2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «تارىم» ژۇرنىلىدىن، باش مۇھەررىر، شائىر ياسىن زىلال، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر پاتىگۈل ئەخمەت، مۇھەررىرلەردىن مۇھەممەت ئەيسا ئۆزئەرك، خاسىيەت ئەمەتلەر ئىجادىيەت بازىسىغا كېلىپ كۇرسانتلاردىن ھال سورىدى ۋە سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەت ناھايىتى جانلىق، قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتتە ھېكايە، رومان ئىجادىيىتى، ئاممىباپ شېئىرلار ھەققىدە نۇرغۇن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى. بۈگۈنكى سۆھبەتتە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ ئاپتورلارنىڭ مۇھەررىرلەر بىلەن مەخسۇس ئالاقە باغلىشىنى، ئېۋەتكەن ئەسىرى ھەققىدە بەلگىلىك ۋاقىتتا سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىپ خەۋىرىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشى بولدى. ئۈچ سائەتكە سوزۇلغان سۆھبەت كۆڭۈللۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئاخىرىلاشتى.