ئۇيغۇر تېبابتىدىكى قۇۋۋەت دورىلىرىنى قانداق ئىستىمال قىلسا مۇۋاپىق؟

[align=center][img]http://uniquefarms.com/ClassicGames/ColoringBook/Dear.gif[/img][/align]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىلىنىڭ مۇشۇ دورىللىرىنى قانداق مىقتاردا يېسە ئەڭ مۇۋاپىق بۇلىدۇ مەسىلەن ھەسەل، ماددىتىل ھايات …….دىگەندەك ،مەن ئادەتتە ھەسەلگە بەك ئامراق ،شۇنداق بولغاچقا ئەگەر كۆپرەك يەپ سالسا سالامەتلىكىمگە تەسىر يىتىپ قالارمۇ ،ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ دورىلارنى يىيىش مىقتارىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا ،ئەگەر مۇشۇلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلسام ئەكىس تەسىرى يوقتۇ ھە ؟

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى قۇۋۋەتلەش ھەم داۋالاش خاراكتىرىگە ئىگە دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا بىمار ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، بەدەننىڭ مىزاج ھالىتىگە قاراپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
ماددىتىل ھايات- تەبئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ سوغۇقتىن بولغان بارلىق ساقسىزلىققا، قۇۋۋەتسىزلىككە ، جىنسىي ئاجىزلىققا ، بەل-پۇتنىڭ ئاغرىشى، ئېغىرلىشىشىغا ئىشلىتىدىغان بولۇپ بەلغەم (ھۆل سوغۇق) مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. بۇ دورىنى ئادەتتە ھۆل-سوغۇق موھىتتا ئىشلەيدىغان، بەدىنىدە ھۆل سوغۇقلۇق ئىشىپ كەتكەن كىشىلەر كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئومۇمىي بەدەن ھارارىتىنى ياخشى قىلىپ بۆرەك ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش، سوغۇقتىن بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەردىن ئومومىي بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
ئەگەر مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولغان كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىشى مومكىن.

ھەسەلنى كۆپ ئىستىمال قىلسىلىرى زېيىنى يوق. 12-15 كۈن ئەتراپىدا بىرەر كىلو ھەسەل ئىستىمال قىلسا
مۇۋاپىق. ھەر خىل ئوزۇقلۇق ۋىتامىن ۋە مىنىرال ماددىلارنى تولۇقلاشقا ياردەم بىرىدۇ. بەدەننى تازىلايدۇ.
تامام
مۇھەممەد تۇرسۇن بىرزات


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...