Rh (+) A تىپلىق قان ، ئاق قان كېسىلى، ئۇيغۇر، ياشقىنا يىگىت ، كىملەرنىڭدۇر يۈرەك پارىسى ، كىملەرنىڭدۇر جان قېرىندىشى ، ئاچچىق ھايات، رەھىمسىز تەقدىر ، ئۇرۇلۇۋاتقان ئاھۇ – پىغانلار، تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار، ھاياتقا تويماي پىلدىلاۋاتقان كۆزلەر ، پۇل ئەمەس قان لازىم، ئىمكانسىزلىق دەستدىن تولغىنىۋاتقان جانلار، كىرپىك قاقماي ئېقىۋاتقان تاڭلار ، قۇدرىتى چەكسىز ئۇلۇغ ئاللاھ … مانا بۇلار شۇ تاپتا كاللامنى توختاۋسىز قوچۇۋاتقان ، باغرىمنى مۇجۇپ، دىلىمنى ئىزىۋاتقان سۆزلەر !
ئۆز گېپىمنى قويۇپ ، يېقىن توردىشىمىز ‹‹ ئۇيغۇرلار بلوگى ›› قۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز ئىنىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا تاشلاي:

بۇ يازمىنى يازغاچ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلىۋاتىدۇ ،

" /> پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! ) - 80 خالتا بلوگى

پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )


Rh (+) A تىپلىق قان ، ئاق قان كېسىلى، ئۇيغۇر، ياشقىنا يىگىت ، كىملەرنىڭدۇر يۈرەك پارىسى ، كىملەرنىڭدۇر جان قېرىندىشى ، ئاچچىق ھايات، رەھىمسىز تەقدىر ، ئۇرۇلۇۋاتقان ئاھۇ – پىغانلار، تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار، ھاياتقا تويماي پىلدىلاۋاتقان كۆزلەر ، پۇل ئەمەس قان لازىم، ئىمكانسىزلىق دەستدىن تولغىنىۋاتقان جانلار، كىرپىك قاقماي ئېقىۋاتقان تاڭلار ، قۇدرىتى چەكسىز ئۇلۇغ ئاللاھ … مانا بۇلار شۇ تاپتا كاللامنى توختاۋسىز قوچۇۋاتقان ، باغرىمنى مۇجۇپ، دىلىمنى ئىزىۋاتقان سۆزلەر !
ئۆز گېپىمنى قويۇپ ، يېقىن توردىشىمىز ‹‹ ئۇيغۇرلار بلوگى ›› قۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز ئىنىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا تاشلاي:

بۇ يازمىنى يازغاچ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلىۋاتىدۇ ، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئۆز ئىنىمنىڭ تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشۈپ ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەك ‹‹ جىددىي خاراكتېرلىق ئاق قان كېسىلى ›› دەپ، دىئاگنوز قۇيۇلۇشى ۋە ئارقا – ئارقىدىن ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى مەن قوبۇل قىلالمايۋاتىمەن ، شۇ تاپتا ئىنىمنىڭ ھاياتىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن ، 21ياش دېگەن نېمە ئۇقۇم؟! ئويلاپ بېقىڭ سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟! تولىمۇ ياش ۋاقتى ئەمەسمۇ ؟! …
مەن شىنجاڭ تېببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيمەن ، ئاق قان كېسىلىنىڭ خاراكتېرى ، ئاقىۋىتىنى بىر قەدەر ياخشى چۈشىنىمەن ، ئاق قان كېسىلى قان غول ھۈجەيرىسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ توختىماستىن بۆلۈنۇپ نورمال قان ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قاندىكى راك ، داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ كېتىشى ، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى ، ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بالدۇرلا يورۇق دۇنيادىن خوشلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى . بۇلارنىمۇ ئۆيدىكىلەرگە ئېنىق دېمەي ‹‹ ئىنىم تېخى ياش، ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ ›› دەپ، تەسەللىي بېرىۋاتىمەن ، چۈنكى ئاپام بۇ دىئاگنوزنى كۇرۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى، ھازىر ئاكام ، دادام ۋە مەن ئىنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىمىز ، دادام بۇيىل 64 ياشلار ئەتراپىدا ، ھازىر ئىنىمنىڭ دەردىدە يېندىن ئايرىلماي قاراۋاتىدۇ ، بىر ئاز ئارام ئېلۋالسىلا دىسەكمۇ ئۇنمايۋاتىدۇ ، دادامنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ،ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ، دىيابىت قاتارلىق كىسەللىرى بار ، كۈندە يەيدىغان دورىسى ، ئۇرىدىغان ئىنسۇلىنى بار ئىدى ، ھازىر ئۆزى بىلەنمۇ كارى يوق ، دورىسىنى ، ئىنسۇلىنىنى تاشلاپلا قويدى، نەسىھەت قىلساقمۇ ئاڭلىمايدۇ ، تۇرۇپ ئىنمنىغا قاراپ ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار ئېقىپ كىتىدۇ ، ‹‹ ئىنىڭ ساقىيىپ كىتەر ھە؟! … ›› دەپ نەچچە رەت سوراپ كىتىدۇ … ئاھ خۇدا، مۇشۇنداق كېىتىۋەرسە دادام ،ئىنىم ،ئاخرسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن… ئۇلۇغ اللە دىن ئىنىمنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ، دادامغا بەرداشلىق بېرىشنى تىلەيمەن . ھېچ كىم ساڭا كەلدى ، ماڭا كەلدى دىيەلمەيدىكەن ، ئۆزىگە كەلگەندە كۆرمەي ئىلاج يوقكەن ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىگە كەلگەن قازايى – قەدەرلەرنى قۇبۇل قىلماق بەك تەسكەن ، اللە ھەر قايسىمىزنى بالا- قازا ، كېلىشمەسلىكلەردىن ساقلىسۇن ! ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان بارلىق كىشلىرىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن!!! …
ھازىر ئىنىم شىنجاڭ تېببى ئونىۋېرسىتېتى قان كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ 1- رايۇنىدا تۇرۋاتىدۇ ، كارۋاتنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن ، كېسەلخانىغا بىر قاتلىما كارۋاتنى سېلىپ ۋاقتىنچە داۋالىنىۋاتىدۇ ، ھازىر قان تەكشۈرۈشتە ،ئاساسلىقى ئاق قان دانچىسى بەك يۇقىرى ، قىزىل قان تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەكلا تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) نىڭ قان توختىتىش رولى بار ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) تۆۋەن بولغانلىقتىن تۇيۇقىسىز چىقىپ كىتىپ ، ئىچكى ئەزالار قاناش ، مىڭىگە قان چۇشۇش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى، قان چىقسا قاننى توختاتقىلى بولمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى خېمىيلىك داۋالاشتا ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەك تۆۋەن بولسا داۋالاشنى كۆتۈرەلمەيدىكەن، قان پىلازمىسىنىڭ بەدەن سىرتىدا ھايات قېلىشى بەك قىسقا بولغاچقا قان پىلازمىسى ئادەتتە قان ئىسكىلاتىدا بولمايدىكەن ، پەقەت قان تىپى ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قېنىدىن 血小板 نى ئايرىپ ئېلىپ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە سالىدىكەن ، ئاندىنلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئىنىمنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر كىشىدىن 200ml بىرلىك بويىچە ، 30 ئەتراپىدىكى كىشىدىن قان ئېلىپ، قېنىدىن چىققان قان پلاستىنكىسىنى تولۇقلىغاندىلا ئاندىن داۋالىغىلى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئوخشاش قان تىپلىق بۇنچىلا ئادەمنى تېپىش ئۇنچىلا ئاسان ئەمەسكەن ، دوستلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق ، نەچچىسى ياردەم قىلدىغانلىقىنى ، قاچان دېسە شۇ ۋاقىتتا كېلىدىغان بولدى ، لىكىن يەنىلا كەمچىل بۇلۋاتىدۇ ، ئالدىمىزدا قاتمۇ – قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلدىغىنىمىز كۆزىمىزگە كۆرۈنىپلا تۇرىۋاتىدۇ. كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىدىن ئايرىماپتۇ ، دېگەن گەپ بار. دوستلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىنىمنىڭ ئىسمى: ئابدىراخمان ئىمىن
قان تىپى : Rh (+) A
يۇرتىمىز كۇچا ناھىيسىدىن .
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمىرى: 18909972693 (ئاكامنىڭ)
18909972757 (مىنىڭ )

دوسلارنىڭ ئەتراپتىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ قويىشىنى ، قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنى بېرىشىنى ،ئىنىمغا غەيرەت – شىجائەت ، كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يۈكسەلنىڭ سۆزى

مانا بۇ بىر ئاكىنىڭ ئېنىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ، مەن ئەسلى بۇ ئىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان ئىدىم ۋە شۇ ھامان ئۇيغۇرلار بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئۇقۇشقان ۋە ياردەمگە ھەرقاچان تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇمۇ زۆرۈر تېپىلغاندا مەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشقان ئىدۇق. كۈتمىگەندە ، بۈگۈن ئىنىسى ئابدۇراخمانجان ئۆزى تېلېفون قىلىپتۇ : ‹‹ ئاكام ماڭا ماس كەلگۈدەك قان تاپالماي بەك تىپىرلاپ قالدى … مۇمكىن بولسا بىزگە ياردەم قىلىسىڭىز، تورداشلارغا مۇراجات قىلىپ باقسىڭىز، قان تىپى ماڭا ماس كېلىدىغان ، ماڭا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان تورداشلار چىقىپ قالسا ياخشى بولاتتى ، سىزگە تېلېفون قىلغىنىمنى ئاكام بىلمەيدۇ ، بىزگە چوقۇم ياردەم قىلسىڭىز … ›› بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان كۈچلۈك تەلپۈنىشى، كېسەللىكتىن قۇتۇلۇشقا بولغان كۈچلۈك تەشنالىقى ، ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان چەكسىز مېھرى – مۇھەببىتى مانا مەنلا دەپ تۇراتتى. ئۆزەمنىڭ بىخۇتلۇق قىلغانلىقىم ۋاقتىدا مۇراجاتناما چىقارمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندىم. ئاللاھىم ، ھلىھەم كېچىكمەسمىز . قېنى كۆپچىلىك ياردەم قۇلۇڭلارنى بۇ قېرىندىشىمىزغا سۇنغايسىلەر ، بۇ قېتىم پۇل ئەمەس قان لازىم. قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى ، ئاللاھ ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن ! ئابدۇراخمانجاننىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن، ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرداشلىق ، ئىشلىرىغا ئاسانلىق بەرسۇن !
ئاخىرىدا ،  مەزكۇر ئۇچۇرنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى چامىنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ، باشقا تور بېكەت – مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى




[Birzat بۇنى 2011-01-28 12:15 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قان

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 31 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsanam119[2012-12-12 01:45 PM | del]
مىنڭ قان تىپىم ئا تىپلىق مىنوس  ،ئەگەر ھەر قانداق ئا تىپلىق ئادەم ياردەم قىلالايدىغان ئىش بولسا مەنمۇ قان بىرىشنى خالايمەن،  بۇ يېل 35ياش13899238148
回复قايتۇرماdawa[2012-07-30 04:05 PM | del]
مەن مۇ قان تەقدىم قىلىشنى خالايمەن .لىكىن قان تىپم ئو تىپ
回复قايتۇرماdawa[2012-07-30 04:04 PM | del]
مىنىڭ قان تىپىم  ئو تىپ ماس كەلسە چۇقۇم ياردەم قىلىمەن
回复قايتۇرماtogqi[2011-07-14 03:38 AM | del]
مەن قان بىرىشن15586201090
回复قايتۇرماebrayimjan[2011-07-09 07:48 AM | del]
االاھ دىن شۇ بىچارېنڭ سالامەتلېكىنى تىلەيلى!!!!!!!!!!!!!!!
اللاھ بارلىق بەندىسىگە ساقلىىق ئاتا قىلسۇن !!!!!!!!!ئامېن
回复قايتۇرماaygvl[2011-06-01 10:05 PM | del]
مەن راستىنلا قان بىرىشنى خالايمەن....مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ...8809262مەن ئو قان تىپلىق...مەن بھك كىچىكىپ كۇرۇپتىمەن...ىھزىر قھندھق بۇلۇپ كەتكەندۇ؟ھازىر 6-ئاي بۇلۇپ كەتكەن تۇرسا.....
回复قايتۇرماaygvl[2011-06-01 10:02 PM | del]
مەن راستىنلا قان بىرىشنى خالايمەن....مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ...8809262مەن ئو قان تىپلىق...
回复قايتۇرماaygvl[2011-06-01 09:58 PM | del]
مىنىڭ قان تىپىم و تىپلىق قان.... مومكىن بولسا قان بىرەتتىم...قانداق بولار...ماس كىلەرمۇ؟
回复قايتۇرماbagwan2011[2011-05-14 06:56 PM | del]
مېنىڭ قان تىپىم ناس كەلمەيدىكەن ، بىراق باشقىلارمۇ قاراپ تۇرماسلىقىغا ئىشىنىمەن ....
回复قايتۇرماnapkar[2011-03-12 11:38 PM | del]
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنىڭىزغا ۋە ئىنىلىرىمىزگە شىپالىق بەرگەي، ئېھ ئاكىجان، ماددىىي جەھىەتتىن ياردەم قىلىشنى نىيەت قىلغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ 0 قان تىپىدىن ئىكەنلىكى يادىمغا يېتىپ غەمگە پاتتىم، تولىمۇ ياردەم قىلغۇم بار ئىدى. 200 مىللىي ئەمەس بىرەر كىلو بولسىمۇ رازى ئىدىم. كېسەلنى سالغان خۇدا شىپاسىنىمۇ تەييار قىلىدۇ. ئىنىڭىزنىڭ بالدۇرراق ساقىيىپ، سىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بالدۇرراق جەم بولۇشۇڭلارغا تىلەكداشمەن.      << رەببىمىز، سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.>>  
回复قايتۇرماablizkari[2011-03-06 04:06 PM | del]
قەدىرلىكتورداشلار ئاق قان  كىسىلى بوپكالغان بىمار نىڭ  ئائىلە  -تاۋابات لىرى  مەن  بىلەن ئا لا كىلاشسۇن    ئىلگىرى مىنىڭ(2010.3...)ئىنىممۇ مۇشۇكىسەلبىولغان وزىمىزداۋالاپ ساقايتۇك      مۇمكىن  بولسا  تىلىفون  كىلسۇن    مەزكۇر  مەلۇ م  ......13399775684.
回复قايتۇرما222[2011-03-03 11:30 AM | del]
ئاللاھ تېنىنى سالامةت قىلسۇن، خۇدايىم شىپالىق بېرىپ ساقىيىپ كېتةر، مېنىڭ قان تىپىم  ئو  ،ماس كةلسة 400مىللى بېرىشكة رازى.
回复قايتۇرماelijan[2011-03-02 09:00 PM | del]
مىنىڭ قان تىپىم ئا بىراق تەپسىلى تەكشۈرۈتمىگەن ...كىسەللىك تارىخىم يوق . مارالبېشى ناھىيىسىدىن . قۇلايلىق بولسا 200مىللى لىتىر قان بىرىشنى خالايمەن .
回复قايتۇرماhijran[2011-02-01 11:34 PM | del]
مىنىڭ قان تىپىم مۇ ماس كىلىدىكەن ،بىراق مەندە قان ئازلىق بار ھېچقىسى يوق مەن ياردەم بىرىشنى خالايمەن.
回复قايتۇرماehram[2011-01-31 11:59 PM | del]
ھۆرمەتلىك برزات ئەپەندى يۇقارقى خەۋەرنى  ئوقۇپ كۆڭلۇم ناھايىتى يىرىم بولدى   مىنىڭ قان تىپىم血 o  يۇقىردا ئىيتىلدىغاندىكىدەك (+ -) دىگەنلەرنى مەن ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن بىراق مىنىڭ  قان تىپىم يۇقارقى قىرىندىشىمىزغا ماس كىلدىغان بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك يۇزسىدىن ياردەم قىلىشقا ھەر ۋاقىت قولۇم كۆكسىمدە
يانفۇن :13364885538
كۇكۇ :825988003
ئورنى: قەشقەر
ھاراس ناۋادا سىز مەزكۇر تىمىنى كۆچۇرۇشكە رۇخسەت قىلسىڭىز http://obulkasim.blogbus.comدا تەشۋىق قىلشقا ۋە باشقا بىلوگگىر دوسلارغا تەۋسىيە قىلسام بولامدۇ ؟
回复قايتۇرماkoklam051[2011-01-31 00:28 AM | del]
مېنڭ قېنېمۇ  ئا تىپلىق بىراق پىلوس ياكى مىنوس دىگىنىنى ئۇقمايدىكەنمەن،ئەگەر ھەر قانداق ئا تىپلىق ئادەم ياردەم قىلالايدىغان ئىش بولسا مەنمۇ قان بىرىشنى خالايمەن،  بۇ يېل 25ياش
  2-ئاينىڭ1-كۈنىدىن5گىچەمەن 0991دا بولىمەن.                                                                 13139610686
回复قايتۇرماadil0999[2011-01-30 10:40 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ~
    مىنىڭ قان تىپىممۇ ئا ~   بىراق ئۈرۈمچىگە بىرىش كە ئازىر ۋاقىت يار بەمەيدۇ `
  ئۈچىنجى ئايدا بېرىشىم مۇمكىن ئەگەر شۇ ۋاكىتتا بولسىمۇ بولسا ،سىلەر بىلەن ئالاقىلىشاي ``
回复قايتۇرماxgbnam214[2011-01-29 11:56 PM | del]
birzat   对不起~~没有姆的允许,我把这个,转发kaxtexi munbiri    我真心希望他能早点找到合适的更多的血,早点康复   请你谅解
回复قايتۇرماdoctur[2011-01-29 01:39 PM | del]
ئادەتە O(.ئو) تىپىلىق قانىنى تىبى ئىلىمدا زۇرۇر چاغلاردا باشقا قانلارغا سېلىنسا بۇلىدۇ ئەمما قان پىلارمىسى قان ئىچىدىكى بىر خىل تەركىپ بوغاچقا ئادەتتە  ئو تىپلىق قاندىن ئايرىلغان قان پىلازمىسىنى باشقا تىپلىق قاننىڭ قان پىلازمىسىنى تۇلۇقلاشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .ئەڭ ياخشىسى شۇخل قانىڭ قان پىلازمىسىنى ئايرىپ بىمارنىڭ تىنىگە سېلىش كېرەك .ئۇنىڭدىن  باشقا AB(ئا ب) تىپىلىق قانلارمۇ ئا تىپلىق ياكى ب تىلىق قانلارغا  سېلىشقا بولمايدۇ قان پىلازمىسىنمۇ ھەم شۇنداق  .
回复قايتۇرماdoktur[2011-01-29 01:14 PM | del]
ئادەتتە  ئا  تىپلىق قانىڭ ئازسانلىق مىلەتلار ئارسىدىكى 95%قانA تىپلىق Rh مۇسپەت (+)تىپلىق بۇلىدۇ .پەقەت 5%ئەتراپىدىكى قان  تىپلىق Rh مەنپى  (_)تىپلىق بۇلىدۇ .يۇقارقى بىمارغا  خۇداغا شۇكرى كۆپ ئۇچىرايدىغان خىلى كېرەككەن .مىنىڭ بىر ئىلگىرى بىر دوستۇم مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتا بۇلۇپ قالغان بۇ ئائىلدمۇ شۇنداق بەك قان ئىزدىگەن ئىدى .مەن شۇۋاقىتتا دوختۇرنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىنى ئاڭلىغان ،ئادەتتە بۇكېسەل بىلەن ئاغىرغانلارغا خېمىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ .خېمىيىلىك داۋالاشتا بارلىق ھۇچەيرىلەر (يەنى ياخشى بولسۇن ياكى كېسەل بولسۇن بارلىق قان ھۇجەيرىلىرى تەلتۇكۇش دورا ئارقىلىق ئۆلتۇرلۇپ كېسەل مىكروپ ھۇجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى تىزگىلىنىدۇ   ) ئىكىكىدىن يەتتە قېتىمغىچە خېمىيىلىك داۋاش ئېلىپ بېرىلىپ بىمارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ئىلكى قاييتا بىر قېتىم تەكشۇرلۇپ دورىنىڭ ئۇنىمى كۆرۇۇلۇپ بىمار نىڭ تىنىدىكى كېسەلىك ھۇجەيرىسى تۇراقلاشتۇرۇلغاندا ئاندىن ئىلىك كۇچۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قىلىندۇ .ئەمما ئىلىك كۇچۇرۇش ئوپراتسىيىسى قىلىشتىن بۇرۇن بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خېمىلىك داۋالاش ئۇچۇن 40تۇمەندىن 70تۇمەن يۇۋەنگىچە داۋالاش چىقىمى تۆلىگىن ۋاقىت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .بىر قېتىملىق خېمىيىلىك داۋالاشقا ئادەتتە 5تۇمەندىن  15تۇمەن يۇۋەنگىچە پۇل كىتىدۇ ،خېمىلىك دالاش باسقۇچىدا بىمارنىڭ تىنى خېمىيىلىك دالاشنى كۆتۇرەلمەي قىزىش ۋە باشقا يۇقۇملىنىش بولسا  جېمىلىك داۋالاشنىڭ ئۇنۇمىنى يوققا چىقىش بىلەن بىرگە بىمار نىڭ سالامەتلىگىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ، ئادەتتىكى بىر ئائىلە ئۇچۇن 70تۇمەن پۇل ھەرگىزمۇ ئاز پۇل ئەمەس ،ئاللاھ ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن ، خېمىلىك داۋالاش مۇۋاقىپەتيەتلىك بۇلۇپ يىلىك كۇچۇرشكە كەلسەك ئۇ چىقمغا چىدىماق ئاسان ئەمەس ئادەتتە ئىلىك بىمارنىڭ ئۇرۇق تۇقان قېرىنداشلىرىدىن چىقىپ ئىلىك ماس كەلسە ئوپىرسىيە ھەققىگە 300مىڭ يۇۋەندىن 500مىڭ يۇۋەنگىچە پۇل كىتىدۇ ئەگەر يىلىك ئۆز قېرىنداشلىرنىڭكىدىن ماس كەلمەي خوڭگۇ قىزى كىرىس خەمىيتىدىن ماس كىلىدىغان يىلىك تېپىلسا 600مىڭ يىۋەندىن 1مىليۇن يۇەنگىچە كىتىدۇ يىلىكنىڭ  ئۆز قېرىداشلىرىدىن سىرىت باشقىلارنىڭ ماس كىلىش نىسپىتى قرىق مىڭ دە بىر يەنى قىرىقمىڭ ئادەمنىڭ يىلىگىنى تەكشۇرگەندە بىر ئادەمنىڭ ماس كىلىشى مۇمكىن .يىلىكنىمۇ ئادەتتە قاندىن سۇزۋېلىنىپ قان ئارقىلىق يەتكۇزۇلىدۇ ھەگىزمۇ تەسەۋۇرمىزدىكى يىڭنىنى سۆڭەككە سانچىپ سوڭەك ئىچىدىكى يىلىكنى شۇمۇرۇپ بىنار تىنىگە يۆتكەپ بىرىش ئەمەس .  مىنىڭ قان تىپىم ماس كەلمەيدىكەن  بولسا شۇنداق بەرگىم بار ئىدى بىمارنىڭ ئائىلسىدىكىلەرگە مىنىڭچە قان پىلازمىسىلام لازىم بۇلىشى ناتايىن ئىقسادمۇ چۇقۇم  لازىم بۇلشى مۇمكىن ھەمىمىز بىر نەيىتتى ئاز ئازدىن چىقارساقمۇ بىمارنىڭ ئائىلسدىكىلەرنىڭ يۇكى يىنكلىشى مۇمكىن بوسا مىنىڭ ئازىراق بولسىمۇ كۆڭلۇم بار ئىدى يۇكسەك بىلگ ئەپەندى سىز بىمارنىڭ ئاكىسى بىلەن ئۇقۇشۇپ ئۇلارنىڭ ئائىلسىدىكىلەرنىڭ كارتا نۇمۇرنىمۇ قۇشۇپ قويسىڭىز بۇلاركەن مەن پەقەت خەنزۇچە تورلاردىكى مۇشۇ كېسەلگە ئائىت نەرسىلارنى تەرجمە قىلىپ يولارپ قويدۇم بىر ئۇقپ قويسىڭىز بۇلىدۇ .
回复قايتۇرماdarya[2011-01-29 12:55 AM | del]
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشىكەن!   مەنمۇخۇدايىم بۇيرىسائەمدى قىلمايمەن !                     بىرزات ئەپەندىدىن سورايدىغان سۇئال بارتى     مۇشۇ يەردە سوراي دىسەم خىجىل بوپ كالدىم      چ چ نۇمۇرىنى بىلدىغانلار خاپا بولماي بىر دەپ بەرسەڭلار                    مېنىڭ 1505804221    چ چ
回复قايتۇرماdarya[2011-01-29 12:53 AM | del]
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشىكەن!   مەنمۇخۇدايىم بۇيرىسائەمدى قىلمايمەن !                     بىرزات ئەپەندىدىن سورايدىغان سۇئال بارتى     مۇشۇ يەردە سوراي دىسەم خىجىل بوپ كالدىم      چ چ نۇمۇرىنى بىلدىغانلار خاپا بولماي بىر دەپ بەرسەڭلار
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.