ئاياللار پىسخىك كەيپىياتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندىم ، خىزمەتنى ئىككى -ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق بىسىپ ئىشلىسەم ۋە ئارام كۈنلىرى تاماق ئەتكەش ئۆي تازلاپ كىر قاتلارنى يۇسام دىگەندەك ئىشلار سەۋەپلىك سەللا ھارغىنلىق يەتسە ، نىرۋام ئىتتىكلەپ ، ئاسانلا چىچىلىدىغان ، تىرىكىپ يولدۇشۇمغا بەزى كۆڭۈل ئاغرىقى ئەكىلىدىغان ياكى يىغلايدىغان بولىۋالدىم .

بۇ  نىرۋامنىڭ چارچىغانلىقىمۇ ؟ بۇ ئىشلار ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىغۇ ، مەن ئاجىزلاپ كەتتىمۇ ؟

قانداق قىلسام ئاسان چېچىلمايمەن ؟ بۇرۇن بۇنداق مىجەزىم يوقتى ، مەن ئۆيدىكىلەرگە بىسىم پەيدا قىلغىم يوق . دوختۇرغا بېرىپ چوڭ قان تومۇرۇمدىن قان ئېلىپ ، بويۇن لىنفا بەز  سىتىمىسىنى甲亢 نى تەكشۇرتۇپمۇ باقتىم ، نورمال چىقتى .

ماڭا بىر يول كۆرسىتىپ بەرسىڭىز
.

 ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:

سىزدىكى بۇ مەسىلە زىيادە چارچاش ياكى ھەر خىل روھىي بېسىملار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولىشى مومكىن. بۇ ھالدا ئارام ئىلىش، پىسخىك جەھەتتىن تەڭشەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزىڭىز پەيدا قىلىۋاتقان ھەر خىل بېسىملار ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ بېقىڭ:

1.ئۆزىڭىز ئازادىلىك ھېس قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېسىم پەيدا قىلىدىغان، چارچىتىدىغان ئىشلارنى ۋاقىتلىق تاشلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

2.موھىت ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ، سىرتلارغا چىقىپ بىر قانچە كۈن سەيلى-ساياھەت قىلىپ كىلىڭ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان تۇققانلار، دوستلىرىڭىزنى يوقلاپ ھال-مۇڭ بولۇشۇڭ، ھېچبولمىغاندا يولدىشىڭىز بىلەن يېڭى ئىچىلغان، موھىتى ئازادە تاماقخانا، چايخانىلارغا بىرىپ تۇرۇڭ!

3.ياتاق ئۆيىڭىزگە يېڭى گۈللەرنى قويۇڭ، كارۋات ياپقۇچ، كىرلىك دېگەنلەرنى ئالماشتۇرۇپ قويۇڭ. كەيپىياتنى تەڭشەشتە بۇلارنىڭ رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ.

4.بازار ئايلىنىڭ – ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشتە بازار ئايلىنىشتىنمۇ ياخشىراق ئۇسۇل بولمىسا كېرەك. يېڭى چىققان ئۆزگىچە پۇراقلىق ئەترىلەر، ئۆزگىچە نۇسقىدىكى سومكىلار، يارىشىملىق يېڭى پاسوندىكى كىيىم-كېچەكلەر دېگەندەكلەرنى ئالمىسىڭىزمۇ كۆرۈپ ، تۇتۇپ بېقىپ، باھاسىنى سوراپ قويۇپ قايتىپ كەلسىڭىزمۇ ھېساب

يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىن :

ھەسەل، قىزىل گۈلقەنت ئىستىمال قىلىپ بىرىش، رەيھان، لاچىندانە، زەپە، قىزىل گۈل، سۇمبۇل قاتارلىقلاردىن تەڭشەپ چاي ئىچىپ بىرىش كۆڭۈلنى ئىچىپ نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ تېرىنى جۇلالاندۇرىدۇ.

ھېلىلە مۇرابباسى ئىستىمال قىلىپ بەرسە مېڭىدىكى نۇرمالسىز سەپرا خىلىتىنى تەڭشەپ ئاسان چېچىلىش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، باش قېيىش، كۆڭۈل ئىلىشىش، چاچ بالدۇر ئاقىرىش دېگەندەكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كارىباش ئوت(ئۇستىقۇددۇس شەربىتى)- مېڭىدىكى نۇرمالسىز سەۋدا خىلىتىنى تازىلايدۇ. ئورۇنسىز گۇمان قىلىش، تولا خىيال سۈرۈش، ئۆزىنى ئەيىپلەش، سەۋەبسىز يۈرىكى سېقىلىش، تۇرۇپلا يېغلىغۇسى كىلىش دېگەندەك مالۇخۇلىيا ئالامەتلىرىگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      دەريا

      بۇ خىل تېرىكىش مەندىمۇ ئۆتكەنلەردە تەسىرىنى بەك كۆرسەتكەنتى. ئاجايىپ تىرىكىپ، ئاسان يىغلايدىغان بولۇپ كەتكەن بىر مەزگىل. يولدۇشۇمنىڭ ياردىمىدە ئۆزەمنى ئۆزەم تەڭشەشنى ئۈگىنىۋالدىم. كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ مېنىڭ ئۈچۈن ئالەمدەك چوڭ بىلىنىپ كىتەتتى. تەگىگەن سىرى تەگىگىم كىلەتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باش ئاغرىسىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تۇرۇپ ساراڭ بولۇپ قالامەنمۇ دەپمۇ قورۇقتۇم تېخى. ھى ھى. بېشىم سەل جىددىلەشسەم، قاتتىق ھەركەت قىلىۋەتسەم، كىتاپنى جىقراق ئوقۇۋەتسەم ئاغرىيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يېنىڭىزدا سىزگە ھەمدەم بولۇپ كۆڭلىڭىزنى ئېچىپ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەيدىغان ئادەمنىڭ بولىشى بەكمۇ مۇھىمكەن. ئاساسلىقى ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى قايتىدىن تۇرغۇزسىڭىز، كۆپرەك سىرتلارغا چىقىپ ھەركەت قىلسىڭىز ئۈنۈمى بولىدىكەن.يەنە بىرى چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭ. چېچىڭىزنىڭ رەڭگىنى ياكى پاسونىنى ئۆزگگرتىپ بېقىڭ تىرناقلىرىڭىزنى ياسىتىڭ. ھەپتىدە بىرەر قېتىم يولدىشىڭىز بىلەن سەيلە قىلىڭ، بىللە تاماق ەڭ دىگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرزات ھېكىم دەپ بولغان بولسىمۇ يەنە تەكرارلاپ قويدۇم، چۈنكى مەنمۇ سىزنىڭكىدەك بىر مەزگىلنى ئۆچ بولماڭ. ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ@
      ئەمدى بانادىن باناغا ھىكىمدىم بىر ئىشنى سورىۋالاي، مېنىڭ بېلىم بەك ئاغرىيدۇ. يېقىننىڭ ياقى ھەببى ئۆشبە بىلەن مۇنزىچ جەۋھىرىنى ئىچىۋاتىمەن. ياللۇغ بولىشى مۇمكىن دىگەنىدى دۇختۇر. لىكىن مەن ھازىر ۋەتەندە ئەمەس، يەنى سىز دىگەندەك دورىلاردىن تېپىپ ئىچىش ئىمكانىيىتىم يوق. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ئىسسىق تۇتۇش بىلەن تازلىققا دىققەت قىلىشتىن باشقا يەنە نىمە ئىشلارغا دىققەت قىلسام بولىدۇ؟قانداق دورلارنى تەۋسىيە قىلىسىز؟ دۇختۇرغا كۆرۈنۈشكە ۋاقتىم چىقمايۋاتىدۇ.
      باشنىڭ قاتتىق ئاغرىشىنىڭ ساغلاملىققا قانداق تەسىرى بار؟ ئۇنتۇغاق قىلىپ قويامدۇ؟ چۈنكى يېقىننىڭ ياقى ئۆزەمنى ئۇنتۇغاق بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. سىزنى ئاۋارە قىلدىم. بەك تاقا-تۇققاسۆزلەپ كەتتىم. رەھمەت.

    • #2
      TULPAR0998

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم،لىكىن يازىدىغان جاينى تاپالمىدىم،ياردەم قىلىپ ئېيتىپ بەرسەڭلار…

    • #3
      AYIXA

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم، يازىدىغان يەر تاپالمىدىم.
      بىرزات ئەپەندىم، بىر يىلدىن بېرى يۈزۈمگە تۇيۇقسىز مەڭ چىقىپ كەتتى، بۇرۇنمۇ بار ئىدى،ئەمما ھازىرقىدەك جىق ئەمەستى. مەڭ چىقىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نۇر ئارقىلىق داۋالىماي تىبابەت دورىلىرى ئارقىلىق يوقاتقىلى بولامدۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت!

    • #4
      anijan

      ئەسسىالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم،مىنىڭ ئاناممنىڭ بۇيىل1-ئايىدابورەكتە مەسىلە كورۇلۇپ ،بىر بورىكىنى كىسىپ ئېلىۋەتكەن.دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلكەندىن بېرى ئاچچىىقى ئاسان كىلىدىغان ،چېچىلىدىغان ، ئورۇنسىزكۇمانلىندىغان بولۇپ قالدى.ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر .ئۇزىمۇ بولمىسا كىلىماتىرىيە دەۋرىكە كىرىپ قالدى،بۇنىمە ئىشتۇ؟ ئەكەر كىلىماتىرىيەنىڭ ئىشى بولسا قانداق قىلساق بولىدۇ؟ ئانامنىڭ ئەھۋالى راستىلابەك ئىغىر،{ھەتتا ئولىۋالىمەن دەپمۇ قورقۇتتى}بىر ياردەم قىلسىڭىز

    • #5
      ayzohra

      مەن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم قەيەرگە يېزىپ سورايمەن .جاۋابنى نەدىن كۈرىمەن.

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...