ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:ئۇلىنىش تورى خەۋىرى :
ئىلچى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى تاۋارلار كۆرگەزمە يىغىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
9-ئاينىڭ 27 -كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 2:00 دە شىنجاڭ ئىلچى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2011-يىللىق كۈز-قىش پەسىللىك كىيىم -كېچەك يېڭى تاۋارلار كۆرگەزمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى .بۇ ئۇلارنىڭ«شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى »دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەندىن كىيىنكى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق كىيىم -كېچەك كۆرگەزمىسى بولۇپ،كۆرگەزمە يىغىنىدا سەككىز خىل يۈرۈشلۈك ، 97 قۇر مەھسۇلاتى ھەم يېڭىدىن ئايالچە قوي تىۋىتى بىلەن مامۇق مەھسۇلاتى تۈرلىرى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھاۋا كېلىماتىغا ناھايىتى ماسلاشتۇرۇپ لاھىيەلەنگەن بۇ كىيىملەركېلەر يىلى ئىلچى ماركىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىلچى كىيىم- كېچەك تەرەققىيات شىركىتىنىڭ پەقەت شىنجاڭدىلا تارماق دۇكىنى بولۇپلا قالماستىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ كېڭەيتىپ ، مىللى خاسلىقنىڭ نامايەندىسى بولغان ئىلچى ماركىسىنى رايونىمىز ئىچىدىن ھالقىتتى. نەق مەيداندا يەنە مودىللارنىڭ بىر-بىرىدىن كۆركەم لاھىيەلەنگەن كىيىملەر بىلەن سەھنىدە روھلۇق ھالەتتە مېڭىشلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىنى قوزغاپ نەق مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.يىغىنغا نۇر تورى قاتارلىق ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەكلىپ قاتنىشىپ بىلەن مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. بىز ئىلچى كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتى شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ گۈللىنىپ مىللى كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشىگە چوڭقۇر تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.









