ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

23 - سېنتەبىر كەچتە كروران قەدىمىي دۆلىتى دەپ نام ئالغان چاقىلىق ناھىيىسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹ كروران گۈزىلى › تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . رەسىمدە مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار باھالىغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە .
شۇ كۈنى كەچتە قاتمۇ - قات باھالاشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 10 نەپەر ساھىبجامال قىزلار كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىسى ، ناخشا - ئۇسۇل ، زېھىن سىناش بىلىملىرى قاتارلىق ھالقىلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ بىرىنچى ، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى دەرىجىلىك كروران گۈزىلى بولۇپ تاللاپ چىقىلدى . ئىگىلەشكە قارىغاندا تاللاپ چىقىلغان ‹ كروران گۈزىلى › كروران ئوبراز ئەلچىسى سۈپىتىدە جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ۋە مىكرو كىنو سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كروران ماركىسىنى تارقىتىش ، كروراننىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش ، شۇنداقلا كروران مەدەنىيىتىنى يىراق - يېقىنغا يەتكۈزۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن . چاقىلىق ناھىيىسى ئۇزاق تارىخقا ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ ، كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسى ، مىران قەدىمىي شەھەر خارابىسى ، كىچىك ئېقىن قەبرىستانلىقى قاتارلىق تارىخى خارابىلەر مەزكۇر ناھىيىگە جايلاشقان بولۇپ ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چاقىلىق ناھىيىسى چوڭقۇر تارىخى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ بۈيۈك كروران مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا .

رەسىمدە تاللانغان ماھىر ئۇسۇل ئوينىماقتا.

پېشانىسىگە قىزىل سۇرۇخ سۈرۈلگەن ماھىر

تاللانغان ماھىر گۈزەل رۇخسارىنى نامايان قىلماقتا