مۇتەخەسىسلەر ۋە تېببىي ئالىملار ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بىرىپ ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبىىنى ئۇلارنىڭ فېزوئولوگىيىلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكتە ، يەنى ئىچكى ئاجراتمىلاردىكى پەرق ۋە ئالاھىدىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان .
ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى يۇقارقى تۈپ سەۋەبتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى قوشۇمچە سەۋەبلەرمۇ مەۋجۈت:
1. ئاياللار گەپنى كۆپرەك قىلىدۇ . ئالىملارنىڭ تەتقىقات يەكۈنىدىن قارىغاندا ، ئاياللارنىڭ <شەيئىلەرنى كۈزىتىش ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتى> ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپرەك ئۈستۈن تۇرغاچقا كۆپ گەپ قىلىدىكەن .
ئاياللار كۆپ سۆزلەيدىغان بولغاچقا ئويلىغانلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ . روھىي كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ . ئۆز ھېسىياتىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ . روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ھەرخىل بىسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ . شۇڭا ئۇلار پسىخىك ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام بولىدۇ .
2. ئاياللار ئومومەن سىلىق – سىپايە ، ئاقكۆڭۈل ، يۇۋاش – يۇمشاق كىلىدۇ . بىر ئائىلىدىمۇ ئايالنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ئاقكۆڭۈللىكى بىلەن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىدا ئۈستۈن بولىدۇ . مۇلايىملىق ، ئاقكۆڭۈللۈك ، ئۇلارنىڭ روھىي – كەيپىياتىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ نەتىجىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ .
3. ئاياللار ئاسان كۆز يېشى قىلىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئىچ – پۇشقىنى ، خاپىچىلىقىنى پەسەيتىدۇ . بىراق ئەرلەر ناھەقچىلىككە ، قايغۇ – ھەسرەت ۋە خۇرلۇققا ئۇچرىغاندا ياكى غەزەپلەنگەندە ئاياللارغا ئوخشاش يىغلىماستىن دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈرۈيدۇ . بۇنداق قىلىش پسىخىكا جەھەتتىن ساغلاملىققا زىيانلىق .
تېببىي ئالىملارمۇ <تېگىشلىك بولغاندا ئازراق يىغلاپ كۆزدىن ياش ئېقىتىش كۆزنىڭ ۋە بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق> دەپ كۆرسەتتى .
4. ئەركىلەش ۋە نازلىنىش قىز – ئاياللاردىكى تەبىئې ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت بولۇپ ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئىناقلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەتنى ئۇرغۇتالايدۇ . تەتقىقاتلاردىن ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئاياللارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئەركىلەش ، نازلىنىش ، كۈلگۈنچەكلىك ، ئوچۇق مىجەزلىك ۋە ئاددى – ساددا خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى .
5. گۈزەللىككە ئىنتىلىش ، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈش ، پاكىزلىق ئاياللاردىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ ، بۇلارمۇ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىلىق .
گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ئاياللارنىڭ جەزبىدارلىقى ۋە ھاياتى كۈچى دائىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . بەزى ياشانغان ئاياللارنىڭمۇ پەرداز قىلىپ ئۆزىنى ياساپ يۈرۈشى ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق . ئالىملار ، ئۆزىنى ياش تۇتۇش بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى شۇنداقلا مېڭە ، يۈرەك – قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستېكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ ، بۇلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ، دەپ كۆرسەتتى .
مەنبە : <بىلىم – كۈچ> 2009 – يىللىق 1 – سان .
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى ..ھەيىز كىلىشتىن بىر -ئىككى كۈن بۇرۇن بىئارام بۇلۇش ،ھەيىز كەلگەندە ئۇيۇپ قالغان قاندەك كېلىش ،بەل -قورساق قىسمى بىئارام بۇلۇش نورمال ئەھۋالمۇ ياكى ؟ھەر قېتىم ھەيىز كەلگەندە قارىسام پارچە پارچە گۆشتەكلا ،ئۇيۇپ قالغان قاندەك ….بۇ قانداق ئەھۋال ؟داۋالىنىشىم كېرەكمۇ ؟مەسلىھەت بەرسىڭىز
2010/12/03
؟
2011/01/25