ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا تورى 11 – ئۆكتەبىر خەۋىرى 10 – ئۆكتەبىر دۇنيا روھىي ساغلاملىق كۈنى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 9 – ئۆكتەبىر مۇنداق دىدى، پۈتۈن يەر شارى بويىچە 350 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئەسەبىيلىشىش كسىلىگە گىرىپتار بولغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى روھىي ساغلاملىق ۋە دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شىكار ساكىسنا دوكتۇر مۇنداق دىدى: «ئەسەبىيلىشىش كېسىلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى كېسەللىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەر شارى خاراكتىرلىك كېسەل، مەيلى ئۇ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، باي بولسۇن ياكى نامرات بولسۇن.»
ساكېسنا مۇنداق دىدى، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى مەۋجۇت بولمىغان رايون يوق، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەر يىلى %5 ئادەم بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، %50 تىن ئارتۇق ئاياللارنىڭ ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ئەرلەردىن يۇقىرى، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسەبىيلىشىش پۈتۈن دۇنيادىكى %20 ئانىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە، تەخمىنەن %10 ياش ئانا تۇغۇتتىن كېيىن ئەسەبيىلىشىش كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
ساكېسنا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تارماقلارنىڭ دىيىشىچە، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى – بىر قېتىملىق ئەسەبىيلىشىش بولماستىن، بەلكى «ئىككى ھەپتە ياكى تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلغان روھىي چۈشكۈنلۈك»، ئۇ «خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئائىلە» گە دەخلى قىلىدۇ.
ساكېسنا مۇنداق دىدى، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ئەڭ ئاخىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر يىلى بىر مىليونغا يېقىن ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسەبيىلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار. ئەمما ئەسەبىيلىشىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىكى بىردىن بىر سەۋەب ئەمەس.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دىدى، ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئۇنى مۇلاھىزە قىلىشتىن ئىبارەت. دورا بىلەن داۋالاش بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشتىكى بىردىن بىر چارە ئەمەس.