-
ئالمىخان. ( شۇ ناملىق خەلق ناخشىسىغا تەرجىمىھال )
2009-04-01
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37343020.html
ئالمىخان
(شۇ ناملىق خەلىق ناخشىسىغا تەرجىمىھال)
مەن بېلىمنى باغلىدىم،
قىل بىلەنەي سىم بىلەن.
مەن كېتەرمەن،سەن قالۇرسەن،
ئۆيدە يالغۇز كىم بىلەن.
...خەلق ناخشىسى "ئالمىخان" قومۇل خەلق ناخشىلىرىنىڭ تىراگىدىيە تۈسى قويۇق تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ .ئۇنىڭدا ئىككى ياشنىڭ ئۇچىرىشىپ قوشىلىشى كېيىن بەزمە-باراۋەت قاپلىغان يۇقۇرى قاتلام كىشىلىرى ئارىسىغا ئالمىخاننىڭ مەجبۇرى چاقىرىلىپ رەققاسلىققا سېلىنىشى ۋە بۇ جەرياندىكى ئازاپلىق تۇرمۇشى،ئاخىرىدا ئىككى ياشنىڭ ئامالسىز ئايرىلىپ كېتىپ ،ئالمىخاننىڭ تەنھالىق ھەسرىتى بىلەن ياشىغانلىقى بايان قىلىنغان........
1874-يىلى زوزۇڭتاڭ قوشۇنىدىن قاچقان بەييەنخۇ بىر قىسىم قومۇللۇقلار ۋە خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرىنى، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ياقۇپبەككە قوشۇلۇش ئۈچۈن مەجبۇرى ئېلىپ ماڭىدۇ.بۇ مۇساپىرلارنىڭ بەزىلىرى كورلا،بۈگۈر ئەتراپلىرىدا يەنە بەزىلىرى كۇچاغىچە بېرىپ مەلۇم مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ.كېيىن ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى زوزۇڭتاڭ تەرىپىدىن يوقۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇلار قومۇلغا قايتىپ كېلىدۇ .
قومۇل خەلقىنىڭ بىر قىسمى كۇچادا تۇرغان شۇ جەرياندا راھەتباغ يېزا مەگەش كەنتىلىك غوجامنىياز دىگەن بىر يىگىت كۇچالىق ئالمىخان بىلەن تونىشىپ توي قىلىدۇ ۋە قومۇلغا بىللە قايتىپ كېلىدۇ .
ئالمىخان، ئۇسۇل ئويناش،ناخشا ئېيتىش جەھەتلەردە تالانتى بولۇپلا قالماي تولىمۇ چىرايلىق قىز بولغاچقا، "كۇچادىن شۇنداق چىرايلىق بىر خېنىم كەپتۇ" دەپ ھەممىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ....
.............................................................................
...ئەينى دەۋردە قومۇلدىكى يۇقۇرى قاتلام كۈچلىرى ئارىسىدا ئۈزۈلمەس مەشرەپ-ئويۇن سورۇنلىرى داۋاملىشىپ تۇراتتى.بۇ مەشرەپلەرگە قومۇلنىڭ ئەڭ ئۇستاسازاندە-ناخشىچىلىرى،پاراڭچى-ئۇسۇلچىلىرى،تەكلىپ قىلىناتتى.ھەتتاكى خەلق ئىچىدىكى چىراي تۇرقى توغرىلىق ماختاشلار چىققان ئاياللارمۇ چاقىرىلاتتى.بۇنداق تەكلىپلەرگە ھېچقانداق ئادەمنىڭ بارماسلىققا ئامالى يوق ئىدى.چۈنكى بەگ-تۆرىلەر ھەرخىل ئاماللار بىلەن قارشى چىققانلاردىن ئۆچ ئالاتتى.
خەلق مەشرەپلىرى بىلەن يۇقۇرى قاتلام ئىچىدىكى مەشرەپلەرنىڭ ئارىسىدا ئاسمان-زىمىن پەرق بولۇپ باي-تەيجىلەرنىڭ مەشرەپلىرىدە تۆۋەن قاتلامدىن كېلىپ چىققانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى بولمايتتى.ئۇلارنى پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا چاقىراتتى.بۇ سورۇنلاردا قىززىقچى-ھېپىزلار ھەمراھلىرىنى شايى-مەسخىرە قىلىش بىلەن بەگ-غوجىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچاتتى.
ئالمىخان قومۇلغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ توغرىسىدىكى مەدھىيە-ماختاشلار بۇنداق سورۇنلاردىمۇ بولىدۇ ۋە يۇقىرقىدەك مەشرەپلەرگە چاقىرىلىدۇ.
غوجامنىياز بىلەن ئالمىخاننىڭ بېشىغا غەم چۈشىدۇ.ئايالىنى بارغۇزاي دىسە غۇرۇرى كۆتۈرمەيدۇ.بارغۇزماي دىسە بەگلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقىدۇ. مۇشۇنداق زىدىيەتلەر ئىچىدە ئالمىخان، ئالۋاڭ مەشرەپ سورۇنلىرىغا ئامالسىز بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ.....بۇنداق چاقىرىشلار كۈن ئۆتمەي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ.
ئالمىخان مەشىرەپتە يۇقۇرقىدەك قىززىقچىلارنىڭ بەگلەرگە خوشامەت قىلىپ ھەزىل قىلىشى ۋە قوشاقلارغا قېتىپ مەسخىرە قىلىشلىرىغا ئۇچرايدۇ.
ئالمىخاننىڭ مەجبۇرى مەشرەپكە مېڭىشى، غوجامنىيازنىڭ ئامالسىز غەزەپلىنىپ قېلىشى بارا-بارا ئۇزۇنغا سوزىلىدۇ.ئىككىسىنىڭ تەغدىرىدە يۈز بەرگەن بۇ مەشرەپ پاجىئەسى بىلەن ئاخىرىدا بۇ ئىككى ياش ئامالسىز ئايرىلىپ كېتىدۇ......
ئالمىخان بەگ-تۆرىلەر مەشرەپلىرىدە ئويناپ كۈلگەندەك قىلغان بىلەن كۈنلىرىنى ئىچىدە يىغلاپ ئۆتكۈزىدۇ......ھەر كۈنى داۋاملىشىدىغان ئىشرەت-بەزمە ئىچىدە غوجامنىياز بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقا ئەمما بەخىتلىك مىنۇتلارنى ھەسرەت بىلەن ئەسلەيدۇ......
ئۆزىنىڭ مەجبۇرى مەشرەپكە ماڭغان ۋاقتى،غوجامنىيازنىڭ ئەلەم-ھەسرەت بىلەن ئىللىقىنە ئۆيىدە يالغۇز قالغان ھالىتى دائىم كۆزىگە كۆرۈنۈپ ئۈنسىز يىغلايدۇ......
يىراق كۇچانىڭ باغلىق كوچىلىرىدىن باشلىنىپ قومۇلنىڭ ھاۋالىق يېزىلىرىدا ئاياقلاشقان بۇ مۇھەببەت ھىكايىسى بۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلىشىپ قالمايدۇ.......
مۇساپىرلىق.....يالغۇزلۇق...جۇدالىق.... ئالمىخاننىڭ ئاياللىق نازاكىتى ۋە ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىنى يوقۇتۇشقا باشلايدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىشرەت-مەشرەپلەر يۈرەك ئازابىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئورنىغا ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىنى تېزلا خاراپلاشتۇرىدۇ.ھاياتنىڭ تۈزۈكرەك خوۋلىقىنىمۇ كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ئالمىخان شاراپ چېكىملىكلەر ئىچىدىكى مېلىس-مەشرەپلەر بىلەن ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ..
مۇھەببەتسىز مەشرەپ،ھېسياتسىز ناخشا، سۇنغان كۆڭۈلگە ئىكەك بولۇپ، ئۇنىڭ قومۇلغا يېڭى كەلگەندىكى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سوققان يۈرەكلىرىنى پۇچىلاپ مۇزلىتىدۇ... بىيىت-قىقاسلار بىلەن قىززىپ كەتكەن مەشرەپكە بىپەرۋا قارىغىنىچە بىر بۇلۇڭدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇش داۋاملىق ئادىتىگە ئايلىنىدۇ....
.......................................................................................
كېيىنكى كۈنلەردە ئالمىخان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى بولسىمۇ تونۇش تۇپراق ۋە ئادەملەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ يۇرتىغا قايتىپ كېتىش ئويىغا كېلىدۇ........
..يىراق يۇرتىدا قالغان مەھەلىسى،بالىلىق دەۋرىدىكى دوستلىرى،غەمسىز يۈگۈرۈپ ئوينىغان كوچىلار ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىدۇ.يىگانە قالغان تەغدىرى بىلەن قەلبىدىكى ھەسرەت-جۇدالىقى ئۇنى قومۇلدىن كۇچاغا كېتىشكە ئۈندەيدۇ.
ئالمىخان بىر قېتىملىق مەشرەپتە تاساددىپى ۋاڭنى ئۇچۇرتۇپ قالىدۇ ۋە ۋاڭغا يېلىنىپ يۇرتىغا قايتىشقا ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتىنىدۇ.....ۋاڭ قومۇلدا ھېچ بىر تۇققىنى بولمىغان بۇ مۇساپىر ئايالنىڭ تەلىۋىنى ئورۇنداشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئەسلىدىكى يولدىشى غوجامنىيازنى تۇرپانغىچە ئاپىرىپ قويۇشقا ئەمىر قىلىدۇ.بۇ چاغدا غوجامنىياز يەنە بىر ئۆيلەنگەن بولسىمۇ ئىلگىرى سۆيگەن ھەمراھى ئالمىخاننى يۇرتىغا ئاپىرىپ قويۇشقا ماڭىدۇ....
...يىللارنىڭ جەۋرى..دەۋرنىڭ جاپاسى چىرايىنىلا ئەمەس بەلكى روھىي دۇنياسىنىمۇ ۋەيران قىلغان بۇ بىر جۈپ ئەسلىدە كەلگەن يولى بىلەن يىراق كۇچاغا قايتىدۇ......
قومۇلغا كېلىش سەپىرىدىكى خوشاللىق ۋە مۇڭدىشىش بىلەن بىلىنمىگەن يول ئازاۋى بۇ قېتىمقى قايتىش سەپىرىدە كۆرۈپ تۇرۇپ جۇدالىققا مۇپتىلا بولۇشنىڭ ئازابى بىلەن باشلىنىدۇ،...........
ئالمىخاننىڭ ھايات پاجىئەسى بۇ قېتىمقى ئىككەيلەننىڭ ئاخىرقى سەپىرىدە يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ. تارىخىي داستانلاردىكى بۇنداق جۈپتى تېپىلمايدىغان گۈزەل تىراگىدىيلىك ھىسيات ئالمىخان بىللەن بىللە مۇشۇ مىنۇتلاردا بىزگىمۇ ھەمرا بولىدۇ.
يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان تاغ-ئېدىرلارغا خىيالەن قاراپ ماڭغان ئالمىخان بىلەن ئايىقى چىقماس توپىلىق يولنىڭ ئۇپۇقتىكى ئىزنالىرىغا قاراپ ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان غوجامنىياز بىر دۇنياغا تەۋە بولسىمۇ ئەمما ئىككى دۇنيانىڭ ئادىمىدەك سۈكۈتلەرگە غەرق بولۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ......
تۇرمۇشنىڭ كېسىپ ئۆتۈش قىيىن بولغان چەكلىمىسىدە تېڭىرقاپ قالغان غوجامنىياز بىلەن ،ئادەملەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئالمىخان ھايات سەپىرىدىكى ئەڭ ئازاپلىق ئەمما تولىمۇ قىممەتلىك ئاخىرقى مىنۇتلارنى باشتىن كەچۈرگەچ يىراقتىكى ئۇپۇق ئارىسىغا سىڭىپ كېتىدۇ..................................................................
بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئالمىخان تۇرپانغا بارغاندىن كېيىن،لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسىدا تۇرۇپ قالىدۇ. مۇساپىرلىق كوچىسىدا بىر ئۆمۈر تەمتىرەپ يۈرگەن بۇ تەنھا قەھرىمانىمىز ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى،تەلپۈنگەن يۇرتى كۇچاغا يېتىپ بارغانلىقى ياكى لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.......
ئالمىخان، دەۋرداشلىرى تەرىپىدىن ھەر-خىل سۆز-چۆچەكلەرگە قالغان بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ ھەسرەتلىك قەلب دۇنياسى بىلەن تا ھازىرغىچە چۈشىنىشكە ۋە ھىسداشلىققا ئېرىشەلمەيدۇ........
مۇشۇ مىنۇتلاردا بىز ئالمىخان بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى، تەنھالىق ئازابىدىكى ئىچكى دۇنياسىغا ئورتاقلىشىۋاتىمىز.
ئۇزۇن زامانلارنىڭ قېلىن توپا-چاڭلىرى ئاستىدىكى يالغۇز كۆيگەن بىر چىراققا،كۆزى ئوچۇق كەتكەن بىر ھىسياتلىق ئىنسانغا، قۇچاق ئېچىۋاتىمىز.ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ھەقىقى ئىنساننىڭ تىراگىدىيىسىنى ھېس قىلىۋاتىمىز....
..............
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
2009-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
历史上的今天:
بۈگۈنكى كۈندىكى بەدىۋىلىكمۇ ياكى ...؟! 2009-04-01ھېيىتلىق سوئالغا ھېيىتلىق جاۋاپ ! 2009-04-01فارابى قايسى مىللەتنىڭ ؟! 2009-04-01ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر يولى 2009-04-01سېسسىق توققۇزۇنچى ۋە ئۇيغۇرلار 2009-04-01
收藏到:Del.icio.us


