ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

9-ئاينىڭ19-كۈنى، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە، قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى شەھەر ئۇرالسىكتىن كەلگەن 23 ياشلىق قىز روماليېۋا 2010-يىللىق قازاقىستان گۈزىلى بولۇپ باھالاندى.
قازاقىستان گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسى قازاقىستاننىڭ بىرىنى چوڭ شەھىرى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلدى، قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە ۋەكىل بولۇپ كەلگەن 33 قىز رىقابەتكە قاتناشتى. مۇسابىقە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى، يەنى مىللى كىيىم-كېچەك كىيىپ، ھازىرقى زامان پاسونىدىكى قىسقا يوپكا كىيىپ ۋە مۇراسىم كىيىمى كىيىپ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش.

مىللىچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن گۈزەللەر

مۇسابىقە جەريانىدىن بىر كۆرۈنۈش