خورەك تارتىشمۇ بىر خىل كېسەللىك How to Stop Snoring

ئادەتتىكى كىچىك كېسەللىكلەرگە پەرۋا قىلماسلىقتەك ئادەت كۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتقا خەۋپى چوڭ بولغان مۇرەككەپ ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ئاشۇردى، لېكىن بىز ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدىغان بىرمۇنچە يەڭگىل كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىپ، ھاياتقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىۋاتىدۇ. خورەك تارتىش ( 鼾症 ، Snoring  ) دەل شۇلارنىڭ بىرى. خورەك تەرەققىي قىلىپ ئېغىر دەرىجىگە بارغاندا نەپەسنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ھاياتقا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ.

ئېغىر خورەك تارتىش ئۇخلاۋاتقاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى ( 睡眠呼吸暂停综合症 ، Sleep apnea syndrome )  دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە ئوپېراتسىيە قىلىش، ئۇخلىغاندا نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابىنى تاقاپ يېتىشتىن ئىبارەت  ئىككىلا خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ كېسەلنى داۋالاۋاتىدۇ، ئەمما ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئۈنۈمى 50% ئەتراپىدا بولۇپ، يەنە 1-2 يىلدىن كېيىن قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقى بار، نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ ئۇنى تاقاپ يېتىش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق.

ئۇنداقتا بۇ كېسەل قانداق پەيدا بولىدۇ؟



نۆۋەتتە مېدىتسىنا ساھەسىدە بۇ ھەقتە ئورتاقلىققا ئىگە قاراشلار تۆۋەندىكىچە:

  1. بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ھالەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، يەنى سەمىرىپ كەتكەندە
  2. گال ئەتراپىدىكى بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ بوشاپ ئېلاستىكلىقى يوقاپ كەتكەنلىكتىن
  3. نەپەس يولىدا گۆش پەيدا بولۇپ قالغانلىقتىن پەيدا بولىدۇ.

بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۇخلىغاندا نەپەس قىيىنلىشىدۇ، ئېغىرلاشقاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا باش ئاغرىيدۇ، چارچاش ھېس قىلىدۇ، كۈندۈزى ئاسان مۈگدەپ قالىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ئىنكاسى ئاستىلاپ قالىدۇ. ئېغىر خورەك تارتىش يەنە مېڭە قان-تومۇرلار توسۇلۇش، يېرىلىش، يۈرەك، ئۆپكە ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورگىنى(NIH)نىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئامېرىكىدا 17 مىليوندىن ئاشىدىكەن، دۆلىتىمىزدە بولسا 100 مىليوندىن ئاشىدىكەن.

ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى( ئېغىر خورەك تارتىش) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئائىلىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە: كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىزچىل نورمال ھالەتتە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك ۋە تاماكا چەكمەسلىك كېرەك، ئۇخلىغاندا ئوڭدىسىغا يېتىشتىن ساقلىنىش، ئىمكان بار يانچە يېتىشقا ئادەتلىنىش كېرەك.

ئەمدى ئېلاننى رەسمىي باشلايمىز:

ئۈرۈمچى سالامەت بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، دىرېكتورى دوختۇر دولقۇن مامۇت جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سېمىزلىكنى داۋالاش ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، يەنە خەلقئارادا داۋالاش قىيىن مەسىلە دەپ قارىلىۋاتقان ئېغىر خورەك تارتىش كېسىلىنى داۋالاش ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئارقىلىق، بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئىلمىي ئاساسى ۋە نەزەرىيە سخېمىسىنى سىزىپ چىقتى ھەمدە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جەۋھىرىدىن ياسالغان، تەبىئىي تەركىبلىك دورا  DLK نى روياپقا چىقاردى. شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنىدىكى بىر مەسئۇل خادىم ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە مۇشۇ ساھەدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى دەپ باھا بەردى.

نۆۋەتتە ئىلىم-پەننىڭ چېگراسى بولمايدۇ، كىم بالدۇر بايقىسا، ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلسا شۇ تەشەببۇسكارلىق ئورۇنغا ئۆتكەن بولىدۇ، ئېغىر خورەك تارتىدىغان، خورەك سەۋەبلىك سالامەتلىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىمارلارنىڭ بۇ دورىنى ئىشلىتىپ، يوشۇرۇن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خورەكنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئىمكان بەرمىگەنلىك ئۆزىڭىز  ۋە باشقىلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە تۆھپە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ئارزۇسى.

دورا نامى:  شىپايى خورەك جەۋھىرى

     1. تەركىبى: ئامېرىكا ئادەمگىياھى، قارا ئۇرۇقلۇق چۆپ ئۇرۇقى، بۇرجۈن ئۇرۇقى، نېلۇپەر، پىچەكگۈل، ئىئوۋلېۋا دىنى، دولانا.

    2.ماس كېلىدىغان كىشىلەر: ئېغىر دەرىجىدە خورەك تارتىدىغانلار، سەمىرىپ كەتكەنلەر، يۇقىرى قان بېسىم، قان شېكىرى نىسبىتى يۇقىرى كىشىلەر.

    3. ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر: ئۆسمۈر يېشىدىكى بالىلار، ھامىلدار ئاياللار شۇنىڭدەك مۇشۇ مەھسۇلاتقا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر.

    4. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەر كۈنى ئەتىگەن – كەچتە بىر كىچىك خالتا (ھەربىر كىچىك خالتا 6 گرام)، تاماقتىن ئىلگىرى قايناقسۇغا دەملەپ ئىچىلىدۇ.

    5. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، مەزكۇر مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، بۇ نورمال ئىنكاس، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بەدىنى زىيادە سەزگۈر كىشىلەردە تېرىسى قېچىشىش، قىزىرىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشنى توختاتسا تېرىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ.

[سەھىيە ئىجازەت كېنىشكا نومۇرى]  (2006)-650000_000104

[ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت نومۇرى] 652325010005

[تەستىق نومۇرى] شىنجاڭ سەھىيە ئالاھىدە يىمەكلىك (2007) 127-نومۇر

 

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-8566887     13609900801

ھەر قايسى جايلاردىكى  مەسلىھەت بېرىش ۋە سېتىش ئورۇنلىرى

شايار ناھىيەسىدىن خالقجان گايىت   13119974356

باي ناھىيەسىدىن  تۇرسۇنجان تۆمۈر 15109084747

قەشقەر شەھىرىدىن مۇھەممەت تۇرسۇن ( بىرزات) 

 0998-2820877   15309982787     www.80halta.com

قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا.

تېلفۇن: 0998-2820877

يانفۇن:13565662787  ، 15309982787

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-8566887     13609900801


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      Yuksel

      ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشچە ، ھازىر كىشىلەر ئۇخلىغاندا نەپەسنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قىلىشى ۋە قالايمىقانلىشىشىغا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلىدىكەن . چۈنكى بۇنداق كېسەللىك ئالامىتى يۈرەك كېسىلى ، سەكتە ۋە باشقا يۈرەك – قان تومۇرى كېسەللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . قاتتىق خورەك تارتىش كىشىنى بىزار قىلىپلا قالماستىن ، يەنە توسۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدىن ئىبارەت خەتەرلىك سىگنالدۇر . خورەك تارتىش يۈرەك زەئىپلىشىش ، سەكتە بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ
      خورەك تارتىدىغانلاردا ئۇخلىغاندا قىسقا ۋاقىتلىق نەپەس توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە كۆرۈلىدۇ .
      خورەك تارتىدىغانلارنىڭ نەپەس يولى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ ، كۈندۈزى يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى مۇسكۇللار يىغىلىپ تۇرغاچقا ، نەپەس يولى توسۇلۇپ قالمايدۇ . لېكىن كەچتە ئۇخلىغاندا نېرۋىنىڭ روھلىنىشچانلىقى تۆۋەنلەپ ، مۇسكۇللار بوشاپ ، يۇتقۇنچاق توسۇلۇپ قالىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۈستى نەپەس يولى بېسىلىپ قالىدۇ دە ، ھاۋا نەپەس يولىنىڭ تار قىسمىدىن ئۆتكەندە قاينام ھاسىل بولىدۇ ھەم تىترەش پەيدا بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن خورەك ئاۋازى چىقىدۇ ، ئېغىر بولغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قالىدۇ ۋە تەندىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ، ھورمۇن بىلەن ئادرېنالىن تېز ئېشىپ كېتىدۇ . بۇ ھورمۇنلار يۇقىرى قان بېسىمى ، يۈرەك سېلىش رىتىمى تەكشى بولماسلىق ، ھەتتا يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ پەيدا قىلىدۇ .

    • #2
      Yuksel

      ئادەم ئۇخلىغاندا خورەك تارتسا بەدەننىڭ ئوكسېگىن بىلەن نورمال تەمىنلىنىشىگە توسالغۇ بولۇپ، بەدەندىكى ئىنسۇلىن ھۈجەيرىسىنىڭ ئوكسېگىن بىلەن تويۇنۇشى ۋە ئىنسۇلىننىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ –دە ، دىيابىن كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە خورەك تارتىدىغان ئادەتنىڭ بارلىقىنى سەزسىڭىز ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈڭ ۋە داۋالاشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈڭ . بولۇپمۇ جەمەتىدە دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولسا ياكى سەمىرىپ كەتكەنلەر چوقۇم دىققەت قىلىش لازىم .
      ياپونىيەلىكلەر كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك –ئىچمەك جەھەتتە خاس تەدبىر قوللانغان بولۇپ ، خورەك تارتىدىغانلار دىيابىت كېسىلى پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ ، يەنى يېمەك–ئىچمەكتە قەنت مىقدارى يۇقىرى ،ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى چوڭ يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەيدۇ ؛ كىشىلىك ئالاقىدە ھاراقنى ئاز ئىچىدۇ ، مۇمكىن بولسا تاماكا چەكمەيدۇ ؛ ئادەتتە ھەرىكەت قىلىشنى ئۈزمەيدۇ ، بولۇپ كەچلىك تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق چېنىقىدۇ .

    • #3
      tawsiya

      باھاسى قانچە پۇل؟

    • #4
      tashqin

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
      بۇ دورىنىڭ باھاسى قانچىدۇ مەن ئالاي دىگەن ، مەن خورەك تارتىدىغان بولۇپ قالغىلى خىلى ئۇزۇن بولدى ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىلا باشلانغان ……
      ھازىر يۇقىردىكى دىيىلگەنگە ئوخشاش ، ئۇخلىغاندا داۋاملىق ئەمەس بەزى بەزى نەپەس قىسىلغاندەك بولۇپ تىز تىز نەپەسلىنىپ كىتىمەن سەل ئەنسىرەپ قالدىم …
      بۇ دورا ئىشەنچىلىك بولسىلا ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ
      راس بۇ دورا ئورۇقلۇتۇش رولىغىمۇ ئىگىمۇ ؟

    • #5
      tashqin

      [img][b][i]قىنى جاۋاپ ![/i][/b][/img]

    • #6
      torjan

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
      مەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىمەن.خۆررەك تارتىش 6-7 يىل بۇرۇن گۇئاڭجۇدا باشلانغان،ھازىر بۇيەردە تېخىمۇ ئەدەپ كېتىپ بارىدۇ.بۇيۇم 182 ئەما ئېغىرلىقىم 110-112 كىلو ئەتراپىدا.ئۆتكەندە قارشى تەرەپتىكى بىنادىكى خوشنىمىز شىكايەت قىپتىكەن خىجالەتتە ،بىر قۇتۇلاي بۇ دەتتىن دەپ دوختۇرغا تەكشۈرۈتسەم،5-10 كىلو ئۇرۇقلاپ 3 ئايدىن كېيىن كەل ئۇخلۇتۇپ رەسىمگە تارتىمەن دىگىلىمۇ 1-2 ئاي بولدى،ئەمما ئۇنچىلىك ئۇرۇقلىياممىدىم.
      قارىغاندا سىزنىڭ دۇرىڭىز ئارقىلىق ئۇرۇقلىغاچ بۇدەرتتىن ساقلانغىلى بولغۇدەك.داۋالاش مۇددىتى ۋە چەتئەلگە قانداق ئىبەرتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.6 ئاي ئىچىدىغان دۇرا قانچە پۇل ۋە ھەجمى ۋە ئېغىرلىقىچۇ؟
      ئاللاھ قىلغان خىزمەتلىرىڭزگە ھەسسىلەپ 2 دۇنيالىق بەرىكەتلىك رېزىق بەرسۇن.
      [reply=Birzat,2010-10-27 01:05 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
      چەتئەلگە ئەۋەتىشنىڭ قانداق يولى بار ، ئاۋۋال بىر سۈرۈشتە قىلىپ باقاي. [/reply]

    • #7
      sawir

      man bak hurak tatiman bumu bir kisalma man bugun uktum man tizdin dawalansam boldikanda isit hutun mining hurikimning dardidin hilimu yaxawitipsan mini kaqur man qukum yahxi duhturhanda dawaliniman

    • #8
      ئابىدە

      .ئەسسلامۇئەلەيكۇم
      مەن بۇ دوردىن ئالاي دىگەن لېكىن باھاسى يېزلماپتۇ ،مەن يىقندىن بېرى سەل سەمىرىپ قالدىممۇ ئشقلىپ سەل خورەك تارتىدىغان بولۇپ قالدىم ئايال كىشى بولغاچقا خجىل بولىدىكەن شۇڭا ئستمال قىلىپ باقاي دىگەن پايدىسى بولارمۇ…………………………………
      [reply=Birzat,2010-10-27 04:34 PM]شىركەتنىڭ يېقىندا بىكىتكەن باھاسى: بىر باسقۇچلىقى 3 قاپ، ھەر قېپىنىڭ باھاسى: 120 يۈئەن. بىر باسقۇچلىقى 360 يۈئەن. ئۈنۈمى ئوبدان بولىۋېتىپتۇ. بەدەندىكى ماينى تازىلاش ئۈنۈمىمۇ يۇقۇرى ئىكەن. [/reply]

    • #9
      jahankezdi

      ەسسالامۇ ەلەيكۇم كەچۈرۈڭ مىنىڭ كومپىيۇيىتىرىمدا ويغۇرچە خەتنى تۇلۇق يازغىلى بولمايدۇ.مىنڭ يولدىشىممۇ خورەك تاتىدۇ.بەزىدە نەپەس توختاپ قالدىمۇ نىمە دەپ قوقۇپ كىتىمەن.وزى85كىلو ەتراپىدا،34 ياش،بۇ دورىنى ىستىمال قىلسا بولامدۇ،ەكىس تەسىرى يوقمۇ.

    • #10
      srdax

      ئۈرۈمچىنىڭ نەردە ستلىدىكەن، ئادىرسىنى دەپ بەرسەڭلار

    • #11
      azizana

      ئەسسللامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇك قىلسون. دادامنىڭ نەپىسى سىقىلدىغان يەنى بەلغەم تۈكۈرۈپ بەزىدە ئازىراق قان تۈكۈردىغان ئازىراق يول ماڭسا دىمى سىقىلىپ ماڭالمايدۇ شۇڭا شۇنىڭغا ئائىت رىتسىپ بارمىدۇ . ماڭا دەپ بەرگەن بولسىىڭىز . سىزدە دورىسى بارمىدۇ . دوختورخانىغا ئەكرسەك[ چىگويەن ]دەيدۇ

    • #12
      تەمەننازى

      ئاپامنىڭ تىرنىقى ئوتتۇرسى چوڭقۇرلاپ ئىككى تەرەپكە كوتۈرلۈپ شەكلى ئۆزگۈرۈپ سەتلىشىپ كەتتى ، بۇ خىل ئەھۋال قان ئازلىقنىڭ ئالامىتىممۇ ياكى كالتىسى كەملىكتىمۇ ؟ بۇنى داۋالاشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز .

    • #13
      阿斯亚

      بىرزات ئەپەندى مىنىڭ ئىككىلا بۆرىكىمدە سۇ يىغىلىپ قالغان .بۇنىڭ دوختۇردا ياتماي ساقايىتىدىغان دورىسى بارمىدۇ؟

    • #14
      turap

      9ياشقا كىرگەن قىزىممۇ ئازراق خورەك تارتىپ قويىدۇ ، سىلەر تەۋسىيە قىلغان "شىپايى خورەك جەۋھىرى"نى ئىلىپ بىرەي دىسەم ئۆسمۈر يىشىدىكىلەر گە ماس كەلمەيدۇ دەپسىلەر ، قانداق مەسلىھەت بىرىسىلەر

    • #15
      سەھەر

      تىرناق پورلىشىدىغان كېسەلگە داۋا بارمۇ؟ بۇ سۇئالنى باشقىلارمۇ سوراپتىكەن، جاۋاپ قايتۇرماپسىز، مەسلىھەتىڭىزنى كۆتىمىز.

    • #16
      rayela

      assalamua alaykum !mining ong kol bax barmegimning tirnegy kareyip xakly ozgurep katkanga 6 yel qa bop lady ,dawamlik kardap katkan yereny eliwetatim ,ternegim yapelaklixip 3tin 2 kesmila kaldy,hamda yekndin buyan lokuldap agridegan bolewaldy, qongkur eliwatsam sal aram tipep kalidu ,baxka tirnakliremmu sal xakly ozgurwatkandak kelwatidu,dohturga kursatsam awrixka elip takxursa "zhen jun gan ran " amas bop qikty ,xunga sizdin bir maslihat soremakqy ,zady bir yahxy amal bamidu?bak jik bax katuredigan bop kaldim,maslihat barsengez,rahmat!

    • #17
      yusan

      بۇ ېلھنلھر ىھزڭرمۇ كۇشكھ ڭەڭمۇ؟

    • #18
      wakit

      مەن قانداق قىلامەن

    • #19
      mahmud

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بىر زات ئەپەندىم، يەكەندىمۇ ،سىتىش ئۇرنى بارمىدۇ، مەنمۇ ئالاي دىگەن،
      ياكى سىلىنىڭ دۇكانلىرنىڭ ئىنىق ئادىرسى، نەدىدۇ؟

    • #20
      bostan

      بۇ دورېدېن مەنمۇ الاي دېگانتېم….

    • #21
      مارىگۈل

      مىنىڭ يولدىشىممۇ بەك خورەك تارتىدۇ، خورەكنىڭ دەستىدە مەنمۇ ھەتتا بالاممۇ ئۇخلىيالمايدۇ، ئىغىرلىقى 80 كىلوگىرام، ئىگىزلىكى 183، بۇنىڭغا داۋا بارمىدۇ؟ مەنمۇ شىپاھى خورەك جەۋھىرىنى ئېلىپ بەرسەم بولارمۇ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز. ئاقسۇدا سىتىش ئورنى بارمىدۇ؟

    • #22
      阿布地克日木。卡迪

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەنمۇ بەكلا خوررەك تار تىمەن بۇيۇم 160مىتىر ئېغىرلقىم 82كىلويېشىم33ياش قاندا مايبار -قان قۇياغ بۇدۇرىنى ئىچسەم ئۇنۇمى بۇلامدۇ ئەكىس تەسىرى بار مۇ يوك …..خۇتەندە سېتىش نوختىسى بار مۇ مەسلھەت بەرسىڭىز سېتىش نوختىسى بولمىسا نەدىن ئالىمەن

    • #23
      atela

      مىنڭ دادامىنڭ بۆرىكىدە تاش بار ئىكەن ،9مىللمىتىر يەنەبىرسى 5مىللمىتر ئىكەن .داۋاسى تىپى لارمۇ قىرىنداشلار؟ئالدىنقى يىلى ئوپراتسىيە قىلىپ تاشنى ئىلىۋەتكەن ھازىر يەنە پەيدا بوپتۇ،،،،،،[face10]

    • #24
      tayirjan

      توقسۇ ناھىيىسىدە سېتىش ئورنى يوقمۇ؟ بۇ دۇرا راستىنلا ئۇرۇقلىتامدۇ ؟ ئېغىرلىقىم 79كىلو ، بۇ دورىنى ئىچىپ 65كىلوغا چۈشۈرگىلى بولامدۇ ؟

    • #25
      XUGKAR

      ATUX TA YOKMIKINA [face06][face06][face73]

    • #26
      XUGKAR

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم سىزدىن بىر مەسلەت سوراي دىگەن مىنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى ئۇ دوستۇمنىڭ تىنى بەك ھاجىز بەك كوپ بەلغەم تۇكۇردۇ بۇ كىسەلنىڭ ئوبداراق دورسى يوقمۇ يەنى زۇكام بۇرۇندىن سۇ ئاقدۇ قىشتا بەك ئېغىر ھەرخىلدىكى زۇكام دورلىرنى ئسـىتمال قىلغان بولسىمۇ بىرسىمۇ بەمپا سى بولمىدى بۇ كىسەلنىڭ ياخشىراق دورسى بار مۇ

    • #27
      alnoor024

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىززات ئەپەندىم. مەن يۇقىرىدا ياردەم سورىغان torjan بۇلۇمەن.
      ماڭا تۈركىيەگە قانداق ئىبەرتىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاپ بېرىپ بولغۇچە ئاتا-ئاناممۇ ئىستانبۇلغا كەپ قالدىغاندەك تۇرۇدۇ.ئۇلار ئۈرۈمچىدە سىزدىن بۇ دۇرىنى قانداق سېتىۋالالايدۇ؟ بىراز ئۇرۇقلىغانتىم 110 كىلوغا چۈشكەنتىم ھازىر يەنە 115 كىلوغا چىقىپ قالدىم.چۈشلۈك تاماققا سەل كېچىكىپ قالسام شېكىرىم چۈشۈپ قۇلام تىترىگەندەك بۇلۇدۇ.ھەتتا كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپۇپ بىراز ماڭسام بېشىم قېىيىپ دۈمچۈشۈدىغاندەك ھېس قىلاتتىم ، دۇرا يەپ بىراز ساقايدىم.
      مۇشۇ سىنۇزىت (بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى) تۈپەيلىدىن بۇرنۇم بىلەن گېلىمغا كېلىۋالغان لاتقىلارمېنى سەل قىيناۋاتىدۇ،بەزەن قۇتۇلاي مۇشۇ ئەزالاردىن دەپ كېتىمەن.(خۇدايىم ساقلىسۇن). بەلغەم بەك كۆپ.
      سىز دىگەن دۇرىنى ئۆيدىكىلەر ئالغاچ كەلسە ، شۇ كېسەللىكلەرگىمۇ شىپا بىرىپ قالا ئاللاھىم.
      جاۋابىڭىزنى كۈتۈمەن.
      [reply=Birzat,2012-01-06 11:16 AM]خورەك دورىسى بىلەن ئورۇقلىتىدىغاننى بىللە قوشۇپ ئىشلىتىپ بەرسىلە.
      ھازىر 2 ئايلىق ئىچىپ كۆرسىلە بولىدۇ.
      شىركەتنىڭ كىيىنكى رېتسىپنى قايتا تەڭشىشى بىلەن ئورۇقلىتىدىغان ھەم خورەكنى داۋالايدىغىنى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خورەك دورىسى بىر قېپى 85 سوم (10 كۈنلۈك). ئورۇقلىتىدىغان ( بۇ ئادەتتە سېمىز خورەكچىلەرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بىر قېپى 10 كۈن يېتىدۇ). شۇنداق بولغاندا بىر ئايلىق دورىلىرى 495 سوم. مېنىڭچە 2 ئايدىن 3 ئايغىچە ئىستىمال قىلسىلا بولىدۇ. ئۈرۈمچىگە بىر-ئىككى كۈندە بىرىپ بولىدۇ. [/reply]
      [reply=Birzat,2012-01-06 11:16 AM]خورەك دورىسى بىلەن ئورۇقلىتىدىغاننى بىللە قوشۇپ ئىشلىتىپ بەرسىلە.
      ھازىر 2 ئايلىق ئىچىپ كۆرسىلە بولىدۇ.
      شىركەتنىڭ كىيىنكى رېتسىپنى قايتا تەڭشىشى بىلەن ئورۇقلىتىدىغان ھەم خورەكنى داۋالايدىغىنى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خورەك دورىسى بىر قېپى 85 سوم (10 كۈنلۈك). ئورۇقلىتىدىغان ( بۇ ئادەتتە سېمىز خورەكچىلەرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بىر قېپى 10 كۈن يېتىدۇ). شۇنداق بولغاندا بىر ئايلىق دورىلىرى 495 سوم. مېنىڭچە 2 ئايدىن 3 ئايغىچە ئىستىمال قىلسىلا بولىدۇ. ئۈرۈمچىگە بىر-ئىككى كۈندە بىرىپ بولىدۇ. [/reply]
      [reply=Birzat,2012-01-06 11:16 AM]خورەك دورىسى بىلەن ئورۇقلىتىدىغاننى بىللە قوشۇپ ئىشلىتىپ بەرسىلە.
      ھازىر 2 ئايلىق ئىچىپ كۆرسىلە بولىدۇ.
      شىركەتنىڭ كىيىنكى رېتسىپنى قايتا تەڭشىشى بىلەن ئورۇقلىتىدىغان ھەم خورەكنى داۋالايدىغىنى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خورەك دورىسى بىر قېپى 85 سوم (10 كۈنلۈك). ئورۇقلىتىدىغان ( بۇ ئادەتتە سېمىز خورەكچىلەرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بىر قېپى 10 كۈن يېتىدۇ). شۇنداق بولغاندا بىر ئايلىق دورىلىرى 495 سوم. مېنىڭچە 2 ئايدىن 3 ئايغىچە ئىستىمال قىلسىلا بولىدۇ. ئۈرۈمچىگە بىر-ئىككى كۈندە بىرىپ بولىدۇ. [/reply]
      [reply=Birzat,2012-01-06 11:17 AM]خورەك دورىسى بىلەن ئورۇقلىتىدىغاننى بىللە قوشۇپ ئىشلىتىپ بەرسىلە.
      ھازىر 2 ئايلىق ئىچىپ كۆرسىلە بولىدۇ.
      شىركەتنىڭ كىيىنكى رېتسىپنى قايتا تەڭشىشى بىلەن ئورۇقلىتىدىغان ھەم خورەكنى داۋالايدىغىنى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خورەك دورىسى بىر قېپى 85 سوم (10 كۈنلۈك). ئورۇقلىتىدىغان ( بۇ ئادەتتە سېمىز خورەكچىلەرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بىر قېپى 10 كۈن يېتىدۇ). شۇنداق بولغاندا بىر ئايلىق دورىلىرى 495 سوم. مېنىڭچە 2 ئايدىن 3 ئايغىچە ئىستىمال قىلسىلا بولىدۇ. ئۈرۈمچىگە بىر-ئىككى كۈندە بىرىپ بولىدۇ. [/reply]

    • #28
      mawlantursun

      مەن بۇيىل 28 ياشقا كىردىم مەن ئەقلىمنى بىلسەملا، باش بارمىقىمنىڭ ئوتتۇرسىدا قارا سىزىق بار ئىكەن، تىرنىقىم ئۆسسىمۇ ئۇ قارا سىزىق يوقىمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز!

    • #29
      نىشانبار

      ئەسسالامۇئلەيكۇم ! بىرزات ئەپەندىم …
      مەن سىزدىن بىرئىشتا مەسلىھەت سوراي دېگەن، بىلمىدىم ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلارسىزمۇ ؟
      مەندە بىرقانچە يىل بولدى قەۋزىيەت بوپ قالغىلى ،بۇرۇن ناھايتى ياخشى ئىدى .ھازىر مەيلى قانداقلا نەرسە يېسەم ئىشقىلىپ قەۋزىيەت بوپ قالىمەن .دەسلەپ باشلانغاندا ئاز -تولا مېۋە يېسەم ناھايتى تىزلا ئۈنۈم بولاتتى لىكىن ھازىر مىۋە يېسەممۇ ئانچە ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ ،شۇ قەۋزىيەت سەۋەپتىنمىكىن تېخى بوۋاسىر نىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمەن ،مەقىتىم ئەتراپىدا بىر نەرسە پەيدا بوپقالغىلى خېلى بولدى ،قورسىقىمغا داۋاملىق يەل قاپلىشىپلا تۇرىدۇ ،شۇسەۋەپتىن ئوبۇرناغىمۇ بەك كۆپ بارىمەن ،لىكىن ئوبۇرناغا بارسام ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ ….بىلمىدىم مەندىكى بۇ زادى قانداق كېسەللىكتۇ ؟ بۇنى يىلتىزدىن ساقايتىدىغان بىرەر چارە بارمىدۇ ؟ بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن ؟رەھمەت ……

    • #30
      ئابلىز

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
      كىسەللىك ئالامىتى: بىمار 47ياش، ئەر، دىھقان. ئادەتتە پۇت-قوللىرىمنىڭ سۇڭەكلىرى تېلىپ ئاغرىيدۇ،ئىش قىلغاندا، پەشتاقتىن چىققاندا، بىر نەرسە كۈتۈرگەندە، قولنى ئوڭ-سولغا ھەركەتلەندۈرگەندە، ئاغرىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ كىسەللىك ئالامىتى بىلىنگىلى بىر ئاي بولدى. (قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە رىماتىزىم يوقلىقى ئىسپاتلاندى)
      بۇ قايسى كىسەللىكنىڭ ئالامىتى؟ قانداق داۋالاش كېرەك؟ قايسى ئىشلار، تاماقلاردىن پەرھىز قىلىمىز؟

    • #31
      alnoor024

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
      بوسسا تۈركىيەگە ئىبەرتىشنىڭ يۇلىنى قىغان بولساڭلا بوپتىكەن.
      ياكى بولمىسا بۇيەردە ۋاكالەتچىدىن بىرنى تۇتۇپ دۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ، تۈركىيە بازىرىغا كىرىشنى پىلانلىساڭلارمۇ بۇلاپتىكەن.مەنچە بازار تاپىدۇ.
      چۈنكى 1 كىلو ئۇرۇقلىسام ۋەيا سەمىرىپ قالسام دەرھاللام «ۋاي يەنە ئۇرۇقلاپسەن ۋەيا سەمىرىپ كېتىپسەن، جۇما!» دەيدىغان سېمىزلىككە قاتتىق سەزگۈر تۈركلەر ھەم ئۇرۇقلاپ ھەم خورەكنى داۋالاش مەقسىتىدە ياخشى خېرىدا بوپقېلىشى مۇمكىن…
      لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى بىرقىسىم قاچاقچى تىجارەتچىلەر خەنسۇلارنىڭ ناچار دۇرىلىرىنى ئەكىلىپ «ئۇرۇقلاش كاپسۇلى» دەپ سېتىپ ، خېلى ئادەملەرنىڭ ئۇرۇقلاپ ئۈلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغاچقا جۇڭگۇدا ئىشلەنگىنىنى بىلسە ئۈركۈپ كېتىشىمۇ تۇرغانلام گەپ!
      يەنىلام دۇرىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بولسا تۇنۇش بىلىشلەر ئۆز-ئارا تەشۋىق قىلىپ ئىشلىتىپ كۆرەپ ، ئىشەنچىدىن ئۆتكەندە ئاندىن بۇبازاغا ساساڭلىمۇ بۇلۇتۇ ئەينا!
      ئاللاھ س ۋ ت ئۇيغۇرتىبابىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ، ۋىجدانلىق ئىش قىلغان تېۋىپلىرىگە 2 دۇنيالىق بەرەكەت بەرسۇن ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ياخشى تىۋىپلىرىدىن قىلىۋەتسۇن.
      ناكەستى ۋە ئۇستا كۆرمىگەن ۋە ۋىجدانسىز تىۋىپلارنى قايسى مىللەتىىن بولسا بولسۇن بىمارلاردىن يىراق قىلسۇن!
      شىفا دۇرىدا ئەمەس ، ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ، ئەمما بىز يەنىلام سەۋەبىنى قىلىشقا بۇيرۇلغان!
      ئاللاھ بەندىسىگە داۋاسىز كېسەل بەرمەس!
      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

    • #32
      xx

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
      مەن پەقەن دوختۇرغىلا دىگىلى بولىدىغان مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىمنى ئۇزۇن مۇددەت چەكلىۋەتمەكچى مەن 35ياش ، ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۇنىڭ دورىسى بارمۇ ياكى باشقا تىبابەتتە دورىسى بارمۇ

    • #33
      hhhhh

      [face01]

    • #34
      abdulahad

      mining qimqulak kulum kulixidiga bop kaldi xung maslihat soray digan

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...