• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بالىلارنىڭ تىلىدىكى ئالامەتلەرگە سەل قارىماڭ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بالىلاردىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرمۇ تىلىدا ئىپادىلىنىدۇ ، ساغلام بالىلارنىڭ تىلى يۇمشاق ، چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق ، ھەرىكىتىمۇ ئەركىن ، رەڭگى سۇس قىزىل بولىدۇ .

     

     

     

       بالىلارنىڭ تىلىدا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، سەل قارىماسلىقكېرەك:

       تىل گېزى قىزىرىپ قېلىش . بالىلار زۇكامداپياكى قىزىپ قالغاندا ، تىل گېزى سارغۇچ رەڭگە ئۆزگىرىپ ، قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار بىر قىسىم قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش بىلەن بىللە ، بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچۈرۈش ، مايلىق تاماقلارنى كۆپ بەرمەسلىك كېرەك.

       تىل گېزى ئاچ سېرىق رەڭدە ، قېلىن ۋە يېپىشقاق بولۇپ قېلىش . بالىلارنىڭ كىچىك تىلىدا ئاچ سېرىق رەڭلىك داغ پەيدا بولسا ھەمدە تىل گېزى يېپىشقاق بولۇپ ، سېسىق پۇراق چىقسا ، ئاشقازىنىدا مەسلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . بۇنداق چاغدا بالىلارغا سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى كۆپرەك ئىچۈرگەندىن سىرت ، بىر قىسىم ئىشتىھا ئاچقۇچى دورىلارنى ئىچۈرۈش كېرەك

    ئادىرسىمىز
    يىڭىلانغان بالىلار بىلىملىرى
    ئەڭ يىڭى بالىلار بىلىملىرى