-
پەرىدە ئەفرۇز شېئىرلىرىدىن - [چەتئەل شېئىرلىرى]
2010-07-13
پەرىدە ئەفرۇز شېئىرلىرىدىن
ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئوۋچى
سەندىن شەپقەت كۈتكەندىن كۆرە
قۇرۇغان دەرەخكە يىغلايمەن
ئېتىكىمگە ئالما تولدۇرار.
سەندىن مىھىر كۈتكەندىن كۆرە
ئەجدىرھاغا بېرىپ بوزلايمەن
باغرىمدا بالامدەك ئۇخلار.
سەندىن ۋاپا كۈتكەندىن كۆرە
كۆكسۈمگە خەنجەر ئىكىمەن
گۈللەر كەبى بەختىم كۆكۈرەر!
*****************
مەن ئۆزۈم كىممەن؟
تاشلاندۇق قۇدۇق
يامغۇرلارنىڭ ئېسىدىن چىققان.
بېلىقلىرى تەشنا جان بەرگەن
قۇمۇشلىرى قۇرۇپ چەيلەنگەن
تاشلاندۇق قۇدۇق؟
سەن ئۆزى كىمسەن؟
سۇغا چۆككەن تاش
پادىلارنىڭ يادى ئۆچۈرگەن
زىلزىلىدىن تىترەپ قومۇرلۇپ
چوقىلاردىن مەڭگۈ ھەيدەلگەن
سۇغا چۆككەن تاش؟
ئىشىق ئۆزى نېمە؟
كونا تۈگمەن
دۇنيالارنىڭ خاتىرىسىدە يوق
بارچە گۈللەر قۇرىغان ئۇندا
شەپەرەڭلەر يايرىغان ماكان
ئىككىمىزنى دۇنيا يەنچىگەن
كونا تۈگمەن.
********************
تۈنگە بەردى خۇدا، تۈننى بەردى خۇدا
يەنە ئېيتىڭ، كىمدىن ۋە قانداق
بۇندىن ئارتۇق مۇكاپات كۈتەي؟
*************
كىرپ كەلدى يەنە يېڭى يىل،
ساڭا يەنە بەتتەر باغلاندىم
بەتتەر زارمەن كونا يىلدىن ھەم.
************
بۈگۈن تۈندە تىرىك ئويغاندىم
بىر پىيالە سۇ ئىچتىم
شۈكۈر...
*************
سەن ماڭا ھېچ دوست بولالمايسەن
ئىيتچۇ، قاچان قانداق چۈمۈلە
كۆتۈرەلىگەن پىلنىڭ يۈكىنى؟
**************
مەن سېنى ئالدىدىم
«سېنى سۆيمەيمەن» دىدىم
ئۆزۈمگە ئەسلا كۈچۈم يەتمىدى.
***********
سەن مېنى ئىزلىدىڭ،
مەن سېنى تاپتىم
چىندىن ھەم يەرشارى يۇمۇلاق ئىكەن.
***********
كىمدۇر سېنى غەيۋەت قىلماقتا
كىمدۇر سېنى ماختايدۇ شۇ پەيت
دېمەك، ئۆزۈڭ يالغۇز ئەمەسسەن.
***********
مېنىڭ ساچىم قارا ئىردى، قارالەرگە پايلاندى،
ئادالەرگە، سازالەرگە، جازالەرگە پايلاندى.
يەتتە ئاسمان، يەتتە ئىقلىم، يەتتە قەۋەت زىمىن ئارا
مالائىكلەر، پەرىشتىلەر، سابالەرگە ئايلاندى.
تىلىمنىڭ سۈخەنى ياكى يۈزۈمنىڭ جىلۋىسى يوقتۇر،
بۇ ئىككى ھال بىلە باشىم بالالەرگە پايلاندى.
ھەممە ئىستەر بۇ ئېقىندا، پەقەت بىر يار، پەقەت بىر يار
ھەممە «يارمەن» دېدى، ئەمما خاتالەرگە ئايلاندى.
ساڭا جاننى قىلىپ قۇربان پەرىدە ئەفرۇز قىلار پەريات
تېنىم خاكۇ بۇ خىيالدىن ماتالەرگە پايلاندى.