ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان راھەت- پاراغەتلىك ھاياتتا تاتلىق، مايلىق ئېسىل تاماقلار كۆپ يېيىلىپ، ھەركەت ئازلاپ ھورۇنلىشىش نەتىجىسىدە سېمىزلىك ، قان قويۇقلۇق، جىگەرنى ماي قاپلاش، يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلار تارىيىشتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر، دىئابىت دېگەندەك خەتەرلىك كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىشى مومكىن.
پەيغەمبىرىمىز ئاشقازاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى غىزا بىلەن، ئۈچتىن بىرىنى سۇ بىلەن تولدۇرۇپ قالغان بىرقىسمىنى بىكار قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىكەن. شۇڭا ئانچە-مۇنچە ئاچ قالغاننىڭمۇ پايدىسى بار.
ئۇندىن باشقا مەن تولا ئۇچرىتىدىغان ئادەملەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان بىر ئىش: كۈچلۈك ، قۇۋۋەتلىك يەپ تۇرسىمۇ بەدىنى جانسىز، قۇۋۋەت ئاجىز، داۋاملىق ھارغىن ھېس قىلىشىدۇر. مېنىڭ دەيدىغىنىم: تائامنىڭ ئېسىلى قۇۋۋەتلىك كۈچلۈك بولغىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزى يەڭگىل، سېڭىشلىق بولغىنىدۇر. تاماقنى قاپلاپ يېۋىلىپ بەدەنگە سۈمۈرۈلىشى يېتەرلىك بولمىسا، ئاشقازان، جىگەر بېسىمى ئېغىرلىشىپ ئادەم ئۆزىنى راھەتسىز ھېس قىلىدۇ.
<<ساغلاملىقىمىزنىڭ يېمەك- ئىچمىكىمىز بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرى دائىملىق يەۋاتقان تاماقلارنىڭ ئېنىرگىيىسى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى بىلىشكە قىزىقىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە ئورۇقلاش ئارزۇسىدىكىلەرنىڭ بۇ خىل سوئاللىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم. شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ يەردە ئۆزەم قول سېلىپ تەييارلىغاچ ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاپ چىققان، خەلق ياقتۇرۇپ يەيدىغان شۇنداقلا كۆپ يەيدىغان ئۈچ خىل ئۇيغۇر تامىقىنىڭ ئېنىرگىيە (كالورىيە) مىقدارىنى ۋە ئۇنى ھېساپلاش جەريانىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۇندىن كېيىن «ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟» ۋە «قوبۇل قىلغان ئېنىرگىيەنى ھەرىكەت بىلەن پارچىلاش» دېگەن تېمىلاردا چۈشەندۈرۈش بېرىمەن…>> دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ماقالىسىنى باشلىغان دىرۇبا خانىم ئۇيغۇر تائاملىرىدىن لەغمەن، پولۇ، تۈگرە دېگەندەكلەرنىڭ ئىسسىقلىق كالورىيەسىنى قازان بېشىدا تۇرۇپ خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن ھېسابلاپ چىققان بولۇپ بۇ بىزنىڭ ئىلمى ئوزۇقلىنىش، ساغلام ياشاش، زىلۋا، گۈزەل بولۇش دېگەندەك ئىنتىلىشىمىزگە ئازدۇر -كۆپتۇر پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمۈتتە تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا تەۋسىيە ئەتتىم. ماقالىنى ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى چىكىپ كىرىڭ:
http://bbs.izdinix.com/thread-62674-1-1.html