ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

«تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپ ئوقۇش كۇرسى» باشلاندى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 19:25:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7-ئاينىڭ 30-كۈنى «جۇڭگو مىللەتلىرى»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇھەممەتسالىھ مەتروزى، مۇھەررىرى ئەركىن ئەبەيدۇللا،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بەگمەت يۈسۈپ، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جۈرئەت سەيپۇل قاتارلىقلار ئىجادىيەت مەركىزىگە كېلىپ كۇرسانتلار بىلەن نۆۋەتتىكى ژۇرنالچىلىق، ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر ۋە باشقا ئىجادىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، كۇرسانتلارنىڭ ئىجادىيەت ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

DSC_8448.JPG


DSC_8429.JPG


DSC_8438.JPG


DSC_8457.JPG


DSC_8453.JPG


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 19:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى- 3

                                        ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت


ھاۋايى مۇئەللەقتىكى ھاياجان

مانا مۇشۇ ئىللىق، ئارامبەخش، ئىلھامبەخش يازغۇچىلار ئائىلىسىدە تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى باشلاندى.
بۇ يەرگە ئالدىنئالا كېلىپ تەييارلىققا چۈشۈپ كەتكەن ئابدۇراھمان ئېلىنىياز، ياسىنجان ئۆمەر سەرەمجانلاشتۇرغان ياتاققا ئورۇنلىشىپ، ھەممەيلەن قولمۇ ـ قول كەچلىك تاماق تەييارلىغۇچە قاراڭغۇ چۈشتى. داستىخاننى «ھاۋايى مۇئەللەق يىغىنخانىسى»غا سالدۇق. داستىخانغا تائاملار چىقىپ تۇرىۋىدى، «كۈلۈمسىرەش» قاتارلىق پوۋېست ـ ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان يازغۇچى، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «شىنجاڭ دۆلەت مېھمانلىرىنى كۈتۈش ماشىنا باش ئەتىرىتى»نىڭ شۇجىسى ئابلا ئىسھاق پەرۇزان ئاكا يېتىپ كەلدى. ئۇ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غېمىمىزنى يەپ، يۇدۇرۇلغان يوتقان ـ كۆرپە كىرلىكلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. قىزغىن مۇئامىلىلىك، خۇشچاقچاق، سۆھبەتكە ماھىر ئابلا ئاكىنىڭ يېتىپ كېلىشى سورۇننى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى. تاماقتىن كېيىن  سۆھبەت باشلاندى. ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان دىيارىنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى، بۇ قېتىمقى كىتاب ئوقۇش كۇرسىنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ: «بىز بۇ قېتىمقى كۇرسانتلارنى تاللاشتا، ئىلگىرى بەھرلىنىپ باقمىغانلار، يەنى مۇشۇ خىلدىكى كۇرس، تەربىيەلەشلەرگە قاتنىشىپ باقمىغانلارنى ئاساس قىلىش؛ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلار بىلەن ئېتىقادلىق ھەۋەسكارلارنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئاساسىي قاتلاملاردىكى قەلەمكەشلەرنى نۇقتا قىلىش؛ تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق تۇرپان، پىچان توقسۇندىن ئىبارەت، ئىككى ناھىيە، بىر شەھەرگە تەكشى سان بېرىش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇردۇق. كۇرسنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سىنىپ باشلىقى، مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى، تۇرمۇش باشلىقى ... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى، ھەممە قەلەمكەش ئورۇنلايدىغان ۋەزىپىنى ئالدىن بېكىتتۇق»دېدى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە بولغان تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ رەھمىتىنى يەتكۈزدى. ئەيبۇ ياقۇپ :«تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر كۇرسقا تەشكىللەنگىنى تولىمۇ ياخشى، ئەھمىيەتلىك ئىش. بۇ بىر ھەپتە بىزنىڭ باشقىلاردىن ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا بىر ـ بىرىمىزدىن ئۆگىنىدىغان، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىدىغان بىر ھەپتە. شۇنداقلا تۇرمۇشتا ئۆزىمىزنى تاۋلاش پۇرسىتى. چۈنكى بۇ يەردە تاماق، تازىلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلىمىسەك بولمايدۇ» دېدى. ئابلا ئىسھاق پەرۇزان سۆز قىلىپ:«ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ بۇ يەردە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئۇچىرىشىشلار، سۆھبەتلەر، لېكسىيەلەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇچۇر ئىگىلەش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئىجادىيىتىمىزگە نىسبەتەن بەلگىلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار» دېدى. قىزغىن كەيپىيات ھەممەيلەننى ھاياجانغا سېلىۋەتكەن ئىدى.
ــ دوستلار، سۆھبىتىمىزنى قىزىتىش ئۈچۈن مۇھەممەت بىزگە نومۇر ئورۇنلاپ بەرسە قانداق؟ــ دېدى «نەمەت خەلپەت» ناملىق روماننىڭ ئاپتورى ياقۇپ ئىسمايىل قۇرۇلچى. ھەممىمىز قىزغىن چاۋاك چېلىشتۇق. ساپ تۇيغۇلىرى بىۋاسىتە ئىپادىلەنگەن لېرىكىلىرى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان قەلەمكەش مۇھەممەت ئابدۇرېھىم دادىللىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ:
ــ بولىدۇ دوستلار، مەن سىلەرگە «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرىدىكى «قۇشلار ئۇۋىسىغا قايتتى» ناملىق شېئىرنى ئوقۇپ بەرسەم،ــ دېدى. بۇ دادىللىققا ھەممەيلەن ئالقىش ياڭراتتى. مۇھەممەت ئابدۇرېھىم ئىلگىرى دىكتور بولغان، يەنە دوراش ماھارىتى بار ئىدى. ھازىر تۇرپان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىدە نوپۇزلۇق پروگرامما «بېزەكلىك خاتىرىسى»نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق روماننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالىنى دىكتورلارغا خاس ئاۋازى بىلەن بايان قىلىپ كۇرس ئەھلىنى ھەم ھەيران قالدۇردى، ھەم ئۇچۇرغا ئىگە قىلدى. ئاندىن بۇ روماننىڭ خاتىمە قىسمىدىكى «قۇشلار ئۇۋىسىغا قايتتى» دېگەن شېئىرنى دىكلىماتسىيە قىلدى:

ئۆز ۋاقتىدا بەگ ـ غوجاملار تولغان ساراي،
غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى.

بىر چاغلاردا بەزمە ـ مەشرەپ قاينىغان جاي،
گۈللەر تۇزۇپ، دەل ـ دەرەخلەر غازان بولدى.

زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
گۈل پەنجىرلەر ئوت ـ گىياھقا ئاشىيان بولدى.

ئۇپا ـ ئەڭلىك خۇشپۇراقنىڭ نە ھاجىتى،
قىروۋ قوندى چاچقا، قېرىلىق ئايان بولدى.

كېچە تۇپراق ئارا كىرسە موردا بۈگۈن،
ئاشىق ـ مەشۇق ھۇجرا ئارا پىنھان بولدى.

ئاتاسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
ئېھتىمالىم قىلمىشلىرى ئاسىيان بولدى.

ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىلەردىن ئاھ ئۇرغانلار،
كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.

تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كىيمىگەنلەر،
كىيىپ قۇۋۇق ياتقان يېرى زىندان بولدى.

ئاخشام تېخى جۇل ـ جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
بۈگۈن بەگلىك چاپانىمۇ يامان بولدى.

بىرى تەختتىن چۈشسە، يەنە بىرى چىقتى،
ئاقىۋەتتە ماڭا ياقايۇرت ماكان بولدى.

قويغىنا بۇ ئەپسانىنى ھەننىۋاسى،
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.

ئاشۇ بىخۇد غاپىللار ئۇزاپ ئەمدى،
پايانسىز كەڭ دالا راسا پاكىز جاھان بولدى.

بۇنىڭ بىلەن قەلەمكەشلەرنىڭ ئىلھامى ئۇرغۇدى، تەبىئىيلا قىزغىن مۇشائىرە باشلاندى. بىر تۈركۈم لىرىك شېئىرلىرى، شېئىر تەرجىمىلىرى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان قەلەمكەش ئابدۇخالىق ئابلىمىت سېغىنىشقا تولغان تۆۋەن ئاۋازى بىلەن «سېغىندىم يالقۇنلۇق مەكتۇبىڭنى يار» ناملىق لېرىكىسىنى دىكلىماتسىيە قىلدى.
بىر چوڭقۇر سۈكۈتنىڭ ئىسكەنجىسىدە،
ياشىدىم بولۇپ مەن تەسەللىگە زار.
ھېچكىم يوق دولامغا ئۇرۇپ قويغۇدەك،
سېغىندىم يالقۇنلۇق مەكتۇبىڭنى يار.

تۈگىمەس ۋاڭ ـ چۇڭغا تولغان شەھەر بۇ،
دىللار تاش، يوللار تاش، بىنالارمۇ تاش.
بېرىشەر ئادەملەر مېھىرسىز سالام،
ئاھ ماڭا كىم سەندەك بولالار قاياش؟!

مودىدىن قالدىمۇ سالام خەت يېزىش،
قىزلارمۇ يانفوندا يوللىشار ئۇچۇر.
ئەرزانلاپ كەتتى بەك سۆيگۈنىڭ نەرقى،
يىگىتلەر ئازابسىز سۈرىشەر ھوزۇر.

مەن دەيمەن ھىجراندا تاۋلىنار رىشتە،
مۇساپە سۆيگۈنى قىلالمايدۇ خار.
خەت يازغىن ھىجراندا يېشىڭنى تۆكۈپ،
سېغىندىم شۇ ئوتلۇق مەكتۇبىڭنى يار.

شېئىرىدىكى قايناق سۆيگۈ مۇڭى ھەممىمىزنى مۇڭغا پاتتۇردى. خەتتىن ياتلىشىشتەك كىرزىس چوڭقۇر ئويغا سالدى. ئاندىن شېئىرىيەتتە مەلۇم ئۆزگىچىلىكنى نامايەن قىلىۋاتقان قەلەمكەش مەمتىمىن ئابدۇقەييۇم «يۈكسەك چوققا ئەلنىڭ قەلبىدۇر» ناملىق شېئىرىنى دىكلىماتسىيە قىلدى.

نام ـ ئاتاققا كەتمە بېرىلىپ،
ئابروي ئۈچۈن تەۋرىمە قەلەم.
شائىرلىقنىڭ ۋەزنى بەك ئېغىر،
ھەر كويلاردا سىنايدۇ ئالەم.

چوققىلارغا قىلمىغىن ھەۋەس،
يۈكسەك چوققا ئەلنىڭ قەلبىدۇر.
قەلەملىرىنىڭ ھېكمەت تۆكمىسە،
سېنىڭ قەلبىڭ دېمەك ساقتىدۇر.

چىن ئەدىبنىڭ بىلسەق قەلىمى،
قىلالايدۇ تاغلارنى تۈپتۈز.
شۇڭا ئۇنى ئۇلۇقلايدۇ ئەل،
(بىر شائىرنى مىڭغا بەرگۈسىز.)

شائىر ئۆلسە، ئۆلدى دېمىگىن،
كەتتى تېنى شېئىر قالدۇرۇپ.
سەن سەزمەيسەن، ئاھ ئۇرار دۇنيا،
قويغىنىغا ئۇنى يۇقىتىپ.

كۈچلۈك پەلسەپىۋىي پىكىر ئىپادە قىلىنغان بۇ شېئىرغا ھەممەيلەن باش لىڭشىتتى. مۇشائىرە قىزىپ كەتتى، كەيپىيات ئەۋجىگە چىقتى.
ــ مەن بىر تەكلىپ بېرەي،ــ دېدى ئادەتتە ئېغىر ـ بېسىق يۈرۈيدىغان كىپەيتۇللا ئەرشى ھاياجىنىنى يوشۇرالماي،ــ مەن رادىيو ئىستانسىسىدا دىكتور، رىياسەتچىلىكمۇ قىلىمەن. يېقىندىن بۇيان ئەدەبىي ئاڭلىتىشتا ئەدىبلەرنىڭ ئۆزىنى ئەسىرىنى ئوقۇشقا تەشكىللەۋاتىمەن. رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بۇنى بەك چوڭ بىلىدىكەن. شۇڭا كۇرستتىكىلەر تەييارلىغان ئەسەرلىرىڭلارنى رادىيودا ئۆزۈڭلار ئوقۇپ بەرسەڭلار.
بۇ گەپ ھەممەيلەنگە خوپ ياقتى.
ــ ساپ تۇيغۇڭلارنى سورۇنغا تۆكۈڭلار،ــ دېدى سورۇننى جانلىق باشقۇرىۋاتقان ئۆمەرجان سىدىق.
ــ قېنى قىزلار، بوش كەلمەڭلار،ــ دېدى دەل چاقچاقلىرى بىلەن دەممۇ دەم ھەممىنى كۈلدۈرىۋاتقان ئابلا ئىسھاق پەرۇزان.  شېئىرىيەتتە بارغانچە بۆسۈش ھاسىل قىلىۋاتقان،شېئىر ئوقۇشتا ئاكتىپ ھەلىمە مەھمۇت بىلەن پاشاگۈل نىياز بۈگۈن قورۇنۇپ قالغانمۇ تارتىشىپ تۇرىۋالدى.
ــ ئەسلى ئۆزۈمنىڭ شېئىرىنى ئۆزۈم يادلىيالمايتتىم ھەم ئوقۇمايتتىم. بۈگۈن مېنى قىزىتىپ قويدۇڭلار، مەنمۇ بىر كوپلىت شېئىر ئوقۇي.
ئەيبۇ ياقۇپنىڭ بۇ گېپى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى باياتىدىن بېرى ئۇ «ئادەتتە شېئىر دىكلىماتسىيە قىلمايتتىم» دەپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرغان ئىدى. ئەتىگەندىن بۇيان پائالىيەتنى سۈرەتكە تارتىپ، كامىراغا ئېلىپ پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن، قولىغا قايتا قەلەم ئېلىپ ياخشى شېئىرلارنى يېزىۋاتقان پەرھات باھايدىن دەرھال ئاپاراتنى ئەيبۇ ياقۇپقا توغرىلىدى. ئەيبۇ ياقۇپ كۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايى بىلەن يانچە بولۇپ:
ــ ئۇنداق بولسا مەن «نېمىشقىمۇ» دېگەن شېئىرىمدىن پارچە ئوقۇپ بېرەي،ــ دەپ شېئىر ئوقىدى:

نېمىشقىمۇ، نېمىشقىمۇ ئېيت،
شۇنچە يېڭى، سۈزۈكسەن سەھەر؟
نېمىشقىمۇ ئويچانسەن بۇلاق،
كۆزلىرىمگە ئوخشاپ نەقەدەر؟

سۆھبەتلەر شۇنداق قىزىۋاتقان بولسىمۇ ۋاقىت ۋە ھارغىنلىق سەۋەبلىك ئارام ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق. ياتاقلارغا كىرىپ تۇرىشىمىزغا خۇددىي بۇ پائالىيىتىمىزنى تەبرىكلەۋاتقاندەك، ئوتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەۋاتقاندەك سىم ـ سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.




www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 20:30:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزغىن،ئەھمىيەتلىك بىر يىغىلىش بوپتۇ.كورۇسقا قاتناشقان يازغۇچى،قەلەمكەشلەرگە سالاملار بولسۇن!

ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  827
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 17
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 22:21:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بىز يىغىننى تۇلا ئىچىپ ،‹بۇ باشلىقنىڭ غەمخۇرلىقى بىلەن ،كۆڭۈل بۈلۈشى بىلەن › دېگەندەك ساختا‹ بىسمىل›لارنى دائىم ئاڭلايمىز. لىكىن مەن بۇقېتىم  چىن ئېيتىمەنكى:
1.دۇرۇس مەقسەتنى كۆزلەپ،ئامدان ئىشلارغا  باشلامچى بولغان ئۆمەرجان سىدىق مالكامغا بارىكاللا!،ھارمىغايسىز!،ئەپسۇس ، ئەل ئىچىدە تۇرپان كارىزچىلىرى ئازىيىپ كەتتى،لىكىن ئىشىنىمەنكى،سىزدەك ‹تۇرپان ئەدەبىيات كارىزچىلىرى› بولسا ،تۇرپان ئەدەبىيات ئېكىنزارلىقىدا  تېخىمۇ رەڭدار چېچەكلەر پۇرەكلەپ ،شېرىن مېۋىلىگۈسى!
2.ھەممىزلەرنىڭ قەلەم تۇلپارلىرىڭزلەر تاغدىكى‹ياپيىشىل مەھسۇلات›لاردىن ئوزۇقلىنىپ،تېخىمۇ ئامدان يورغىلىشىغا تېلەكداشمەن!
تەلەپ:
.1ئەرقۇت مالكا داۋامىنى يوللشىىزغا تەشنامىز!(ئىملاغاسەل دېققەت قىلسىڭزمىكىن).
2.قۇرۇلچى مالكا يېڭى پاراڭلارنى جىقراق ئاڭلاپ كېلىپ،‹ئىگىز ئوردا›نىڭ كۈلەڭگۈسىدە ئولتۇرۇپ سۆزلەپ بەرمىسىڭىز  كورۇسنىڭ زاكاتى ئادا بولمايدۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1812
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 14
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 22:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپاننىڭ مۇشۇ ئىسسىق كۈنلىرىدە جەنۇبى تاغدىن ئىبارەت سالقىن،ساپ ھاۋالىق گۈزەل بىر جايدا جەم بۇلۇپ كىتاپ ئوقۇش ۋە يىزىقچىلىق بىلىملىرىدىن تەلىم ئىلىپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان تۇرپان يازغۇچىلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!!! بۇ قىتىمقى كۇرىسقا قاتناشقان ئەدىبلەردىن تۇنىمايدىغىنىم يوقكەن. تۇلىمۇ ئىللىق ،تۇنۇش چىرايلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشھال بولدۇم. يازغۇچى دوستۇم ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت يازغان كۇرىس خاتىرىلىرىنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى ئوقۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بۇ قىتىمقى تۇرپان يازغۇچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان شائىر،يازغۇچى دۇستۈم ئۆمەرجان سىدىقنىڭ پائالىيەتچانلىقى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم. بۇ دۇستۇمنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ  تۇرپان يازغۇچىلىرىغا تىخىمۇ ياخشى شەرىت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ تۇرپان ئەدەبىياتىنىڭ تىخىمۇ گۈللىنىشىگە بىر كىشىلىك تۆھپىە قۇشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 23:01:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          كۆڭۈل - ئۇ تەبەسسۈم گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىدىغان بارى گۈزەل گۈلشەن بولۇپ ئۇنى بىر تامچە سۇ ياكى بىر جۈملە سۆز بىلەن تاتلىق بىر جىلمىيىشقا قوشۇپ بەرگۈلۈك ئىكەن . بۇنى ماڭا تۇرپان قەلەمكەشلىرى بىلدۈرۈپ قويدى. ئۇلار شۇ قەدەر قىزغىن ئىدى. قوللىرىنى ئۆزئارا سوزۇشۇپ ئۆتكەن ھەر بىر تاڭ كىشىگە تولىمۇ كۆڭۈللۈك تۇيۇلىدىكەن. كىشىنىڭ كۆڭۈل خاتىرلىرىدە يېڭى مەزمۇن بولسا ئادەم ئۆزىنى يېنىك ھەم بەختىيار سېزىدىكەن. مەن ئۇلار بىلەن مۇڭداشقان دەملەردە ئۆزۈمنى شۇنداق بەختىيار ھېس قىلدىم ھەم ئۇلارغا بىر ھەپتىلىك ئىسىل ، مەنىلىك كەچمىشلەر تىلىدىم...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 642
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2273
تۆھپە : 18
توردا: 420
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپانلىققا كۇرس بولسا ،
ئاتۇشلۇققا يوقمىدو؟
يىراق بولغاچ ئارىلىق،
دوستلار كوڭلى توقمىدو؟

ئاتۇششلۇققا بولسا كۇرس،
ئەنجۇر ئېلىپ بارىمىز.
ئەنجۇر يېگەن تىل بىلەن .
دوست قەلبىنى قازىمىز.

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  922
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 61
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلام،قەلەمكەش دوستلار،قېرىنداشلار،سىزلەر بىلەن جەنۇبىي تاغدا بىللە بولالمىغانلىغىمغا بەك ئەپسوسلىنىمەن. تېنىڭىزلەرگە ساغلاملىق،  ئۈگىنىش ۋە ئىجادىيىتىڭىزلەرگە بەركەت تىلەيمەن.

ئەجەپ كۆركەم«گۈزەل باغچا » ئارا دىل كۈكتە پەر بويلار،

ئۆتەر كۈنلەر ئىجاد-مېھنەت بىلەن ئۇچقۇرخىيال- ئويلار.

ئۆمەرجان مەي ئىچىپ لى بەي بىلەن دەرقەمدە شاڭخەيدە ،

كېڭەش قىلغان بۈيۈك مەقسەت زاھىر بوپتۇ روزى ئايلار.

قەلەمكەشكەر ئويۇل بولسا ،ئىجاد گۈلشەنى ھېچ سولماس،

ئۈمىد بىرلەن قەلەمنى ئال ، شېرىن ئىلھام جاھان بويلار.


ئازات ئۇستازغا قۇت بولغاي كى غەيرەت،ئەيبۇ پىرلارغا،

گۈزەل ئەتە ،راۋان يوللار  ئۆتەربۇندا ئېسىل  تويلار.


ئۈزۈمزارلىق بېغىمدا مەن يۈرەي مەيلى مۇشەققەتتە،

كۈڭۈل-پىكرىم قۇشى بۇدەم،  جەنۇبىي تاغدا شاد سويلار.

كىشى بىلمەس، كىشى دەردى ئۆزىگە يارىشا مېھنەت،

ئۆگەنمەككە ئېسىل ئىش يوق، ئاقارسۇن خوپ قارا مويلار.


تۈكۈپ يامغۇر ئىجاد-ئىلھام بېغىغا بۇندا گۈل ئاچسا،

بىدارى دەر : بېھىش بۇ «باغ»، تارار ئەتراپقا خۇش بۇيلار .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېلى ھېمىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 12:59  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  463
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 571
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 02:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپاندىكى قەلەمكەشلەرنىڭ، تاغ-تۇرادىكى ھەر بىر كۈنىنىڭ ھوسۇللۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 04:16:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئەمىنگە كۆپ رەھمەت. (قۇرۇلچىدىن)

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 10
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 09:17:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتەش ماكاندىكى ئوت يۈرەك قەلەمكەشلەرنىڭ بەركەتلىك كۈنلەردە باشلىغان ئۆگۈنىشلىرىگە قۇت بولسۇن!
ياقۇپ ئىسمايىل قۇرۇلچى قاتارلىق ئەر قەلەمكەشلەرگە،ھەلىمە ھەم پاشاگۈلگە .ئوتلۇق سالام.

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1657
تۆھپە : 4
توردا: 434
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:01:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيىرلىك باشلانغان پالىيەت ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشقاي. جەنۇبى تاغدىكى قەلەمكەشلەرگە سالام.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  674
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:15:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان سىدىق،ئۆمەر ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى ئىدىقۇت قەلەمكەشلىرى ۋەكىللىرىنىڭ تاغتۇرادىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلىرىگە قۇت بولغاي!سىلەر ئارقىلىق تاغلارغا،باغلارغا سالام...

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈژمىلەر ئاخىرى پىشىپ تۈگىدى


ھەلىمە مەخمۇت

ئۈژمىلەر ئاخىرى پىشىپ تۈگىدى ,
شاخلاردا قالغىنى ئاخىرقى تىلەك .
يەردىكى چەيلەنگەن شۇ نىمەت كەبى ،
ئاچچىق بىر پەرياتتا سىرقىرار يۈرەك .

ئۈژمىلەر ئاخىرى پىشىپ  تۈگىدى ،
بۇ ماڭا نېمىدىن بىرىدۇ دېرەك .
مۇھەببەت كەچمىشتە قالدى ئونتۇلۇپ ،
كۈتۈشمۇ ئاھ ،ماڭا ئەمدى بىكىرەك .

ئۈژمىلەر ئاخىرى پىشىپ تۈگىدى ،
تۈكۈلدى بىقەدىر پىغانلىرىمدەك .
ئاپتاپنىڭ تەپتىدە كەتتى ھەم قورۇپ ،
رىئاللىق قاق قىلغان ئارمانلىرىمدەك .

ئۈژمىلەر ئاخىرى پىشىپ تۈگىدى ،
يۇقالدى ياپراقنىڭ شۇ گۈلگۈن پەخرى .
سەنمۇ ھەم يۇقالدىڭ قالغىنى ماڭا ،
يارامنى  قاناتقان سۆيۈلۈش زەھىرى .

ئۈژمىلەر ئاخىرى پىشىپ تۈگىدى ،
دەردىمىنى تىپتىنىچ ئاڭلايتتى ئۇلار .
كىمگىمۇ ئىيتارمەن دەردىمنى دېسەم ،
ياز ماڭا تەسەللىي بەرمەكچى بۇلار .

ئۈژمىلەر ئاخىرى پىشىپ تۈگىدى ،
ساقلىساق كىلەر ياز پىشىدۇ يەنە .
بۇ مېنىڭ سارغايغان كۆڭۈل دەرىخىم ،
ئۇ كەبى قايتىلاپ مېۋىلەرمۇ -ھە .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 11:22  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  107
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 913
تۆھپە : 2
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:22:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات كازىمى ۋە ئالىمجان قاسىم   كۇرستا يۇق.

ھايات بىر ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش