4 يىل بۇرۇنقى ئۈگۈنۈش خاتىرەم ئىكەن، تورداشلار پايدىلانسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.      
ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺟﻪﻣﯩﺌﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯚﻟﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯪﯻﻠﻪ ﯬﺧﻼﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﯩﮕﻪ ﯮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﯪﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﯪﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯪﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﻤﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻦ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﯬﻧﺴﯩﺮﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﯪﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﯪﺯﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﯴﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﯲﺯﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﯪﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯧﺸﯩﻨﻰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺑﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺳﺎﻫﻪﺩﯨﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﯪﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﯩﻠﺘﯩﺸﺘﻪ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﯪﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻪﻝ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ . ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.

" /> مەزى بېزى كېسەللىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە تونۇش - 80 خالتا بلوگى

مەزى بېزى كېسەللىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە تونۇش


4 يىل بۇرۇنقى ئۈگۈنۈش خاتىرەم ئىكەن، تورداشلار پايدىلانسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.      
ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺟﻪﻣﯩﺌﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯚﻟﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯪﯻﻠﻪ ﯬﺧﻼﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﯩﮕﻪ ﯮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﯪﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﯪﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯪﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﻤﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻦ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﯬﻧﺴﯩﺮﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﯪﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﯪﺯﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﯴﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﯲﺯﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﯪﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯧﺸﯩﻨﻰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺑﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
ﯲﺗﻜ
ﺑﯘ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ 20 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 60 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯬﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﯰﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻮﯕﯘﭖ ﺗﯧﺘﺮﻩﺵ. ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻝ ﺳﯩﺮﻗﯩﺮﺍﭖ ﯪﻏﺮﯨﺶ، ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ (ﺩﻭﯞﺳﺎﻕ) ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﭗ ﯪﻏﺮﯨﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ.
ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ: ﯲﺗﻜﯜﺭ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ: ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻧﻪﻙ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﻳﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﭘﺎﻫﯩﺸﻪ ﯪﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﯪﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺟﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﯬﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﻛﯚﭘﯜﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﻧﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﯬﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻫﯩﺸﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ.
ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺳﻪﭘﺮﺍ ﺧﯩﻠﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻫﺒﯘﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﯰﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﯮﻳﻼﭖ ﻳﯜﺭﯛﺷﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺩﻭﯞﺳﺎﻕ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯚﺯﻧﻪﻙ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﻳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻜﻤﯘ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯪﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﯮﻳﻼﺵ، ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﯲﺗﻜﯜﺯﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﺵ، ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﻰ ﻫﻪﯞﻩﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﻰ ﻫﯩﻜﺎﻳﻪ، ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﻰ ﺳﯩﺮﯨﻖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ، ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﯮﻣﻮﻣﯩﻲ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﺸﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ﺩﻩ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺶ ، ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺟﺎﺭﺍﻫﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﻫﺎﺭﻩﺗﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﭼﯩﯖﻘﺎﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ.

ﯲﺗﻜﯜﺭ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﯮﻣﻮﻣﯩﻲ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﻚ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ: ﻗﯩﺰﺯﯨﺶ، ﺗﻮﯕﯘﭖ ﺗﯧﺘﺮﻩﺵ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﯪﻳﻨﯩﭗ ﻗﯘﺳﯘﺵ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﻗﯩﺮﺍﭖ ﯪﻏﺮﯨﺶ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻬﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.
ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ: ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺩﻭﯞﺳﯘﻥ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﯪﻏﺮﯨﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﺳﯩﺰ ﻛﯚﻳﯜﺷﯜﺵ ﺳﯧﺰﯨﻤﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﮕﻪﻧﺪﻩ ﯪﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﺸﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯧﻴﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺩﻭﯞﺳﯘﻥ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﯪﻏﺮﯨﻴﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﻧﻪﻳﭽﻪ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.


ﯲﺗﻜﯜﺭ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﺗﻜﯜﺭ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺩﻭﯞﺳﯘﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ؛
ﯲﺗﻜﯜﺭ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﺪﺍ:
ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﯞﺳﯘﻥ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﯪﻏﺮﯨﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﯩﺰﺯﯨﺶ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﯪﻳﻨﯩﭗ ﻗﯘﺳﯘﺵ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﻗﯩﺮﺍﭖ ﯪﻏﺮﯨﺶ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻬﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﻮﯕﯘﭖ ﺗﯧﺘﺮﻩﺵ ﯪﻧﭽﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺳﯩﻴﮕﻪﻧﺪﻩ ﯪﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺑﻪﻝ ﯪﻏﺮﯨﻴﺪﯗ.
ﺩﻭﯞﺳﯘﻥ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﯪﻏﺮﯨﻴﺪﯗ.

ﯲﺗﻜﯜﺭ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺩﻭﯞﺳﯘﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﺪﺍ:
ﯮﻣﻮﻣﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﻚ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ: ﻗﯩﺰﺯﯨﺶ ، ﺗﻮﯕﯘﭖ ﺗﯧﺘﺮﻩﺵ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﯚﻳﻠﯩﻴﺪﯗ. ﺗﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﻣﺘﯘﻝ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯚﺭﻧﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ:
ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﻗﯩﺴﺘﺎﻳﺪﯗ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﯩﻴﯩﺶ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯪﺭﻟﯩﻘﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﯰﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻛﯩﻠﯩﭗ ، ﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﯪﻏﺮﯨﻖ ﯪﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﯞﻩ ﺩﻭﯞﺳﯘﻥ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﮕﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺘﻪ ﻳﯩﺮﯨﯔ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺩﯗﻍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺳﯧﻴﯩﺶ ﯪﻧﭽﻪ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.


ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ


ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﯲﺗﻜﯜﺭ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﮕﻪ ﯮﺧﯩﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﺗﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﯮﺧﺸﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﯲﺗﻜﯜﺭ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜﺱ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻐﺎ ﯲﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ( ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﺗﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻐﺎ ﯬﮔﻪﺷﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ،ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﺗﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯪﺩﻩﻡ ﺩﻩﺳﻼﭖ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ) ﯰﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯲﺗﻜﯜﺭ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﯩﻴﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﯪﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ،ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ : ﯪﻗﻤﯘﭺ، ﻗﺎﺭﺍ ﻣﯘﭺ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯘﭺ ، ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺶ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﯪﻗﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﺪﺍ ﺭﺍﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯪﻗﯟﻩﺕ ﯲﻟﯜﻣﮕﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ.
ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ: ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﯪﻏﺮﯨﻴﺪﯗ. ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻗﯩﺴﺘﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻝ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﻳﯩﻨﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯚﻳﯜﺷﯜﭖ ﯪﻏﺮﯨﻴﺪﯗ. ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﺷﯜﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﯮﺭﯗﻗﻼﻳﺪﯗ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺳﺎﺭﻏﻴﯩﺪﯗ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻬﺎﺳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ، ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﻰ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﯚﭖ ﯰﺳﺴﺎﻳﺪﯗ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﯬﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﯪﭼﭽﯩﻖ ﻗﻮﭘﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻬﺘﯩﻼﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﯰﻳﻘﯘﺳﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺘﻪ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ﺗﯧﺰ، ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﺳﻮﻗﯩﺪﯗ. ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻰ ﺳﯩﺮﯨﻖ، ﻛﯚﭘﯜﻛﻠﯜﻙ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ.
ﺳﻪﯞﺩﺍ، ﺳﻪﭘﺮﺍ ﺧﯩﻠﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻫﻪﻡ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﯩﻞ ﮔﯩﺰﻯ ﺳﯧﺮﯨﻘﻘﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯬﮔﻪﺭ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺭﻩﯕﺴﯩﺰ ﺷﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺳﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﻛﯜﺵ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺪﯗ. ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻰ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ

ﺑﯘ ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺷﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺵ ﯪﻏﺮﯨﺶ، ﺑﻪﻝ ﯪﻏﺮﯨﺶ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﯪﭼﭽﯩﻘﻼﻧﺴﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻣﻪﻧﻰ ( ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﺎ) ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﯖﻪ ﺷﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺩﻩﭖ ﯪﺗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ: ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﯧﯖﻪ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯬﺯﺍﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
1. ﺳﻪﯞﻩﺏ :ﯲﺗﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﯩﺰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯨﯫﮔﻨﻮﺱ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﺎﻱ، ﯰﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺭﻭﻫﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﯰﭼﺮﺍﺵ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﯪﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺶ، ﯰﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺧﻮﺭﻟﯩﻨﯩﺶ، ﯮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻣﯧﯖﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯧﺖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ- ﺩﻩ، ﺳﯚﺯﻧﻪﻙ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﻳﯩﺴﻰ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﯬﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
2.ﺳﻪﯞﻩﺏ: ﻣﻪﻫﺒﯘﺑﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﯲﺯ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯰﭼﺮﺍﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻜﻤﯘ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3.ﺳﻪﯞﻩﺏ: ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ 4 ﺧﯩﻠﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﯞﺩﺍ ﺧﯩﻠﯩﺘﻰ ﺋﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﻣﯧﯖﻪ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯗﭖ ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﺪﻩ ﻏﯧﺪﯨﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ -ﺩﻩ، ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﻳﯧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﮕﻪ ﯮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﺪﻩ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
4.ﺳﻪﯞﻩﺏ: ﯰﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﻳﯜﺭﯛﺵ ( ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﯪﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ) ، ﻗﻮﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﻪﻧﻰ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻜﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ، ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯪﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
5. ﺳﻪﯞﻩﺏ: ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﯩﻲ ﻫﻪﯞﻩﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻫﻪﻫﯟﺍﻧﯩﻲ ﺳﯩﺮﯨﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﺵ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﯪﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﯩﻲ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
6.ﺳﻪﯞﻩﺏ:ﯪﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ( ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ- ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﯬﺭﻟﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﻩ ﯪﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﺯ ﺗﻮﻻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ) ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﯪﺭﻟﯩﺸﯩﺶ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﯪﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﺗﻪﭘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﯩﻲ ﻫﻪﯞﻩﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.




[Birzat بۇنى 2011-01-28 10:13 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 20 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماekbar0903[2013-07-31 05:51 PM | del]
مەندە قۇلدا لەزەتلىنىش تۇپەيلى ھازىر چېچىم بەك ئاز ،ھەم شالاڭ  بۇلۇش ئەھۋالى كورۇلدى .قانداق  قىلسام بۇلىدۇ ؟چېچىم قايتا ئەسلىگە كىلەمۇ؟؟بۇكىسەلنى داۋالايدىغان دورا بارمۇ ؟
回复قايتۇرماMAMATI[2012-08-15 08:17 AM | del]
نەقىل مەنبەسى anwaer نەقىل مەنبەسى anwaer
مەندە قۇلدا لەزەتلىنىش تۇپەيلى ھازىر تىز ئىھتىلام بۇلۇش ئەھۋالى كورۇلدى .قانداق  قىلسام بۇلىدۇ ؟بۇكىسەلنى داۋالايدىغان دورا بارمۇ ؟
回复قايتۇرمامەمەتجان[2012-06-19 11:24 AM | del]
ياخشىمۇسىز مەن بۇ يىل 35 ياشقا كىردىم توي قىلغىنى 12 يىل بولدى تېخىچە پەرزەنىت كۆرەلمىدىم .ئەمما خوتۇنۇم بىلەن ئاجرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىرسى بىلەن ئارلشىپ تىزلا بويىدا قالغان مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئۇ بالىنى چۈشىرۋەتتۇق ئەمما ئەمدى يەنە پەرزەنىتك كۆرەلمىدىم.دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەن ئەمما 80پىرسەنىت دەپ چىقارغان .ئادەتتە ئىسپىرمام بەك سۇيۇق چىقىدۇ شۇ سەۋەپتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟............مەنى سۇيۇق بۇلسا ئۇنڭ قانداق داۋالىسا ياكى كايسى دۇرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ،،،،،،،،،،،،خاپا بولماي مەسلىھەت بەسەڭلا .
回复قايتۇرماab12[2012-02-26 12:37 AM | del]
مەزىبېزىنى داۋالايدىگان ئۇسۇلنى دەپ بەرگەن بولسڭگىز~؟
回复قايتۇرماtohtijan[2012-01-16 07:44 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ....مەندە يىقىندىن بۇيان  تولا كىچىك تەرەتكە چىقىدىغان تامچىلايدىغان ئىش بوپ قالدى .شۇڭا مەسلىھەت سورىشىمتى...ئۆزۈم قەشقەدىن  .ئەگەر قىممەتلىك پىكىرلىرى  بولسا بەرسىلى  ياكى سىلىنى ئىزدىسەممۇ بولىدۇ
回复قايتۇرماKUSAN[2012-01-08 08:38 PM | del]
ياخشىمۇسىز بىرزات ئەپەندى:
  مەن بۇ يىل 22 ياش يىقىندىن بۇيان ئوزەم دە بەزى ئالامەتلەرنى بايقاپ قالدىم  10كۇندەك بولدى مۇشۇ كىچىك تەرەت يەنى سىيگەن چاغلاردا سۇيدۇك بىلەن ئىسپىرما بىلە كىلىلدىغان ئالامەت لەر كۇرۇلۋاتىدۇ
بۇ نىمىشنڭ ئالامىتىدۇ مۇشۇ توغرۇلۇق بىرمەسلەت بەرسىنىڭز بوپتىكەن  
回复قايتۇرماmuhtaj0903[2011-09-07 06:14 PM | del]
بىرزات ئەپەندىم سۇئاللار جاۋاپسىز بوينىنى قىسىپ قاپتۇ جۇمۇ!
回复قايتۇرما214[2011-09-07 02:29 AM | del]
مەندەقۇلدا لەززەتلنش  تۇپەيلې  تز مەنې  كتشە   ھەھۇالې كۇرۈلۋاتدۈ  قانداق قلسام بۇلار
回复قايتۇرماWUJIMAMAT[2011-06-27 08:54 PM | del]
جاۋاپنى كورەلمىدىمغۇ
回复قايتۇرماtewpik[2011-03-11 10:15 AM | del]
راست  يەنە مەندە ئازراق چاچ چۈشۈشمۇ بار ،بۇنۇ بەلكىم شۇ سەۋەپلىكقۇ دەيمەن...
回复قايتۇرماtewpik[2011-03-11 09:58 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بىرزات ئەپەندىم،  بىزلەدەك جىسمانى خاستالار ئۈچۈن چوڭ خىزمەتلەر  قىلىۋاتىسىز .  ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن..
   مەن بۇ يىل 22 ياش  ھازىر  ئىچكىرىدە ئالى مەكتەپ ئوقۇۋاتىمەن ،مەن ئلگىرى "ﻣﻪﻫﺒﯘﺑﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﯲﺯ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺵ"  تۈپەيلى  چۈشكۈنلۈشۈپ  خەتتا بەزى يامان ئىشلارنىمۇ قىلىپ قويغان(جانابى ھەقتنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى تىلەيمەن ).  ھازىر شۇ ئىشلاغا تۆۋبە قىلىۋاتىمەن.
  ئەمدى مەن بۇرۇن تۆت يىلدەك ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ،ھازىر بۇ پەسلىكتىن قول .ئۈزگىلى بىر يېرىم يىل بولدى، ھازىر ئەلھەمدۇلىللا كەيپىياتىم  ،ئىشتىھايىممۇ ياخشى تۇرمۇشۇم  كوڭۇلدىكىدەك.  سورۇماقچى بولغۇنۇم   شۇ بەزىدە شەيتان ئاتلاپ قالسا بىرنەچچە كۈنگىچە  باشقىلادىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇش قورقۇنجاقلىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ  ،ئىشتىھايىم ياخشى ئەمما بەدىنىممۇ سەل ئۇرۇق،  شەھۋىتىممۇ سەل كۈچلۇكتەك ھىس قىلىمەن .  بۇمۇ بىرەر كىسەللىك ھىساپلىنامدۇ، مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز.ئاللا  رازى بولسۇن..
回复قايتۇرمابۇسۇغا[2011-02-25 04:46 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى!
مەن بۇ يىل 31 ياشقا كىردىم. ئىككى بالام بار. 2010-يىلى 10-ئايدا سالامەتلىك تەكشۇرتكەندە باشقا ئەزالار ھەممىسى ساق چىقىپ،شۇ مەزى بېزى ئازراق يوغىنىغان،ئۆت ياللۇغى دەپ دىئاگنۇز قويدى. تەكشۇرتۇشتىن بۇرۇن مەندە بۇ ئىككى كىسەلگە ئائىت باشقا ئالامەتلەر يوق ئىدى.لىكىن مۇشۇ دىئاگنۇز قۇيۇلغاندىن باشلاپ كىچىسى قۇپۇپ بىر قېتىم تاھارەتكە چىقىدىغان بۇلۇپ قالدىم. ھەمدە مەنى بالدۇر كىتىدىغان ئىشمۇ پەيدا بۇلۇپ قالدى.مەن بۇنىڭغا قارىتا قانداق داۋالانسام ئاندىن بۇ كىسەلنى يىلتىزىدىن داۋالىيالايمەن؟ ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
回复قايتۇرماalikat[2011-02-21 03:13 PM | del]
بىرزات ئەپەندىم بىزمۇ  وزىمىزنڭ تۇرمۇشتىكى تەجىربىلىرىمىزگە ئاساسەن  ئاددى ساۋاتلىرىمىزنى يوللىساق بولامدۇ ،باشقىلامۇ پايدىلىنىپ باقسا.
回复قايتۇرماaisajan[2011-02-21 01:13 PM | del]
مەندەقۇلدا لەززەتلنش  تۇپەيلې  تز مەنې  كتشە   ھەھۇالې كۇرۈلۋاتدۈ  قانداق قلسام بۇلار
回复قايتۇرماkatman[2011-02-20 11:40 PM | del]
سىز مەزى بىزى كىسلى توغرىسىدا بىر قانچە مىللىي تىبابەت دورىلىرىنى ئىيتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
回复قايتۇرماalkut653[2011-02-20 10:39 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى:
مەن شۇ توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىماقچى ئىدى، مەن بۇيل 22 ياشقا كىردىم، ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز، ئۆتكەن يىل مەندە كىچىسى تولا شەيتان ئاتلاش ئىشلىرى بولۇپ تۇراتتى، ئۇندىن باشقا غەيرى ئالامەتلەر يوق ئىدى، بارغانسىرى شەيتان ئاتلايدىغان ئىشلار ئىككى ئۈچ كۈندە بىر بولىدىغان ھەم سۈيدۈك قىستاپ كىلىدىغان بولدى،ھەم سۈيدۈك سەل قىستاپ ئاغرىتىپ كىلىدغان بولىۋالدى، لىكىن مەن بۇرۇن بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ باقمىغاچقا تازا دىققەت قىلماپتىمەن، بىر كۈنى رادىئو ئاڭلاۋېتىپ دوختۇرنىڭ رادىئودا بىر مەززى بىزى دورسنى تونۇشتۇرغانلىقىنى ئاڭلدىم، ھەمدە ئاڭلىغانسىرى ئۆزۈمنىڭ مەززى بىزى بولغانلىقىنى بىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى دورىنى ئېلىپ بىر كۇرۇس ئىشلەتكەن ئىدىم، بىر ئاي بۇرۇن سۈيدۈك ئاغرىتىپ كىلىدىغنا ئىشلار يوقالدى لىكىن ئارقىدىنلا زەكەر قاتماس بولىۋالدى، ئويلاپ باقسام مەندە ھاراق، تاماكا چىكىدىغان باشقا ئىشلار يوق،  لىكىن ھېلىقىدەك خىياللارنى قىلدىكەنمەن ھەم سىنىپتا،كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا كۆپ ئولتۇردىكەنمەن، يەنە بىرى مەن بەك ئورۇق، تولۇق ئوتتۇرغا چىققاندىن بويان تىنىم ئاجىزلاپ كەتتى، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانمايمەن، بەدىنىم يەنە شۇ تولۇقسىزدىكى ۋاقتىمدىكىدەك، يىمەك ئىچمەك ئادىتىم ياخشى ئەمەس، قەرەلىدە تاماق يىمەيمەن، بۇرۇن زەكىرىم تولا قاتاتتى، ھەم قاتمىغان چاغلاردا سولاشقاندە، بارغانسىرى ئىچىگە كىرىپ كىتۋاتقاندەك بولاتتى، سەل بىئارام بولاتتىم، دورىنى ئىشلىتىشتىن بورۇن نۇرمال قاتاتتى،  ھەم ھەر ئەتتىگىنى تۇرغاندا قاتتىق قاتاتتى،دورىنى ئىشلىتىپ زەكەر قاتمىغاندىن كىيىن دورىنى ئىشلەتمىدىم، لىكىن ھازىر ئەتتىگىنى سەللا سىزىم بولىدۇ، سەللا قاتىدۇ، باشقا ۋاقتلاردا جىگىلەپ ئىچىگە كىرىپ كىتىدۇ، خازىر كۈن بويى جىگىلەپلا تورىدۇ، بەكلا بىئارام بولىۋاتمەن، قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم، بەكلا قورقۇپ كىتىۋاتىمەن، بۇ ئىشقا تېىخى ئىككى ئۈچ ھەپتە بولدى، لىكىن بارغانسىرى چۈشكۈنلىشىپ كىتىۋاتىمەن، سىلىنىڭ بۇ توربەتلىرىدىكىنى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ ئاخىرى سىلىدىن مەسلىھەت سوراش ئويىغا كەلدىم، سىلىنىڭچە داۋالىغىلى بولارمۇ؟پۈتۈنلەي ئەسلىگە كىلەرمۇ؟قانچىلىك ۋاقىت كىتەر؟
回复قايتۇرماtuma[2011-02-10 00:03 AM | del]
ياسىغان دورىڭىزنى سېتىلماي قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ كېلىپ ئالدىنقى يازغان ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۋەتتىڭىزمۇ ھۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا باشقىلارنىڭ بىلوگىڭىزغا يازغان ئىنكاسلىرىنى نىمىشقا ئۆچۈرۋەتتىڭىز؟ سىزگە پۇتلىشىدىغان قانداق يېرى بار؟ مەن زىيانلىق گەپمۇ قىلمىغان بولمىسا، مەزى بېزىنى داۋالاشقا پايدىسى بار دەپ شۇنچە ئاۋارە بولۇپ يېزىپ كېتىپتىكەنمەن، باشقىلار كۆرسۇن دەپ، سىزنىڭ دورىڭىزنى يەپ ئاق بوپ كەتتىم قاق بوپ كەتتىم دەپ ئىنكاس يازماي، سىزگە ھەقسىز ئېلان ئىشلەپ بەرمەي توغرا قىلماپتىمەندە ئەسلى. بۇ ئىنكاسىمنىمۇ باشقىلار كۆرۈشتىن بۇرۇن تېزرەك ئۆچۈرۋىتەسىز ئەتىگەن كېلىپ.
回复قايتۇرماsarsanman[2011-02-05 05:43 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى :

مەن بۇيىل 22 ياشقا كىردىم . تىخى توي قىلمىغان . قانچىلىك بولغىنىنى بىلمىدىم مۇشۇ ( دوختۇرلار تاش بۆرەك ياللۇغى دىدى ) بەكلا ئاغرىپ يوغىناپ كەتتى . ئاغرىشى مۇندا . تۇتقاقلىق كىسەلدەك داۋاملىق ئەمەس بەزى بەزىدە بەكلا ئىسىلىپ ئاغىرىيدۇ . دوختۇرغانىغا بىرىپ تەكشۈرتسەم تاش بۆرەك ياللۇغلىنىپتۇ دەپ ياتاققا ئالدى . 10 كۈن يىتىپ داۋالانغاندىن كىيىن ئاغرىشى ئاساسەن يوقالدى لىكىن ئۇششۇقى يانمىدىمۇ ئىشقىلىپ بەكلا يوغان . نۇرمال ئەمەس . كىچىكرەك توخا تۇخىمىدەك كىلىدۇ . ئوڭ تەرەپ سول تەرەپتىن چوڭراق . قاندا قىلىشنى بىلەلمىدىم . ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا ؛
回复قايتۇرماanwaer[2011-01-31 11:44 PM | del]
مەندە قۇلدا لەزەتلىنىش تۇپەيلى ھازىر تىز ئىھتىلام بۇلۇش ئەھۋالى كورۇلدى .قانداق  قىلسام بۇلىدۇ ؟بۇكىسەلنى داۋالايدىغان دورا بارمۇ ؟
回复قايتۇرماahmad[2011-01-30 12:55 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى :

ئۇيغۇر تىبابىتىدە مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنى تۇنۇش دېگەن تىمىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە بۇ خەتلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيىتسام سىزنىڭ ئېيىتقىنىڭىزدەك ئەھۋاللار مەندە ھەقىقەتەن مەۋجۇت .بولۇپمۇ ( ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ: ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﯪﻏﺮﯨﻴﺪﯗ. ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻗﯩﺴﺘﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻝ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﻳﯩﻨﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯚﻳﯜﺷﯜﭖ ﯪﻏﺮﯨﻴﺪﯗ. ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﺷﯜﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﯮﺭﯗﻗﻼﻳﺪﯗ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺳﺎﺭﻏﻴﯩﺪﯗ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻬﺎﺳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ، ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﻰ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﯚﭖ ﯰﺳﺴﺎﻳﺪﯗ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﯬﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﯪﭼﭽﯩﻖ ﻗﻮﭘﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻬﺘﯩﻼﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﯰﻳﻘﯘﺳﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺘﻪ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ﺗﯧﺰ، ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﺳﻮﻗﯩﺪﯗ. ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻰ ﺳﯩﺮﯨﻖ، ﻛﯚﭘﯜﻛﻠﯜﻙ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ.)  مۇشۇ بايانلىرىڭىزدا ئېيتىلغان ئەھۋاللار مېنىڭ بەدىنىمدە كۆرۈلگىلى ئاز كەم بىر يىل بولاي دېدى.دەسلىپىدە سۈيدۈك يولىدا ئېچىشىدىغان ، قىچىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگن ئىدى،قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۇرتسەم  سۈيدۈك يولى ياللۇغى دەپ دىئاگىنوز قويۇپ شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارغان ئىدى . ئۈنۈمى  تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي يېنىپ چىققان ئىدىم.كېيىنچە مەن ئېيىتقاندەك ئەھۋاللار (يەنى سىيگەندە ئېچىشىدىغان ئەھۋال تۈگەپ ،بارا-بارا تامچىلايدىغان ئەھۋال كۆرىنەرلىك كۆپىيىشكە باشلىدى،سۈيدۈكنىڭ رەڭگى سېرىق رەڭدە ،ئۇيقۇم بەكلا ئاز،ئۇخلىساملا قالايمىقان چۈشلەرنى كۆرىمەن،ھەر قېتىملىق نامازغا ئايرىم تاھارەت ئېلىپ ئىچ كىيىم يەڭگۈشلەيمەن.بەل ئاغرىش داۋاملاشقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان. بۇلتۇر ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ بارغانسىرى ئورۇقلاشقا باشلىدىم،بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ كىلوگىرامدىن ئارتۇقراق ياداپ كەتتىم.  ئايالىم،.ئىككى ياشلىق قىزىم  بار ئىدى ، بارغانچە ئەر - ئاياللىق  تۇرمۇشمۇ دېگەندەك ياخشى بولمايدىكەن . بولسا مۇشۇنىڭغا قارىتا كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز،،،،.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.