خەيرلىشىپ ئايرىلغان سەھەر،
دىلخانەمدە سايرىغان بىر قۇش.
ئەستىلىككە قانمىغان چېغى،
تېپىرلايدۇ تېخى بىر ئۆكسۈش.
سېغىنىشنىڭ تەلقىنلىرىدىن،
سالام ئوخچۇپ ئىزدەيدۇ ئۇپۇش.
چىمەن ئارا چىرماشقان ئىزلار،
يامغۇر كەبى سۆيۈشكەن بىر چۈش.
چۈشلىرىگە سىزىدۇ بىزنى،
خىياللارغا پاتقان كۆك دالا.
شىلدىر-شىلدىر كۈيلەيدۇ جىرلاپ،
زىلال غۇسلى قىلدۇرغان قىيا.
سالقىن شامال سىلكىپ ساپ ھاۋا ،
ھوزۇرىدىن ئويغىتار نەپەس.
جىغانلارغا قونغان يۇلتۇزلار،
ھاياجاننى قوزغايدۇ پەۋەس.
قارىغايلار تىكىلگەن كۆككە،
كۆركىمىزنى ئايدىن سوراشقا.
بۇلۇتلارمۇ ماراپ يۈرەرمىش،
روھىمىزدىن ئىلھام سوراشقا.
ھىدلار ئۇندىن تارالدى قايان،
ئادەملىكتىن قىلدىمۇ بايان.
قەدەملەردىن كۈلدىمۇ چېچەك،
تەپەككۈرۈم كەتتى دوست سايان.
قەلبلەرنى يۇيسۇن نۇرىدا،
تاغ تۇرادا يانغان يۇلتۇزلار.
ئەكس نۇرلارچاقنىسۇن مەڭگۈ،
ئىجادلاردىن چاچرىتىپ دۇرلار.
كۆڭۈل قۇشۇم تىۋىنار ساڭا،
ئىلھامىمغا رەڭ بەرگەن ماكان.
يوللىرىمدا يارىلۇر گۈل باغ،
قىيام ياساپ مېھرىڭ ھەر قاچان.
2012. 9. 16-كۈنى سەھەر