ئەسسىلام،قەلەمكەش دوستلار،قېرىنداشلار،سىزلەر بىلەن جەنۇبىي تاغدا بىللە بولالمىغانلىغىمغا بەك ئەپسوسلىنىمەن. تېنىڭىزلەرگە ساغلاملىق، ئۈگىنىش ۋە ئىجادىيىتىڭىزلەرگە بەركەت تىلەيمەن.
ئەجەپ كۆركەم«گۈزەل باغچا » ئارا دىل كۈكتە پەر بويلار،
ئۆتەر كۈنلەر ئىجاد-مېھنەت بىلەن ئۇچقۇرخىيال- ئويلار.
ئۆمەرجان مەي ئىچىپ لى بەي بىلەن دەرقەمدە شاڭخەيدە ،
كېڭەش قىلغان بۈيۈك مەقسەت زاھىر بوپتۇ روزى ئايلار.
قەلەمكەشكەر ئويۇل بولسا ،ئىجاد گۈلشەنى ھېچ سولماس،
ئۈمىد بىرلەن قەلەمنى ئال ، شېرىن ئىلھام جاھان بويلار.
ئازات ئۇستازغا قۇت بولغاي كى غەيرەت،ئەيبۇ پىرلارغا،
گۈزەل ئەتە ،راۋان يوللار ئۆتەربۇندا ئېسىل تويلار.
ئۈزۈمزارلىق بېغىمدا مەن يۈرەي مەيلى مۇشەققەتتە،
كۈڭۈل-پىكرىم قۇشى بۇدەم، جەنۇبىي تاغدا شاد سويلار.
كىشى بىلمەس، كىشى دەردى ئۆزىگە يارىشا مېھنەت،
ئۆگەنمەككە ئېسىل ئىش يوق، ئاقارسۇن خوپ قارا مويلار.
تۈكۈپ يامغۇر ئىجاد-ئىلھام بېغىغا بۇندا گۈل ئاچسا،
بىدارى دەر : بېھىش بۇ «باغ»، تارار ئەتراپقا خۇش بۇيلار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئېلى ھېمىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 12:59