ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

«تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپ ئوقۇش كۇرسى» باشلاندى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1816
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 10:07:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاردىكى مىسكىنلىك  

-پاشاگۈل نىياز (مۇڭلۇق)

ھەر سۈبھىدە قىزىل شەپەق زېمىننى سۆيۈپ،
گۈزەل يايلاق يېپىنغاندەك ياپيېشىل كىمخاپ.
قارىغايلار تۇرار مەزمۇت قەددىنى كېرىپ،
كەڭ ئالەمگە غالىبانە نەزەردە قاراپ.
گۈل تەبىئەت تۇرسا شۇنداق يېقىملىق كۈلۈپ،
مېنىڭ كۆڭلۈم تۇرار مىسكىن،مۇڭلۇنۇپ يىغلاپ.

مەيىن شامال زوق-شوق بىلەن جاھاننى كەزسە،
ئاق بۇلۇتلار گاھى كۈلۈپ،گاھىدا يىغلاپ.
يۇمران قوزا ئاچچىق مەرەپ مەممە ئىزدىسە،
ئات ئۈستىدە چوپان يىگىت پادىنى قوغلاپ.
جىمى ئالەم شۇنچە تاتلىق جىلمىيىپ كۈلسە،
يۈرىكىمدە ئاچچىق ئازاپ باغرىمنى تىلغاپ.

چىغىر يوللار ياتار مەستخۇش سەھرانى سۆيۈپ،
باغۇ-بوستان،گۈل-چېچەكتىن خۇش ھىد تارايدۇ.
بۇلاقلارمۇ يىراقلاردىن شىلدىرلاپ ئېقىپ،
بارچە قۇشلار ۋىچىر-ۋىچىر مۇڭلۇق سايرايدۇ.
يېشىل دۇنيا  تەبەسسۇمدا تاتلىق جىلمىيىپ،
يۈرىكىمنى مۇڭغا بۆلەپ ھەسرەت مارايدۇ.

سۇسىرىغان جىلغىلارنى لۆمۈلدەپ يۇتۇپ،
ئەزىم دەريا ئۆركەش ياساپ ئاقىدۇ راۋان.
ئېتىلغانچە چايكا ئوقتەك بېلىقنى تۇتۇپ،
كۆپكۆك دېڭىز دولقۇنلىنىپ سۆزلەيدۇ بايان.
جىمى ئالەم شوخ يىگىتتەك مەيلىمنى ئۇتۇپ،
يۈرىكىمنى قاماللايدۇ تېڭى يوق ھىجران.

مۇز چوققىلار تۇمان ئارا سۆيۈشەر تىمتاس،
مانان ئارا قار گۈللىرى كۈلەر چېچەكلەپ.
لاۋۇلدىغان ماگمىلار ھەم سالغاندەك قىقاس،
يانار تاغلار ۋولقانلارنى چاچار ئېتەكلەپ.
مۇشۇ مۇڭلۇق سىياقىمنى قىلامسەن قىياس،
يۈرىكىمدە مەڭگۈلۈك بىر ھەسرەت پورەكلەپ.

ناۋات رەڭلىك بىپايان بىر سېلىنچا گويا،
مۇز ئوكيانلار ئىچىمدە ئېھ لاۋۇلداپ كۆيەر.
ئوخچۇپ-ئوخچۇپ يۈرىكىمدىن ھەسرەتلىك سادا،
پۈتكۈل تېنىم قوقاس كەبى سېنىلا سۆيەر.
مەڭگۈ-مەڭگۈ بوزلىماقتا پىغانلىق نىدا،
كەل باغرىڭنى باغرىمغا ياق سۆيۈملۈك دىلبەر !.
2012
-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى چارشەنبە.
جەنۇبىي تاغ يازغۇچىلار ئائىلىسىدە يېزىلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   paxagul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-6 11:30  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1816
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 10:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاشلاندۇق قەسەم!

پاشاگۈل نىياز(توقسۇن)

   

سۆيگۈلەر كارۋىنى  يولدىن ئازغانمۇ؟،

جۇدالىق-پىغانغا تويۇنغان نالە.

     ئۈمىدلەر توزىدى ئۈششۈك تەككەنمۇ؟،

ماتەمدار كىشىدەك قەلبلەر يارە.


كۆيمەكتە ئۈنسىز قەلب تىۋىشى،   

تىترەڭگۈ لەۋلەر پىچىرلاپ نىمجان.

  ئەسلىمە يىغلايدۇ  يۈتكەن ئۆركىشى،

  دوقمۇشتا تېلىققان ئەسەبىي ھىجران.

  جۇدالىق پەيتىنى بىلەلمەس ھېچكىم،

ئازاپلار پەللىسى مۆكۈندى پىنھان.

    يۆگىمەچ ئوتىدەك چىرمىشىپ مەھكەم،

   ئەگىيدۇ ھەسرەتلىك خىياللار سەرسان.

         

ئۈمىدلەر  تۆكۈلەر جىمجىت ئۆلۈكتەك،

ئەقىدە قاراسلاپ سۇنماقتا ھەردەم.

ئازاپلار قىيانى مۇجۇلغان يۈرەك،      

                                    بۇزۇلغان پولودەك تاشلاندۇق قەسەم!...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   paxagul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-6 11:35  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 300
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 18:46:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت يۇرتىدىكى شائىر-يازغۇچىلارغا ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىبوپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1816
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 19:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونۇم رايونلۇق  يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى بىر ئۈگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىدىن ئىنتايىن مىننەتدارمىز .بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىمىز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1712
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 792
تۆھپە : 0
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 12:25:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ  چاغلارنى سېغىنىپ تۇرۇپ ئەسلىمەكتىمەن . قىزغىن مۇشائىرە ، ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەر ھاياتىمغا يېڭى مەنە قوشتى . ئاشۇنداق پۇرسەتلەر يەنە كەلسە ھە..... ئامان بولۇڭلار دوستلار ، ئىجادىيىتىڭلارغا ئۇتۇق يار بولغاي !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 478
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 11:47:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                              ‹‹تاغ تۇرا››غا  چاقچاق
                                             ئابدۇلىتىپ ئىمىن

     ئۈرۈمچى جەنۇبى تاغ شۈيشىگۇ بازىرى ھاۋايى مۇئەللەققە جايلاشقان «ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى» قارمىقىدىكى «يازغۇچىلار ئائىلىسى»دە ئېچىلغان « تۇرپان يازغۇچىلار جەمئىيىتى كىتاپ ئوقۇش كۇرسى» شۇنداق ئەھمىيەتلىك، قىممەتلىك، گۈزەل، ئارزۇلۇق، تېپىلغۇسىز، ئۇنتۇلماس  بىر ھەپتە پۇرسەت بولدىكى،  بۇ شەرەپ بەرىكىتىدىن قەلبلەر مەڭگۈ نۇرلىنىپ، مەڭگۈ مول ھوسۇللۇق، شېرىن  مېۋىلەپ تۇرغۇسى!  

                          كۇرس ئىشتىراكچىلىرىغا  چاقچاق
                                         
                                      ئۆمەرجان سىدىققا
ھەر ساھەدىن، ھەر شەھەردىن تەڭ قىلىپ،
توڭ-پىششىقتىن، چوڭ-كىچىكتىن تەخ قىلدىڭ.
بوغۇنلارنى تاغ تۇراغا جەم قىلىپ،
بالغا تولغان گۈل-چېچەكنى نەق قىلدىڭ.
                                          
                                       ئەيبۇغا
شۇنچە تەمكىن ۋە لېكىن كەسكىن،
ھەممە ئىشقا يېتىشلىك ئەيبۇ.
>>ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا كەل، قوشۇل<<،
تاغ تۇرادا مانا مەن بار دەيدۇ.
                       
                               ئابلا ئىسھاق پەرۇزانغا
تىلغا ماھىر، ئىستىداتقا باي،
كۆڭلى باھار، دىتلىق پەرۇزان.
ئەدەبىيات دەپ ئات سالدۇق، چاپتۇق،
ئەتىگە غەمدار بولماڭ پەرىشان.

                                ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتقا
سائەتتە بىر پۈتەركەن ئەسەر،
سۆزلەپ بېرەر جىنىڭىز بارمۇ؟
قەلەم، سورۇن، يولدىمۇ سىز بار،
سىز ماشىنا، يا ماشىنا سىزمۇ؟

                                   ئەكبەر نىياز پەتتارىغا
غەزەلخان دەپ نامىڭ بار،
ئەنجۈر يىگەن باغلاردا.
ئۇستاز بولۇپ ئۆتكەنتىڭ،
سەھەر ، ئاخشام تاغلاردا.

                                    ياقۇپ ئىسمايىل قۇرۇلچىغا
ياماشسىمۇ گەرچە لوق گۆشى،
تېتىكلىكتە ئۈلگە  قۇرۇلچى.
يازغانلىرى يوغان ھەم كۆركەم،
ئۆزى ئېغىر، پىشقانكەن سۆزى.

                                     مۇھەممەت ئابدۇرېھىمغا
يەلكەڭدە كۆز، ئېكراندا سۆزۈڭ،
كۆڭلۈڭ بەك تۈز،  ياتماسكەن چېكىت.
سەھەر تۇرۇپ، كەچتىمۇ جۇشقۇن،
شېئىرلىرىڭ گۈزەل بىر گېزىت.

                                        پەرھات باھايىدىنغا
يەلكەڭدە بىر، كۆكسۈڭدە بىر كۆز،
سىيمالارغا تويۇنماس ئەجرىڭ.
نى كەچمىشتە زەبەردەست قەددىڭ،
گۈھەر سۈزۈپ پۈتكەنمۇ نەسرىڭ.

                                       كېپەيتۇللا ئەرشىگە
ئەمەل ، ئورنۇڭ، پەخرىڭ پىنھانسىز،
ئاۋازلارمۇ تەڭشەلمەس سەنسىز.
تەنتەكلىكىڭ ئارتىسقا ئۇستاز،
نەسىرلىرىڭ گۇيا گۈل ئېتىز.

                                      ئابدۇخالىق ئابلىمىتقا
باغچىدا يايلاپ، قىشلاقتا كىشنەپ،
يېتىلەپ يۈرەر شېئىرلىرىدا قىز.
لىرىكىلىرى شۇنچىلىك تاتلىق،
مۇقەددەس سۆيگۈ سىڭگەچكە تەگسىز.

                                     مەمتىمىن ئابدۇقېيۇمغا
ئۆزۈڭدىكى ئىلمىلىك بىر شېئىر،
سۆزۈڭدىكى ۋەزىنلىك بىر سېھىر .
قەلەم، ئەمبەل، كەتمەن يەكلىمەس،
<<يۈكسەك چوققا>> ئاچار گۈل چېھىر.

                                    ياسىنجان ئۆمەرگە
مۇھەببەتكە نىنچىلار قويۇپ،
گاھ <<مۇھەررىر>> قوغلاپ يۈردىڭىز.
گۆشىنى يەڭ پولۇ ئۆتمىسە،
لەغمەن بېرەي تاتلىق يازسىڭىز.

                                   ئابدۇراخمان ئېلىنىيازغا
تاغ تۇرادا شامال تەگدىمۇ؟
گېلىڭىزدىن گۆشمۇ ئۆتمىدى.
ھەر سالادىن ھوسۇل ئالغان قول،
يازماي كەتتى...، ئەستىن كەتمىدى.

                                  مۇھەممەتجان مەخمۇتقا
دەپ بولغىچە بولىسەن يېزىپ،
يانچۇقىڭدىن قاينامدۇ ئىلھام.
<<يېما>> ئەسلى ھۆرمەتكە لايىق،
گاھ بىخۇتلۇق قىلمىسا سىدام.

                                   پاشاگۈل نىيازغا
سۈزۈك چېھرىڭ ئايدىڭغا نەققاش،
ىۆزۈڭ تاتلىق، چىۋەرلىكىڭ شاش.
مۇڭ-كۈيلەردە ئېقىتىپ سېنى،
«ياق-ياق» دېگەن قايسى باغرى تاش.

                                  ھەلىمە مەخمۇتقا
ئۈژمە، ئۆرۈك پىشىپ تۈگىدى،
كۈتكىنىڭىز كېلەي دېدىمۇ؟
ئانچە مۇنچە سۆيۈنچە بېرىڭ،
شېئىرىڭىزدىن ئۈنەر بەلكىم ئۇ.

                                 ئۆزۈمگە
«تۇرمۇش مۇھىم» كۇرستا ئالدىن دەپ،
شۇ بانىدا ئۆتمىسۇن ئەسىر.
تۈندە يازغان يازمىلىرىڭنى ،
رەتلەپ قويساڭ پۈتمەمدۇ نەسىر.

                               كۇرسداشلار كوللىكتىپىغا
ئون بەش «ئەدىپ»، تاغ تۇراغا جەم بولۇپ،
پىكىرلەشتۇق ئاشلىرىمىزغا تەم بولۇپ.
پۈكتۇق دىلغا بۈيۈك مەقسەت، يۈكسەكلىك،
ئۇستازلارنىڭ تەلىمىدىن پەم تولۇپ.
                           
                    «يازغۇچىلار ئائىلىسى»گە

بىزنى جەم قىلغان قورۇ ئۇزاتتى بىزنى ھەر تەرەپ،
رومانتىك شېئىرى ماكان تىترىدى بىر پەس تەمتىرەپ.
يامغۇرغا تەڭكەش بولۇپ قىزىغان بىر چاغ شوخ  مەشرەپ،
لىرىكا سۈرۈپ خىيال قالارمۇ  چېدىر چۆلدەرەپ.
قىزىغان مۇھاكىمە ئايلانسا چۈشكە بىتەرەپ،
ئىزدىگەي ئىدىقۇتتىن، دالادا يۈرمەي ئەنسىرەپ.  

                                كۇرسداشلارغا  سۇئال

چىقتۇق تاغقا قولداش بولۇپ،
بىر چوققىغا يولداش بولۇپ،
ئويۇشتۇق رىسقا قوشۇپ.
سىرداش بولۇپ،
جىرداش بولۇپ،
دۇرداش بولۇپ،
نۇرغا تولۇپ.
سېغىنغاندا ،
گاھى يۈرەرمىز تورداش بولۇپ.
قۇت بەرگەن كۈنلەر،
گاھى قالارمۇ ئۇنتۇلۇپ.
..................................... .


                                    
  ئۈرۈمچى  2012. 8. 3. كۈنى (جەنۇبى تاغ شۈيشىگۇ خاتىرلىرىدىن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇلىتىپئىمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 11:27  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 478
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 20:11:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     يىگانە ئاخشام باشلانغان ناخشا  
                                                  
                                                         ئابدۇلىتىپ ئىمىن

چوغلىنار يال-يال،
قەلبىمگە نەقىش،
ئۇنتۇلماس ئاخشام.

ئاھ....
شۇ ئاخشام .
ئاتەش نەپەسلەر،
ئاتەش يۈرەكلەر دۈپۈرلەشكەن،
ئاتەش تىنىقلار،
ئاتەش تىلەكلەر،
ئاتەش يالقۇنىدەك يۆگىلىشىپ،
ھېسلارغا چىلىشىپ،
نۇرلارغا سۆيدۈرگەن،
گۈزەللىككە چۆمدۈرگەن،
يىگانە ئاخشام.
گىرە-گىرە،
قولنى قوللار تۇتۇشقاندەك،
قايناق-قايناق كوچىلىرى ،
بىنالارنىڭ ئاسمان پەلەك نوچىلىرى ،
ھەر دوقمۇشىدا قول قوشتۇرغان،
ئىلىم دېڭىزلىرى ،
ئاۋات شەھەرنى،
غايەت دۇنيانى،
گۈھەر سۈزۈشتە بەسلەشكەن،
ئاتەش رەڭ بېلىجانلارنى،
قۇتلىغان ئاخشام.

ئاشۇ ئاخشام،
قەلبىمنى يېرىپ،
روھىمنى ئۇرغىتىپ،
بۇلاقلاردىن ئېتىلغاندەتك كۈي،
باشلاندى بىر شوخ ناخشا.
سەن ئوت ياققان،
تاتلىق خۇيۇڭنى،
گۈلگۈن بويۇڭنى،
چوڭقۇر ئويۇڭنى،
شېرىن سۆزۈڭنى،
چوغلانما شالىغۇچ قىلىپ،
يۈرىكىمنى پىژ-پىژ  قىينىغان،
بىر ئوتلۇق ناخشا.
ۋۇجۇدۇمدىن باشلانغان،
سەن ئۈچۈنلا يارالغان،
يوللىرىڭغا تارالغان،
سېنى دەپلا شاشلانغان،
باغرى چوغدا قاشلانغان،
مۇقەددەس ناخشا.
مېنى يېتىلەپ،
ئالغا! ئالغا! دەپ،
ئىلھام مەدەت كۈيىدە ھەيدەپ.
ئىشق خۇش بوي شېرىن ساپ مەي دەپ،
ۋاپا ساڭا گاڭ قانات پەي دەپ.
كويلىرىڭدا شۇڭقار مىندۈرۈپ،
كۈھىقاپتا ئازاپ سۆيدۈرۈپ،
ۋىسالىڭچۈن تاۋلىغان ناخشا.

ئېيتقۇم كېلىدۇ،
شۇ ناخشامنى،
يېپيېڭى ئاھاڭلاردا،
تۈس بېرىپ باشقا.
سېنى كۆزلەپ،
سېنى ئۆزلەپ،
سېنى پۈۋلەپ،
سېنى سۆزلەپ،
يادلىنىپ يۈزلەپ،
مىڭ كۈيدە كۈيلەپ،
چىقىرىپ سادا،
ئېيتقۇم بار تازا.

ئېيتقۇم كېلۇر،
رادىئودا ئاڭلاتقاندەك،
تېلۋىزوردا داڭلاتقاندەك،
كۆڭلۈمگە سەن بەك ياققاندەك.
چىن ئەقىدە،
بىر مەۋقەدە،
رەڭلەپ مىڭ رەڭدە،
گۈل بەرگىدە شەبنەم چاقنىغاندەك.
ئۆتەڭ - ئۆتەڭدە،
ئېيتقۇم كېلۇر ھەپتىدە بىر ناخشا.
يا...ق!!!
كۈتەلمەيمەن،
كۈنەلمەيمەن،
بىللە يازايلى ،
بىللە ئېيتايلى
مۇھەببەت كۈيلەك،
قوش ئاۋازلىق ،
مەڭگۈ دەۋرانلىق،
كۈندە مىڭ ناخشا.
يارىتايلى،
ياڭرىتايلى،
يەتتە ئاشىق ھەسەت قىلغۇدەك،
ھەممە كىشى جەننەت دىگۈدەك ،
ئەستە قالغۇدەك،
داستان يازغۇدەك،
خۇش ناۋا ناخشا.


                                         

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1712
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 792
تۆھپە : 0
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 10:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ، شېئىر دېگەننى تۆكۈۋېتىپسىزغۇ ، مۇئەللىم ، چاچما شېئىرنىمۇ ياخشى يازىدىكەنسىز ھە !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1816
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 16:47:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ،لېتىپ ئاكا ،ئىلھاملىرىڭىز قايناپ تاشقىنلاپ تۇرۇپتۇ، نېمانچە ياخشى چىققان شېئىر بۇ .... ھېيتىڭىز خوشال ئۆتتىمۇ؟  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1816
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 16:52:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنمۇ قوشۇپ قويايچۇ!




بەخت
                                          
  - پاشاگۈل نىياز(توقسۇن)

بەخت كۆركى – كۈلىدۇ ئىستەك ،
خۇما كۆزۈڭ چاچىدۇ گۈلخان .
ھىدلانمىغان قىزنىڭ چۈشىدەك ،
دىل قېتىڭدا كۆيىدۇ پىنھان .

سۈبھى سۆيگەن كۆز ياش شەبنىمى ،
ۋىلىقلايدۇ شۇ قەدەر تىمتاس .
لەۋلىرىڭدە كۈلكە  قاينىمى ،
ۋىسال پەيتنى قىلغانمۇ قىياس .

يوقالغانمۇ ھەسرەتلىك تىنىق ،
زۇلۇم سالماس ئەسەبىي ھىجران .
بەخت ساڭا  مەنسۇپتۇر ،ئېنىق ،
رېئاللىقمۇ    ئايلىنار    لەرزان .


( بۇ شېئىرىم نەچچە كۈن ئالدىدا تۇرپان گېزىتىدە ئېلان قىلىندى، لېتىپ ئاكا ،كۆپرەك تەلىم بېرىڭلار)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 478
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:25:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئابدۇخالىق  باغ-ئورمانلارغا يېتىلەپ كىرىدىغان  قىزلار ئۈزۈم بىلەن بولۇپ كېتىپ سىزگە چولىسى يوقمىكەن؟ ئەجەپ لىرىكىلاردىن ھوزۇرلانغىلى بولمايدا؟   پاشاگۈل سىزچۇ،   سىزنىڭ ھەر قەدىمىڭىز لىرىكا، ھەر تىنىقىڭىز شېرىنلىك بېرەتتى،  «يۈرىكىمنىڭ يېرىمى سەندە» دەپ يۈرىكىڭىزنىڭ يېرىمىنى ئىزلەپ سەرسان بولۇپ يۈرەمسىز؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 478
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:29:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
paxagul يوللىغان ۋاقتى  2012-8-21 16:52
مەنمۇ قوشۇپ قويايچۇ!

    باھاردىكى مىسكىنلىككە پېتىپ ، تاشلاندۇق قەسەمنى سېغىنىۋەرمەي يۈرىكىڭىز پۈتۈن ھالدا تاتلىقلاردىن تۆكۈپ تۇرمامسىز ، شېئىرلىرىڭىزدىن بولسىمۇ سۆيۈنچە ئېلىپ تۇرىلى مۇنداق..

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2599
تۆھپە : 7
توردا: 254
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 20:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  جەنۇبى تاغقا جەم بولغان ئەزىزلەرگە قۇت بولسۇن!...   قەدىڭىزلاردىن گۈل ئۈنگەي...

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1816
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 16:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلىتىپئىمىن يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 11:29
باھاردىكى مىسكىنلىككە پېتىپ ، تاشلاندۇق قەسەمنى سې ...

نېمىسىنى دەيسىز لېتىپ ئاكا،مېنىڭچە بولسا مۇنبەردە ماكان تۇتۇۋالسام ،كېچە-كۈندۈز چىقمىسام دەيمەن،ئەمما خىزمەتلەر ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىدۇ،شۇنداقتىمۇ ئىككى-ئۈچ كۈندە  كىرىپ ئەسەرلەرنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. لىرىكىلىرىمنى سېغىنغان بولسىڭىزلار بىر نەچچىنى يوللاي ئەمىسە.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1816
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 16:42:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز مېنىڭ...
                                         -پاشاگۈل نىياز (توقسۇن)
      سىزنى قاچان كۆردۈم ئەي جانان،
ۋەسلىڭىزگە بولدۇم ئىنتىزار.
  باغرىڭىزدىن سوزۇلغان ھىجران،
زەپ قىينىدى بولدۇم بىقارار.

يا بولمىدى ئاراملىق ئەسلا،
ياشلىرىمدا كۈلەر ۋەسلىڭىز.
   ئۇنتۇلىدۇ بارچە دەرت، توۋا ،
سىز يېنىمغا قاچان كەلسىڭىز.

    ئېچىلغۇم بار گۈل بولۇپ شۇ دەم،
باغرىڭىزدا كۈلۈپ ۋىلىقلاپ.
سۆيۈنىمەن بىر قاراپ ئەركەم،
       «سىز مېنىڭكى!...» ئاستا شىۋىرلاپ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش