كۈدە(جۈسەي)نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى Nutritional Value of Chives

كۈدە تەركىبىدە ۋىتامىنC ۋە كالتىسىي،فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ھەر 100گرام يېڭى كۈدە تەركىبىدە 39مىللىگرام ۋىتامىنC، كالتىسي 84 مىللىگرام،43مىللىگرام فوسفور،8.9مىللىگرام تۆمۈر بولىدۇ، بولۇپمۇ ۋىتامىنCنىڭ مىقدارى پېدىگەننىڭكىنىڭ 4 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

كۈدىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ،بۆرەكنى ئىللىتىپ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تالغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ،خىلىتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، قاننى تەڭشەيدۇ. كۈدىنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە جىگەرنى ئاسراپ، تال-ئاشقازاننىڭ قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.

كۈدە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش ۋە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ،يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. كۈدە يەنە تېرە تۈك خالتىسىدىكى قارا پېگمىنىتنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە تېرىدىكى ئاق داغنى يوقىتىدۇ، چاچنى قاپقارا ۋە پارقىراق قىلىدۇ.

كۈدىنى سوقۇپ شىرنىسىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىپ ھوشسىزلىنىشقا شىپا بولىدۇ. كۈدىنى ئوتقا قاقلاپ قىزىتىپ، كېسەللەنگەن جايغا سۈركەپ بەرسە، يەلتاشما(ئىشەك يېمى)غا شىپا بولىدۇ.

كۈدە ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ.

كۈدە جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ، دورا قامۇسلىرىدا ئۇ<<زەكەرنى قۇزغاتقۇچى گىياھ>> دەپ ئاتالغان، بۇ جەھەتتە ئۇ بۇگۈنكى كۈندىكى جنىسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان زامانىۋى دورىلاردىن قېلىشمايدۇ.

كۈدە ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ئادەت خارەكتىرلىك قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي راكىنىڭ ئۈنۈملۈك راكىنى ئالىدۇ. كۈدە يەنە ھەزىم قىلىش يولىدىكى چاچ ، قۇم ،شىغىل، مىتال پارچىلىرى ھەتتە يىڭنىنى ئوراپ چوڭ تەرەت بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ<< ئۈچەي تازلىغۇچى چۆپ>> دىگەن نامى بار.

كۈدىنىڭ ئىچكى ئەزەلارنى ئىللىتىپ، يەلنى ماڭدۇرۇش، قاننى تارقىتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، بەدەننى ئىسسق ساقلاش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار

كۈدىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، ئۇنى ھەم باشقا خام ماتىرياللار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ قورۇما قۇرۇشقا ئىشلەتكىلى ھەم تەم تەڭشىگۈچى ماتىريال ئورنىدا ئىشلەتكىلى ۋە قىيمىلىق تاماققىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

كۈدە ئەتىياز پەسلىدە ئىستېمال قىلىنسا جىگەرگە پايدىلىق بولىدۇ. باش ئەتىيازدىكى كۈدىنىڭ سۈپىتى ھەممىدىن ياخشى، كەچكۈزدىكىسىنىڭ 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، ياز پەسلىدىكىسىنىڭ ئەڭ ناچار بولىدۇ. شۇڭا<< كۈدىنى ئەتىيازدا يېسەڭ مەززىلىك تېتيدۇ، يازدا يېسەڭ سېسىق پۇرايدۇ>>دىگەن گەپ بار.

پىشۇرۇپ بىر كىچە تۇرۇپ قالغان كۈدىنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.كۈدە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئادەمنىڭ ئىسسقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ ھەم ئاسانلىقچە ھەزىم بولمايدۇ، شۇڭا مەنپىيىلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، كۆزكېسىلى بارلار ۋە ئاشقازان-ئۈچىيى ئاجىزلاشقانلار كۈدىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

كۈدىنى ھەسەل، كالا گۆشى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

تېما يارىغان بولسا ئۈستىدىكى گۇگىل ئىلانىنى بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!!! بىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!!!


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ