18ياشلىقلارغا 10 تەۋسىيە [ئەركەكلەر]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ، مەن بۇيىل 18 ياشقا كىردىم ، بۇرۇن  كىچىك بولغاچقىمىكىن دوستلىرىمنىڭ ئېزىقتۇرشى بىلەن ئەگىشىپ ئانالىزىمغا ئۆگىنىپ قالغان 3 يىل بولدى …  (ئۇدا ئەمەس ئارلاپ ئارلاپ )   ، ئەمما ھازىر ئۇنىڭدىن تەلتۈكۈس ۋاز كەچتىم ،  اللە نىڭ ھممىتى بىلەن ئۇ ناچار ھەۋەستىن ئاخىرى قۇتۇلدۇم . ئەمما شۇنىڭدىن قورقىۋاتىمەن ،   ئانالىزىمنىڭ تەسىرى كىېيىن بولۇپ قالارمۇ ،  زەكىرىم  ھازىر ئانچىمۇ چوڭ ئەمەس …  بەلكىم ئانالىزىمنىڭ تەسىرىدىنمىدۇ ؟  ماڭا بۇ توغۇرلۇق مەسىلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، مەن بۇ توغۇرلۇق بىلىملەرنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن ..   18 ياشقا ئەمدى توشتۇم شۇڭا سىلەرنىڭ مەسىلەھەت بىرىشىڭلارغا مۇھتاجمەن رەھمەت … 

 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

15-16 ياشتىن تارتىپ تاكى 21 ياشقىچە بولغان ۋاقىت ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان، ئەزالار تەرەققى قىلىۋاتقان موھىم بىر مەزگىلى. ئاتىلار سۆزى بويچە ئېيتقاندا ئوغۇلبالىغا يىلىك توشىدىغان، سۆڭەك قاتىدىغان ۋاقىت. مۇشۇ موھىم مەزگىلدە ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش، كۆپ ئىھتىلام بولۇش ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىش، قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلانماسلىق ۋە ھەرخىل روھىي بېسىم دېگەندەكلەر قوشۇلۇپ كىيىنكى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا بەزى-بىر سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىركى تېمىلاردا كۆپ توختالغان بولغاچقا قايتا سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن. سىزنىڭ ھازىر ئۇ ئادەتتىن قول ئۈزۈپ ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى سىز ئۈچۈن چوڭ ئىش دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇندىن كىيىن ناتوغرا ئادەتلەرگە ئۈگۈنۈپ قىلىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىپ ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بەدەن چىنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزغا بەك چوڭ تەسىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن.

بۇندىن كىيىن ئانانىزىمنىڭ يامان تەسىرىنىڭ بولىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 18 ياشلىق دوستلارغا تەۋسىيەم:

1.دىققەتنى ئۈگۈنۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش، بوش ۋاقىتلارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش.

2.سېرىق مەزمۇندىكى گەپ-سۆز، پاراڭلارنى قىلىشماسلىق ۋە شۇنداق مەزمۇندىكى كىنو-فىلىم، رەسىم، كىتابلارنى كۆرمەسلىك.

3.بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش؛

4.ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار بىلەن دوست بولۇپ پات-پات ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە بولۇش؛

5.غىدىقلىغۇچى، مەس-كەيىپ قىلغۇچى، روھلاندۇرغۇچى ھاراق-تاماكا، نەشە، چۇمادو، مەجۈن دېگەندەكلەرگە يېقىن يولىماسلىق،

6.زىيادە ئاچچىق، سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىمكان بار ئىستىمال قىلماسلىق ياكى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق. مەسىلەن: لەڭپۇڭ-راڭپىزا، كالا-گۆشلىك ئۈگرە، تەييار چۆپ، كولا ۋە باشقا سوغۇق ئىچىملىكلەر دېگەندەك.
7.سوغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق، سوغۇق كۈنلىرى بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، بولۇپمۇ بەل بىلەن تاپانغا سوغۇق ئۆتكۈزمەسلىك.

8.ئانچە-مۇنچە شورپىلىق تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش، سەي-كۆكتات، قۇرۇق يەل-يېمىشلەرنى يەپ تۇرۇش.

9.ئەتتىگەنلىك ناشتىغا چوقۇم ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش. ناشتىلىقتا ئىمكان بار: ھەسەل، سۈت، تۇخۇم، ياڭاق، بادام مېغىزلىرى، خورما، ئاپتاۋى قىزىل ئۈزۈم، گۈلقەنت، ئەنجۈر مۇرابباسى دېگەندەكلەردىن كەم دېگەندە 2-3 خىلى بولۇش.

10.بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇش، ئويغىنىپ بولغاندىن كىيىن ئېغىناپ ياتماسلىق…

______________ بىرزات


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      bardur

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم بىرزات ئەپەندى بولسا مىنىمۇ تېما يوللىيالايدىغان قىلىپ قويسىڭىز سوئال سوراي دىسەم سورايدىغان يەر تاپالمىدىم . بولسا مىنى قۇشۇۋالسىڭىز 491404810
      [reply=Birzat,2010-12-31 11:22 AM]قوشۇۋالدىم.[/reply]

    • #2
      xamal284

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات) ئەپەندى ،مەن سىلەرنىڭ 80خالتا تىبابەت تورىڭلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدۇم ، ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرگەي، مەن ئۆزەم توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىماقچى ،مەن بۇ يىل 23ياشتا، جىنسىي مۇناسىۋەتتېن كىيىن ئۇرۇقدان بېسلپ چېڭ قېلپ ئاغرىيدۇ ، ھۆل ھەم سوغۇق تۇردۇ ، 1-2سائەت ئولتۇرۇپ ئارام ئالمىغۇچە بىئارام بولىمەن .دوختۇرغا بىرىشتن خجىل بوپ قالدېم، قايسى دورىنى ئستىمال قېلىشىم كېرەكلىكېنى دورا ئسمى بىلەن قوشۇپ تەپسىلى تەلىم بەرگەن بولسىللېرى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم؟؟؟؟؟
      ئاللا تىنىڭزنى سالامەت، ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي ؟

      [reply=Birzat,2010-12-31 11:21 AM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
      بۇ ئەھۋالدا ئۇرۇقدان يالۇقى بارمۇ-يوق تەكشۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ دورا دەپ بەرگىلى بولمايدۇ. دوختۇرغا بىرىشتىن خىجىل بولۇش ياخشى چارە ئەمەس. [/reply]

    • #3
      xamal284

      مەن يېڭى تىزىملاتقانمەن ئۆزەم توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىماقچى ،مەن بۇ يىل 23ياشتا، جىنسىي مۇناسىۋەتتېن كىيىن ئۇرۇقدان بېسلپ چېڭ قېلپ ئاغرىيدۇ ، ھۆل ھەم سوغۇق تۇردۇ ، 1-2سائەت ئولتۇرۇپ ئارام ئالمىغۇچە بىئارام بولىمەن .دوختۇرغا بىرىشتن خجىل بوپ قالدېم، قايسى دورىنى ئستىمال قېلىشىم كېرەكلىكېنى دورا ئسمى بىلەن قوشۇپ تەپسىلى تەلىم بەرگەن بولسىللېرى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم؟ مەن مۇ بىرەر تېما يازماقچى يىزىپ باقاي دىگەن . لىكىن ئەسەر يوللايدىغان يەرنى تاپالمىدىم. پەقەت مۇشۇ ئىنكاس يازىدىغان يەرنىلا تاپتىم ، ياردەم قىلسىڭىز ئەسەرنى، ياكى سۇئالنى قانداق يوللايمەن، قەيەردىن يوللايمەن . ئەسەر يوللاش دىگەن خەت يوققۇ.ئالدېدا مىنىڭ قالدۇرغان ئېنكاسىمنى كۆرمەي قاللىمۇ، جاۋاپ يوق، تىما قىلىپ قويسام ماڭىمۇ جاۋاپ قايتۇرسىلا، باشقىلارمۇ كۆرىۋالاتتى، ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟مەنمۇ قەشقەر شەھەر دىن.ياردەم قىلسىگىز. رەھمەت .

    • #4
      ghulja

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
      مەن سىلىدىن مەسلەھەت سورىماقچى ئىدىم .ھازېر < مەجۇن>دىگەن بىر خىل كەيپ قىلىدىغان بىر دورا چىقتې.مەجۇن يىسە بەدەنگە زىيانلىخمۇ؟
      مەجۇن توغرىلىق چۇشەنچە بىرىپ بولغان بولساڭلارمۇ دەپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن…

    • #5
      پەرھات

      ئەسسالامۇئەلەيكۈم بىرزات ئەپەندىم ، سىلىدىن سورايدىغان بىر مەسلىھەتىم بار ئىدى، ئىغىر كۆرمەي جاۋاپ بەرگەن بولسىلا!
      1. مەن بۇيىل 30 ياشقا كىردىم. 3 يىل بولدى، ئارلاپ – ئارلاپ يۈركۈمگە يېڭنە سانچىغاندەڭ ئاغرىپ توختاپ قالىدۇ. ( بىر قىتىم 10 مىنۇتقىچە نەپەس ئىلىشىم قىيىنلىشىپ كەتتى. )
      2. تولىراق بەزى ۋاقىتلاردا سول كۆكرىكىم ئاغرىيدۇ، لىكىن بۇ ئاغرىق يۆتكىلىدۇ،بەزى ئۇستىدىرەك بەزى ئاستىدىراق ،ئەمما باشقا يۈرەك كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلمەيدۇ.
      بۇ ئاغرىق يۈرەك كىسەللىك ئالامەتلىرىمۇ؟ ياكى كۆكرەك مۇسكۇلىلىرىدىكى قوقاقمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا!

    • #6
      katman

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟
      مەن ئۇزۇن بولدى 80 خالتا تورىغا چىقىپ كىلىۋاتىمەن. بىر نەرسىنى تازا چۈشىنەلمىدىم.ياردەم قىلغان بولسىڭىز.ئەرلەردىكى مەزى بىزى كىسىلى زادى قانداق كىسەل ؟ئالامىتى قانداق؟ئەرلەر مەزى بىزى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟
      رەخمەت.

    • #7
      شەھرىزات

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم بىرزات ئەپەندى بولسا مىنىمۇ تېما يوللىيالايدىغان قىلىپ قويسىڭىز سوئال سوراي دىسەم سورايدىغان يەر تاپالمىدىم . بولسا مىنى قۇشۇۋالسىڭىز 492033591

    • #8
      yaxlar

      سوئاللرغا بولغان جاۋابڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق، شۇنداقلا ھەممە كىشنى قايلى قىلىلدۇ!
      ياخشى تۇرۋاتقانسىز بىرزات ئاكا ! مىنڭ مۇشۇ ئەھۋالمغا تەپسىلىرەك جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز!
      مەن بۇيىل 20 ياش قەشقەر دىن ، مەن 4 ~5يىل بۇرۇن ئازراق ئانانىزىم بىلەن يۈرگەن ، ئەمما2يىلچە بولدى ،سىزنىڭ يىتەكچىلكىزدە توربىتىڭزنى كۆرگەندىن كىيىن قول ئۈزدۇم! رەھمەت سىلىگە!
      ھازىرقى مەسلە، كۈندۇزى پۇتۈن بەدىنم نۇرمال قىززق )ئسسىق) بىراق كىچىسى ئسسق پار بار ئۆيدە ياتساممۇ يەنىلا كىندكىمنڭ ئۈستى تەرەپ مۇزدەك تۇرىدۇ ! بۇ نىمە ئىش؟؟؟ يەنى زەكىرىم بۇرۇنقىدىن 4سانتا كىچكلىگەن ئەھۋال بار! ئەمما جىنسى تورمۇشۇم بەك كۆڭۈللۈك !
      مەندىكى ناچار ئىللەت ،ئەتىگىنى كۆپۈنچە ناشتىغا سەل قارايمەن ! كۆپۈنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلمەن !
      سىلدىن دورا چاي ئالاتتىم ! داۋا بولارمۇ ؟ چۇقۇم ياردەم قىلسىلا! سىلگە كۆپ رەخمەت !

    • #9
      darwix

      دوختۇر سىزدىن سورايدىگان مەسلەت باتى چ چ نۇمۇرىەىز نى دەپپە سىەىز؟؟ 0

    • #10
      darwix

      بولسا مىنى كىتىۋالسىڭىز سورايدىگان مۇيىم گەپ باتى چ چ :1760937491

    • #11
      zimin

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟مەن بىر يېڭى ئەزا، بولسا مىنىمۇ تېما يوللىيالايدىغان قىلىپ قويسىڭىز سوئال سوراي دىسەم سورايدىغان يەر تاپالمىدىم . بولسا مىنى قۇشۇۋالسىڭىز

    • #12
      biqaram

      بىرزات ئەپەندىم
      مەن سورىغان سۇئالىمنى ھەم جاۋابىنى تاپالمىدىم ، قانداق ئىزدەشنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن….
      مەن يوشۇرۇن ھالەتتە سۇئال سورىغان ….ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم …….

    • #13
      غەمكىن

      بىرزات ئاكا ياخشىمۇ سىز؟مەن تۇنجى قېتىم سىزگە ئۇچۇريوللىشىم، مەن دائىم ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىمەن ،لېكىن ئولتۇرۇپ بىرئازدىن كىيىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغۇم كېلىپ كېتىدۇ، داۋاملىق ئولتۇرىۋەرسەم كاسسام ئىنتايىن بىئارەم بولۇپ كېتىدۇ، بۇكېسەللىك ئالامىتۇمۇ قانداق؟مەن ئۆزەمنى گېمىروي بۇلۇپ قالغاندەك ھىس قىلىمەن، گېمىروينىڭ ئالامەتلىرى زادى قانداق بولىدۇ،بۇنىڭغا ئۇيغۇرتىبابىتىدە ئۈنۈملۈك دۇرابارمۇ ؟ئىرىنمەي جاۋاب بىرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن.

    • #14
      196303

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .بىرزات ئەپەندى ،مىنىڭ ئۈچ ئايلىق بولغان ئوغلۇم بار ئىدى ،ئىككى قىشىنىڭ ئوتتۇرىسىغابىر مونەكچە پەيدا بولۇپ قالغىلى 15كۈندىن ئاشتى .بۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتسەم ،قان ئۆسمىسى ئىكەن ئاپىراتسىيە قىلىمىز دەيدۇ.مىللىي تىبابەتتە بۇخىل مونەكچىنى ئاپىراتسىيە قىلماي داۋالايدىغان ئۇسۇل ياكى دورا بار-يوقلىقىنى بىلەلمەي سىلىنمەسلىھەت بىرەرمىكىن دىگەنتىم .شۇڭا بۇئەھۋالغا قارىتا مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا .سىلىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم

    • #15
      mawjut

      ئەسالاممۇ_ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى بىز ئۇيغۇلاردمۇ مۇشىنداق ياخشى تور بەتلەرنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنمەن ئاللا ئەجىرىڭلەرگە بەركەت بەرسۇن مەن سىزدىن مەسلەھەت سورىماقچى ئىدىم مېنىڭ ئادەتتە ئاشقازنىم ئاغىرىيدۇ شۇسەۋەپتىن بولسا كېرەك ئېغىزىم دائىم تەمسىز تۇرىدۇ ھەم پۇرايدۇ مۇشۇ سەۋەپلىك باشقىلارغىمۇ يۈرەكلىك يىقىن تۇرۇپ سۆزليەلمەيمەن لىكىن ئېغىز تازلىقىمغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمەن مىنىڭچە بۇمۇ بىر ئىنتايىن قورقۇنىشلىق كىسەل ئىكەن بازارلاردا سېتىلۋاتقان ئېغىز ئەتىرلىرىنى ئشلىتەي دىسەم ئۇنىڭغا كۆنۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن بۇ توغۇرلۇق ماڭا مەسلەھەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن ئىلگىرى ئاشىقازانىڭ جۇڭىيىچە دورىلىرىنمۇ ئىچىپ باققتىم لىكىن ئۈنۈمى بولمىدى ئېفىزىم يەنىلا ئوخشاش تەمسىز

    • #16
      ilhamjan

      ئەسسا لام ئەلەيكۇم بىرزات ئا كا…..مەن ھازىر19غا كىردىم.مەن ئويلاپ باقسام بالاغەتكە يەتكەندن باشلاپ ئانانىزىمغا كۈنۇپ قاپتىكەنمەن .(كۈندە ئەمەس،،،ھەپتىدە ..ئايدا).تور بېتىڭلارنى كورۇپ مەندە مەنى بالدۇر كېلىش(2-3مىتۇت) ،زەكەر كىچىك بۇلۇش كېسىلىم بارلىقىنى بىلدىم.ھەمدە ھازىر 1ئايدەك بولدى بۇ ئىشتن قول ئۈزدۇم.،،ھەمدە قول ئۈزەلەيمەن..،،ئەمدى 18ياشلىقلارغا تەۋسىيەرىڭز بويىچەقىلسام بۇ كېسىلىم ساقىىيىپ كېتەرمۇ؟ماڭامەسلىھەت بېرىشىڭزنى ئۈمد كىلىمەن……..(ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن)……………..

    • #17
      ashar

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم مىنىڭ سىلدىن سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى مىنىمۇ قوشۇۋالسىلا بوپتىكەن چچ لىرغا 1484583499 رەخمەت سىلگە

    • #18
      80halta

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئاكا مەنمۇ مەسلىھەت سوراي يىشىم 21 ،،مەنمۇ ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان توربىتىڭىزدىن بۇنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم ئەمدى قول ئۈزۈشنى نىيەت قىلدىم ماڭا يول كورسىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن ئەجرىڭىزنى خۇدايىم بەرگەي ..مەن توي قىلدىم تويدىن كىيىن جىنسى بىلىمگە ئىگە بۇلۇش مەخسىتىدە توربىتىڭىزنى زىيارەت قىلىپ نەتىجىسىنى كۆردۈم ئەمدى بۇ ئىشلارنى توختىتاي ،،مەندە مۇنداق ئالامەتلەر بار جىنىسى مۇناسىۋەتتە تۇنجى قيتىم مەنى بەك تىز چىقىپ كىتىدۇ 2 چى قىتىمدىن باشلاپ نورماللىشىدۇ جىنسى ئاجىزلىقمىكىن دىسەم ھەۋىسىم بەك كۈچلۈك جىنسى ئەزايىممۇ ياخشى قاتدۇ چوڭ كىچىكلىكىمۇ مىنىڭچە نورمال مەن ئانانىزىم قىلغىلى 2 يىل بولدىغۇ دەيمەن ئارلاپ ئارلاپ قىلغان ….ئەمدى سىلىدىن سورايدىغىنىم مەندىكى مەنى بالدۇر كىتىش نى قانداق ھەل قىلساق بولار دورا يەمدىم ياكى ئانانىزىمنى تاشلىسام تەبى يۇقۇلۇپ كىتەمدۇ مەسلىھدت بەرسىلە

    • #19
      aza

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئاكا، مېنىڭمۇ سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم باتتى، مەن بۇ يىل 16گە كىرىپ 4ئاي ئاشتىم، 2يىلدىن ئاشتى، مەنمۇ ئاشۇ قول بىلەن جىنسى ئەزانى سىلاپ (ئانالىزىم قىلۋاتقىلى) مەن بەزىدە ئارلاپ، بەزىدە كۈنىگە 3-4 قېتىمدىن ھەر قېتىم 3-5 قىتىمغىچە ، قىلماي دەپمۇ كۈنۈپ قالغاچقا قول ئۆزەلمىدىم، ئۇنىڭ ئۆستىگە بەدەن قورلۇشۇم ئۆزگىچە يەنى ئالاھىدە سىمىز ھەم بەك ئىگىز، بوي ئىگىزلىكىم 172ئىغىرلىقىم 91كىلو كىلدۇ، قارىماققا 23-25ياشلارغا كىرگەن ئادەمدەك كۆرنىمەن، مەن بۇنى مۇشۇ ئىشنىڭ زىيىنىمىكىن دەپ قالىمەن، لىكىن ئۇزۇن بولدى، ماڭا راھەت تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالدى، لىكىن يەنىلا توختاتمىدىم، ئىشىپ كەتسە بىر ھەپتىگىچە قىلماي باقتىم ھەپتىدىن كىيىن يەنە قىلغۇم كىلىدۇ، بۆگۈنمۇ ئىككى بوپتۇ. بىز مەسلىھەت بەرسىڭىز، بۇرۇنقى تېمىلىرىڭىزنى كۆمەپتىكەنمەن!

    • #20
      aza

      يەنە بەزى دوستلىرىم مېنى ئازدۇرۋاتىدۇ، لىكىن مەن قوشۇلمىدىم، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:
      ئۇغۇلبالىنىڭ بىلى قاتمىسا بولمايدۇ، بولمىسا توي كىچىسى قىزنى رازى قىلالمايدىغان ئىش چىقىدۇ، بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆزىنى سىناپ بىقىش كىرەك دەپ، مېنى پاھىشەخانىغا زورلا ۋاتىدۇ، ئۇلار18ياشلاردىكى بالىلار، مەن كېسەل بولۇپ قىلشتىن قورقۇپ رەت قىلىپ كىلۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ گىپىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
      لىكىن مەن تاماكا-ھاراق ۋە باشقا نەرسىلەرگە يېقىن كىلىپ باقمىدىم، تامىكىغا زورلاپ باقتى، مۆكۈپ يۈرۈپ چىكىشنى ئىغىر كۆرۈپ قۇبۇل قىلمىدىم، ئۇلار تاماكىمۇ يىگىتلىكنى ئاشۇردۇ دەيدۇ، بۇ گەپنىڭمۇ ئاساسى بامۇ؟

    • #21
      izdan123

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى بولسا مىنىمۇ تېما يوللىيالايدىغان قىلىپ قويسىڭىز سوئال سوراي دىسەم سورايدىغان يەر تاپالمىدىم . بولسا مىنى قۇشۇۋالسىڭىز 1515344310

    • #22
      elamjan

      منې چ چ غا قتۋالسېڭز 2232035531

    • #23
      arkinjan

      مىنى چ چ لىرىغا قوشوۋالغان بولسىلا سورايدىغان سۇئالىم بار ئدى چ چ بۇ يەردە سوراشتىن خىجىل بولوپ قالدىم857899612

    • #24
      elem

      man ozimdin iqinip kitip bariman.bundak ixlarnig kebihlikini  

      kiqikip hiskilipyitiptiman.ozumdin bekla umtsizliniwatiamn.

    • #25
      TURK…

      ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم اللە سىزدىن رازى بولسۇن.
      بالا بوپ كىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈك سالدۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە ۋە كىيىنكى ھامىلدارلىققا زىيىنى بارمۇ ؟

    • #26
      yaxlik19

      assa lamu alykum minimu kiti wal gan bol sigiz soئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىنى قىتىۋالغان بولسىڭىز سورايدىغان مەسلىھەت بار ئىدى
      چچ 529915475

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...