«تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپ ئوقۇش كۇرسى» باشلاندى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپ ئوقۇش كۇرسى» 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت - ماتىريال مەركىزىدە ئېچىلدى. 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەرجان سىدىق، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلىكىم ھەسەن، شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتىدىن يازغۇچى پەرھات ئىلياس، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلا ئىسھاق پەرۇزان ۋە تۇرپان ۋىلايىتىدىن بۇ قېتىمقى كۇرۇسقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن 14 نەپەر يازغۇچىلار قاتناشتى. كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ بۇ قېتىمقى كۇرۇسنىڭ تەشكىللىنىش ئەھۋالى، دەرس ۋە سۆھبەت كۈنتەرتىپلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى قاتارلىقلار ھەققىدە دوكىلات بەردى. ئاندىن ئۆمەرجان سىدىق بارلىق كۇرسانتلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىجادىيەت نەتىنجىلىرى، ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن غەيرەت ئاسىم سۆز قىلىپ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىلقى ئەدىبلەرنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى،ئىجادىيەت – ماتىريال مەركىزىمىزنىڭ رولى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى كۇرۇسقا قاتناشقان ئەدىبلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى، تەلەپلىرى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرغا قويدى.
چۈشتىن كېيىن غەيرەت ئاسىم كۇرسانتلارغا ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە دەرىس ئۆتتى، پەرھات ئىلياس، ئابلىكىم ھەسەن قاتارلىقلار كۇرسانتلارنىڭ شىئېرىيەت، ئەدەبىي تەرجىمە قاتارلىق ئىجادىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ بىر كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتتى. 7-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن ئاۋال ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئىجادىيەت – ماتىريال مەركىزىگە كېلىپ كۇرسانتلارغا مەخسۇس تېمىدا ئىجادىيەت لېكسىيەسى سۆزلەپ بەردى ۋە ھەممە كۇرسانتلارنىڭ ئىجادىيەت، خىزمەت ئەھۋاللىرىنى بىرمۇ – بىر ئىگەللەپ، تۇرپان يازغۇچىلىرىدىن ئۆزئارا ئىتتىپاق، بولۇپ، تىرىشىپ ئۈگۈنىپ، ئىجادىيەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارىتىش ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئازات سۇلتان كۇرسانتلارغا دەرىس ئۆتمەكتە
غەيرەت ئاسىم ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا
|