-
ئـــۆزبىك شېــــئىرىيتىدىن - [چەتئەل شېئىرلىرى]
2010-07-14
ئـــۆزبىك شېــــئىرىيتىدىن
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئوۋچى
تاڭ لەۋھەسى
ئەركىن ۋاھىدۇپ
ئۇپۇقلارغا قويۇپ گۈلدەستە
تاڭ نۇرىدىن كۆتۈردى-دە باش.
پەسكە باقتى چوققىدىن ئاستا
ئالتۇن قەلەم تۇتقان بىر نەققاش.
ھەر شەيئىگە جىىلۋە بەردى ئۇ
ۋادا ئۈزرە چېكىپ زەر لەۋھە.
سوڭ قوياش دەپ ئىمزا چەكتى يۇ-
تاڭ ئاتار دەپ قويدى سەرلەۋھە.
پىراق ھەققىدە
سەن يىراقتا،
يارىڭ يىراقتا
ئۆرتىنىدۇ جانىڭ پىراقتا.
تۈگەپ بارار بەرداش-سۇباتىڭ،
ئۇچاي دېسەڭ يوقتۇر قاناتىڭ،
گۈزەل يارىڭ ۋېسالغا مۇشتاق
كېچىللىرىڭ ئۆتىدۇ ئويغاق..
ئەمما، غەمدىن بېشىڭنى پۈكمە،
شەھلا كۆزدىن يېشىڭنى تۆكمە.
دىلبەر، بۇنى پىراق دېمە ھېچ
يارىم مەندىن يىراق دېمە ھېچ،
جانلار قوشۇپ سېنىڭ جېنىڭغا
يارىڭ كېلەر بىر كۈن يېنىڭغا...
خورشىد دەۋران
شېئىرىيەت بۇ-قىيىن ئىش ئەمەس
يازساڭ ئەگەر يۈرەكنى ئاسراپ.
بىراق شېئىرنىڭ بىر سەترىسىن دەپ
قان تۈكۈرگەن تۈنلەردە مەشرەپ.
شېئىرىيەت بۇ-قىيىن ئىش ئەمەس
يېتەر تاپساڭ قاپىيە يا ساز.
شېئىردا بەزەن ھاۋادەك زۆرۈر،
«ئەرك » سۆزىگە قاپىيە «قىساس»
سەن قورقۇنۇچنى قانچىلىك يۇشۇر
شېئىر قىلار بەرىبىر ئاشكار.
قورقاق بولساڭ، قورقاقتۇر شېئىر
مەرد مەن دەپ جار سالساڭ بىكار.
ئانا يۇرتنى كۈيلىمەك ئۈچۈن
خۇددى شېئىرغا بەرگەندەك يۈرەك
ئۇنى يۇرتقا بەرمەك ئۈچۈن ھەم
دائىم تەييار تۇرمىقىڭ كېرەك
تۇمارىستەك ئايال قوللارنى
قاداقلارنى تىلەركەن كەچكۈز
قوقاستىكى شېئىرى يوللارنى
يۈرگۈمدە قان قالدۇرغان ئىز
زەھەر ئىچىپ ئۆلگەن ئارتىستەك
ئويۇندىن سوڭ تىرىلمەك بىكار.
شائىر شېئىرنىڭ ئالدىدا تىرىك
يېزىپ بولۇپ ئۆلمىكى دەركار.
شېئىر تۇيماقتۇر ناگىھان دىلدىن
سەن قولۇڭغا ئالغاندا ناننى
بۇغداي قاننى يەردىن سۈمۈرگەن
ئەرك دەپ جەڭدە تۆكۈلگەن قاننى.
1979
بىھىزات پەزىلىدىن
سۇئال
كۆزىڭىزدە تۇرغان دەردىم ئارمانمۇ؟
سۆيۈلۈش ئاسانمۇ، سۆيۈش ئاسانمۇ؟
سەنسىز ياشىيالمايمەن دەپ چارچىمايسىز،
جانىم، ھاياتىڭىز شۇنچە ئەرزانمۇ؟
*******************