بوۋاقلار ئالتە ئايلىقتىن بۇرۇن ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 گرامدىن ئېغىرلايدۇ. 7 - 12 - ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 گرامدىن ئېغىرلايدۇ .ئەمما بەزى بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئەمچەكتىنئايرىغاندىن كېيىن يەنى 8- 12 ئايلىققىچە بولغان مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇ. بۇ كۆپىنچە بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئامال بار ئانا سۈتى ( پەقەت بولمىغاندا كالا سۈتى ) دە ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك . ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەي يولىداھەزىم قىلىنىشى ۋە نەپەسلىنىشىنى تېزلىتىشكە پايدىسى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئانا سۈتى يېتەرلىك بولسىلا بوۋاق تۇغۇلۇپ ئالدىنقى يېرىم يىلدا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تېز بولىدۇ .
ئەمما قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندىن كېيىن يەنى 7 - 8 ئايلىق مەزگىلىدە بوۋاقلار كۈندە ئىككى قېتىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئانا سۈتى ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ . توققۇز ئايلىق بوۋاقلار كۈندە ئۈچ قېتىم قوشۇمچە يېمەكلىكنى ئانا سۈتى ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىغا ئۇچ ۋاق تاماق بېرىۋاتقاندىكىن ئەمدۈرمىسەكمۇ بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتەبۇ بىر خىل خاتا قاراش . بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرى كىراخماللىق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ، كالتىسىي ، فوسفور قاتارلىق مېنىرال ماددىلارنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمايدۇ . ئۇنىڭئۈستىگە بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاقسىلنى شۈمۈرۈشى ئاجىز بولغانلىقتىن ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئانا سۈتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىسا ، ئاقسىل ماددىسىيېتىشمەي بوۋاقلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىشنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش يەنى گۆش ، تۇخۇم ، جىگەر ، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك . مانا بۇلار بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن ئىبارەت.
ئەگەر بوۋاقلارنىڭ تۇرمۇشى تەرتىپسىز ، يەنى مۇقىم بولغان غىزالىنىش ۋاقتى ، ئۇيقۇسى نورمال بولمىسا ، كۈندۈزى ئۇخلاپ كېچىسى ئۇخلىمىسا ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلار مۇتەخەسسىسلىرى ئاتا - ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى : 8 -12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا ھەر كۈنى 600 مىللىلېتىر ئەتراپىدا سۈت بېرىش ، بوۋاقنىڭ ئوزۇقلىقىنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش ، ئۇلاردا ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ، بولۇپمۇ ئوزۇقلىنىش ، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، ھەرىكەت مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك . بۇنداقبولغاندا بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى نورمال ھالەتتە ئېشىپ ماڭىدۇ
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم
