پاشاگۈل نىياز(توقسۇن)
سۆيگۈلەر كارۋىنى يولدىن ئازغانمۇ؟،
جۇدالىق-پىغانغا تويۇنغان نالە.
ئۈمىدلەر توزىدى ئۈششۈك تەككەنمۇ؟،
ماتەمدار كىشىدەك قەلبلەر يارە.
كۆيمەكتە ئۈنسىز قەلب تىۋىشى،
تىترەڭگۈ لەۋلەر پىچىرلاپ نىمجان.
ئەسلىمە يىغلايدۇ يۈتكەن ئۆركىشى،
دوقمۇشتا تېلىققان ئەسەبىي ھىجران.
جۇدالىق پەيتىنى بىلەلمەس ھېچكىم،
ئازاپلار پەللىسى مۆكۈندى پىنھان.
يۆگىمەچ ئوتىدەك چىرمىشىپ مەھكەم،
ئەگىيدۇ ھەسرەتلىك خىياللار سەرسان.
ئۈمىدلەر تۆكۈلەر جىمجىت ئۆلۈكتەك،
ئەقىدە قاراسلاپ سۇنماقتا ھەردەم.
ئازاپلار قىيانى مۇجۇلغان يۈرەك،
بۇزۇلغان پولودەك تاشلاندۇق قەسەم!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا paxagul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 11:35