قەھۋە ۋە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە coffee and health

قەھۋەنىڭ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ- ﻗﯘﺭﯗﻕ ئىسسىققا مايىلراق.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

قەھۋە تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا ۋىتامىنE، نكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺧﯩﻠﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﯞﻩ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ، ﺋﯩﭻ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ قاتارلىق رولى بار.

ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە قەھۋەنى ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﺧﯩﻠﯩﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺗﻤﺎ، ﺟﯩﮕﻪﺭ، ﺋﯚﺕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺭﻭﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

قەھۋە يەنە ھەرخىل رادىئاتسىيىنىڭ زىينىنى يەڭگىللىتىدۇ، سۇس قەھۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ جىگەر راكىنى تورمۇزلايدۇ.

كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇردىغانلار ئانچە -مۇنچە دەملەپ ئىچىپ بەرسە رادىئاتسىينىڭ زىيىنى يەڭگىللىتىدۇ ھەم چارچاشنى ئالىدۇ.

قەھۋەنىڭ مەركىزى نېرۋىنى غىدىقلاپ، جىگەرگلىكوگېنىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان شېكىرىنىڭ مىقدارىنى ئۆرلىتىش رولى بار بولۇپ، ۋاقىتلىق ھالدا ئادەمنىڭ زېھنىنى ئۇرغۇتۇپ، تەپەككۇرىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش بەدەن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى بولىدۇ.

قەھۋە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ۋە كاناي سىلىق مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى پەسەيتىدۇ، يورۇقلۇق دولقۇنى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى قاتارلىق رادىئاتسىيىلەرنىڭ زىينىنى يەڭگللىتىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قەھۋەنى كۈنىگە1~2 ئىستاكان ئىچىپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بەش ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قۇيۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىچمەسلىك لازىم.

قەھۋە ئىچكەچ تاماكا چىكىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىسا كوففېئىن ۋە تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىقلار ئاسانلا ئادەم بەدىنىدىكى بەزى توقۇلمىلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. زىيادە قېنىق قەھۋە يۈرەك سوقۇشىنى تىزلەشتۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئېنىق ھالدا ئۆرلىتىۋېتىدۇ ھەمدە جىددىيلىشىش، خاتىرجەمسىزلىنىش، تىت-تىت بولۇش، قۇلاق غۇڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قەھۋەنى ئاز ئىچىشى لازىم. ياشانغان ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچسە، سۆڭەك شالاڭلىشىشقا سەۋەبچى بولۇپ، سۆڭىكى ئاسان سۇنۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. دائىم قەھۋە ئىچىدىغانلار كالتىسىي تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم.

ئاشقازان كېسىلى بارلار ۋە ۋىتامىنB1 يېتشمەسلىك كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار ئىمكانقەدەر قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم. ھامىلدار ئاياللار قەھۋەنى زىيادە كۆپ ئىچسە، ھامىلىدە غەيرىلىك پەيدا بولىدۇ ياكى بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ.

تېما يارىغان بولسا ئۈستىدىكى گۇگىل ئىلانىنى بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!!! بىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!!!


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      ayqut

      تىز خاراكتىرلىك ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغى بارلار قەھۋە ئىچسە بولامدۇ؟

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...