سامساق مايسىسى(كۆك سامساق) نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

سامساق مايسىسى تەركىبىدە ۋىتامىنAۋىتامىن B1 ۋىتامىنB2 قاتارلىقلار بار.

سامساق مايسىسىنىڭ تالنى قۇۋۋەتلەش، يىغىلىپ قالغان يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش رولى بولغاندىن باشقا، يەنە ناھايىتى ياخشى باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، باكتېرىيە تىزگىنلەش رولى بار بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكام، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق مۇھىت بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرگە قارىتا ناھايىتى ياخشى ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

سامساق مايسىسىنىڭ سوغۇقنى ھەيدەش، ئىششقنى ياندۇرۇش، تال-ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار.

سامساق مايسىسى روشەن ھالدا قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ھەمدە قان نوكچىسى شەكللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇجىگەرنى ئاسرايدۇ، راك كېسىلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

سامساق مايسىسى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلنسا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلار ئۇنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.

جىگەر كېسىلى بارلار سامساقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا، جىگەر ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ،جىگەر كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

سامساق مايسىسى تەركىبىدىكى كاپزائىتىسىن( لازا ئاچچىق ماددىسى) نىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سامساق مايسىسىنى بەل ئېزلدۈرۈ] قورۇۋەتمەسلىك كېرەك.

ئەلا سۈپەتلىك سامساق مايسىسى كۆپىنچە يۇپۇرماقلىرى يۇمران، يۇپۇرماقلىرىنىڭ ئۈچى قۇرۇپ قالمىغان، تۈپلىرى توم ھەم قاۋۇل، رەتلىك، پاكىز، سۇنمىغان بولىدۇ. سامساق مايسىسىنى سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەرگە قويسا بىر ھەپتە ساقلىغىلى بولىدۇ.

 

 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ