<<80خالتا>> جنسىيەت مەسىلىلىرىدە چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتامدۇ-قانداق؟

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      nigara

      مەنمۇ بۇ توربەتنى بە ك لا يا قتۇ رىمە ن مىنىڭچە بىزمۇ ئۆ زىمىز گە لازىملىقىنى كۆرۇپ با شقىلىرىغا ئسىلىۋا لمىساقلا بو لمىدىمۇ ئەگە ر كۆرۇشنى خا لىما يدىغا نلا ر بو لسا كۆ رمىسىلا بو لمىدىمۇ

    • #2
      GADAY

      مىنىڭچە ھەرگىز چەكتىن ئشىپ كەتمىدى .ساغلاملىق ھەمىمزگە مۇھىم . ئەمەلىيەتتە جىنسى كىسەلمۇ سەل قاراشقا بولمايدغان كىسەللىك . كىسەل توغرلۇق سورىغاننىڭ ۋە جاۋاپ بەرگەنىنىڭ ھىچقانداق خاتا يىرى يوق.

    • #3
      elijan

      مەن يۇقىرقى پىكىرنىڭ 86 ـ قەۋەتتىكى تورداشنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن . شۇنداق بولسا ناھايتى ياخشى بۇلىدۇ .ياكى ھەق ئېلىپ سوئالغا جاۋاپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ . بۇنداق قىلىشنى خالىمىسا ھەركۈنى سوئال سۇرىلىدىغان ئابۇنىتلارنىڭ سانىنى كونتىرول قىلىپ پەقەت ئۆزىلا كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇيۇڭ .جىنسىيەتكە دائىر بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىلارغا پايدىلىق بۇلىشى ناتايىن ، مەسىلەن ۋاقتى ،چوڭ كىچىكلىكى ،،،، دىگەندەك بۇلار قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان قائىدىمىز بۇيىنچە يۇشۇرۇن بولسا ياخشى .

    • #4
      ئايقىز

      ھورمەتلىك تورداشلار ، مەن يوقۇرىدا قالدۇرۇلغان ئىنكاسلارنى كۆرۇپ مېنىڭمۇ ئىنكاس قالدۇرغۇم كەلدى. بۇ تور بەتنى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى دىگىلى بولمايدۇ. دوختۇر ئېلىجانمۇ بەلكىم ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندۇ. لىكىن ئۇياق بىر ئىشقا دىققەت قىلماپتۇ. باشقا مىللەتلەرنىڭ جىنسىيەت توغرىسىدا تور بېتى بولۇپلا قالماي ھەركۇنى كەچتە بېيىجىڭ ۋاقتى 11:30دىن 12گىچە بىرىلىدىغان راىئو خەۋرىگە نەزەر قۇلاق سېلىڭ (خەنزۇچە).ئۇلار رادىئو ئارقىلىق دوختۇرلاردىن مەخسۇس مۇشۇ تىمىدا مەسلىھەت سورايدۇ. سۇرالغان سۇئاللارنى ئاڭلىسىڭىز ئىچىڭىز ئېلىشىدۇ. دوختۇرلار يەنە شۇنداق سۇئاللار بولسىمۇ ناھايىىتى ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ. بىراق بىزنىڭ ئويغۇرچە رادىئو قاناللىرىمىزدا بەزى كۆز كىسەللىكلىرى ، دىئابىت دىگەندەك كىسەللىكلەرگە مەسلىھەت بىرىش دوختۇرلىرى بار. مەسىلەن بىزنىڭ جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارغا مەن جاۋاپ بېرىمەن دەپ دوختۇرلارنى چىقتىمۇ دەيلى لىكىن ئۇچۇقتىن ئۇچۇق رادىئو ئاڭلىتىشىدا باشقىلارغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دوختۇردىن مەسلىھەت سورىيالامدۇ. ھازىر بىرزات ئەپەندىم دەل مۇشۇ بوشلۇقنى تولۇقلىدى. خەنزۇچە قابىلىيىتى ياخشى ئويغۇر ياشلىرىمىز ئۇلارنىڭ قىزىق لىنىيىلىك تېلغۇنلىرىغا تېلغۇن قىلىپ سورىيالىغان بىلەن بىزنىڭ يەنە كوپىنچە ئويغۇرلىرىمىز ئۇ شەرتنى ھازىرلىغان ئەمەس . شۇڭلاشقا مۇشۇنچىلىك بىر توربەتنىڭ ئېچىلىغىنىمۇ بىر ياخشى ئىش.

    • #5
      ARKAM

      مەن بىرزات ئەپەندىنى قوللايمەن ئۇنىڭ بىزنىڭ سالامەتلىكمىز ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز كۈچ چىقراتقىنغا ئاپىرىن
      ئوقۇيمەن ۋە ئۇنىڭ تىخمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملرنى ئۈگۈتشنى ئۈمىد قىلمەن!

    • #6
      hasanjan

      بەزى ئادەملەرگە نىمە بۇلغاندۇ بىرزات دوختۇرنىڭ قىلغىننىڭ نەرى خاتا بىز خەق ئۇرا كولاپلا ئوتەمدۇق ھەممە ئىش ئەلى دوختۇر ئىيىتقاندەك بۇلسا دۇنيادىكى جىنسى كىسەل بۇلغانلارنىڭ ھەممىسى دوختۇر بىلەن كۇرشۇپ بۇلالامدۇ ؟
      بىرزات دۇختۇر مەن سىزگە تورداشلار نامىدىن چىن كوڭلىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

    • #7
      kuyax55

      بولدى بەس، ئەمدى يىتەر، مېنىڭچە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ جىنسىيەت جەھەتتىكى بىلىمى چولتا، ياكى بولمىسا تۇنۇشى خاتا، بەلكىم بەزى مەزمۇنلار ئۇلارنىڭ يېغىرىنى ئېچىپ قويغاندۇ. چۈنكى تازنى تاز دىسە ئۆلگىسى كېلىدۇ ئەمەسما! سىز تېلۋىزور ۋە خەنزۇچە تور بەتلەردە «ئەمرىكا ئەرلىرىدىن قېلىشمايسىز»، «مانچە سانتىر ئوزارتىدۇ، مانچە سانتىر توملاشتۇرىدۇ» دىگەندەك تېتىقسىز ئېلانلارنى كۆرگەن بولغىيدىڭىز، ئۇندىن باشقا خەنزۇچە تور بەتلەرگە كىرىپ ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ بېقىڭ 80خالتىدىكى مەزمۇنلاردىن مانچە ھەسسە ئوچۇق مەزمۇنلار ساماندەك. ئۇلارنى بىزنىڭ ئەشۇ مەسۇمەلىرىمىز كۆرمىگەنمىدۇ؟ ئۇلارنى نېمە دەيمىز؟ ئۆچكىنىڭ كۈندە ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئۇچۇق قالسا ھۇيت… ھۇيت ما؟
      مېنىڭ قارىشىم: مىللىتىمىز توغرا يۆنىلىشلىك جىنسىي بىلىمگە، تەشۋىقاتقا مۇھتاج. شۇنداق بولغاندىلا بىز، بىزنىڭ ياشلىرىمىز بۇ «سىرلىق ئارال»نىڭ سىرىنى بىلىۋالالايدۇ. بولمىسا چەكسىز قىزىقىش ئىچىدە بۇ ئارالغا نادانلاردە قەدەم باسىدۇ. شۇڭلاشقا بەزىلەرنىڭ سوئاللىرى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق تور بەتنىڭ سۈپىتىگە، مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. مېنىڭچە، سوئالنى ۋە جاۋبىنى سورىغۇچىلا كۆرەلەيدىغان قىلىش تامامەن مۈمكىن، بىراق بۇنىڭ ھىچقانچە زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى باشقىلار سورىغاندىن بىزمۇ نەپ ئالىمىز-، ئەمەسمۇ؟
      بىراق، مەيلى سوئال، مەيلى جاۋاب بولسۇن ھەممىسى باشقۇرغۇچىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئاندىن بەت يۈزىگە چىقىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن. مۇشۇنداق يوسۇندا يىگىتى بىللە بولۇشنى تەلەپ قىلسا قانداق قىلىىشنى بىلمەيۋاتقانلارنىڭ تېتىقسىز سوئالى تور يۈزىگە يوللانمايدۇ، ئۇنداقلارغا مەنلا جاۋاب بېرىۋىتەي. ئاپىڭىزدىن سوراڭ، ئاپىڭىز قوشۇلسا بىللە بولۇۋېرىڭ.

    • #8
      xukur

      ھەي بۇ قانداق گەپ بۇلۇپ كەتتى ئەمدى …..بىلمىگەننى سۇراشمۇ نۇ مۇسمۇ ؟كۇنىلارنىڭ بىلمگەن ئەىيپ ئەمەس سۇ رىمىغان ئەيىپ دەيدىغان گىپى بارغۇ؛؛؛يۇزى قىلىن ئۇياتچانلار كۇرمىسىلا بۇلدىغۇ؟؟؟ئئ؟؟ئ؟ئ؟ئئ

    • #9
      torjan

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
      مەنچە جىنسى كېسەلگە ئائىت بېرىلگەن مەلۇماتلار ۋە ئۇلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەتلىرى،ھەمدە داۋالاش مەسلىھەتلىرى بۇيۇنچە ناھايىتى ياخشى توربەت دېيىشكە بۇلىدۇ.
      ئەمما بەزى ھاياسىز تورداشلارنىڭ ئەرخۇتۇنلۇق ۋەيا جىنسى ئەزا توغرىسا سورىغان سۇئاللىرىنىڭ بىۋاستە ئىنكاس پېتى باشقىلارغا ئۇچۇق بوپ قېلىشى ئادەمنى ھېيىقتۇردىغان بىر ئىش.
      مەنچە بۇنىڭ چارىسى ئۇخىل سۇئاللار ئىنكاس ھالىتىدە سۇرالغاندا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندە چىقارساق بوممىسا كېسەل كىشىنىڭ ئۈزىگە بىۋاستە جاۋاپ بېرىلسە تېخىمۇ بەلەن بۇلاتتى.گەپ بىرزات ئەپەندىمدە ئەمەس ،ئىنكاس باشقۇرۇشتا دەپ ئويلايمەن.چۈنكى بۇلارنى ئۆسمۈرلەر ئۇقۇپ قالسا زەھەرلىنىش ئېنىق.
      مەنمۇ بۈگۈن بەك كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋالدىم ئاللاھ مۇھەممەت تۇرسۇن ھېكىمدىن رازى بولغاي.

    • #10
      student

      مەن 80خالتا تور بېكىتىنى بۈگۈن بىلگىنىمدىن ناھايىتى ئۆكۈنىمەن .چۈنكى مەن تاھازىرغىچە < ئاجىز> دىگەن سۆزنىڭ ئالدىدا بىچارىلەرچە بويۇن قىسىپ يۈرۈپمۇ ،ئىچىمدىن تېشىمغا چىقىرالمىغاندىم..
      ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىزدىنىمەن .بۇ جۈر ئەتنى 80خالتا ماڭا ئاتا قىلدى.
      تېخىمۇ گۈللەپ ياشا 80خالتا!!! ئاللا ساڭا يار يۆلەك بولسۇن!!!
      مىللىتىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەر،سىلەرگە رەھمەت!!!

    • #11
      majnun

      مېنىڭچە بۇ تور بېكەتىڭ قۇرۇلغىنى ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ.بۇ تور بېكەتتە ھەقىقەتەن جىنسىيەت توغىرىسىدىكى مەزمۇنلار كۆپكەن،بىراق بۇنى ھەرگىز يامان ئىش دېيىشكە بولمايدۇ.ئەكسىچە بۇ بىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ كىشلەرگە دېيشكە خىجىل بولىدىغان ئازاپلىرىمىزنى تۆكىدىغان دەردىمىزگە دەرمان بولىدىغان ياخشى شىپاخانا ھەم بىلىم ئالماشتۇرىدىغان سورۇن بوپتۇ.ياش ئۆسمۈرلىرىمىزگە كەلسەك ئۇلارغا نىسبەتەن قارىماققا شەرمى ھاياغا خىلاپتەك كۆرۈنسىمۇ بىراق ئۇلارغا نىسبەتەن پايدىسى بار.بىز شەرمى ھايا پەردىشەپ تۈپەيلى ياش ئۆسمۈرلىمىزگە جىنسىيەت توغرىلىق تەربىيە قىلالمايمىز.شۇڭا ئۇلاردا جىنسىيەتكە نىسبەتەن تەربىيە ئاڭ سەۋىيە يەنىلا تۆۋەن،شۇڭا ئۇلاردا ئۆزدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئالامەتلەرنى بايقاش،ئۇنى توغرا چۈشىنىش ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىش،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى قوغداش ئېڭى تېخى يېتىلمىگەن بولىدۇ.شۇڭا جىنسىيەت توغراسىدا ياش ئۆسمۈرلەرگە مۇۋاپىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش مۇھىم.بۇ ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق،ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىيەت تەربىيىسى باشقا مىللەتلەر ئارسىدا ئاللىقاچان بىر پەنگە ئايلىنىپ بولدى.بىزدىكى مۇشۇ شەرمى ھايا ۋە پەردىشەپ سەۋەبىدىن ياش ئۆسمۈرلەرگە تەربىيە قىلالمايمىز.ئەكسىچە مۇشۇ80 خالتا بىلوگىدەك بىزگە بىلىم بېرىدىغان سورۇننى تىللايمىز.مېنىڭچە بىز تىللاش ئەمەس ئەكسىچە قوللىساق بولىدۇ.نېمىشقا دېگەندە بىزدىكى جىنسىيەت تەربىيىسى ۋە تونۇش يېتەرلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلى مىللتىمىز ئارىسىدا بەزىبىر جىنسىي كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ قالغىلى تۇردى.ياش ئۆسمۈرلىمىز ھاۋايى ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ مەينەت جايلاردا ئۆزىگە نىجىس كېسەللەرنى يۇقتۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىران ياشلىق دەۋرىنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ.شۇڭا بىز مۇشۇنداق ياخشى سورۇندىن ياخشى پايدىلىنىپ ۋە قوللاپ ياش ئۆسمۈرلەرگە توغرا تەربىيە ئېلىپ بېرىشىمىز،ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلىشىمىز لازىم.ئاخرىدا تورداشلارغا دەيدىغىنىم ئەخلاقى بۇزۇلغان مىللەت زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ!قولىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن بىرزات ئەپەندىم،ھارمىغايسىز!ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!

    • #12
      muz

      دوختۇر ىلىجان ۆزى كىسەل بومىغاچ شۇندا ويلاپ قاپتۇ،بىر زات ەپەندى ،غەيرەت قىلىڭ!!!!

    • #13
      irfan

      مەنمۇ بۇتوربەتنى بەك ياقتۇرىمەن، مەنلا ئەمەس كۆپلىگەن تورداشلار ياقتۇرىدۇ، ياقتۇرمايدىغانلار كىرمەڭلار سىلەرنى ھېچكىم زورلىمايدىغۇ؟

    • #14
      erfan

      مەنمۇ تاھازىرغىچە < ئاجىز> دىگەن سۆزنىڭ ئالدىدا بىچارىلەرچە بويۇن قىسىپ يۈرۈپمۇ ،ئىچىمدىن تېشىمغا چىقىرالمىغاندىم..
      ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىزدىنىمەن .بۇ جۈر ئەتنى 80خالتا ماڭا ئاتا قىلدى.
      تېخىمۇ گۈللەپ ياشا 80خالتا!!! ئاللا ساڭا يار يۆلەك بولسۇن!!!
      مىللىتىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەر،سىلەرگە رەھمەت!!!

    • #15
      kerimi

      ئالەمدىكى ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى -ئول ئىشنىڭ ئەڭ نۇرمال بولمىغىدۇر .

    • #16
      تاھىر

      مىنىڭچە 80خالتا بىلوگى ناھايىتى ياخشى باشقۇرۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ،قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئەزالار سورىغان سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئۆزىلا كۆرەلەيدىغان باشقىلار كۆرەلمەيدىغان قىلىش توغرىسىدىكى پىكرىمۇ ئورۇنسىز،چۇنكى بۇنىڭدا سۇئاللارنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ،80خالتاغا كىرگەنلەر مىنىڭچە ئاۋال ئۆزى سورايدىغان سۇئاللارنىڭ جاۋابى بارمۇ يوق؟ئىزدەپ بېقىپ تېپىلمىسا ئاندىن سورىشى مۇمكىن،80خالتادا جىنسىيەت توغرىسىكى سۇئاللارنىڭ كۆپ بۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى ئاشۇ قارشى تۇرغۇچىلار بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس،باشقا كېسەللەر توغرىسىدا كىملا بولسا بىلىدىغانلاردىن تارتىنماي مەسلىھەت سورىغىلى بولۇدۇ،كىممۇ جىنسىيەت توغرىسىدا ئۇچرىغانلا ئادەمدىن مەسلىھەت سورىيالىسۇن، كېسەل بولۇپ قالغانلارمۇ دوختۇرغا بېرىشتىن نومۇس قىلىپ داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۇزىۋىتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس،ھەتتا مەنمۇ ئايالىم توغرىسىدا مەسلىھەت سوراي دەپ ھازىرغىچە سورىمىدىم،بىزدە جىنسىيەت بىر نازۇك تىما،ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدا پەردىشەپ سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارغا توغرا جىنسىيەت تەربىيەسى بىرەلمەيدىغان بولغاچقا بالىلاردا جىنسى تەربىيە كەمچىل،مىنىڭچە بۇ بەزى ياشلارنىڭ ئاسان يولدىن چىقىپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى،بالىلارغا توغرا بولغان ئىتىقات تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىن باشقا توغرا بولغان جىنسى تەربىيە ئېلىپ بېرىشمۇ بەك مۇھىم،80خالتا بۇ جەھەتلەردە بەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ،ياش-ئۆسمۇرلەرنىڭ 80خالتىدىكى جىنسى بىلىملەرنى كۆرىشىنى خاتا دىگىلى بولمايدۇ ،چۇنكى ئۇلار بۇيەردىن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئاتا-ئانىلارمۇ بىرەلمىگەن ساۋاتلارنى بىلىۋالسا بۇنىڭ نەرى يامان؟ئۇلار بۇلار ئارقىلىق كىيىن دۇچ كىلىدىغان جىنسىيەت مەسىلىلىرىگە يۇلققاندا توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىۋالسا ياخشى ئەمەسمۇ،مىنىڭچە بۇئارقىلىق ئۇلاربۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ بەلكى ئۆزىنى قوغداشنى بىلىۋالىدۇ،چۇنكى يامان ئىشلار كۆپىنچە بىلمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ،ئۇلار سېرىق مەزمۇنلارنى كۆرەي دىسە ئىنتېرنېتتا بۇنداق تورلار ئاز ئەمەس،ھەقىقەتەنمۇ بەزى جىنسىيەت توغرىسىدىكى سۇئاللاردا گەپ-سۆزلەر بەكلا يالىڭاچ ئوتتۇرغا قۇيۇلغان،بۇنداق سۇئاللارغا قارىتا يۇقۇردىكى تورداشلار دىگەندەك سۇئال سورىغۇچىلارنىڭ يېپىپراق ئىپادىلىشىنى ئۇمىت قىلىمەن ، ئەگەر بىر زات ئەپەندىم جاۋاپ بىرىش ئەھمىيىتى يوق دەپ قارىسا ئۆچۇرۋېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،
      مەن بۇئارقىلىق قارشى تۇرغۇچىلارنى ئەيىپلىمەيمەن،چۇنكى ھەركىمنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ،ھەرقانداق ياخشى ئىشنىڭمۇ ھەممە ئادەمنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشى مومكىن ئەمەس،80خالتا دىكى جىنسىيەت توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ساغلام ئەمەس دىگۇچىلەر ئەگەر مۇشۇ توغرىسىدا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلسا نەتىجىسىنى كۆرۇپ نىمە دەيدىكىن؟

    • #17
      boys

      مەنمۇ بۇ تور بەتنى چىن قەلبىمدىن قوللايمەن، "بىرزات" ئەپەندىگە سالامەتلك، ئشلىرىغا ئۇتۇق تېلەيمەن!

    • #18
      akdil

      ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز؟ سىزنىڭ سەكسەن خالتا بىلۇگىنى قۇرغۇنىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ،تىلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيغان بۇلسىڭىز

    • #19
      Uy53

      سىزگە ۋە تور بېكىتىڭىزگە ئەخمەخلەرچە باھا بەرگەن كىشىلەر بىزنىڭ تور بېتېڭىزگە بولگان كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ئاخىرىدا سىزگە سەمىمې تەكلىپ راس ئۈنۈمى ياخشى بولگان رېتسىپلەر بىلەن تەمىنلەپ تور دۇنياسىدا ئۇيفۇر تىبابىتىمىز ئۈچۈن تۆھپە كوشۇشىگىزنى ئۈمۈد كىلىمىز!!!!!

    • #20
      ozbek

      بۇ توربەتنىڭ قۇرۇلغىنى بەك ياخشى ئىش بولدې ،مەنمۇ بەك ياقتۇرمەن،لىكىن بىر تەكلىپىم تېما تەستىقلىغاندا،سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە يۇقىردا دېيلگەندەك دىنى ئىتىقاد،ۋە مىللەتمىزنىڭ ئەخلاق قارشىنى ئويلاشقان ئاساستا،بەزەن بىرناچار تەسېر بىرىپ قۇيۇش ئىھتېماللىقىنىمۇ چەتكە قاقماي ،ئاشۇنداق تېما ،سۇئاللارغا مەخسۇس كوزنەك قىلىپ ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن ،تززىملاپ كىرەمدۇ ياكى باشقا ئۇسۇل بولامدۇ ،ئىش قىلىپ بۇ توربەتكە كىرگەنلام ئادەمنىڭ كوزىگە چېلىقىپ تۇرمايدېغان،شۇ سورغۇچىلار شۇ مەزمۇندا ئىزدەنگۈچىلەر ئەجىر قىىلىپراق كىرىپ كوردېغان قىلىپ قويسا

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...