[img=left]http://images.china.cn/attachement/jpg/site1000/20090107/001ec949ffcb0aceb8f61c.jpg[/img]
A تىپلىق H1N1 زۇكىمى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ ساراسىمگە سالغان پەيتلەردە ، يېڭى بىر خىل زۇكام ئامېرىكىدا ئاستا – ئاستا يامراشقا باشلىدى . بۇ خىل زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى %8 كە يىتىدىكەن . بۇ 1918 – يىلى 10 مىليون ئىسپانىيىلىكنىڭ جىنىغا زامىن بولغان زۇكامدىن %2 يۇقىرى تۇرىدىكەن . بىراق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە ، بۇ خىل زۇكام ۋېروسى ۋاقتىنچە پەقەتلا ئىتلارنىڭ تىنىدە تارقىلىدىكەن .
ئالىملار بۇ خىل H3N8 ئىت زۇكىمى ۋېروسىنىڭ 5 يىل ئىلگىرى ئاتنى نەسىللەندۈرگەندىن كېيىن ئىتقا يۇققانلىقىغا ئىشىنىدۇ . بىراق بۇ خىل زۇكام ئەزەلدىن ئىنسانلارغا يۇقۇپ باقمىغانىكەن . ئالدىنقى ھەپتە ، ئامېرىكا يېزائىگىلىك مېنىستىرلىكى بۇ خىل زۇكامغا قارىتا چىقىرىلغان ۋاكسىنىنى تەستىقلىدى . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل زۇكامنىڭ ئامېرىكىدا تارقالغىنىغا بىر مەزگىل ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئىتنىڭ خوجايىنلىرى ۋە مال دوختۇرلىرىدىن باشقا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىدى . ئىت زۇكىمى <ئېغىر ئاپەت بولغان رايون> ھازىرچە فىلورىدا شىتاتى ، فىلادىلفىيە شەھىرى ، نيويۇركنىڭ شىمالى قىسمى بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان ئاپشاركىلار بۇ زۇكام ۋېروسىدىن يۇقۇملانغان .
بۇ خىل ۋېروسنىڭ ئىنسانلارغا تاجاۋۇز قىلىدىغان – قىلمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس . ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىس كرافوت 2004 – يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل كىسەل ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان بولۇپ ، ئۇ : < مەن بۇ خى ۋېروسنى بىلسەك كېينچە قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن> دەيدۇ . ئۇ دەسلەپتە فىلورىدا شىتاتىدىكى بىر ئىت مەيدانىدا بىر سۈر رەڭلىك ئىتنىڭ غەلىتە يۆتەلگەندىن كېيىن شۇنداقلا ئۆپكە ياللۇغى بولغاندىن كېيىن ، شۇ توپتىكى %30 ئىتلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشىدىن باشلاپ بۇ ئىشنى بايقىغان ھەم شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تەتقىقاتنى باشلىۋەتكەن . شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە ئۇ ئامېرىكىنىڭ 7 شىتاتىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ۋېروسلارنىڭ ئىزىنى بايقىغان .
بۇ مۇتەخەسىس بۇ ۋېروسنىڭ تارقىلىشى يولىنىڭ بىر قەدەر كەڭلىكىنى بايقىغان ، ئۇ : ئىتلار كوچىلاردا ئۇياقتىن بۇياققا پۇراپ يۈرگەندە ، ئورتاق بىر قاچىدىكى ئىچىملىكنى ئىستىمال قىلغاندا بۇ خىل ۋېروس بىلەن يۇقۇملىنىپ قىلىشى مۇمكىن ، ئىنسانلارنىڭ كىيىمىمۇ بۇ خىل ۋېروسنى ئىلىپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن ، دەيدۇ .
بۇ خىل ۋېروس بىلەن يۇقۇملانغان ئىتلارنىڭ تېنىدە بولىدىغان ئالامەتلەر ئاساسلىقى ئۈزلۈكسىز يۆتىلىش بولىدىكەن ، ئېھتىمال ئۇدا 3 ھەپتە داۋاملىشىدىكەن شۇنداقلا سېرىق رەڭلىك بۇرۇن چىقىرىندىلىرى بولىدىكەن . بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئىت زۇكىمى كىسەللىك ئالامىتىدىن : قىزىتمىسى ئۆرلەش ، نەپەسلىنىشى تىزلىشىش شۇنداقلا باشقا ئۆپكە ياللۇغى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن .
مەنبە : <شەھەر ئىستېمال سەھەر گېزىتى> نىڭ 2009 – يىللىق 3 – ئىيۇل سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .
ئىزدىنىشتىن يولباشچى تەرجىمىسى