ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدىنىيتى ھەققىدە

[align=center][img]http://p8.images22.51img1.com/6000/birzat12345/83f42fe498df3529fe0145e55bb898be.jpg[/img][/align]
تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىغىندەك ، سىزمۇ ئاشۇ ئالى مەقسەت ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە خاس ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللانغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن.
مەيلى قانداق تەدبىر قوللىنىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، كۈندىلىك تۇرمىشىڭىزدا چۇقۇم چاي ياكى چاي دورىسىدىن ئايرىلالمايسىز.
ئەمگەكچان ،ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىزنىڭ چايخۇمارلىقى ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنىڭ بىر تۇرى ھىساپلىندۇ. خەلقىمىز ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان چاي دورىللىرىنىڭ خاسىيىتى
ئۆزگىچە بۇلۇپ، ئۇنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ. ئۇيغۇرلاردىن چىققان نۇرغۇن ئۆمۈر چولپانلىرىمۇ كۈندىلىك ئىستىمالدا چاي دورىسىدىن ئايرىلالمىغان. كېسەل بولغان ياكى مىجەزى بۇزۇلغان چاغلاردا بىر ياكى بىرنەچچە خىل قۇرۇتۇلغان دورىلىق ئوت-چۆپنى دەملەپ ياكى قاينىتىپ ئىچىپ كېسىلنى داۋالاپ، مىجەزىنى تەڭشەپ كەلگەن . تىبابەتچىلىك تەرەققى قىلىپ ھەرخىل غەرىپچە دورىلار تۈركۈملەپ دۇنياغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ خەلقىمىزنىڭ چاي دورىلىرىغا بولغان تەشنالىقى كۈچىيىپ بارماقتا.
ئەجدادلىرىمىز ئۆز توپرىقىدا ئۆسىدىغان ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ ، ئولارنى ئۆز مىللىي تېبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ھەم چايلىق ، ھەم شىپالىق رولىغا ئىگە ھەر خىل ئىچىملىك – چايلارنى ياساپ ئستېمال قىلغان . نەتىجىدە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا يېڭى بىر مەدەنىيەت – چاي مەدەنىيتى شەكىللەنگەن ۋە بارا – بارا مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن .
ئۇيغۇر خەلقى چايخۇمار خەلىق ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ، ھېيىت – ئايەملىرىنى ، توي تۆكۈن ، نەزىرە – چىراقلىرىنى ، مېھماندارچىلىق ، تۈرلۈك مەشرەپ – بەزمە ، سەيلىلىرىنى چايسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس . شۇ سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سورۇنلارغا ماس كېلىدىغان چاي تۈرلىرى ۋە ئۇلارنى دەملەشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
ئۇيغۇر خەلقى دورىلىق چاينى ئىستېمال قىلىشتا پەسىلگە قاراپ تەڭشەشكە، ھەر قايسى پەسىللەردە شۇ پەسىلگە ماس دورىلىق چايلارنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ياز پەسلىدە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قاننى سوۋۇتقۇچى، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتكۈچى دورىلىق چايلارنى، كۈز پەسلىدە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغان دورىلىق چايلارنى ، قىش پەسلىدە بەدەننى قىزىتىپ قاننىڭ ئايلىنىز سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق دورىلىق چايلارنى، ئەتىياز پەسلىدە بولسا بەدەننى كۈچەيتىدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق سوغوق بولغان چايلارنى تەڭشەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. قىسقىسى، ھەر بىر كىشى چاي دورىسىنى پەسىلگە ، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى، مىجەزىگە قاراپ تەڭشەپ ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ چاي دورىسىنى ئىستېمال قىلىشى قانۇنىيەتلىك، ئىلمىيلىككە ئىگە بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ۋە ياش قۇرامىغا قاراپ دورىلىق چاي تەڭشەپ بېرلىدۇ.
ئاساسى ئوزۇقلىقى ئوخشاش بولمىسا، ئىستېمال قىلىنىدىغان چايمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسلەن؛ پولو ، كاۋاپ ، لەڭمەن ، قاتارلىق تەسلىكتە ھەزىم بولىدىغان تائاملارنى ئىستېمال قىلغاندا، تائاملار ئوڭاي ھەزىم قىلدۇرىدىغان دورىلىق چاي ئىچىلىدۇ، كۆكتاتلار ئاساس قىلىنغان سۇيۇقئاش تۈرىدىكى تائاملار ئىستېمال قىلىنغاندا،ئىسسىقلىقنى تەڭشەيدىغان دورىلىق چاي ئىچىلىدۇ. دورىلىق چاي تەييارلاشمۇ قەدەم-باسقۇچ بويىچە بولىدۇ. ئادەتتە بىر كىلوگرام قايناق سۇغا 3.5 گرام ئەتراپىدا دورىلىق چاي سالسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
دورىلىق چايلار مېڭە ، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان چايلار، ئورۇقلاشقا، تاماكا تاشلاشقا ياردەم بەرگۈچى دورىلىق چايلار، باش ئاغرىقى ، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، بۆرەك، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، تېرە، بوغۇم كېسەللىكلىرى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ، بالىلار كېسەللىكلىرى، شۇنىڭدەك ئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان چايلار، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم مېۋە ھەمدە مېۋە قېقى دەملەنمىسى قاتارلىق دورىلىق چاي تۈلىرىمۇ بار . پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ساھاسىدىكى تېببىي خادىملار دورىلىق چاي مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلغار تېخنىكا ئارقلىق ئۇيغۇر دورىلىق چاي مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور ھەسسىلەرنى قوشماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنيىتى
[img=left]http://www.meripet.org/medeniyet/medeniyet/DORACHAY1.jpg[/img]

ئۇيغۇرلار چايخۇمار كېلىدۇ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا چايدىن ئايرىلالمايدۇ. چاي ئارقىلىق بىرىنچىدىن، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، ھاردۇقنى چىقىرىپ راھەتلىنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ھەزىمنى ياخشىلاپ، سالامەتلىكنى ئاسراپ، تەن ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ؛ ئۈچۈنچىدىن، ئادىمىگەرچىلىك، مېھرىبانلىق، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىللىق، ئىجادكار ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان چاي ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل_ گىياھ، ھەر _ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەركىبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، جۇغراپىيىلىك ئورۇن، مۇھىت، تەبىئىي شارائىت ۋە كىشىلەرنىڭ ئوخشاشمىغان مىجەزى قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان ئارىلاشما چاي ۋە «چاي دورىلىرى» نى كەشپ قىلىش ئاساسىدا ئېسىل چاي مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ چاي مەدەنىيىتىنىڭ تەدرىجى راۋاجلىنىشى، ئېھتىياجى ۋە تەقەززاسىغا ئاساسەن، يەنە چايغا مۇناسىۋەتلىك باشقا خىلدىكى مەدەنىيەتلەرمۇ بارلىقا كەلدى. مەسىلەن: چاي ئۈچۈن بۇلغانمىغان ھەم دۇغلانمىغان سۈزۈك ۋە پاكىزە سۇ كېرەك. بۇنداق سۇلارنى سىرتتا تەييارلاش ئۈچۈن كۆل، ئائىلىدە تىندۇرۇش ئۈچۈن سوغا، چېلەك، قاپاق، كۇپ، تۇڭ قاتارلىقلارنى؛ كولاش ، ياساش ۋە ئىشلىتىش_ سۇنى قاينىتىش ئۈچۈن قازان، چۆگۈن، چەينەك، ساماۋەر؛ چايلارنى ساقلاش ئۈچۈن يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە چايدان، ئىسسىقلىق ساقلاش تۇڭى؛ چاينى قۇيۇپ ئېچىش ئۈچۈن جام، ئاياق، چىنە، پىيالە، ئىستاكان؛ چاينىڭ خام ئەشيالىرىنى سوقۇپ يۇمشىتىش ئۈچۈن ياغاچتىن، تۆمۈردىن چۆيۈندىن ياسالغان ھاۋانچە، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چاي سۇنۇش ئۈچۈن نەپىس ئىشلەنگەن تەخسە، پەتنۇس قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتەك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ھۈنەر_ سەنئەت مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يەنە چاي ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش، يىغىش مەھسۇلاتلىرىمۇ بىر خىل كەسپ تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان. چاي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە مەخسۇس ئەلا سۈپەتلىك، مۇرەككەپ تەركىبلىك چاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سانائەت ئورۇنلىرى بارلىققا كېلىپ، چاي مەدەنىيىتى زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى ۋە كىشىلەرنىڭ بېيىشى ئۈچۈنمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك ئومۇملاشقان بولۇپ، كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئەتىگىنى چاي _ نان بىلەن ناشتا قىلىدۇ. بۇنداق ناشتا ئادەمنىڭ ئەتىگەنلىك مىجەزىنى تەڭشەپ، شۇ كۈنلۈك سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن پايدىلىق ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. ئائىلىلەردە ئادەتتە چاي كەم بولمايدۇ. سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارىڭ ئالدىغا دەسلەپ قىلىپ ھاردۇق چېيى كەلتۈرىلىدۇ. ئاندىن نان_ توقاچ، تاتلىق_ تۈرۈملەر كەلتۈرىلىدۇ. شۇڭا سىرتتا ئۇچراشقان يېقىن كىشىلىرىنى «ئۆيگە كىرىپ بىر پىيالە چاي ئوتلاپ كەتسىلە ….» دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرى بىلەن تەكلىپ قىلىدۇ. ھەتتا مېھمان چاقىرغاندىمۇ بارغاقچىگە، سىلىق_ سىپايە سۆز _ ئىبارىلەر بىلەن «بىر چىنە چايغا تەكلىب» ، «بىر پىيالە چايغا داخىل بولغايلا » دەپ يازىدىغان، ئېغىزچە چاقىرىشقا توغرا كەلگەندە بولسا مەخسۇس جابدۇلغان جايغا باشلاپ قول چايقىتىپ، ئالدىغا داستىخان سېلىپ، كۆپ تەركىبلىك، خۇشپۇراقلىق دەملەنگەن، قەنت_ ناۋات قاتارلىقلار سېلىنغان چاي بىلەن بىر قاتاردا ئېسىل، قۇۋەتلىك نازۇ نېمەتلەرنى كەلتۈرىدىغان ئادەتمۇ بار. بۇ، مېھماندوستلۇقنىڭ، قائىدە_ يوسۇنلۇقنىڭ، ئەدەپ _ ئەخلاقنىڭ، بىر_ بىرىگە بولغان ھۆرمەت ئېكرامنىڭ ۋە كۆيۈمچانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، كىشىلەر ئوتۇرسىدىكى ئىناقلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئېسىل چاي مەدەنىيىتى ئائىلىدىن چىقىپ سىرتقىمۇ كېڭەيگەن. بەزى بايرام_ خاتىرە كۈنلىرىدىكى دوستلار ئۇچرىشىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلارنى كۆتۈۋېلىش يىغىنلىرى، سۆھبەت يىغىنلىرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، «چاي يىغىنى» ، «چاي سۆھبىتى» دەپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرگە تولىمۇ يېقىملىق تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بازار _ رەستىلەر، كىشىلەر كۆپرەك توپلىشىدىغان جايلاردا مەخسۇس چايخانا_ ساماۋەرخانىلار ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردىكى چايلار تۈرىنىڭ كۆپلىكى، سۈپىتى ۋە تەمىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن خېرىدارلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلىدۇ. كۆپنى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئاقىللار بۇ جايلارغا كېلىپ چاي ئېچىشكەچ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان خەلق ناخشا _ مۇزىكىلىرى، بېيت _ قوشاق، قىسسە _ داستان، رىۋايەت_ چۆچەك، مەسەل _ تېپىشماق، لەتىپە _ چاقچاق، قىزىقارلىق پاراڭ، ھەر _ خىل يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ ئىستېتىك زوق ئالىدۇ ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. بۇنداق سورۇنلارنى بىر ھېساپتا «مەدەنىيەت مەركىزى» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بىر قىسىم قەلەمكەشلەر مۇشۇ سورۇنلاردن ماتېرىيال ئېلىپ، خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نادىر ئەسەرلەرنىمۇ مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. ئۇيغۇرلارنڭ مەدەنىيىتى مۇشۇ خىلدىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇناسىپ شەرەپ كەلتۈرمەكتە. بىز بۇ خىل ياخشى ئەنئەنىلەرنى ئەۋلادمۇ _ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىشىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز لازىم .

مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى تورى

چاي خۇمار ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك – ئىچمەك ئادىتىدە چاي ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قايسىبىر رايونغا بارمايلى، چاي ئالاھىدە ئىچىملىك بولۇپ، ئۇلار ھەر قانداق تاماقنىڭ ئالدى – كەينىدە دەملەنگەن بىرەر پىيالە چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. بولۇپمۇ ياشانغانلار چاينى بىر خىل شىپالىق دورا دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دوست – يارەنلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، چاي ئىچكەچ ئۆزئارا مۇڭدىشىشنى بىر خىل ھوزۇرلىنىش ھېس قىلىدۇ. ئادەتتە كوچا – كويلاردا بىرەر يېقىن تونۇشلىرى يولۇقۇپ قالسا، سالا – سائەتلەشكەندىن كېيىن «ئۆيگە مەرھەممەت، بىر پىيالە چاي ئىچكەچ ئۆتسىلە» دەپ تەكەللۇپ قىلىش ئومۇملاشقان قائىدە – يوسۇنلارنىڭ بىرى.

سىز قەشقەر، خوتەن شەھەرلىرىنى ئايلانسىڭىز، دوقمۇش – دوقمۇشتا مەخسۇس چايخانىلارنى ئۇچرىتىسىز. بۇ چايخانىلارنىڭ كەڭ ۋە ئازادە ئورنىتىلغان ئوچاق بېشىدا ھەمىشە دېگۈدەك يىگىرمە – ئوتتۇرز چەينەك تىزىلغان بولۇپ، چايخانىدىن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. چايخۇمار ئۇيغۇرلار ئۈچ – تۆت بۇرادەرلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن چاي ئىچكەچ ئۆز ئارا پاراڭلىشىدۇ، چاقچاقلىشىدۇ ياكى چايخانا سازەندىلىرىنىڭ يېقىملىق نەغمىسىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر چايخانىلىرىنىڭ كۆپچىلىكىدە دۇتار، راۋاب تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنى بەزىدە شۇ چايخانىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مۇزىكانتلىرى خېرىدارلارغا چېلىپ بېرىدۇ. بەزىدە چاي ئىچىشكە كىرگەن خېرىدارلار (چايخۇمار) ئارىسىدىكى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى چالىدۇ.

مەيلى چايخانىنىڭ چېيى بولسۇن ياكى ئۆيدە دەملەپ ئىچىدىغان چاي بولسۇن، ئۇ ئادەتتىكى چاي بولماستىن، بەلكى ئۇ مىجەز تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان دورا چېيىدىن ئىبارەت. بۇ خىل «دورا چېيى» غا ئىشلىتىدىغان چاي ئاساسەن قارا چاي بولۇپ، بۇنىڭغا بەزى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئۇندەك سوقۇپ، قارا چاينى قايناق سۇدا دەملەپ، بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن ئۈستىگە سوقۇلغان ئۆسۈملۈك دورىسىنى سېلىپ چەينەك ئوتنىڭ تەپتىدە ۋىللىدە بىر ئۆرلىگەندىن كېيىن، پىيالىگە ئاز – ئازدىن قۇيۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ خىل دورا چاينىڭ كۆپىنچىسى بەدەننىڭ ئىسسىقلىق كالورىيىسى (مىقدارى)نى ئاشۇرىدىغان، ئىشتىھانى ئاچىدىغان، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، نېرۋىنى سازلاشتۇرىدىغان دورىلاردىن ئىبارەت. مەسىلەن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، قۇۋزاقدارچىن، لاچىندانە، قەلەمپۇر، پىلپىل، زىرە، چىلان، ئالىقات، چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى، زەپەر، پىللە… قاتارلىقلار، بۇ دورىلار پەسىلنىڭ ئىسسىق – سوغۇق، ھۆل – قۇرۇق بولۇشىغا قاراپ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ. بەزىلىرىنى ئايرىم (يەككە)، بەزىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، يېشىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، يېگەن تامىقىنىڭ ئوخشاشماسلىقى، مىزاج پەرقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، ئىشلىتىلىدىغان چاي دورىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كاۋاپ، پولۇ، پېتىر مانتا تۈرىدىكى ئىسسىقلىق تاماقلار يېيىلسە، ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان تەبىئىتى سوغۇققا مايىل دورىلار ئارىلاشتۇرۇلغان چاي ئىچىلىدۇ. ئەگەر تەبىئىتى سوغۇققا مايىل سۇيۇقئاش قاتارلىق تاماقلار يېيىلسە، ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. مۇشۇ خىل ئەنئەنىۋى چاي ئىچىش ئادىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆز – ئۆزىنى داۋالايدۇ. پەسىل ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلىشىپ مىجەزنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بىرەر كۈن تاماق يېمىسە رازىكى، ئەمما ئالاھىدە دەملەنگەن مۇشۇ خىل چايدىن بىرەر پىيالە ئىچمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى (12-توم)


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...