ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:‹‹ دۆلەت جۇغراپىيەسى›› تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، 2006–يىلى ، ئارخېئولوگلار مېكسىكا يۇكاتان يېرىم ئارىلى قىرغىقىدىكى بىر دېڭىز ئاستى ئۆڭكۈرىدىن بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم جەسەت سۆڭەكلىرىنى بايقىغان بولۇپ ، تۆۋەندىكىلەر ئارخېئولوگلارنىڭ نەق مەيداندا ئىسپات ئېلىپ ، تەتقىق قىلىۋاتقان چاغدىكى سۈرەتلىرى :
1. قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى ئۆلچەش
ئارخېئولوگلار مېكسىكا تۇلۇم كىچىك بازىرى ئەتراپىدىكى ‹‹ Chan Hol ›› (مايا تىلىدىكى مەنىسى ‹‹كىچىك ئۆڭكۈر››) دېڭىز ئاستى ئۆڭكۈرىدە بىر سۆڭەكنى ئۆلچىمەكتە ، بۇ سۆڭەك بۇندىن 10 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ جەسىتىدىن قالغان . ‹‹كىچىك ئۆڭكۈر يېشى›› دەپ ئاتالغان جەسەت سۆڭىكى 2006–يىلى بايقالغان بولۇپ ، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆڭكۈردىن سۈزۈپ چىقىلغان .
2. ‹‹كىچىك ئۆڭكۈر يېشى›› نىڭ جەسەت سۆڭىكى
ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا سۈزۈپ چىقىلىشتىن بۇرۇن ، ‹‹كىچىك ئۆڭكۈر يېشى›› نىڭ جەسەت سۆڭىكى دېڭىز ئاستى ئۆڭكۈرىدە جىمجىتقىنا 10 مىڭ يىلدەك ياتقان . كۆپ يىللاردىن بۇيان ، ئالىملار ئىزچىل ئۇ يەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ۋە نەق مەيداندا بايقالغان جەسەت سۆڭەكلىرىنى خاتىرىلەپ ، قىممىتى بار ھەرقانداق يىپ ئۇچىنى يوقىتىپ قويماسلىققا تىرىشقان.
3. جەسەت سۆڭەكلىرىنى سۈرەتكە تارتىش
مېكسىكا كارىب دېڭىزى بويى ئەتراپىدىكى تۇلۇم كىچىك بازىرى ئەتراپىدىكى تۇلۇم دېڭىز ئاستى ئۆڭكۈرىدە، ئارخېئولوگلار ‹‹كىچىك ئۆڭكۈر يېشى›› نىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنى سۈرەتكە تارتتى.
4. سۇ ئاستىدا مېڭىش
ئارخېئولوگلار ‹‹كىچىك ئۆڭكۈر يېشى›› نىڭ جەسەت سۆڭەكلىرى بايقالغان دېڭىز ئاستى ئۆڭكۈرىدە مېڭىپ يۈرمەكتە . بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا ، ئۇلار بۇ جەسەت سۆڭەكلىرىنى ئۇ يەردىن سۈزۈپ چىقتى . ئۆڭكۈر ئېغىزى سۇ ئاستىدىكى 30 فۇت (تەخمىنەن 10 مېتىر) لۇق جايدا بولسىمۇ ، لېكىن ‹‹كىچىك ئۆڭكۈر يېشى›› نىڭ جەسەت سۆڭەكلىرى 1880 فۇت (تەخمىنەن 550 مېتىر›› لۇق چوڭقۇر جايدىن بايقالغان.