-
1خورشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن - [چەتئەل شېئىرلىرى]
2010-07-12
شېئىرلار1
خۇرشىد دەۋران (ئۆزبېكىستان)
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابابەكرى توختى
ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرى خۇرشىد دەۋران 1952-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ قەدىمىي شەھىرى سەمەرقەندتە تۇغۇلغان.
1977-يىلى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1979-يىلى ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ھازىر ئۆزبېكىستان تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 2-يۈرۈش ‹‹ياشلار›› قانىلىنىڭ باش دېرىكتۇرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
خۇرشىد دەۋراننىڭ ھازىرغىچە «قەدىردان قۇياش»، «تۈندىكى باغلار»، «شەھەردىكى ئالما دەرىخى»، «ئۇچۇپ بارىمەن قۇشلار بىلەن»، «تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى»، «بالىلىقنىڭ ئاۋازى»، «قەقىنۇس»، «باھاردىن بىر كۈن بۇرۇن»، «تەنھا قۇشنىڭ پەرۋازى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، «قىرىق ئاشىق دەپتىرى»، «دېڭىز ياپراقلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياش شائىرلىرى»، ‹‹ساكۇرا گۈللىرى تۆكۈلەر›› قاتارلىق تەرجىمە شېئىرلار توپلاملىرى ۋە «ساھىبقىراننىڭ نەۋرىسى»، «شېھىدلار شاھى»، ‹‹سەمەرقەنت گۈللىرى››، ‹‹يەتتە دەرۋىش كىتابى›› قاتارلىق تارىخ، پەلسەپىگە ئائىت ئوچىرك، ماقالىلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. ‹‹تېمۇرنامە›› ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىلغان، ‹‹بابۇر››، ‹‹ئالغۇل›› ناملىق درامىلىرى ئۆزبېكىستان ۋە چەتئەل سەھنىلىرىدە ئوينالغان. بىر قىسىم شېئىر توپلاملىرى ئەزەربەيجان، پولشا، بۇلغارىيە، روسىيە، تۈركىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامىرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، مېكسىكا، تاجىكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردە نەشر قىلىنغان. خۇرشىد دەۋران كۆپ قېتىم خەلقئارالىق شېئىرىيەت فېستىۋاللىرىغا ھەمدە ئامىرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا يازغۇچىلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1999-يىلى ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان. 2000-يىلى ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ دېپۇتاتلىقى (پارلامېنت ئەزالىقى) غا سايلانغان.
ئۇنىڭ شېئىرلىرى تىلىنىڭ ئويناق ۋە نەپىسلىكى، جەزبىدارلىقى، شېئىرى ھىسسياتنىڭ چوڭقۇرلىقى، ئىنساننىڭ نازۇك ھېس- تۇيغۇلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بىرىشى، تۈرلۈك مەجازى ۋاستىلەرگە بايلىقى، تارىخ تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى سۇندۇق.
قىز ۋە شامال ھەققىدە قوشاق
دەردلىرىمدەك ئۇزۇن كوچىنى،
ئاياقلىرىڭ سۆيمەكتە ئىدى.
ئۇخلاپ قالغان ئاي پەرىسىنى،
ئويغىتاتتى چېچىڭنىڭ ھىدى.
يىراقلاردىن ساڭا ئىزمۇ- ئىز،
ئاشىق شامال ئەگىشىپ كېلەر.
يول بىرەتتى ساڭا ئۇ ئۈنسىز،
يول بىرەتتى گۈلگۈن مايسىلار.
كۆزلىرىڭگە ئاي باقار قېنىپ،
كۆزلىرىڭ ئاي نۇرىدەك تازا.
مانا كەلدىڭ مەلەڭگە يېنىپ،
سېنى يۇتار كونا دەرۋازا.
غەمكىن شامال كوچىدا قالار،
مىت قىلمايدۇ قاناتلىرى تېنىچ.
پارچە-پارچە قىلىپ تاشلىنار،
ئۇ كۆتۈرۈپ ئەكەلگەن سەۋىنچ.
ۋە لەۋدىكى بۆسە ھىدىدىن،
مەست بولغانچە ھالسىز، بىماجال.
قارىياغاچقا كۆكسىنى يېقىپ،
مۇڭلۇق- مۇڭلۇق يىغلايدۇ شامال...
ماۋزۇسىز
ماۋى رەڭلىك ئاسمانغا باقتىم،
ئاسمىنىمغا ئايلاندى ئاسمان.
زۇمرەت دالا بولدى مېنىڭكى،
باققىنىمدا چەكسىزلىك تامان.
باغرى ئەلۋەك باغلارغا باقتىم،
كۆكرىكىمگە باش قويدى بۇ كۆز.
تاڭ نۇرىنىڭ دولقۇنىدا جىم،
يۈرىكىمدە چاقنىدى يۇلتۇز.
ئىچتىم ئوتلۇق شاماللارنى مەن،
شاماللارغا ئايلاندى باغرىم.
قۇچىقىنى ئاچتى بىر لېۋەن،
ۋە ھاياتنى قېنىپ كۈيلىدىم.
ھەر كىشىنىڭ بولسۇن ئاسمىنى،
لاۋالىرى بولسۇن قەلبىنىڭ.
ئەركتەك ئۇلۇغ ئانا ماكانى،
چەكسىزلىكى بولسۇن ھەركىمنىڭ.
***********
تەبىئەتتۇر مېنىڭ داۋامىم،
تۇتاش ھامان قەلبىم قەلبىگە.
ئۆمرۈم باغلىق ئاي ھەم قۇياشى،
دەريا، دالا، دەرەخلىرىگە.
يالپۇزلارنى قۇچاقلاپ سەرخۇش،
مۇھەببەتكە چۇلغىنار قەلبىم.
بېشىم ئۆزرە ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇش،
خىيالىمنىڭ داۋامى بەلكىم.
تۈنلەر نەپەس ئالماي ياتارمەن،
مېنى قۇچار شادلىق ۋە ئەلەم.
دەرەخ كۈلكىسىنى كۆرگەنمەن،
كۆرگەنمەن كۆز ياشلىرىنى ھەم.
************
ئىشىكلەر توساتتىن بىر قۇچاق نۇرنى،
چېچىپ يۈرەر ئىدى تۈننىڭ كۆكسىگە.
ئىشىكنى ياپىمەن، تېنىچ كوچىلارنى،
كېزىپ تەلمۈرىمەن ئاينىڭ ھۆسنىگە.
كىيىن دالالارغا چىقىپ كېتىمەن،
مەن بىلەن باغلاردا تەمتىرەيدۇ تۈن.
بۇلۇتلار ئاقىدۇ، يۇمىمەن كۆزنى،
ئاستىمدا مايسىلار ئوقۇيدۇ ئەفسۇن.
تۈن شەھەرنى قۇچقان، بەختلىك ئايال،
يىگىتنىڭ كۆكسىگە قويۇۋاتقان باش.
ئۇخلار پەرەنجىگە پۈركەنگەن گۈللەر،
كۆرپىدە تەخت قۇرغان مۆشۈككە ئوخشاش.
پەقەت ئۇزاقلاردا تۈنگى قىرلاردا،
كۆزلىرى قارا قىز، قېشى قارا قىز.
يىگىتنىڭ كۆكسىگە ئەمەس، دالادا
ئۇياتقا باش قويۇپ ئۇخلايدۇ يالغۇز...
سۆز- قۇشتۇر
سۆز قۇشتۇر،
ئاۋايلا قۇشنى،
ئاۋايلا كۆكسىڭنى قىلىپ بەر ئۇۋا.
قاناتلىرىنى سىلا، ئەركىلەت ،
قانلىرىڭنى ئىچۈر، ئۇسسىسا.
شېئىر ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ،
قۇياشقا تەلپۈنەر، يەلكىسىدە تۈن.
قەپەس ئەمەس مىسرالار ھەرگىز،
ئاسمان بولىشى مۇمكىن سۆز ئۈچۈن...
تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان...
تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان،
يادىمدىدۇر جادۇ كۆزلىرىڭ.
شوخ كۈلكەڭنى ئەسلەيمەن بۇئان،
ئۇنۇتۇلغان يالغان سۆزلىرىڭ.
ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەك قىزىل،