-
ئــاۋارىمــىز - [چەتئەل شېئىرلىرى]
2010-07-20
ئــاۋارىمــىز
پەرىدە ئەفرۇز
ئۆزبەكچىدىن ئاغدۇرغۇچى : ئوۋچى
ئانا يەر تۇپراق قېلىپ ئاسمان بىلەن ئاۋارىمىز،
جان بېرىپ جانىڭ ئالار جانان بىلەن ئاۋارىمىز
كۆزىمىزگە تولدۇرۇپ لىق سەرسان ۋىسال، سەرگەشت ئىشىق
ياش تۆكۈپ يىرتىپ ياقا، ھېجران بىلەن ئاۋارىمىز.
قاشىمىزدا ھۈر گۈزەللەر، بىرسى سىڭىل، بىرسى نىگار
ئىنساپ قېلىپ، ئىنسان قېلىپ، شەيتان بىلەن ئاۋارىمىز.
ئاتىمىز مۇھتاج ئىدى بىزگە يەنە ئانىمىزمۇ ھەم
زار ئېتىپ ھەر ئىككىسىن، مېھمان بىلەن ئاۋارىمىز.
ھەر نەپەس يانىڭدا دىلداش مۇشكۇلاتىڭغا يېقىن
ياخشىلار بۇندا قېلىپ يامان بىلەن ئاۋارىمىز.
چىن ھەقىقەت يولى باشقا،چىن ۋاپالىق باشقىدۇر
ھەق قېلىپ، ھەقدار قېلىپ، يالغان بىلەن ئاۋارىمىز.
بولمىسا ھۇشيار كىمىكى غەپلەت توزانى چۈمكىگەي
يول كۆرسىتەر سەربان قېلىپ، كارۋان بىلەن ئاۋارىمىز.
بىزنى ھەق ھۈر ئەيلىگەي، نۇر ئەيلىگەي ئازات ئېتىپ
بار ئىشىككە قۇلۇپ سېلىپ، قورغان بىلەن ئاۋارىمىز.
كىمكى بىزگە ئىنتىزاردۇر، پەرىدە ئەفرۇز چىن سۆزۈم
جان نىسار چىن دوست ئۈچۈن، قۇربان بىلەن ئاۋارىمىز!