىلىشنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ .
17.بالىلار 4 ياشقا كىرگەندە ، ئاياغ چىگىشنى ئۆگىتىڭ .
گەرچە بالىلار 5 ياشقا كىرگەندە مەشغۇلات تېخنىكىسنى ئېگەللىسىمۇ ، لېكىن 5 ياشنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ھەم مەشغۇلات تېخنىكىسنى ئاستا ئاستا يېتىلدۈرۈش كېرەك .
18.بالىلار 4 ياش بولغاندا سۇ ئۈزۈش مەشىقىنى ئېلىپ بېرىڭ .
بالىلار 4 ياشقا كىرىشنىڭ ئالدىدا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنمەسلىك لازىم ، چۈنكى ئۇلار تېخى ناھايىتى ياخشى تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارى يوق . 4 ياشتىن بۇرۇن پەقەت ئاز تولا سۇغا چۈشۈرۈپ ئوينىتىپ قويسىڭىزلا بولدى .
19.بالىلار 4 ياشقا كىرگەندە ، تېلىفون ئېلىشنى ئۆگىتىڭ .
4 ياشقا كىرگەن بالىنىڭ دىگەن سۆزلىرىنى ناتۇنۇش كىشىلەر تامامەن چۈشىنەلەيدۇ.
20.بالىلار 4ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا 2 چاقلىق بالىلار ۋېلىسپىنى تونۇتۇڭ
كۆپىنچە 4 ياشقا كىرگەن بالىلار 2 چاقلىك بالىلار ۋېلىسپىنى مىنگۈدەك بولدى دەپ ئويلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم
