-
ئابدۇئەزىز مۇبارەك شېئىرلىرىدىن - [چەتئەل شېئىرلىرى]
2010-07-16
ئابدۇلئەزىز مۇبارەك شېئىرلىرىدىن
ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئوۋچى
ماڭا پاناھ بېرىڭ نىگاھىڭىزدىن
«ماقۇل» دىن ئەسەر يوق چىرايىڭىزدا
دۇنيا سورارمىدىم نىگارىم سىزدىن؟
بىر قىيا باقسىڭىز باشىم ئاسماندا
ماڭا پاناھ بېرىڭ نىگاھىڭىزدىن.
ئىزىمنى ئىزلايدۇ قانچە نىگاھلار
قەھرىتان نىگاھلار، خەنجەر نىگاھلار.
قىپ-قىزىل نەشتىرىن سانچار نىگاھلار،
ماڭا پاناھ بېرىڭ نىگاھىڭىزدىن.
قول شىلتاپ ئالىپتە دۇنيالىرىگە،
كاشكى سىزگە يەتسەم ۋىسالىڭىزگە.
كۆڭۈل بەرمەڭ مەيلى، كۆندۈم بارىگە
ماڭا پاناھ بېرىڭ نىگاھىڭىزدىن.
بىپىسەنىت سەنەملەر يانىمدىن ئۆتتى،
ئەلەملەر، سىتەملەر جانىمدىن ئۆتتى.
ئازاپلىق بۇ كۈنلەر قانىمدىن ئۆتتى،
ماڭا پاناھ بېرىڭ نىگاھىڭىزدىن.
بىر كېلىڭ، بىر بارە كۆڭلۈمگە بېقىڭ،
ئەڭ ئاخىر، ئەڭ ئېغىر كۈنۈمگە بېقىڭ.
جان بەرسەم تېنىمنى تۇپراققا بەرمەڭ
ماڭا پاناھ بېرىڭ نىگاھىڭىزدىن.
سىز
قار ياغماي قەھرىتان بولىدۇ گاھ-گاھ،
كۆكلەم كېلىۋىرەر ھەتتا چېچەكسىز.
گۈلنى ھېدلىماي ياشارمەن، بىراق-
سىز ماڭا كېرەك سىز...
ئايسىز ھەم بىر ئۆزى ئايلىنار زىمىن
يۇلتۇزلار ياشايدۇ بەلكىم ئاسمانسىز.
كۈنسىز بىر كۈنۈمنى كۆرىمەن، لېكىن-
سىز ماڭا كېرەك سىز...
يامغۇرسىز ھالدىمۇ كۆكىرەر سەھرا
شامال دەركار ئەمەس بۇلۇتقا شەكسىز.
يىللاپ تەشنالىققا چىدايمەن، ئەمما
سىز ماڭا كېرەك سىز..
قاناتسىز مارىسقا ئۇچماقتا ئۇچقۇ
كېمىلەر ماڭماقتا بەلكى يەلكەنسىز.
سۇ ھەمدە ھاۋادىن مۇستەسنا ھېچكىم
مەن سىزگە كېرەك سىز....
نەرگىس
نەرگىس
نىگاھلىرىم سارغىيىپ بارار
كېلەر يوللىڭغا چۆككىنىچە تىز
ھېجران يامغۇرلىرى بېشىمنى يارار
سەنسىز.
ھەرگىز
ھەسرەتلىرىم يەتمەس پايەڭگە
كۆزۈڭنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ يۇلتۇز
مېنى ھەم ئېلىپ كەت ، ئاسمانغا...
نەرگىس.
نەرگىس
ئىقبالىمىز قايسى خىيالدا
ئېيت، ۋىسالنىڭ مەنزىلى قايان
مېنى مەندىن جۇدا ئەيلەر خىياللار
سەنسىز.
سەنسىز
گەپ قىلغۇممۇ كەلمەيدۇ ئېيتسام
ھايات ھەم كۆزۈمگە غەلىتە، ھېسسىز.
ساڭا بەرىبىرمۇ ناھات مەنسىز ھەم؟
مەنسىز؟...
يالغۇزۇم
قېشىڭدەك قارايدى قارا تۈن
يۇلتۇزدەك ئۆچتۈڭمۇ يۇلتۇزۇم؟
نەچچە مىڭ ئايلاندى بۇ پەلەك
مەن ھامان يالغۇزمەن ، يالغۇزۇم.
گەۋھىرىم گەۋھەرگە چاپتىڭمۇ؟
بىر دۇنيا بولاتتىم مەن ئۆزۈم.
دىلبىرىم ئىستىگەننى تاپتىڭمۇ؟
مەن ھامان يالغۇزمەن ، يالغۇزۇم.
سۆيمۈدۈم باشقا بىر سەنەمنى
يا قەلبىم كور بولغان، يا كۆزۈم.
مەن يالغۇز ئوغلىتىم ئانامنىڭ
مەن ھامان يالغۇزمەن ، يالغۇزۇم.
سەن ئەركە ئوغلۇڭنى ئەركىلەت
تىزىمنى قۇچاقلاي مەن ئۆزۈم.
كۆكسۈمگە پاتمايدۇ بىر نالە
مەن ھامان يالغۇزمەن ، يالغۇزۇم.
评论