<<  ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى | باش بەت | ئالمىخان. ( شۇ ناملىق خەلق ناخشىسىغا تەرجىمىھال )  >>
  • قومۇلدىن ئاۋىستىرالىيەگە يېزىلغان خەت

    2009-04-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37340024.html

     

    قومۇلدىن ئاۋىستىرالىيەگە يېزىلغان خەت

     

    (سەھىپە ئېتىۋارى بىلەن قىسقارتىپ يوللاندى)

     

    تاغلارنىڭ تەڭرىسى بولمىش تەڭرى تاغلىرى باغرىدىن، يىراق ئوكياننىڭ ئۇ چېتىدىكى كاتخېرىندا ياشاپ تۇرغىچى سىمون ئەپەندىمگە .

    قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ سالامەت كېتىۋاتامسىز ؟ خانىمىڭىزنىڭ كېسىلى خېلى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ ؟ مەن كۆرگەن چاغدا سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس دىگەنتىڭىز اللە شىپالىق بېرەر .ئالدىنقى خېتىڭىزدە ئوغلىڭىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقىنى يېزىپتىكەنسىز ..مۇبارەك بولسۇن

    سىزنىڭ ئىككىنچى قېتىم خەت يېزىشىڭىز مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى .چۈنكى دېڭىزدىن يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى بۇ يۇرتقا ئاسانلىقچە چەتئەلدىن خەت كەلمەيدۇ.كەلسىمۇ مەندەك بىر تولۇق ئوتتۇرىنى ئاران تۈگەتكەن دېھقانغا سىزدەك جاھان كۆرگەن چەتئەللىكتىن خەت كېلىشى تولىمۇ يېڭىلىق بىر ئىش.

    سىمون ئەپەندىم سىز ئوغلۇمنى كۆرگەنتىڭىز ھازىر بەش ياشقا ماڭدى،بىزنىڭ گېپىمىز بويىچە سەل شوخ.قىزىم توغرىلىق سىز خەۋەرسىز.قىزىم 8-ئايدا تۇغۇلدى ،ھازىر خېلى ساغلام چوڭ بولىۋاتىدۇ.مېنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قىلىۋاتقان تىجارەت ئىشلىرىممۇ يامان ئەمەس.خېرىدارىم خېلى كۆپىيىپ قالدى.خۇدا بۇيرىسا قالغان ئىشلىرىممۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

    سىمون ئەپەندىم ،سىز خېتىڭىزدە مېنىڭ ئوي-خىياللىرىم ،ۋە تۇرمۇشۇم توغرىلىق كۆپرەك بىر نەرسىلەرنى يېزىشنى ئېيتىپسىز.بەلكىم ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ،چۈشەنچىمىزنى كۆپەيتەيلى دەپ ئويلىغان بولىشىڭىز مۈمكىن.رەخمەت.

    سىزلەردىن يۇرت ئاتلىغانلار ئاساسلىق مەخسىتى ساياھەت.ئۈگۈنىش ۋە ياكى مەلۇم ئىجتىمائى مەخسەتنى چىقىش قىلىش مەخسىتىدە بولسا بىزنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ياخشىراق ياشاش مەخسىتىدە يۇرت ئاتلايدۇ ياكى چەتئەلگە چىقىدۇ.بۇ بىزنىڭ ھايات تەققەززايىمىز بىلەن سىزلەرنىڭ تۇرمۇش ئارزۇيىڭىزلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق. مېنىڭ تىرىكچىلىك غېمىدا جوڭگو زىمىنىنىڭ دائىرىسىدە 18 يىلغا يېقىن چۆرگىلەپ يۈرىشىم بىلەن سىزنىڭ 22 يېشىڭىزدىن باشلاپ56ياشقا كىرگۈچە دۇنيانى ساياھەت قىلىشىڭىزئوتتۇرسىدىكى ئوخشىماسلىق،دەل بىزدىكى ئىككى دەۋىرنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئوخشىماسلىق. سەۋەپ بىز تەرەقى قىلىۋاتقان دۆلەت سىزلەر بولسىڭىزلار تەرەقى قىلغان دۆلەت.

    بىزنىڭ كۆپ سانلىق چەتئەلگە چىقىۋاتقان يۇرتداشلىرىمىز زور كۆپچىلىكى شۇ يەرلەردە ماكانلىشىپ قېلىش ئارزۇسىدا بولىدۇ.ئۇلار قايسىلا مىللەتتىن بولسۇن ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتىغا قارىغاندا پەقەتلا ياخشىراق ياشاشنى مەخسەت قىلىدۇ.ئەمما سىز غەرىپلىكلەر قانداقلا بولمىسۇن ئانا يۇرتىڭىزلارغا قايتىپ كېلىسىزلەر.بىز دەسلەپ كۆرۈشكەندە سىز مېنىڭدىن«سىزنىڭ ياشاش ئارزۇيىڭىز نىمە ؟»دەپ سورىغانتىڭىز .مەن سىزگە«بارلىق غەملىرىمنى نورمال تۇرمۇش تەرتىۋىگە چۈشۈرۈپ بولۇپ ،يەنە يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ دېھقانچىلىق قىلغاچ ياشىسام دەيمەن»دىسەم سىز كۈلۈپ كەتكەنتىڭىز.ھەممە ئادەمنىڭ ياشاش مەخسىتى بولىدۇ .مېنىڭمۇ ئۆزەم تېرىغان ئېتىزلىق قىرىدا ئولتۇرۇپ،شاخ-شۇمبا بىلەن قايناتقان چاينى ئىچكەچ ،باققان قوي-توخولىرىمغا قاراپ ئولتارسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بولىدۇ.ئۆزەم قىلىۋاتقان كەسپ بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ ئارزۇ سەل ساددىراق بولۇپ قالغاندەك بىلىنىدۇ.ئەمما بۇ دەل ھەممە ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىزدەيدىغان تېنىچلىقى .كەسپ ئۇ  ئېيتىلماققىلا بىر شۇغۇللىنىدىغان جەريان ئىكەنلىگى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس.مەن ئۆزەمنىڭ يۇقۇرىدىكى ئارزۇيۇمغا بەلكىم كېيىنرەك يېتىشىم مۈمكىن.بىراق سىز 22 يېشىڭىزدىن باشلاپلا ئېرىشىپ كېلىپسىز.ئاڭلىسام دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەقىللىق ئادەملەر ئاخىرقى ئۆمرىنى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا كالا-قوي بېقىپ ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن،شۇنداقمۇ ؟

    ئېھتىمال بۇ ئىنساننىڭ ھەقىقى تەبىئەتكە ھەرۋاقىت قايتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك.خېتىڭىزدە چەتئەلگە چىقىش توغرىلىق توختىلىپسىز .بىزدىمۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەملەر ھەر-خىل مەخسەتتە چەتئەلگە چىقىۋاتىدۇ ،تولىراقى ھازىر بالىلارنى چەتئەلدە ئوقۇتۇشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ.بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال.ئادەتتە يىراققا دۆلەتلەرگە ماڭغان بۇ ئېزىزلەرنى ياخشى تىلەك ۋە ئۈمۈتلەر بىلەن دۇئا قىلىپ چوڭ نەزىرلەر بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويىمىز .ئۇلارنىڭ غايىسى پەقەتلا چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئېلىش.بىلىمنى ئىگەللەپ بولغاندىن كېيىنچۇ ..جان بېقىش !. مەخسەت ئاددىلا يەنى بۇ يەردىكى ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر توپىدىن ماھىيەت جەھەتتە ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ... خەلقىمىزنىڭ مەيلى چەتئەل ۋە يۇرتتىكى زىيالىلار قاتلىمى بولسۇن ياكى تۆۋەندىكى دېھقانلار توپى بولسۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە  كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاساسەن ئوخشاش .چۈنكى ھەممىسىنىڭ مەخسەت ئورتاقلىغى بىرلا ! ئۇ بولسىمۇ ياخشىراق جان بېقىش !

    ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەيلى ئىجتىمائى ياكى تەبىئى بولغان تەسىرلەرگە بىردىنبىر ئۈنسىز جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرغۇچى قاتلىمى دېھقاندۇر . دېھقالىرىمىزنىڭ ھاياتىنى كۈچىنى يەر شارىدىكى ئەڭ جاھىل قەۋىملەر بىلەن سېلىشتۇرۇش تامامەن مۈمكىن.تەبىئەت ۋە جەمىيەتنىڭ بورانلىرىدا بۈگۈنگىچە جاھىللىقى بىلەن ياشاپ كەلگەن مىللەتلەر ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس. ئۇيغۇر دېھقانلىرى پەقەتلا نامراتلىق ۋە نادانلىقنىڭ(نادانلىق دىگەندىن ئەنئەنە دىگەن توغرىتتى)مۇھاپىزىتىدە مىڭ يىللىق ئەنئەنىسىنى ۋە ئۆزگەرمەس ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ نادانلىق بەلكىم ئۇيغۇرنىڭ تەلىيىدۇ.بۇ خىل بېكىنمە ھالەت زامانىۋى دۇنيانىڭ يېڭىلىقلىرىنى قانداق توسىغان بولسا ،ھەر خىل شەكىللەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چىرىتمەكچى بولغان ئامىللارنىمۇ توساپ قالغان.

    دۆلەت ئىچىدىكى ئالى بىلىملىكلەر قاتلىمىمىز بولسا بۇ زور ساندىكى دېھقانلار نوپوسىنى مەدىنى-مائارىپ ،سەھىيە،ئىقتىساد.....قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىدارە قىلىش بىلەن جان باقىدۇ.كارخانىلىرىمىز پەقەتلا شۇ توپنى نىشان قىلىپ پۇل تاپالايدۇ.مائارىپچىلىرىمىز شۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئارقىلىقلا دەسمايىسىنى چاندۇرمايدۇ...بۇلارنىڭ  بۇ توپتىن ھالقىپ كېتىشى تولىمۇ تەس.چۈنكى بىلىم-ئىقتىدار ۋە مەۋجۇت شارائىت شۇنچىلىكلا.

    چەتئەلدىكىلەر بولسا ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئۆزگۈرۈش خاراكتىرلىك يېڭىلىقنى تېخىمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.پەقەت خولۇم-خوشنىلىرىنىڭ ئارىسىدا يۇرتتا قالغان ئۇراق-تۇققانلىرىنى چەتئەلدە بالىسى بار دىگەن ھۆرمەتكە ئىگە قىلالايدۇ.بۇ قاتلام دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىنمۇ بەتتەر يارىماس ئورۇندا.ئەگەر بۇ قاتلام كورىيە،ئىسرائىلىيە ۋەياكى ياپون گېرمانىيەنىڭ زىيالىلار قاتلىمىدەك بولغان بولسا ئۇيغۇر دېھقانلىرى مىڭ يىلغا سۆزۇلغان دېھقانچىلىق ئەندىزىسىدىن ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن بولسىمۇ قۇتۇلغان بولاتتى.

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر تۈركۈم جوڭگو زىيالىيلىرى مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى ھېساپلاپ ياۋروپادا ئىلىم تەھسىل قىلغانكەن. ئەينى دەۋىردىكى ئۇلاردىكى پىداكارلىقنى بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزدىن چىراق يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.دۆلەت ئچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلىرىمىز قاتلىمىدىن باشقا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان باشقا بىر كارىدور بىزدە مەۋجۇت ئەمەس.يۇرتىمىز ھازىرقى زامان توشۇش-يۆتكەش لىنىيىسىدىن سەل چەتتىرەك بولغاچقا مىللى سانائەت ئاساسىمىز سەل ئاجىز .بۇنى سەۋەپ دەپ قاراشقا مەجبۇرمەن.

    بىز پەقەت دېڭىز ياقىسىدىكى جۇغراپىيىلىك سەۋەپتىن تەلىيى كەلگەن ئۆلكىلەرنىڭ خېرىدار ئوبىكتى بولالايمىز ......

    رايونىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئېنىرگىيە بازىسى بولۇشى ھەرگىزمۇ بارلىق ئەۋزەللىكلەردىن بەھرىمەن بولۇش دىگەنلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچۇرىشىش ئىمكانىيىتى كۆپرەك ئۆلكىلەر بىلەن بىزنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

    مەيلى سىزدەك ئوكيان قىرغاقلىرىدا ياشاۋاتقانلار بولسۇن ياكى بىزدەك قۇملۇقنىڭ گىرۋەكلىرىدە ياشاۋاتقانلار بولسۇن بىر نەرسە ئورتاقكى ھەممىمىز ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرى.ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى...ئەمما باشقا-باشقا جەمىيەت ۋە رەڭدار  مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىرى.ئەمما يەنىلا ئىنسان قەلبىدىكى نازۇك ئورتاق تۇيغۇلارنىڭ ھەقدارلىرى.شۇ سەۋەپتىن ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ياش پەرقى خېلى چوڭ بولغان ئىككى ساھىبى ئۆز-ئارا دوسلۇق يەتكۈزىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز.سىزگە كۆپ رەخمەت .

    خېتىڭىزدە ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلىرىدىن بىرنى سېتىۋېلىش ئويىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپسىز .مەن بۇ توغرىلىق ئويلىنىپ بۇنداق بىر ئەسەرنى ئېسىمگە ئالالمىدىم.چۈنكى ئۇيغۇر تارىخى ۋەقە-ھادىسىلەرگە تولىمۇ باي بولسىمۇ بىراق بۈگۈنكى دەۋر رەسساملىرىمىز نوقۇل سەنئەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى سىزىشقا ئامراق.تارىخىي شەخس ۋە چىن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى رىئالنى ئەسەرلەرنى مەن پەقەتلا كۆرۈپ باقمىدىم.سەئەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى سېتىۋالغۇم كەلمىدى .سەۋەپ سەنئەتلا بىزگە ۋەكىل بولالمايدۇ  كەچۈرىسىز..كېيىنچە ئىزدىگىنىمنى ئۇچرىتىپ قالسام چوقۇم يوللاپ بېرەي .

    ماقۇل،سەل ئىگىز-پەس سۆزلەپ قويدۇم.مەخسەت ھېسيات ئالماشتۇرۇشقۇ ،بولسا يەنە خەت يازماقچى بولسىڭىز ئېنگىلىز تىلىدا يېزىۋېرىڭ ،مەن بۇ يەردە تەرجىمە قىلدۇرىۋالىمەن.سىزنىڭ ئۇ يەردە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرىشىڭىز ماڭا قارىغاندا قولايسىز.ئالدىنقى قېتىم تېلىفۇندا مەن بەك قىينىلىپ كەتتىم .سىزمۇ كۈلىۋەتتىڭىز .بىز ئەڭ ياخشىسى خەت يېزىشىپ تۇرساق بولغۇدەك.بۇ بەك قولايلىقكەن.بالىلىرىمنىڭ رەسىمىنى سېلىپ قويدۇم .ئايالىڭىزغا سوۋغىتىم بولۇپ قالار.

    ئاخىرىدا ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ ھەممىسىگە سالامەتلىك تىللەپ

    يىراقتىكى دوستىڭىز ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.

    2008-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى.

     


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى