-
تۇرسۇن تۆمۈر شەيىخنىڭ غەزىلىگە ئىقتىباس
2010-07-29
ئاغىينەم تۇرسۇن تۆمۈر شەيىخنىڭ غەزىلىگە ئىقتىباس
ئېتىكاپ ئەتتىڭ كۆڭۈلنى ئۇندا سۇبھانىڭ قېنى؟
گۈل ئارا پىنھان تۇرۇپسەن، گۈلى رەيھانىڭ قېنى؟
ئىشتىياقىڭ بىرلە ئازدىڭ ئۆزلۈكۈڭ گەردۇنىدىن
تەڭرى ۋە ئىنسان ئارا رىشتە ئارقانىڭ قېنى؟
ئىزدىبان سەرسان بولۇپسەن تەركى مۇھەببەت دامىدا
كۈيلىرىڭ چالغۇتقۇچى ئابى ھېجرانىڭ قېنى؟
جامۇ جەم بىرلە كۆڭۈلنى بەس قىلىش مومكىنمۇ ئاھ...
مەستۇ-مۇستەغرەق كۆڭۈل يەتمەككە ئىمكانىڭ قېنى ؟
گەر گۇناھ بولسا ئىشىقنىڭ بۇغدىيىن ئورماق كېرەك
يەتتە تۈگمەن تاشى ئاستىن ئۆتمەككە ئارمانىڭ قېنى؟
مەشرەبا قان يىغلىغان چۆللەر تۇرۇپتۇ شۇ پېتى
چۆلدە چۆلدەك لەرزە قىلساڭ تىڭلاشقا ئاسمانىڭ قېنى؟
ھەر گىياھ ياپراقى ئۈزرە بەرقى تەجەللىدۇر ئۆلۈم
ۋەھدەتۇل غۇسسەڭ بىلە ئۈلپەتى غۇلمانىڭ قېنى؟
بەس يېتەر، ئابى ئىشىق ئىچرە تۆكۈلگەن ئى كۆڭۈل
دادىخاھ ، دادىڭ ئۆزۈڭسەن، ياتماققا زىندانىڭ قېنى؟....
2010.7.27