بىھىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

ﺑﯘ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯧﮭﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ.

ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ-ﭼﯜﭼﯜﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ.

ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺋﯩﭻ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺭﯦﺘﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺸﺘﺎﮬﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﺰﯨﻜﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯘﺳﯘﺵ ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﯧﯖﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ( ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ) ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ – ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ: ﺑﯧﮭﻰ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ( ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺟﺎﻝ) ﯞﻩ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﮬﯧﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﻪﺳﻪﻝ، ﺭﯗﻡ ﺑﻪﺩﯨﻴﺎﻥ

ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﺋﺎﻟﻤﺎ

ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:ﺳﻪﻓﻪﺭﺟﺎﻝ

ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ

ﺋﻮﺭﺩﻭﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ

ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: Quince

ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:

wen po 温勃

بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن ، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىشىقىغا چېپىپ بېرىلسە ، مەنپەئەت قىلىدۇ . جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار ، ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىكى ۋە ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئېستىمال قىلسا پايدىلىق . بولۇپمۇ بالىلاردا كۆرۈلگەن ئۈچەي – ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە بېھى ئالاھىدە شىپا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەن 500 گرام ئەتراپىدىكى سۇدا 200 گرام قالغۇچە قاينىتىلىپ ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بەش – ئالتە گرامدىن ئىچىپ بېرىلسە ، قان ئازلىق كېسەللىكى ، قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزم خاراكتېرىنى ئالغان شامال دارىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . – لېكىن يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان سوغۇق مىجەزلىك كىشلەر بېھى ئېستىمال قىلسا بولمايدۇ . بىراق بېھىنى شېكەرگە ئارلاشتۇرۇپ مۇراببا ياساپ ياكى ھەسل ، ئارپىبەدىيان ۋە ئەنسون قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .



بېھى.بېھى تەركىبىدىكى ۋىتامىنcئاپلېسىنغا قارىغاندا، ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، بۇ خىل مېۋىنى داۋاملىق ئېستىمال قىلىپ بەرسە، ئۆت خالتىسى كېسەللىكىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بىھى شەربىتى

بىھىنى سېقىپ سۈيى ئىلىنىپ تەييارلانغان بۇ دورىلىق ئىچىملىك يۈرەك-ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ. يۈرەك، ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزلىقلىرى، نېرۋا، جىگەر كېسەللىكلىرىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋائىي ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۈل ئىلىشىش، سېزىكنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ئىچىش ئۇسۇلى:تاماقتىن بۇرۇن 1~2قۇشۇق ئىچىدۇ.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...