ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

«تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپ ئوقۇش كۇرسى» باشلاندى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ــ 6
                                         
                                           ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت



ئازاد سۇلتان مۇئەللىم دەرىس ئۆتتى

2012 – يىلى  7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن.
بۈگۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان مۇئەللىم كېلىدىغان بولغاچقا ھەممىمىز خۇشال ۋە ھاياجاندا ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى قەۋەتتىكى كۇتۇپخانىنى راسلىدۇق.
شۇ چاغدا ئۆمەرجان سىدىقنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن تۇرپان ۋە ئۈزۈم ھەققىدىكى ئەسىرىنى پۈتكۈزگەن ئاپتورلار ئەسىرىنى ئەكەلدى. كېپەيتۇللا ئەرشى «بوۋامنىڭ ئۈزۈملۈك بېغى» ناملىق نەسىر، مۇھەممەتجان مەھمۇت « ئاتەشىستان ــ ئۈزۈمىستان» ناملىق داستان يېزىپتۇ. ئۇلارنىڭ يازغىنىنى مۇبارەكلىدۇق.
ئازات سۇلتان مۇئەللىم  يېتىپ كەلدى. ھەممىمىز ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇردۇق. ئازات سۇلتان مۇئەللىم ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ــ ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلدۇق. چۈنكى كۇرس باشلانغاندىن بۇيان ئۆمەرجان سىدىق بىزنى يۇقىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ بىر قەدەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. بىزنىڭ ھەيرانلىقىمىزنى كۆرگەن ئازاد سۇلتان مۇئەللىم:
ــ بۇنىڭدىكى مەقسىدىم، سىلەردىكى تارتىنىشنى تۈگىتىپ، كۈچ كىرگۈزۈش، بۇ ئارقىلىق ئۆزۈڭلەرگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش،ــ دېدى.
ئازاد سۇلتان ئاكىنىڭ سۆز، مۇئامىلىسىدىن ئۇنىڭ كىچىك پېئىل، ئوچۇق ـ يورۇقلۇقىنى، قىزغىن سۆھبەتكارلىقىنى بىلىپ بىر خىل ئازادىلىك ھېس قىلدۇق ۋە كەلگەن كۈنى كەچتىكى ئەيبۇ ياقۇپقا قىلغان تېلېفونىنى يادىمىزغا ئالدۇق. چۈنكى شۇ كەچتە ئازاد سۇلتان مۇئەللىم ئەيبۇغا تېلېفون قىلىپ مۇھىم يىغىن سەۋەبلىك ئىجادىيەت بازىسىغا بىر كۈن كېچىكىپ چىقىدىغانلىقىنى، كۇرسانتلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ تۇرۇشىنى، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بىر چوڭ زىيالىي، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ ھەۋەسكار، قەلەمكەشلەرگە شۇنچىلىك كۆيۈنگەنلىكى، ئەستايىدىللىقى، ئىنچىكىلىكى بىزنى بەك قايىل قىلغان ئىدى. شۇڭا قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدۇق...
ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان ئەدەبىياتىنىڭ، يازغۇچى ـ شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىنى، «تۇرپان گېزىتى»دە يولغا قويۇلغان مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىۋىدى، ئازاد مۇئەللىم گېزىتتە يولغا قويۇلغان مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىگە بەك قىزىقتى  ۋە:
ــ سىز ھازىر ئەدەبىيات ــ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كەلدىڭىز. گېزىتخانىدىكى ئىشىڭىزنى كىم قىلىۋاتىدۇ؟ــ دەپ سورىدى.
ــ پەتتارجان مۇھەممەت ئەرقۇت. ئۇ خېلى قەلىمى پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان، ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان مۇھەررىر،ــ دېدى ئۆمەرجان سىدىق.
ئازاد سۇلتان: مېنىڭچە تۇرپان گېزىتىدە ئاشۇنداق  مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرى داۋام قىلسۇن. ھازىر پارتىيە ــ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىنى قوللىشى ئىنتايىن كەڭرى. بۇ ئەۋزەل سىياسەتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. شۇ ئارقىلىق يازغۇچى ــ شائىرلارغا ئىلھام ـ مەدەت بەرسەك ئەدەبىيات ئىشلىرىمىز چوقۇم گۈللىنىدۇ.
سۆھبەت ئەنە شۇنداق باشلىنىپ كەتتى. ئازاد سۇلتان مۇئەللىم ناتىقلارغا خاس راۋان، تەسىرلىك، جانلىق نۇتقى بىلەن سۆزىنى داۋام قىلدى:
ئادەمدە مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى كېرەك. مەن ھازىر پېنسىيە يېشىدىن ھالقىپ كەتتىم. ئېھتىياج تۈپەيلى داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتىمەن. لېكىن ئۆزۈم قىلىۋاتقان ئىشقا چوقۇم مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك. ئادەمنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان نەرسە ھەۋەس، ئىنتىلىش، ئىچكى ئېنىرگىيە. جېك. لوندون بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇدىغان يازغۇچى دىللەيسۇن «ئىنتىلىش» ترولوگيەسىدە ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھېكايە قىلىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئىنساننىڭ ئىچكى ئېنىرگىيىسىنى يازغان، ئىنسان ھەققىدە ئويلىنىش ئېلىپ بارغان. ئىنساندىكى ئىچكى ئېنىرگىيىنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك...
يازغۇچى، ئەسەرمۇ مۇھىم. يەنە ئەدەبىيات ساھەسىدە تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ تۆھپىسىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ياش كۈچلەرنى بايقاش، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش، پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش، ياش كۈچلەرنى تونۇشتۇرۇش، كۆرسىتىشتە تەشكىللىگۈچىلەر بەك چوڭ رول ئوينايدۇ.  مەسىلەن: بۈگۈن ئۆمەرجاننىڭ تۇرپاندىكى بىر قىسىم غوللۇق قەلەمكەشلەرنى مۇشۇ يەرگە باشلاپ كېلىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. ئەگەر تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش بولمىسا مۇنداق پايدىلىق ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقمىقى بەك تەس.
پىكىر قىلىش ئۆزگىچە بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولمىسا يازغۇچى بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. بىر ئىزدا توختاپ قالغان يازغۇچى يا قەلەمنى تاشلايدۇ، يا ئۆز ئۆزىدىن بۇرۇختۇرما بولۇپ باشقىلاردىن قاخشايدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە ياكى بىر خىل تەمدىكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ ئۆز ئۆزىدىن خۇش بولۇپ ئۆتۈۋېرىدۇ. ئەمما بۇ بىر پاجىئە.
ئۆزۈڭلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە ئەھمىيەت بېرىڭلار. بۇ قۇرۇق نەزەرىيە ئاڭلىغاندىن ئەۋزەل. چۈنكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھېس قىلالايسىلەر، ھەل قىلىش ئۈستىدە نىشانلىق ئويلىنىش ئېلىپ بارالايسىلەر. ھەتتا ھەل قىلالايسىلەر. بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ.
بىزدە مۇنداق بىر خاھىس بار: بىز يازغۇچى دەپ ھە دېسە ئەدەبىيات ئۈستىدە سۆزلىشىشكە ئىنتىلىمىز. ئەمما يازغۇچى بولغان ئادەم نۇقۇل ئەدەبىيات ھەققىدىلا ئەمەس، جەمئىيەت ھەققىدە، مائارىپ ھەققىدە، ھايات ھەققىدە، مائارىپ ھەققىدە سۆھبەتلىشىشى، مۇشۇلارغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇشى، ئويلىشى لازىم. بۇلارنىڭ بىر يازغۇچىنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەشتە رولى ئىنتايىن چوڭ...
ساياھەت  كۆرۈش، يەپ ـ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس، بولۇپمۇ يازغۇچى ـ شائىرلار، تەتقىقاتچىلار ساياھەتنى قاراتمىلىقى بار ھالدا ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك. كەسپتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش، پىكىر قوزغاتقۇچىغا ئېرىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «مۇشۇنداق ئېھتىماللىق بارمۇ ـ يوق» دېگەننى كۆپەرەك ئويلىشى، شۇ نۇقتىنى چۆرىدەپ، شۇنىڭ كويىدا ساياھەت قىلىش كېرەك.
يازغۇچى قانداق بولۇشى كېرەك؟ يازغۇچى مۇتەپپەككۈر بولۇشى كېرەك. باشقىلار ئويلىغاندىن ئۈستۈنرەك ئويلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا قانۇن ئېڭى بار، ئەخلاقلىق، زامانىۋىي ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشتە مەلۇم رول ئوينىيالايدىغان تەربىيەلىگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك.
يازغۇچى ئالدى بىلەن ئادەم. شۇڭا ئادىمىيلىكنى ئۇنتۇپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىقىغا مىننەت قىلماسلىق، ئىنسانىي مېھىر ـ مۇھەببەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىنساننى قەدىرلەش، ئىنساننى ھۆرمەتلەش... بۇلار ئىش ــ ئەمەلىمىزدە، يازمىلىرىمىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك. مەسىلەن، تۇرپاندىكى پەرھات ئەر ـ ئايالنىڭ تاشلىۋېتىلگەن مىيىپ، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار قىزنى بېقىۋېلىشىنى ئالساق، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ھەرگىز بۈگۈنكىدەك شان ـ شەرەپكە، ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشىشنى كۆزلىمىگەن، بەلكى ئىنسانىي مۇھەببەت  نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلغان. مانا مۇشۇنداق ئادىمىيلىك ئارقىلىق گۈزەللىكنى يېزىش كېرەك. توغرا، ئەدەبىياتتا قاراڭغۇ تەرەپلەرنىمۇ يېزىش كېرەك. لېكىن قانداق يېزىش مەسىلىسى مۇھىم. مەسىلەن: مۇپاسسان «دونداق» ناملىق ھېكايىسىدە بىر پاھىشەنى يازغان. لېكىن ھېكايىنى ئوقىساق ھېكايىدىكى پاھىشە «دونداق»نى ھەرگىز پاھىشە دېمەيمىز، بەلكى ئۇنى ساختا ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر ۋەتەنپەرۋەر دەپ ھېس قىلىمىز. دېمەك، مۇپاسسان پاھىشەنى يازغاندا نۇقۇل ھالدا ئۇنىڭ ناشايان ئىشىنىلا يازمىغان. مانا بۇ بەدىئىي ماھارەت، مانا بۇ پىشقان يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشنى كۈزىتىشتىكى، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى يېزىشتىكى ئۆزگىچىلىكى.
باش چۆكۈرۈپ خاتىرە يېزىۋاتقان كۇرسانتلار ئازاد مۇئەللىمنىڭ دەرىسى تۈگىشى بىلەن قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 21:00:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                      تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ــ 7

                                            ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت


ئۈچ ژۇرنال بىلەن سۆھبەت

2012 ــ يىلى 7ــ ئاينىڭ 30 ــ كۈنى.
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى  جۈرئەت سەيپۇل، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى  بەگمەت يۈسۈپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇھەممەتسالىھ مەتروزى، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ  مۇھەررىرى ئەركىن ئەبەيدۇللا قاتارلىقلار كۇرسانتلارنى يوقلاپ كەلدى.
سۆھبەت ھاۋايى مۇئەللەق يىغىنخانىسىدا بولدى.
بەگمەت يۈسۈپ: سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمەن. ژۇرنالنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1951 ـ يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان بولۇپ، 61 يىللىق تارىخقا ئىگە. 1985 ـ يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ئاتالغان. بۇرۇن «ئاممىۋىي مەدەنىيەت» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بوپلىستىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنى ئاساس قىلىۋاتىمىز.
جۈرئەت سەيپۇل: سىلەر بىلەن كۆرۈشكىنىم ئۈچۈن بەك خۇشالمەن. «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنى ئوبدان بىلىسىلەر. شۇڭا بۇ ھەقتە ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش بەرمەي. ئۆزئارا پاراڭلىشىش شەكلىدە سۆھبەتلەشسەك.
ئۆمەر ئابدۇللائەرقۇت: جۈرئەت ئاكا، «كروران» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئەسىردىن ھالقىغان ئۈچ كۈن» ناملىق ئەدەبىي خاتىرە ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز.
جۈرئەت سەيپۇللا: بۇ بىر  ئەدەبىي خاتىرە. ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشنى ئۆزۈمگە بەك تەسىر قىلىپ كەتكەچكە يازدىم. سەيۋۇپۇدا ئۈچ دەرەخ دېگەن يەر بار. بىر نەچچە دوستلار بىلەن شۇ يەردىن ئاتلاپ بۇغدا كۆلىگە چۈشۈشنى پىلان قىلغان ئىدۇق. ئەمما يولدىن ئېزىپ قېلىش، ھاۋارايى قاتارلىق سەۋەبلەر بىر كۈندە تۈگەيدىغان تاغ سەپىرىگە ئۈچ كۈن ۋاقىت كەتكەن. نۇرغۇن جاپا تارتتۇق، ھەرخىل ئويلادا بولدۇق. جىسمانىي جەھەتتىن، بولۇپمۇ پىسخىكا جەھەتتىن ئەمەلىي چېنىقىش پۇرسىتى بولدى. بۇ سەپەردە ماڭا بەك تەسىر قىلغىنى، بىرسى، پىسخىكا جەھەتتىكى بەرداشلىق بېرىش كۈچىمىزنىڭ سىناققا دۇچ كېلىشى، يەنە بىرى، ئارىدىكى ئىككى بالىنىڭ چىدامچانلىقى، ئۈمىدۋارلىقى. بۇلار مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەن:«بەزى يازغۇچىلار نېمىشقا ئۆزىگە پىششىق تونۇش بولغان ئىشنى چوڭقۇر، تەسىرلىك يازماي، سۈنئىي ۋەقەلەرگە ئېسىلىۋالىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ كېتىمەن. بۇنداق دېگىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە جىق يازمايمەن، يېزىشنى خالىغاندا يازىمەن. بىۋاسىتە خەنزۇچە يېزىلغان «قەشقەر كوچىلىرى» ناملىق نەسىرىم «سۈبھى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى، «ئەتە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ» ناملىق ھېكايەم  «مىللىي يازغۇچىلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
مۇشۇ باھانىدا ئازراق سۆزلەي: خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ۋەقەلىك بايان قىلىنىدىغان نەسىر كۆپرەك.
ھېكايىچىلىق جەھەتتە: ھېكايىلىرىمىزدە تېگى ـ تېگىدىن مەدەنىيەت جۇلالانمايۋاتىدۇ. مەدەنىيەت دەپ ئادەتتىكى ئۆرۈپ ـ ئادەتنىلا يېزىپ قويۇش خاھىشى بار. ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكى تەلتۆكۈس نامايەن قىلىنمايۋاتىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئادەم، مەبلەغ ئاجىرىتىلىپ ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مەقسەت باشقىلارغا بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى تونۇشتۇرۇش، ھەرگىز نۇقۇل ھالدا ئەدەبىي ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش ئەمەس. مەن قەشقەردىن تۈجىپىلەپ ئويۇپ ياسالغان كىچىك راۋاپنى سېتىۋالغان ئىدىم. بەزىدە شۇ راۋاپقا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن. چۈنكى ئۇنىڭغا نۇرغۇن چىدام، ئەستايىدىللىق، ھۈنەر كەتكەن. دېمەكچى، ئۇستىلار كىچىك راۋاپنى نەپىس ئويۇپ ياسىغاندەك يازغۇچىلارمۇ ئەسەرلىرىنى ئەنە شۇنداق ئەستايىدىل يېزىشى كېرەك ئىدى. بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ تىلىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىدى. باشقىلاردا «پالان رومان تىل ئۆرنىكى قىلىشقا بولىدۇ» دەيدىغان ئىش بار. بىزدە «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نىڭ تەرجىمىسى بىزگە ھەقىقىي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ جۈملە قۇرۇلمىسىنى بۇزىۋەتتۇق. گۇناھ تەرجىمانلاردا. چۈنكى بىز داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، قاتمال، مۇرەككەپ جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدا خاتا قاراش پەيدا قىلىپ قويدۇق.
رومان ھەققىدە: بەزىلەردە «رومان يازسام داڭلىق يازغۇچى، ياخشى يازغۇچى بولىمەن» دەيدىغان قاراش بار. چىخوپ، شىڭشىنيى، ئەزىز نەسىنلەر رومان يازمايمۇ داڭلىق يازغۇچىغا ئايلاندى. داڭلىق زاڭزۇ يازغۇچى ئالەي ئۈچ رومان يازغان. ئەمما ئالدىنقى ئىككىسىنى كىشىلەر ئۇقمايدۇ. «چاڭ ـ توزان بېسىققاندا» ئۇنى تونۇتتى. ھەممەيلەن بىر دەرەخكە چىقىۋالمايلى. ھەر بىر ئادەم ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە يېزىشى، باشقىلارنى قارغۇلارچە دوراپ يازماسلىقى كېرەك.
بەگمەت يۈسۈپ: نەسىرنى قېلىپقا سېلىۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىمەن. شۇڭا نەسىر ئىجادىيىتىمدە  سانائىل ھەربلەردەك يېزىلىپ كەتكەن نەسىرلەرمۇ، ئادىل تونىيازنىڭ تىل ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان نەسىرلەرمۇ بار. چەتئەلنىڭ بەزى نەسىرلىرىنى كۆرگەندە مۇشۇمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىمۇ دەپ قالىمىز. بىرسى: تەرجىمە ناچار بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرسى، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. نەسىر يېزىقچىلىقىدا قانداق شەكىل، ئۇسلۇبتا يېزىش مۇھىم ئەمەس، ئىدىيە بىلەن تىلغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تېمىنى مۇھەببەت تېمىسىدىن ھالقىتىپ، پەلسەپىۋىي تېمىلارنى، ئىجتىمائىي تېمىلارنى، كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان، مېھىر ـ مۇھەببەت تېمىلىرىنى يېزىش كېرەك.
ئۆمەر ئابدۇللا: پەلسەپىۋىي نەسىرلەرنىڭ گېپىنى قىلىۋىدىڭىز، بىر گەپنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ «تەپەككۈر مېۋىلىرى» سەھىپىسىدە پەلسەپىۋىي نەسىر بولالايدىغان نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە نۇقۇل ژۇرنالنى ماختايدىغان «ھېكمەت»لەرنى ئېلان قىلىۋاتىسىزلەر. مەسىلەن:«قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە تۇرغان ئىدىم، شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنى ئوقۇپ ئەتىراپىم يورۇپ كەتتى» دېگەندەك. ئەمەلىيەتتە بۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق خۇشامەتچىلىك. بۇ بىزنى ئەپسۇسلاندۇردى.
بەگمەت يۈسۈپ: بۇ ياخشى گەپ بولدى. بۇ ھەقتە بۇرۇن دېيىلگەن. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنى ھەممە ژۇرنالنىڭ سەركىسى قىلىۋېتىدىغان بۇنداق ماختاش ئاشۇرىۋەتكەنلىك. بۇنىڭغا ئەمدى چەك قويىمىز. بىراق بىز ئۇنداق ھېكمەتلەرنى يوقىتىغان ئىشنى قىلمايمىز. چۈنكى ئۇنىڭ ژۇرنالغا نىسبەتەن ئاپتورلارنىڭ باھاسىنى بىلىش، ژۇرنالنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش رولىمۇ بار.
كېپەيتۇللا ئەرشى: نەسىر ھېكايىسىمان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئىش؟
بەگمەت يۈسۈپ: ژانىرلارغا كەلگەندە قېلىپ بۇزۇلۇپ كەتتى. خەنزۇ نەسىرچىلىكىدە بۇنداق نەسىرلەر كۆپ. ھېكايە ياكى نەسىرلىكىگە تېما خاراكتېرىگە قاراش كېرەك.
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت: بەگمەتكامنىڭ گېپىگە قوشۇلىمەن: ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراش كېرەك. مەسىلەن: «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدىكى نەسىرلەر مۇشۇنداق يېزىلغان. ئوقۇپ باقسام ئۇ نەسىرلەردە ئەمەلىي ۋەقە، ھەقىقىي ئادەمنى يېزىش ئاساس قىلىنغان. مەسىلەن: «ھىندىستان تەسىراتلىرى» ناملىق نەسىر، ئالەينىڭ نەسىرلىرى.
ئابدۇراھمان ئېلىنىياز: ئېپىك نەسىر ژانىرىمۇ بارغۇ.
جۈرئەت سەيپۇللا: يېڭى دەۋردە ئۆزىمىزنىڭ نەزەرىيىمىز شەكىللەنمىدى.
ياسىنجان ئۆمەر: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنى مونوپۇل قىلىۋالغان ئاپتورىڭلار بار. بىزنىڭ فېليەتۇنلارغا ئورۇن بار.
بەگمەت يۈسۈپ:  ئەلۋەتتە ئورۇن بار. بىراق ئالدىنقى شەرت ئەسەر يارىسا. سەھىپىگە ماس كەلسە.
مۇھەممەت مەھمۇت: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان شېئىر ــ داستانلارنى كۆردۈم. 10 يىل بۇرۇن شېئىر، داستانلارنى ئېۋەتتىم. مەەدنىيەتكە دائىر داستانمۇ يازدىم. ھېچ ئۇچۇرى يوق. تېلېفون قىلسام، «قاراپ باقىنى، تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرمەڭ» دەيدۇ. ئۇنداقتا سىلەرگە قانداق ئەسەرلەر ماس كېلەر؟
بەگمەت يۈسۈپ: ھەر ساندا بىر تېما ــ مىلودىيەنى ئاساس قىلىمىز. ئالدىنقى سانلاردا يېقىنقى زامان مەدەنىيىتىمىز، كارخانا مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق. ئەگەر تېمىغا چۈشىدىغان كۆپ ئەسەر كېلىپ قالسا ياخشىسىنى تاللىۋالىمىز. كېيىنكى ساندا مىلودىيە ئۆزگىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەسەر بىر نەچچە يىللار قېلىپ قالىدۇ. ئابدۇۋاھىت مەتنىياز ئەمىن «كۆتۈرىلىۋاتقان قۇياش» دېگەن ئەسىرىنى ئېۋەتكەندە، مۇشۇ تېمىدىكى ئوخشاش ئەسەرلەر كۆپ بولغاچقا قويۇپ تۇرۇپ، 3 يىل ئۆتكەندە شۇنداق تېمىدىكى ماقالىگە ئېھتىياجىمىز چۈشۈپ ئاندىن ئېلان قىلدۇق.
جۈرئەت سەيپۇللا: ئۇنداق بولسا شائىرلار مىلودىيەنىڭ نۆۋىتىنى ساقلاپ زېرىكىپ كەتكۈدەك. (چاقچاق، كۈلكە.)
بەگمەت يۈسۈپ: قۇربان مامۇت ئاكام «تەسىرات مارايمىز» دەپ مېنى باشلاپ ماڭاتتى. يەنى كىتاب يايمىلىرىنى ئارىلاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياج ــ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلايتتۇق. دېمەكچى، كىتابخانلارنىڭ ئىنكاسى بويىچە مىلودىيەنى بېكىتىمىز.
ئابدۇخالىق ئابلىمىت: جۈرئەت ئاكا، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا شېئىرغا قانچىلىك ئېھتىماللىق بار؟
جۈرئەت سەيپۇللا: تۆت بەت ئەدەبىيات بېتىمىز بار. ئىككى بەت شېئىر، ئىككى بەت نەسىر، ھېكايە. ئەمما ئادەمگە ئەمەس، ئەسەرگە قارايمىز. بۇرۇن داڭلىقلارنىڭكىنى، رايون بويىچە بېرەتتۇق. بۇنىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئاپتورلار قالىدىكەن. شۇڭا بۇندىن كېيىن كىمنىڭ ياخشى بولسا شۇنى بېرىشنى بېكىتتۇق. ھېكايىنىڭ ئوبدىنىنى بېرىمىز. ئوبدان بولمىسا ھېكايە بەرمەسلىك. تەرجىمە شېئىردا ئۆرنەك بولغۇدەك شېئىر بولسا ئېلان قىلىمىز.
ئۆمەرجان سىدىق: ئاپتورلار قاتلىمى، ياش قاتلىمى ۋە بويىچە شېئىر ئېلان قىلىشنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ بار ئىدى.
جۈرئەت سەيپۇللا: بۇنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ بار. ئەمما بولمايدىغان تەرىپىمۇ بار. تىيىپجان ئېلىيوف:« بەزىلەر بىر ئەسىرى بىلەن ئىلھاملىنىپ يازغۇچى ـ شائىر بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋال بار، شۇڭا قوللاش مۇھىم» دېگەن ئىدى. تۆۋەندىكى ئاپتورلارنى بايقاش، قوللاشمۇ مۇھىم. كۆپەرەك ئېلان قىلايلى دېسەك، بەت ئاز. لېكىن بىز كېلەر يىلى ژۇرنالنى يېرىم ئايلىق قىلىشنى پىلان قىلىۋاتىمىز. شۇ چاغدا بۇ قىيىنچىلىق ھەل بولار.
ئەكبەر نىياز پەتتارى: بەگمەت، شېئىرنى نەسىرلەشتۈرۈۋاتىمەن دېدىڭ. بۇنىڭ باشقا سەۋەبى بارمۇ؟
بەگمەت يۈسۈپ: راستىنى ئېيتسام مەن كېيىنچە شېئىريازالمىدىم. ياخشى شېئىر يېزىشقا كۆزۈم يەتمىدى. شۇڭا ئىچىمدە قاينىغان پىكىرنى نەسىر ئارقىلىق ئىپادىلىدىم.
ئۆمەرجان سىدىق: ژۇرنالنى چوڭايتىشنى ئويلاشمىىدىڭىزلارمۇ؟
بەگمەت: ژۇرنالنىڭ خاسلىقى بولۇشى كېرەك. ھەممە ژۇرناللار چوڭىيىپ كېتىۋاتقاندا مۇشۇنداق تۇرۇشمۇ خاسلىق بولۇپ قالىىدكەن. يەنە بىرى خىراجەت مەسىلىسى. چۈنكى ژۇرنالنىڭ باسما، قەلەم ھەققىلىرىگە ئاجىرىتىلغان خىراجەت يوق. ھەممىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز.
مۇھەممەتسالىھ مەتروزى: خىزمەتكە چىقىپ تۇنجى تۆۋەنگە چۈشۈشۈم تۇرپانغا بولغان. تۇرپان خەلقى سەمىمىيلىكى، تۈزلىكى، قەلبىنىڭ پاكىزلىقى بىلەن مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئەكبەر نىياز پەتتارى، ئۆمەرجان سىدىق، ھەبىبۇللا رەجەپ قاتارلىق دوستلار بىلەن تونۇشتۇم. پۇرچاق سۇيۇقئېشىنى تېتىدىم. بىر قاچا سۇيۇقئاش، بىر قانچە دوستنىڭ دوستانىلىقى، مېھماندوستلىقى، كۆيۈمچانلىقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. بۈگۈن بۇ يەردە سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ناھايىتى خۇشالمەن. بۇرۇن تۇرپاندا ژۇرنىلنىڭ تەشۋىقاتى، تىراژ، ئەسەر ئويۇشتۇرۇش يېتەرلىك بولماپتىكەن. بۇندىن كېيىن بۇنى چىڭ تۇتىمىز. بۇ يىل ژۇرنىلىمىز نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 24 ـ يىلى. ئەسەر ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلگىرىكى سەھىپلەرگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا يېڭى سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىپ، مۇشتەرىلەرنىڭ خەجلىگەن پۇلىغا رازى بولىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىمىز. تۇرپان يازغۇچى ــ قەلەمكەشلىرى تۇرپان خاراكتېرى، تۇرپان مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ئەسەرلەرنى يازسا، بىزمۇ تېگىشلىك ئورۇن بەرسەك. ۋەزىپە قىلىپ ئەسەر يازمىساق. يىلدا مۇنچىلىك ئەسەر ئېلان قىلسام بولاتتى دېمىسەك. بۇ ئېنىقكى ئەسەرنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرىۋېتىدۇ. ئۆزۈمنى ئالسام ھازىرغا قەدەر بەش پارچە رومان يازدىم. «شەھلا كۆز»نىلا ئېلان قىلدىم. بېيجىڭدىكى يىزۇ ساۋاقدىشىم خەنزۇچە «ئىزدىنىش» رومانىنى ئوقۇپ بەك ماختاپ كەتكەن. مەنمۇ شۇ روماننىڭ تەسىرىدە لەنجۇنى مەخسۇس كۆردۈم. ئەسەر مۇشۇنداق ئالقىشلانسا نېمە دېگەن ياخشى ـ ھە! «شەھلا كۆز»نى قايتا ـ قايتا ئۆزگەرتتىم. ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا نىلقىغا بارغاندىمۇ ئۆزگەرتتىم. ئىككى يىل ئۆزگەرتتىم. رومانىم ھەر ھالدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى دەپ ئويلايمەن. ھازىر تۆت رومانىم بار. ئەمما كىتابخان تازا ئالقىشلىماسلىقى مۇمكىن دەپ نەشرگە بەرمىدىم.
ئەركىن ئەبەيدۇللا: 1. قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك. ئالدى بىلەن ھاياتنى سۆيۈش قىزغىنلىقى بولۇشى، ئاندىن ئىجادىيەتتە قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك. 2. ئەستايىدىل بولۇش. ئەستايىدىللىق تىرىشچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3. مەسئۇلىيەتچانلىق. ئادىمىيلىكىمىزگە، دەۋرگە، خەلققە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى كېرەك. بۇ ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ژۇرنىلىمىز دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باشقۇرىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرنال بولغاچقا، دۆلەتكە ۋاكالەتەن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنى كۆپەرەك مەقسەت قىلىمىز. بۇرۇن بەزىلەر ماقالىلىرىدە مىللەتنى تىللاپ، مەسلىھەت قىلىپ، نەسىھەت قىلىپ مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرمەكچى بولدى. ئەمما كېيىن بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى. ئىجابىي نۇقتىدىن مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ماقالىلەرنى يېزىشقا كۈچەش كېرەك.
ژۇرنال ئۇنىۋېرسال ژۇرنال بولغاچقا، ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن: شېئىر 2 ـ 4 بەت ئەتىراپىدا بولسا، سۆيگۈ ـ مۇھەببەت تېمىسىدا ۋاپا، ئەقىدە ھەققىدىكى. تەربىيەلەش، ئادەمگەرچىلىك، ھاياتقا بولغان قاراش، دەۋرچانلىق تېمىسىدىكى شېئىرلار يېزىلسا.
ھېكايە 10 بەتكىچە بولسا. ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئادىمىگەرچىلىك تېمىسىدا بولسا. سۆيگۈ ـ مۇھەببەت تېمىسىدىكى ھېكايىلەرنى بېرەلمەيمىز.
نەسىر 4 بەت ئەتىراپىدا بولسۇن. مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرۈپ ـ ئادەت، مىللىي مەدەنىيەت يورۇتۇپ  بېرىلگەن نەسىرلەر بولۇشى كېرەك.
سۆھبەت ئەمەلىي، نەق مەسىلىلەر ئۈستىدە بولغاچقا بەك قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى.




Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1816
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 00:25:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي تاغدا يېزىلغان شېئىرلار
1
     مىڭ يىلغىچە ھىجران ئۈنى ئۈزۈلمەس

-پاشاگۈل نىياز (توقسۇن)

باشلاپ ياشلىق باغلىرىمغا زىمىستان،
بەكمۇ ئەلەم قىلغان سۆيگۈ جاپاسى.
سۇ سىڭمىگەن تۇپراق كەبى دىلىستان،
يۈرىكىمدە گۈلخان  ئۇنىڭ لاۋاسى.

كۆزلىرىمدە تەۋرىنەتتى مۇڭسىراش،
چاك يېرىلغان نېچۈن قەلب دالاسى.
سۈزۈك،پاكىز كېچىلەردە پىچىرلاش،
سىيلىغايمۇ كۈلۈپ تاڭنىڭ ساباسى؟.

دىل ئازابى  پايانى يوق تۈگىمەس،
يامغۇرغىمۇ سىڭىپ كەتكەن نىداسى؟.
مىڭ يىلغىچە ھىجران ئۈنى ئۈزۈلمەس،
تىترىمەكتە ئۇنىڭ مۇڭلۇق ناۋاسى.

پەردازلانغان كۈلۈشلەردىن بىزارمەن،
بۇلغانمىسۇن ۋۇجۇدۇمنىڭ ھاۋاسى.
كىچىككىنە بەختتىنمۇ بىدارمەن،
نېچۈن غەملىك،زادى كىمنىڭ خاتاسى؟

بارخانلارنى ماكان تۇتسام تۇيۇقسىز ،
ئۇزاقلاردىن كەلسە كارۋان ساداسى.
بەخىت گۈلۈم توزىغايمۇ پورەكسىز،
قېنى؟ نەدە؟ مۇھەببەتنىڭ داۋاسى؟....

.2012-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى،جەنۇبى تاغ ،يازغۇچىلار ئائىلىسىدە يېزىلدى.

2
مەنزىلىمدە مەڭگۈ ئۆڭمەس ھىدايەت بار

-پاشاگۈل نىياز (توقسۇن)

سىرغىپ-سىرغىپ كۈيلەر تامغان يۈرىكىمدە،
ئۆزگىلەرنى مەست قىلغۇچى كارامەت بار.
بۇقۇلدىغان مۇڭلۇق ئىزگۈ ئۈنلىرىمدە،
سەۋر-تاقەت قۇچاقلىغان ئامانەت بار.

بوران-چاپقۇن دومۇلاتتى سوقۇپ ھەريان،
ھەر كۈنلۈكى بۇ باشىمدا مالامەت بار.
رۇخسارىمدا زەپىرانلىق بولدى ئايان،
ھەسرەتلەرگە سىرداش بولغان ئالامەت بار.

يۈزلىرىمگە سانسىز يول-يول قورۇق تولغان،
ئوقۇپ-ئوقۇپ تۈگەتكۇسىز تالاي خەت بار
دىلىم پاكىز،ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان،
نازۇك ئەمما يىمىرىلمەس بىر قامەت بار.

چېچەكلىرى روھنىڭ بۇندا يىمىرىلمەس،
ئىستەكلەردە مۈگدەپ قالغان شاپائەت بار.
چولپان سۆيگەن ئىزلىرىمنى كىشى بىلمەس،
گۈل سەرۋىدەك بويلىرىمدا ماتانەت بار.

كېچىلەردە دولقۇنلىغان ھاياجاندا،
چەكسىزلىككە سوزۇلغان بىر  ساداقەت بار.
ھەسرەت،بەخت تەڭ تۇتاشقان باياۋاندا،
قانچە ئەسىر داۋاملاشقان جاراھەت بار.

يوپۇرماققا مىسال ئەتمەڭ غازاڭ بولغان،
مەنزىلىمدە مەڭگۈ ئۆڭمەس ھىدايەت بار.
يىقىلسىمۇ يېتىپ مىڭ يىل كۆكلەيدىغان،
قۇملۇقتىكى توغراق كەبى شىجائەت بار.

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ،جەنۇبىي تاغ .



3
پەزىلەت بابىدا ياشىغىن لىللا

-پاشاگۈل نىياز

خام-خىيال چۆلىگە باشلىماڭ كارۋان،
ئىستەكلەر بارخاندا سولۇپ تۈگەيدۇ.
چاڭقىغان قەلبتىن تۆكۈلسە ھىجران،
ئىشىق غەۋغاسىغا قويۇپ  تۈگەيدۇ.

چېچەكلەپ پاك روھى مۇڭلۇق يۈرەكنىڭ،
لەپىلدەپ –لەپىلدەپ چۈشۈپ تۈگەيدۇ.
پۇشايمان ئوتلىرى  تۈمەن ھەسرەتنىڭ،
تىلەكلەر باغرىدا  كۆيۈپ تۈگەيدۇ.

بىداۋا تەنھالىق، قىرتاق كېچىلەر،
مىڭ پاتمان ھىجرانغا تويۇپ تۈگەيدۇ.
مانانلىق شاخلاردىن توزغان چېچەكلەر،
چاڭقىغان تىنىقتا  قۇرۇپ  تۈگەيدۇ.

ۋاپاسىز نامەرتكە بەرمىگىن پۇرسەت،
نادانلىق نۇرىدا سويۇپ تۈگەيدۇ.
ئىشەنچنىڭ پېچىدا تاۋلىغىن مىڭ رەت،
چىناردەك بويۇڭنى ئورۇپ تۈگەيدۇ.

ھاياتلىق كۆكىدە قىلسىمۇ جۇلا،
تىنىمسىز جىمىرلاپ كۈلۈپ تۈگەيدۇ.
پەزىلەت بابىدا ياشىغىن لىللا،
ئەي ئىنسان، ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.

(2012-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ،جەنۇبىي تاغ)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 00:46:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ــ 8

                                    ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت


تاغتۇرادا مەشرەپ

2012 ــ يىلى 7 ــ ئاينىڭ  30 ــ كۈنى كەچ.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تۇرپاندىن «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرغۇن جالالىدىن، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەردىن خالىق سېتنىياز، روزى مۇھەممەتلەر تۇرپاندىكى دوستلارنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى ئېلىپ تاغتۇراغا بىزنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تەكلىپى، تەلىپى بىلەن كەچلىك مەشرەپ تەييارلىقى قىلىندى.
تاغتۇرانى خۇشاللىق، ھاياجان قاپلىغان ئىدى. چېھرىمىزدىكى كۈلكە، چاققان ـ چاققان ھەرىكەتلىرىمىز بىزنىڭ بۈگۈنكى مەشرەپكە بولغان كۆڭۈل خۇشلىقىمىزنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. كۇرسنىڭ ئالدىراشلىقى، ئۆگىنىشنىڭ جىددىيلىكى بىلەن چارچىغان نېرۋىلىرىمىز تارىنى بوشاتقان، شادلىق پەدىلىرىنى تەڭشىگەن ئىدى.
ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت سەككىز. مەشرەپنىڭ باشلىنىشى بىلەن ياڭرىغان تونۇش ئاھاڭ ھەممىمىزنى مۇزىكا ــ ساز تامان ئىنتىلدۈردى. تۇرپاندىن كەلگەن ساتتار رىشىت، ساتتار مەھمۇت، ئەكبەرجان قاتارلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر سازەندە ــ مۇغەننىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا چېلىۋاتقان غىجەك، دۇتتار، تەمبۇردىن تارىلىۋاتقان دىلنى مەسخۇش قىلغۇچى مۇزىكىلار مەشرەپ ئەھلىنى مەپتۇن قىلىشقا باشلىدى.
ئاناڭ ئايمۇ، ئاتاڭ كۈنمۇ؟
تۇغۇپتۇ سەن قىزىل گۈلنى.
سېنىڭ كويىڭغا سېلىپتۇ،
مېنىڭدەك بىر غېرىپ قۇلنى.
يېقىملىق مىلودىيە، تەسىرلىك ئاھاڭ، چوڭقۇر مۇڭ، ئازاپ سىڭگەن تىكىست، بۇلاغا جىپسىلىشىپ كەتكەن ئاۋاز يايلاق ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. يۈرۈشلۈك ناخشىلار بىرىنىڭ ــ كەينىدىن بىرى ئېيتىلىشقا باشلىدى:
چىنە چىنداندىن چىقۇر،
كوزا خۇمداندىن چىقۇر.
كۆيۈكى ئەمدى بېسىلدى، دادەي...
دەردى ئۆلگەندە چىقۇر.

چىنە چاققان يارلىرىم...

ئولتۇرۇپ ئولتۇرالمىغان تۇرغۇن جالالىدىننىڭ يېنىك  قەدەملەر بىلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنى ئۇسسۇلغا تارتىشى بىلەن سەنئەت پەيزى ئەۋجىگە چىقتى، ئومۇمىي ئۇسسۇل باشلاندى. قەلبىمىزدىكى ھېس ــ تۇيغۇلار پۇت ــ قول ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن سىرتىمىزغا تىپىپ چىقىشقا باشلىغان ئىدى.
ــ ئەمدى شېئىرىي چاقچاقلىرىمىز باشلانسۇن!ــ دەپ ئېلان قىلدى ئۆمەرجان سىدىق،ــ چاقچاق ھامان چاقچاق، كۈلكە بولۇشنى مەقسەت قىلىمىز. چىدىغانغا چىقارغان جاھان. كۈلۈپ پۇخادىن چىقىپ ئۇنتۇپ كەتسەك بولىدۇ. بىرىنچى پايغا قېنى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت!
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت ئالدى ــ ئارقىغا زىچ خەت يېزىلغان قەغەزنى كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
ــ ئابلىتىپ ئىمىن،ــ دېدى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت،ــ كۇرسنىڭ تۇرمۇش باشلىقلىقىدىن ئىبارەت جاپالىق ئىشنى ئۈستىگە ئېلىپ بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇنلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن دەرس ئاڭلايدۇ، باشقىلار دەم ئالغاندا شۈيشىگۇ بازىرىغا بېرىپ كۆكتات، گۆش قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ۋاقتىدا ئەكىلىپ كۇرسانتلارنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىجەم قىلدى. شۇڭا بىرىنچى چاقچىقىم ئابلىتىپ ئىمىنگە.

گۆش تۈگەپتەك ئاڭلىساق،
بىر قېتىملا پولۇ قىپ.
تولا بارار بازارغا،
گۆش ساتامدۇ ئابلىتىپ؟

بۇ چاقچاققا ھەممەيلەن كۈلۈشتى ۋە ئابلىتىپ ئىمىنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ قىزغىن چاۋاك چېلىشتى. ئاندىن ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت ئەكبەر نىياز پەتتارى، پاشاگۈل نىياز، خالىق سېتنىياز، روزى مۇھەممەتلەرگە يازغان چاقچىقىنى ئوقىدى. نۆۋەت ياسىنجان ئۆمەرگە كەلدى. ئۇ ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمىنى كەلتۈرۈپ بىر چاقچاق ئوقىدى:

ئۆمەر ئەرقۇت چوڭ كىشى،
قەلەمكەشلەر سەركىسى.
«تاشقا ئايلانسا كۆزيېشى»،
ئىشىنەرمۇ ھەر كىشى؟

«خوراز تۇققان تۇخۇم» دەپ،
ئەپسانىنى يېزىپسىز.
«ئازغان كۆڭۈل» كەينىدىن،
نەنسەنلەرگە قېچىپسىز.

ئۆسەك سۆزلەر بازارلىق،
ئاغزى بىلەن ماڭغاننىڭ.
يېزىۋېرىڭ ئۆمەرجان،
شان ــ شەرەپلەر ئالغاننىڭ.

ئۇنىڭ ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بۇ چاقچىقى ھەممەيلەننى تازا كۈلدۈردى. ئاندىن  ئۇ ئەخمەت رازاققا، ساتتار رىشىتقا، ساتتار مەھمۇتقا يازغان چاقچاقلىرىنى ئوقۇپ كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈردى.
شائىرلارنىڭ ئىلھام دۇلدۇللىرى چاپچىپ، توپا تۇزۇتۇپ تۇرغان بولغاچقا نۆۋەت ئۇلارغا بېرىلدى. دەسلەپتە ئابدۇخالىق ئابلىمىت ئېتىنى قامچىلاپ مەيدانغا چۈشتى:

«سىم ــ سىم يامغۇر، غۇر ــ غۇر شامال، كۆك دالا»
سىم ــ سىم يامغۇر، غۇر ــ غۇر شامال، كۆك دالا،
چاۋاك چالار شاخنى سۆيگەن ياپراقلار.
چىملىق ئارا شوخ شوخ كۈلىدۇ ئۇز چېچەك،
لېكىن قەلبىم بىر ھەسرەتكە مۇپتىلا.

مانان ئۇچقان تاغ باغرىدا توختىدىم،
ۋۇجۇدۇمدا ئاقار تاتلىق سېغىنىش.
جېنىم بۇندا، بۇندىن ئون يىل مۇقەددەم،
نېسىپ بولغان لەۋلىرىڭگە لەۋ يېقىش.

مەن ئىزدىدىم تاغ باغرىدىن ئىزىڭنى،
نەدە قالدى، ئېھ، ، شادىمان كۈلۈشلەر.
گۈل تۈۋىدە ئەمدى تانھا ئولتۇردۇم،
نەدە قالدى مۇھەببەتلىك سۆيۈشلەر؟

كۈچلۈك مۇھەببەت سېغىنىشى ۋە ھىجران يۈرەكلەرنى شېرىن، ئەمما ھىجرانلىق غىدىقلاپ ئۆتتى.
ئاندىن ئىلھام تايچىقىنىڭ چىرايلىق يايلىلىرىنى ئاستا سىلىغىنىچە پاشاگۈل نىياز ئوتتۇرىغا چىقتى:

«ياق، ياق»

چىملىقتا گىياھ كۈلسە مۇلايىم،
سىز كۈلۈپ مېنى قىينايسىز جانىم،
بىللە كۈلەيلى، ئەي، دىلئارامىم،
بولامدۇ دېسەم، دېدىڭىز: ياق، ياق...

كۈنلەر ۋاراقلاپ ئۇچتى كالىندار،
ياندى يۈرەكتىن ئەكس سادالار.
ئاھ دېسەم ، ھەيھات چاقماق چېقىلار،
يانامسىز دېسەم ، دېدىڭىز : ياق، ياق.

ھىلال ئاي كۆكتە ئۈزىدۇ لەرزان،
يۇلتۇزنىڭ چۈشى بىر تاتلىق ھىجران.
ۋەسلىڭىز تىمتاس قىينايدۇ جانان،
كېلەمسىز دېسەم، دېدىڭىز: ياق، ياق.

تەنھا ئاشىقمەن، قەلبى ئاتەشدان،
مۇڭلۇق خانەمدىن تەپچىيدۇ گۈلخان.
سىزدە ئۇخلايدۇ چۈچۈك ھاياجان،
سۆيەمسىز دېسەم، دېدىڭىز : ياق، ياق...

تىمتاس قەسىردىم،چېكىلدى دىلىم،
بۇلبۇلگويادەك سايرىدى تىلىم.
شۇنچە سېغىنسام كەلمىدى ھېچكىم،
پەرىشتەم دېسەم، دېدىڭىز: ياق، ياق .

سەھەر كۆزىدە يىغلايدۇ ئەكسىم،
نەدە ئېسەدەپ يۈرگەندۇ بەختىم،
ئاھ ، مېنى باسقىن باغرىڭغا جېنىم،
ئاھ ، ئەپسۇس لېكىن، دېدىڭىز:ياق، ياق.

شېئىرىدىكى سۆيگۈ تەلپۈنىشى ۋە سۇس ئىپادىلىنىپ تۇرغان ھەجۋىي مەشرەپ ئەھلىنى زىددىيەتلىك تۇيغۇلارغا مەھكۇم قىلدى.
سازلار تەڭشەلدى، مۇزىكا ياڭرىدى، ناخشا باشلاندى:

قۇي پىيالىگە چاينى،
ئىچەيلى مۇڭدىشىپ بىردەم...

خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن، كىشىلەرمۇ خەلق ناخشىسى دەپ ئويلاۋاتقان، ئەمما تېكىستىنى شائىر ئابلىكىم ھەسەن يازغان بۇ ناخشا دىللارغا ئاراملىق، خۇشخۇيلۇق بېغىشلىدى. شۇ چاغدا ئاساۋ ئاتتەك چاپچىپ تۇرغان ئىلھامىنى باشقۇرالمايۋاتقان مۇھەممەت مەھمۇت ئېگىز بويىنى تېخىمۇ ئېگىز قىلىپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ بىزنى يوقلاپ چىققان، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتخانىسىدا ئىشلەيدىغان، تۇرپاندا خىش زاۋۇتى قۇرغان مۇھەممەتجانغا چاقچاق ئوقىدى:

خىش زاۋۇدى قۇرۇپسىز،
ئاقچا تاپقاچ تۇرۇپسىز،
رەڭلىك سورۇن قۇرۇپسىز،
پۇل تاپقاندا مۇھەممەتجان.

خىشتا بەكمۇ پايدا كۆپ،
ئويۇن دېگەن بايدا كۆپ،
سىز ھەر ياخشى جايدا كۆپ،
يول تاپقاندا مۇھەممەتجان.

بازار تاپقاچ خىشىڭىز،
پاقلان يېيىش ئىشىڭىز،
كۆككە يەتسۇن بېشىڭىز،
مول تاپقاندا مۇھەممەتجان.

چاۋاكلار، كۈلكىلەر ياڭرىدى.
نەچچە كۈندىن بۇيان دوراش، يادلاش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ تۇرمۇشىمىزغا كۈلكە خۇرۇچى قوشۇپ، كەيپىيات تەمىمىزنى تەڭشەپ تۇرىۋاتقان مۇھەممەت ئابدۇرېھىم قەغەزلىرىنى يېيىپ كۈلكە چىرايى بىلەن ئوتتۇرىغا چۈشتى. بىز ئۇنى بىرەر چاقچاق ئوقۇيدۇ، دەپ ئويلاپ تۇراتتۇق، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ھىجرانغا تۇيۇنغان لىرىكىدىن بىرنى ئوقىدى:

«بىز ئايرىلغان ئاۋغۇست كېچىسى»

چاناقتىن سىرغىدى چايقىلىپ ھەسرەت،
بىز مەيۈس ئايرىلغان ئاۋغۇست كېچىسى.
سامادا چاقنىغان يۇلتۇلار قېنى؟
تۆكۈلۈپ كەتكەنمۇ يەرگە بارچىسى.

ئاھ، ئۈجمە دەرىخى قالدى تىنىقتىن،
سۈكۈتتە تۇرىمىز شۇ قەدەر غەمكىن.
كەچكۈزدە سارغايغان ياپراقتەك مۇڭلۇق،
بىر ناخشا ئېيتىلار يۈرەكتە لېكىن.

سىلكىنىپ ئۈجمىنىڭ شاخلىرى بىردىن،
جۇدالىق ھەسرىتى تۆكەتتى شامال.
بارماقلار كىرىشىپ بىر – بىرىگە چىڭ،
بىز ئاخىر خوشلاشتۇق جېنىم بىئامال.

مۇھەببەت ھىجرانى، ئايرىلىش تۇيغۇلىرى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن، يەرلىك پۇراق سىڭدۈرۈلگەن بۇ شېئىر خۇددىي ناخشىدەكلا ئاڭلىنىپ كەتتى.
ــ تۆۋەندە بىر تۈركۈم غەزەللىرى بىلەن ئالقىشلىنىۋاتقان شائىر ئەكبەر نىياز پەتتارى شېئىر ئوقۇيدۇ،ــ دەپ ئېلان قىلدى ئۆمەرجان سىدىق.
ــ پاشاگۈلنىڭ بايىقى «ياق، ياق»ىغا جاۋاب،ــ دېدى ئەكبەر نىياز. بۇ گەپ بىلەن ھەممەيلەن سەگەكلىشىپ شۇ تامان يۈزلىنىپ ئولتۇردۇق.

كىم مېنىڭدەك سەن ئۈچۈن جاندىن كېچەلەيدۇ جېنىم؟
كىم مېنىڭدەك سەن ئۈچۈن تاغنى تېشەلەيدۇ جېنىم؟

قانچە كۈنلەر، قانچە تۈن باقتىم يولۇڭغا تەلمۈرۈپ،
يارىنى كىم مەن كەبى ئۈنسىز كۈتەلەيدۇ جېنىم؟

باغلىرىڭدا كۈلگىنى ئوتلۇق نىگاھىم شام ــ سەھەر،
كىم مېنىڭدەك ئىزلىرىڭنى گۈل ئېتەلەيدۇ جېنىم؟

قارغا ئوخشاش بىغۇبار كۆڭلۈڭ ئازابقا بولسا بەند،
كىم مېنىڭدەك سەن بىلەن چۆلگە كېتەلەيدۇ جېنىم؟

مەن غېرىپ، تاھىر ئىدىم سەنمۇ سەنەم، زۆھەر ئىدىڭ،
كىم قەسەمنى سۆيگۈدە بىزدەك ئىچەلەيدۇ جېنىم؟

بۇ ھاياتنىڭ قايغۇسى، شادلىقىمۇ بىردەمچىلىك،
كىم دىدارنىڭ قەدرىگە مەندەك يېتەلەيدۇ جېنىم؟

ئەسلىدە ئاشىق بىلەن مەشۇق دېگەن بىر جان تۇرۇپ،
كىم جۇدالىقتا يەنە يالغۇز ئۆتەلەيدۇ جېنىم؟

ئەي، نىيازى نەزمىدە ئېيتقانلىرىنىڭ بەرھەق سېنىڭ،
كىم بۇلارنى قەلبىگە مەندەك پۈتۈلەيدۇ جېنىم؟

بۇ «جاۋاب» غەزەل دەللىكى، مەزمۇندارلىقى بىلەن ئالقىشلاندى. بۇ ئىككى شېئىرغا دارىتمىلاپ بىر پەس چاچما چاقچاقلار قىلىنىپ ساپ كۈلكىلەر يايلاقنىڭ ساپ، سالقىن ھاۋاسىغا جۆر بولدى.
شائىرلارنىڭ تولپارلىرىنى بەس ـ بەستە چاپتۇرۇپ بەيگىگە چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن سازەندىلەر تارلىرىنى يۆگەپ، تارتىپ، چىڭىتىپ، چېكىپ، كامالچىسىنى سۈركەپ ناخشىسىنى باشلىدى:

ماڭا بىر تون تىكىپتۇرلەر،
ئېتەك ــ ياقاسى يوقتۇرلەر.
ئېتەك ــ ياقاسى يوق توننى،
كىيۇرمىز ئاقىۋەت بىر كۈن.
ھەيرانىڭمەن...

«ھەيرانىڭمەن» ناخشىسى بىزنى ھاياتلىق ھەققىدە ئويلاندۇردى. ئەجدادلاردىن قالغان ناخشىلارنىڭ قىممىتى ئېيتقانچە ئاشىدىكەن، قەدىرى ئېيتقانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
ــ مۇشۇ ئېسىل ناخشىلارغا بېغىشلايمەن،ــ دېدى شېئىرىيەتتە بارغانچە بۆسۈش ھاسىل قىلىۋاتقان ھەلىمە مەھمۇت.

«پەخرىم»

كارىزدەك قەدىمىي، كارىزدەك ئۇلۇغ،
كارىزدەك ئەبەدىي ئۈزۈلمەس ئېقىن.
سۇغۇرۇپ كەلدىڭسەن خەلقىم روھىنى،
ئەسىردىن ئەسىرگە ئېقىپ بىتىنىم.

يېلىنجاپ، يېلىنجاپ يانغان ئىشتىياق،
ئاتەشنىڭ تەپتىدە ئايلاندى تەرگە.
كۆۋەجەپ، كۆۋەجەپ ئاققان دەرد ــ پىراق،
ئويغاتتى ھەر دىلدا تۈمەن زىلزىلە.

گۈل كەبى پورەكلەپ ئېچىلسا «ئاچىل»،
بەرق ئۇرار شائىرىم روھىنىڭ بەرگى.
ئۆلمەس بىر سىماھ ھەم ئۆلمەس بىر ناخشا،
بۇ ئاتەش دىيارنىڭ غورۇرى، پەخرى.

مىڭ ھەيران بولىمەن «ھەيرانىڭ»غا مەن،
كۈيلەرنىڭ سېھرىگە چۆكۈمەن تىرەن.
كارىزنىڭ بېشىدىن قايتتى بىر يىگىت،
يۈگۈرەپ ئالدىغا كەلدى بىر لەۋەن.

يۈرەكنى چاققاندا چىنە چاققان يار،
مۇڭلارغا ئەگىشىپ تۇيغۇلار ئاقار.
سۆيگۈ رىۋايىتى سۆزلىنەر بۇندا،
ھەر مۇڭدا ئەقىدە نۇرلىرى يانار.

كۈيلەشكە ئاجىزمەن، تەرىپىڭگە ھەم،
ئاز كىلۇر سەن ئۈچۈن ھەتتا مىڭ داستان.
ئاھ سېنى ئېيتىشمۇ ياكى ئاڭلاشمۇ،
ئوخشاشلا شۇ قەدەر سېھىرلىك جەريان.

كارىزدەك ئۈزۈلمەس، كارىزدەك سۈزۈك،
سەن يەنە دولقۇنلاپ ئەيلىگىن داۋام.
ئوت يۈرەك تۇرپاننىڭ ئوتلۇق ناخشىسى،
ساڭا ھەر يۈرەكتىن ئوتلۇق ئېھتىرام.

مەشرەپ جەريانىدا بارچە كۇرسانتلار تاغتۇرانىڭ ھويلىسىغا ھازىرلانغان ئازادە مەيداندا قىزغىن ئۇسسۇللارنى ئوينىشىپ، ئۆز ئارا بېقىشىپ، ساما سېلىشىپ، مەيداننى باشتىن ئاخىر قىزغىن كەيپىياتقا تولدۇردى. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەشرەپ نازىركۇم بىلەن ئاخىرلاشتى. شېئىرىي چاقچاق، شېئىر، ناخشا ــ مۇزىكا، ئۇسسۇللار بىلەن شادلانغان كۆڭۈللەر يايلاق ھاۋاسىغا تەڭداش بولۇپ ئازادە بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ مەشرەپ تاغتۇرادا ئۇيۇشتۇرۇلغان كۇرسلارغا كۆرە تۇرپان يازغۇچىلىرى كىتاب ئوقۇش كۇرسىغا ئۆزگىچە مەنە بېغىشلاپ، تاغتۇرادىكى قۇيۇق ئەدەبىيات مۇھىتىنى سەنئەت لىباسى بىلەن ئوراپ، كۇرسانتلارنىڭ ھاياجېنىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى ھەم بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە تەرىپى، يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 478
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 01:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    چاق
        مۇھەممەتجان مەخمۇت

چاق ئىگىرىپ  چىرايىڭ سۇلغۇن،
سەن چۈشۈمگە كىرىسەن ئانا.
بىر قۇلۇڭدا ئىسسىق يۈرۈگۈڭ،
ئال بالام دەپ بىرىسەن ماڭا.

جان ئانا دەپ ئوتتەك باغرىڭغا،
ئۆزەم ئېتىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم.
سەن چاقىڭغا ئۈگەتكەن قۇشقا
سەھەر تۇرۇپ ئانا دان سەپتىم.

بىزلەر ساڭا تۇتقۇزغان چاقنى،
چاق ئىگىرىپ بىزنى باققانتىڭ.
شۇنچە مۇڭلۇق دەرتلىك ناخشاڭدا،
سەن تۇرمۇشقا چىراق ياققانتىڭ.

قېنى كۆزگە سۈرەي دىسەم يوق،
جېنىم ئانا چاق يىگەن قۇلۇڭ.
كەچمىشلەردە چاقتەك چۆگىلەپ،
سىنى ئەسلەپ يىغلايدۇ ئوغلۇڭ.

مەن ئەپ قويدۇم ئۇنى تۆرەمگە،
مەن كۈرىمەن سىنىڭ ئورنىڭدا.
چىرايىڭ بار، گۈلدەك ھىدىڭ بار،
كەچمىشىڭ بار سىنىڭ ئۇنىڭدا.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 20:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ــ 9

                                      ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت


«تارىم» بىلەن سۆھبەت

2012 ــ يىلى  7 ــ ئاينىڭ  31 ــ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن باش مۇھەررىر ياسىن زىلال، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر پاتىگۈل ئەخمەت، مۇھەررىرلەردىن مۇھەممەت ئەيسا ئۆزئەرك، خاسىيەت ئەمەتلەر كېلىپ كۇسانتلار بىلەن سۆھىبەت ئۆتكۈزدى. «تارىم» ژۇرنىلى ئانا ژۇرنال، نوپۇزى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئانا ژۇرنال ئۆزنىڭ شانلىق تارىخىدا نۇرغۇن داڭلىق ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. شۇڭا نۇرغۇن يازغۇچى ــ شائىرلارنىڭ بۇ ئانا ژۇرنالدا ئەسەر ئېلان قىلىشنى پەخرى دەپ بىلىشىدۇ. شۇڭا كۇرسانتلار بۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىر، مۇھەررىرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى، سۆھبەتلىشىشنى ئارزۇلىدى.
بۈگۈنكى پائالىيەتمۇ دەرىس ۋە ئەركىن سۆھبەت شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.
ياسىن زىلال: تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشقا كۇرسىغا ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ناھايىتى ياخشى بوپتو. بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزنى قىلغىنىڭلارغا رەھمەت. «تارىم» ژۇرنىلى يېتەكچى ژۇرنال بولغاچقا باش مۇھەررىر بىلەن كۆرۈشكەندىن مۇھەررىرلەر ئاپتورلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىنى ياخشى. چۈنكى كونكرىت مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەشكىلى بولىدۇ. شەرقىي شىنجاڭدىكى ئاپتورلار بىزگە ئەسەر ئېۋەتىشتە سۇسراق. مەسىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بېرىپ سۆھبەتلىشىشنى ئويلىغان. ئەمما دۇداقىقىغا دۇداقى كەلمەي  بارالماي قالغان ئىدۇق. شۇڭا بۈگۈنكى بۇ يەردىكى يىغىلىشنى بەك ياخشى بولغىنى، دېگىنىم.
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت: ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرەنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى رېئاللىق مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟
ياسىن زىلال: ئەدەبىياتقا:«رېئال تۇرمۇشنىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى» دەپ تەبىر بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ رېئالىستىك ئەدەبىياتنىڭ تەبىرى. دەۋر ئۆزگەردى. بۇ تەبىر مۇكەممەل تەبىر بولالمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. دۇنيا يازغۇچىغا تەسىر قىلىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يازغۇچنىڭ مېڭىسىمۇ رېئال دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات رېئال دۇنيانىڭ ئىنكاسىلا ئەمەس، يازغۇچىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭمۇ ئىنكاسى. رېئال دۇنيا كەڭ، ئىنساننىڭ مەنىۋىي دۇنياسى تېخىمۇ كەڭ. بۇ دۇنيادا ئىمكانىيەت بولغان ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما مەنىۋىي دۇنيانىڭ مەنزىلىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
شېئىر ئىچكى دۇنياغا مايىلراق نەرسە. شېئىر ئىنساننىڭ روھىي قاتلىمىغا تەۋە.
ھېكايىلىرىمىز نېمىشقا قورغاق؟ بىزنىڭ ھېكايىلىرىمىزدە شېئىرىي ئامىل كام، پىسخىك تەسۋىرىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. تەسۋىرلىرى نەپىس ھېكايىلەر شېئىردەك ھېكايىكەن دەيمىز. ئەمما ھېچبىر شېئىرنى ھېكايىدەك شېئىركەن دېمەيمىز. ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرەنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ ئالقىشلىنىشى ئۇنىڭدا خىيالىي ھېس تۇيغۇ، شېئىرى ھاياجان بولغانلىقتىنمىكىن دەيمەن. شېئىرنى مەنتقىگە سالغاندا بۇ قىپقىزىل يالغان گەپ بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: شائىر تاغلارنى كۆتۈرىدۇ، دەريالارنى ئۇلايدۇ، قۇياشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. گۈللەر بىلەن پىچىرلىشىدۇ. بۇ رېئال دۇنيا ئۈچۈن يالغان. لېكىن شېئرىنى ئوقىغان ۋاقتىمىزدا، شېئىرنىڭ ئىچىگە كرىگەن ۋاقتىمىزدا بۇنى يالغان دېمەيمىز. چۈنكى بۇ نەرسىلەر سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىزدا بار. دېمەك، ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرىنىڭ ئەسەرلىرىدە پىسخىل رېئاللىق شېئىرسىمان ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
بىر ئەسەردە يا بىر يەردە يىغلاتمىسا، يا بىر يەردە كۈلدۈرمىسە، يا بىر يەردە قاتتىق غەزەبلەندۈرمىسە ئۇنى قانداقمۇ ئەسەر دېگىلى بولسۇن؟ چۈنكى ئۇنىڭدا ئىنسانىي تۇيغۇ كەمچىل. مەسىلەن: جوردى زەيداننىڭ «رامزاننىڭ ئون يەتتىسى» ناملىق ئەسىرىدىكى قەتتال يامان، ئەمما چىرايلىق ئايال. كېيىن ئۇنى بىراۋ بوغۇزلىۋېتىدۇ. بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇن قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەپرەتلەنگەن ئىدىم. ئۇنىڭ بوغۇزلانغىنىغا غەزەپلەندىم: ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ چىرايلىق تۇرسا دەپ يىغلاپ كەتتىم. دېمەك ماڭا تەسىر قىلغىنى ئەسەردىكى مۇشۇ زىددىيەتلىك تۇيغۇدۇر. ھېس ــ تۇيغۇغا باي، چىن يېزىلغان ئەسەرلەر ئادەمنىڭ ئىچىدە تىنىپ ياتقان تۇيغۇلارنى ئويغىتىدۇ.
پەرھات باھايدىن: ئۇنداقتا «تارىم» ژۇرنىلىغا ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرەنىڭ ئەسەرلىرىدىكىدەك ئۆلچەم بويىچە ئەسەر قوبۇل قىلامسىزلەر؟
ياسىن زىلال: مۇقىم ئۆلچەم يوق. ئەدەبىيات كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە. ھەممەيلەننى كۆكبۆرىدەك ياز دېمەيمىز. ھەممىنىڭ ئىجادىيەت يولى، ھەممىنىڭ ئۆزىگە خاس خېرىدارى بار. قايسى شەكىلدە يېزىڭ، يازغىنىڭىزنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسى ژۇرنالنىڭ سەۋىيىسىگە يەتسە بولىدۇ. ئىككى ئۆلچەم بار: بىرى، دەۋر ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتسۇن. يەنە بىرى، بەدىئىي ئۆلچەم.
ئەدەبىيات جاراھەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. جاراھەت مۇھەببەتتىن چىقىدۇ. سىز بىر نەرسىگە مۇھەببەت ـ ئىشتىياق باغلاپ ئۆزىڭىزنى بېغىشلايسىز. نەتىجىدە قەلب سوقۇلىشى كېلىپ چىقدۇ. مۇشۇ سوقۇلۇشتىن ئەدەبىيات كېلىپ چىقىدۇ.
ھەلىمە مەھمۇت: تارىمدا ئاممىباپ شېئىرلارلا چىقىۋاتىدۇ. ئىزدىنىش روھىغا باي شېئىرلارغا ئورۇن بارمۇ؟
ياسىن زىلال: «ئاممىباپ شېئىر» دەپ نېمىگە قارىتىسىز؟
ھەلىمە مەھمۇت: ئىدىيەسى ئوچۇقراق.
ياسىن زىلال: يېڭىچە شېئىرچۇ؟
ھەلىمە مەھمۇت: ئىدىيىسى يوشۇرۇن، سىمۋول كۆپ، شەكلى ئۆزگىچە...
مۇھممەت ئابدۇرېھىم: ئوچۇق قىلىپ «گۇڭگا» دەڭە.
ياسىن زىلال: مېنىڭچە «ئاممىباپ» دېگەنلىك «ئاممىغا باپ» دېگەنلىك. مېنىڭچە بۇنداق شېئىرلارنى ياخشى شېئىر دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بەكلا ئاممىباپ شېئىرلارغا ئاساسەن ئورۇن بېرىلمەيدۇ. ئەنئەنىۋىي شەكىللەرگە چۈشكەن، بەدىئىيلىكى يۇقىرى شېئىرلارنى ئالدىن تاللايمىز. بىز شېئىرغا ئەڭ يېقىن مىللەت. ئەنئەنىۋىي شېئىرىي شەكىللەرنى ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن. ئەمدى بۇندىن باشقا شەكىل بولمايدۇ. شەكىل يارىتىپ بېقىشقا ئورۇنغان بىلەن نەتىجىلىك بولمايدۇ.
شېئىردا گۈزەللىك بولۇشى كېرەك. شۇڭا «بۇلاقتەك كۆزۈڭ، ئويماقتەك ئاغزىڭ» دەپ تەسۋىرلەيمىز. ھەرگىزمۇ «توكۇر پۇتۇڭ، مايماق ئاغزىڭ، يەكچەشمە كۆزۈڭ» دەپ ماختىمايمىز. مانا بۇ ئىنساننىڭ ــ شائىرنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى.
ئەمدى سىز دېگەن «شېئىردا ئىدىيىنى يوشۇرۇن ئىپادىلەش»كە كەلسەك،  يوشۇرۇن ئىپادىلەش كىلاسسىكلاردا ئەزەلدىنلا بار. نەۋائىينى مىسالغا ئالساق:

ئارەزىن ياپقاچ كۆزۈمدىن تۆكۈلۇر ھەرلەھزە ياش،
بۇيلەكىم پەيدا بولۇر يۇلدۇز نىھان بولغاچ قۇياش.

يەنى، خۇددىي كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشكىنىدە يۇلتۇزلار نامايان بولغىنىدەك، يۈۈزڭنى ياپقىنىڭدا كۆزۈمدىن ياشلار ئۈنچىدە تۆكۈلىدۇ.
يەنە بىر شېئىرىدا، تەرجىمىسىنىلا دەي:

چۈمبەلىڭنى ئالساڭ جامالىڭنى كۆرگۈم بار،
ئەمما ئاچساڭ باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قىزغىنىمەن.

يوشۇرۇن ئىپادىلەش بولسا مۇشۇنچىلىك بولار.
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت: «تارىم» ژۇرنىلىدا يېڭى يېزىلغان رومانلاردىن پارچىلارنى ئالدىن ئېلان قىلىشتەك ياخشى ئەنئەنە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. رومانچىلىقىمىزغا قانداق قارايسىز؟
ياسىن زىلال: بەزى ئادەملەر ئانىسىغا بىر پارچە سالام خەتمۇ يېزىپ باقماي تۇرۇپ رومانچى بولۇپ كېتىدىكەن. بىر يازغۇچىدا مەلۇم مەزگىللىك ئەدەبىي تەربىيەلىنىش، يېزىقچىلىق مەشقى بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ قۇرۇق نەزەرىيە سۆزلىمەي ئەمەلىي مىسالدىن بىرنى ئالاي. بىر يىلى يۇرتقا بارسام، مېنى كەلدى دەپ خوتەن تارىخىدا چىققان تۇنجى روماننىڭ مۇھاكىمىسىنى ئالدىغا سۈرۈپ ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا «بۇ رومانننىڭ سەۋىيەسى ياۋروپادىن ھالقىغان، سەۋىيە جەھەتتە بىر چوققا... » دگەندەك گەپلەر بولغىلى تۇردى. بۇ كۆپتۈرمە گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈزۈم چىمىلداپ كەتتى. سۆز نۆۋىتى ماڭا كېلىۋىدى:«ئالدىراپ چوققا دېمەيلى. چوققا بولسا سىرىلىپ كېتىدىغان ئىش چىقىدۇ. پىشقان نەرسە ساپىقىدىن ئۈزىلىدۇ. بۇنداق ماختاش بۇ ئىنىمىزغا زىيانلىق. كىرىيەدىن ھالقىسا  خوتەن بار، خوتەندىن ھالقىسا شىنجاڭ بار، شىنجاڭدىن ھالقىسا... بۇ ئەسەر شۇنچىلىك يېزىلىپ كەتكەن بولسا بىر نۆرى... شۇڭا ھازىرچە بۇنى بىر كىتاب دەپ تۇراي. رومان بولامدۇ ـ بولمامدۇ، ئوقۇپ بىر نەرسە دەي» دېدىم. رومانغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلايلى. 2000 ـ يىلنىڭ بېشىدا «نەشرىياتلار رومان دېسىلا باسىدىكەن» دېگەن گەپ چىقتى. بۇنى ئاڭلاپ توۋۋا دېدىم.  ئۇ چاغدا مەن ئۆي ئېلىپ 30 مىڭ كويدەك قەرز بولۇپ قالدىم. روماننىڭ قەلەم ھەققى ئوبدانلا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن رومان يازاي دەپ ئويلىدىم. چۈنكى 300 دەك چۆچەك بىلىمەن. خەت ئۇرغۇچىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ، نوتۇقۇم ياخشى بولغاچقا چۆچەكلەرنى ئۇلاپ دەۋەرسەم رومان بولغۇدەك. كېيىن «توختا مۇشۇ قالماشمىغان ئىشنى قىلماي جۇمۇ» دەپ يالتايدىم. (چاقچاق) ئاڭلىسام بەزى نەشرىياتلار بىرەر مىڭ بەت بىر نەرسە ئەكەلسىلا رومان دەپ باسىۋېرىدىكەن. بۇنداق قىلساق ئەدەبىياتقا چاقچاق قىلغان، ھاقارەت قىلغان بولىمىز.
پاتىگۈل ئەخمەت: ئاپتورلارغا دەيدىغىنىم: ئەسەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئېۋەتىشكە ئەھمىيەت بەرسەك. ئۇ ياقتىن يېزىپلا بۇ ياقتىن ئېۋەتىشتىن ساقلانساڭلار. بىزنىڭ ئەسەر ھەققىدىكى مۇئامىلىمىز ئۆزگىچە: ئەسەرنى مۇھەررىرگە بىۋاسىتە ئېۋەتىڭلار، ۋاقتى كەلگەندە تېلېفون ئۇرۇپ ئەسىرىڭلارنىڭ ئېلان قىلىنىدىغان ــ قىلىنمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرسەڭلار بولىدۇ.
خاسىيەت ئەمەت: ئاپتور بىر ئەسەرنى بىر مۇھەررىرگە ئېۋەتسەڭلار. ھەرگىز ھەممەيلەنگە تەڭ ئېۋەتمەڭلار. بولمىسا ھەممىمىز ئەسەرگە تەڭ ئىشلەپ كېتىدىكەنمىز. بۇ بەك ئاۋارىچىلىق ئىكەن. شۇڭا بۇنداق ئىشتىن ساقلانساڭلار.
پاتىگۈل ئەخمەت: ئەسەرنى بىر مۇھەررىرگە ئېۋەتىپ «شۇ مۇھەررىر ئەسەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ» دەپ ئويلىساڭلار بولمايدۇ. ئەسەرنى مەزكۇر ساننى ئىشلەيدىغان مۇھەررىر، مەن، ياسىن ئاكام كۆرىدۇ. شۇڭا بىر مۇھەررىر بولمايدۇ دېسە، باشقىلىرىمىز بولىدۇ، دەپ قارىساق ئەسەر ئېلان قىلىنىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.
مۇھەممەت ئەيسا ئۆزئەرك: ياخشى ئەسەر كەلسە ياكى ياخشى يازىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى كەلسە تالىشىمىز. بىزمۇ:«ياخشى ئەسەرگە مۇھەررىر بولۇۋالسام» دەپ ئويلايمىز. چۈنكى مۇنداق ئەسەر شۇ مۇھەررىرنىڭمۇ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

چۈشتىن ئاۋالقى دەرىس ۋە سۆھبەت كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى.


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1184
تۆھپە : 0
توردا: 89
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 22:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۆمەر بۇرادەرنىڭ بىزنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۈنجۈمەنلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغىنىغا تەشەككۈر!

ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 23:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       8-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ خەلق نەشرياتىنىڭ مۇھەررىرى بارىجان زەپەر، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پولات ھېۋىزۇللا قاتارلىقلار ئىجادىيەت مەركىزىمىزگە كېلىپ، ئەدىب ۋە ئىجادىيەت، كىتاپ ۋە نەشرياتچىلىق ھەمدە نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت مەسىلىلىرى، يازغۇچىلارنڭ تەربىيەلىنىشى قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
   8-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈنى كۇرۇسنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، كۇرساتلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق موزىي،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىدىكى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات سارىيى، «ئارمان گۇرۇھى» مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر چەكلىك شىركىتى،«شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» قاتارلىق ئورۇنلاردا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت پائالىيەتلىرىدە بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتە داۋاملاشقان «تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپ ئوقۇش كۇرسى» بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى تاماملاپ تولۇق ئاخىرلاشتى.


DSC_8656.JPG



DSC_8655.JPG


DSC_8678.JPG


DSC_8693.JPG


DSC_8695.JPG


DSC_8699.JPG


DSC_8701.JPG


DSC_8708.JPG


DSC_8710.JPG

(كۇرۇسنىڭ خاتىرىسى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت تەرىپىدىن داۋاملىق يوللىنىدۇ)


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 00:34:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                         تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ــ 10
                                                  
                                                       ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت


بارىجان زەپەر ۋە پولات ھېۋزۇللا بىلەن سۆھبەت

2012 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق  نەشرىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇھەررىرى بارىجان زەپەر تاغتۇرايىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. مەقسەت ــ مۇددىئالار ئىنق بولغاچقا سۆھبەت تەبىئىيلا باشلىنىپ كەتتى.
بارىجان زەپەر: ھازىر خېلى كۆپ يازغۇچىلار ئەسەرنىڭ تىلىغا ئىشلەشكە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. چوقۇم تىلغا ئىشلەش كېرەك. ھازىرقى ئەسەرلەرنىڭ بىر چوڭ ئاجىرزلىقى شۇ. مەسىلەن: ھازىرقى بىر قىسىم ئەسەرلەردە بىر جۈملىدە ئىپەدىلەيدىغان پىكىرنى بىر نەچچە جۈملە ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان خاھىش خېلىلا ئېغىر. يا ئەسەرنىڭ ھەجمىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەمدىكىن؟
يەنە كىتابنى، بولۇپمۇ روماننى ئالدىراپ ئېۋەتمىسەك. يېزىپ بولۇپ قايتا ـ قايتا ئويلانساق، تۈزۈتىش ئېلىپ بارساق. مەسىلەن: داڭلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام يېزىپ بولغان رومانىنى باشقلارغا ئوقۇپ بېرەتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ پىكرىنى مۇۋاپىق كۆرسە تۈزىتىش ئېلىپ باراتتى. قەلىمى پىشقان بىر يازغۇچى شۇنداق قىلغان يەردە بىز نېمىگە ھورۇنلۇق قىلىمىز؟
شېئىر توپلاملىرىغا كەلسەك: بۇرۇن خاس توپلام چىقىرىش ئاز ئىدى. يېقىندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىدىن باشلاپ قىرىقتەك توپلام چىقاردۇق. رايونلار بويىچە بىرلەشمە توپلام نەشر قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇنداق قىلىش شۇ رايون ئەدەبىياتىنى كۈزىتىش ۋە يېتەكلەشكە پايدىلىق بولىدىكەن.
مۇھەممەت مەھمۇت: شېئىر توپلىمى چىقىرىشتا ئېلان قىلىنغان ـ قىلىنمىغان شېئىرلانىڭ نىسبىتى قانداق بولىدۇ؟
بارىجان زەپەر: ھەممىسى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ بولىدۇ.
مۇھەممەت مەھمۇت: بىرسىمۇ ئېلان قىلىنمىغان بولسىچۇ؟
بارىجان زەپەر: بۇنداق شېئىر توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن. چۈنكى بىر توپلام تۈزگىچە جەرياندا بىر پارچىمۇ شېئىر ئېلان قىلمىغان بولسا بۇنىڭغا قانداق قاراش كېرەك؟ ئۇنىڭ كىتابخانلار نەزەرىدىكى تەسىرىگە نېمە دېگۈلۈك؟ ئالاھىدە تالانتى بولسا بۇ باشقا گەپ... بۇ گەپنى قويايلى، بىر شېئىر توپلىمىدا ھېچ بولمىسا ئېلان قىلىنغان شېئىرنىڭ نىسبىتى 30 پىرسەنتتىن ئېشىشى كېرەك.
ھەلىمە مەھمۇت: نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ بەزىلىرى دۆلەت خىراجىتى بىلەن، بەزىلىرى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن، بەزىلىرى ئاپتورنىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن نەشر قىلىنىدىكەن. ھەممە كىتابقا پۇل تۆلەيمىزمۇ؟
بارىجان زەپەر: نەشرياتنىڭ نەشر قىلىش پىلانىغا كىرگەن كىتابلارغا پۇل تۆلىمەيسىز.
پەرھات باھايدىن: قانداق كىتابلار پىلانغا كىرىدۇ؟
بارىجان زەپەر: ئەدەبىي ئەسەرلەردىن بازار، ئىقتىسادىي قىممەتنى كۆزدە تۇتقاندا روماننى ئالدىن تاللايمىز. ئاندىن قالسا پوۋېست توپلىمى. كۆرۈۋاتىسىلەر، بايىمۇ دېدىم، شېئىر توپلاملىرىنى نەشر قىلىشنىمۇ مۇھىم كۈن تەرتىپكە كىرگۈزدۇق. ھازىر شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ تولۇق شېئىر توپلىمىنى ــ بەش توم كىتابنى نەشرگە تەييارلىدۇق. ھازىر باسمىدا.
كېپەيتۇللا ئەرشى: كىتابنى نەشرىياتقا سۇنۇشتا بىرەر نوپۇزلۇق ئەدىبنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇش كېرەكمۇ؟
بارىجان: قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق. كىتاب ياخشى بولسا ئۆزىڭىزنىكىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئىمزاسى بولمىسىمۇ نەشر قىلىمىز. كىتاب نەشر قىلىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە بىر نەچچە ئەدىبكە ئىمزا قويدۇرۇپ كەلسىڭىزمۇ پايدىسى يوق. چۈنكى ئەدەبىي ئەسەر ھۆججەت ئەمەس.
ئەكبەر نىياز پەتتارى: شېئىر توپلىمى نەشر قىلىنىدىغان بۈگۈنكى زامان  شائىرلىرىنى قانداق بېكىتىسىزلەر؟
بارىجان زەپەر: مەن مۇشۇ تۈردىكى شېئىر توپلىمىدىن ئۈچ كىتابقا مەسئۇل مۇھەررىر بولدۇم. مېنىڭچە ھەممە يەرنىڭكىنى تەكشى قىلىش كېرەكتى. ھەرقايسى جايلاردىكى شائىرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا 15 شېئىر توپلىمى پىلانلانغان بولسا ئوبدان بولاتتى. مەن ئىسىملىكنى يوللاپ قويدۇم. ئىچىدە سىزمۇ بار. ھازىر نەشرىيات رەھبەرلىرى ئويلىشىۋاتىدۇ.
ھەلىمە مەھمۇت: «ھەر يىلى مۇنچە پارچە شېئىر توپلىمى چىقىرىمىز» دەپ پىلان قىلامسىزلەر؟
بارىجان زەپەر: ئالدى بىلەن بۈگۈنكى زامان شائىرلىرىنىڭ مەخسۇس توپلاملىرىنى پىلان قىلىمىز. باشقا ئاپتورلارنىڭكىنى ئەھۋالغا قارايمىز.
كېپەيتۇللا ئەرشى: كىتابلارنىڭ تىراژىچۇ؟
بارىجان زەپەر: ھازىر نەسىرىي ئەسەرلەرنىڭ تىراژىدا چوڭ مەسىلە يوق. شېئىرلارنى بىر يۈرۈش قىلىپ نەشر قىلسا نۇرغۇن ئادەم ساقلاپ قويۇشنى مەقسەت قىلىپ  بولسىمۇ ھەممىسىنى ئالىدىكەن. باشقا شېئىر توپلاملىرىغا كېسىپ  بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.
ياسىنجان ئۆمەر: ھېكايە ـ پوۋېست توپلىمىنىڭ قانچىلىك نەشر قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار؟
بارىجان زەپەر: 50 پىرسەنت نەشر قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار.
مۇھەممەت مەھمۇت: شەخسىي پۇل چىقىرىپ كىتاب نەشر قىلماقچى بولساق قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟
بارىجان زەپەر: كىتابنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئاپتور 3000 پارچە كىتابنىڭ ياكى 1500 پارچە كىتابنىڭ ئومۇمىي باھاسى بويىچە 65 پىرسەنت پۇلىنى تۆلەپ كىتابنى سېتىۋالىدۇ.
ئەكبەر نىياز پەتتارى: يىللىق پىلاندا شېئىرنىڭ سالمىقى قانچىلىك؟
بارىجان زەپەر: 15 پىرسەنت.
بارىجان زەپەر بىلەن بولغان سۆھبەت ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كېلىپ تۇرىۋىدى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر پولات ھېۋزۇللا يېتىپ كەلدى. ۋاقىت ئاز قالغان بولسىمۇ سۆھبەت داۋام قىلىۋەردى.
پولات ھېۋزۇللا: ھازىر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتلەر مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى ۋە ئىچكىرىدىكى تەربىيەلىنىش كۇرسلىرى بۇنىڭ بىر دەلىلى. ئەمما تەربىيەلىنىش كۇرسلىرى بىزگە ھەممىنى ئۆگىتىپ كېتەلمەيدۇ. پەقەت ئىلھام بولىدۇ. قالغىنى ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق...
  بىزدە كەم بولىۋاتقىنى كىتاب چىقىرىشنىڭ تەسلىكى ئەمەس بەلكى ياخشى كىتابلارنىڭ ئازلىقى.
نەشىر قىلىنغان شېئر توپلاملىرىنىڭ ئاز بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ ئوقۇرمىنىنىڭ، خېرىدارىنىڭ ئاز بولۇشىدىن بولغان. لېكىن ياخشى يېزىلغان شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىنىۋىدى، بازاردىكى ئۆنۈمى خېلى ياخشى بولىۋاتىدۇ. شېئىرىيەتتىكى ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە تېما تەكرارلىقىنىڭ ئېغىرلىقى.
بىزدە قوشۇن كەم ئەمەس، گەپ ئۆزىنى «ئەدەبىياتچى» دەپ كېرىلىپ يۈرگەنلەر ئىشنى قالايماقان قىلىۋاتىدۇ. قەلەمكەش ئەسەر ئېلان قىلىشتا ھەرگىز ئېتىبارغا ئېرىشىشنى تەمە قىلماسلىقى كېرەك. ئەسەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئۇنداق بولمىسا تۆۋەن سەۋىيەدىكى قەلەمكەشلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور توسالغۇ پەيدا بولىدۇ.
بىر كىتابنىڭ نەشردىن چىقىشى ناھايىتى مۇرەككەپ جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ. شۇڭا بىز بازارغا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ «ئەلگىكىگە» بەرداشلىق بەرگۈدەك كىتاب يېزىشىمىز كېرەك.
ئەسەر يازغاندا ئاساسىي مۇقامغا ياتىدىغان، ساغلام روھ سىڭدۈرۈلگەن، ئىلغار روھنى ئۇرغۇتىدىغان، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەرنى يېزىش كېرەك.
يېڭى ئاپتورلار چوقۇم تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆز ئىزىدا تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزى يازالايدىغان تېما، ژانىر ئۈستىدە ئىزدىنىشى، قەلەم تەۋرىتىشى كېرەك. باشقا مىللەتلەردە بۇنداق يېزىقچىلىق سېستىمىلىشىپ بولدى. مەسىلەن: بەزىلەر مەخسۇس ئەدەبىي خاتىرە يازىدۇ، بەزىلەر مەخسۇس ساياھەت خاتىرىسى يازىدۇ، بەزىلەر مەخسۇس چۆچەك يازىدۇ. بىزدىمۇ شۇنداق مەخسۇس ژانىرلاشقان يازغۇچىلار بولۇشى كېرەك.
ئۆزى پىششىق تونۇش بولغان تۇرمۇشنى يېزىش كېرەك. ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەتتە نەتىجە قازىنىشىدىكى سەۋەب ئۇلار ئائىلە تۇرمۇشىنى كۈندە دېگۈدەك كۆرىدۇ. ئۇلار شۇنى كۆپەرەك يازىدۇ. پروزا ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشتىكى رېئال ۋەقەلەرنى مەنبە قىلىدۇ. شۇڭا تۇرمۇش ئۆگىنىشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماسلىق كېرەك.
بۈگۈنكى سۆھبەتمۇ نەتىجىلىك، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن سۆھبەت بولغاچقا كۇرسانتلار ئۇلار بىلەن رازىمەنلىك بىلەن خۇشلاشتى.



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 478
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 01:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  جەنۇبى تاغ جىلغىسى

  ئابدۇلىتىپ ئىمىن

كۆرۈنەر يىراقتىن ياپيېشىل ‹‹قانات››،
نە ‹‹قانات››، چوققىلار بۆرتىيىپ چىققان.
ئېتىگى كىمخاپتىن يېشىل تون كەيگەن،
نە كىمخاپ، مەخمەلدىن پايانداز يايغان.

گۈل -چېچەك يەر سۆيۈپ تېرىيدۇ ئىلھام،
شوخ شامال چىمەندە ئوينايدۇ بايرام.
ئويغاقمەن، تۇرىمەن يېشىل چۈش ياساپ،
چۈش ئىچرە پەرىدىن ئالىمەن ئىنئام.

تاغ باغرى قارىغاي مەغرۇر بوي تارتقان،
تىكلىنىپ قارايدۇ كۆككىلا تامام.
پەرىشتە بۇلۇتلار چۈشسە ھال سوراپ،
قوزغىتار دىللاردا تالاي زوق ئىلھام.

ئاق ئۆيدىن كېلىدۇ قېمىزنىڭ ھىدى،
«سەۋلەم...» دەپ تارايدۇ چوپان ناخشىسى.
ئۈزۈلمەس جىلغىدىن سەيياھنىڭ ئىزى،
تۇتىشار ئات مىنگەن ھۆر قىزنىڭ مېھرى.

شىرىلداپ كېلىدۇ زىلال سۇ سۈزۈك،
تاشلارنىڭ باغرىدا بۇژغۇنلار ياساپ.
قارايدۇ مارىلاپ يېشىل مۇخ، چۆپلەر،
ياماشسام قىياغا ئاستا ئاۋايلاپ.

چوڭقۇر ھاڭ، تىك قىيا باقمايدۇ ئاڭا،
بىر تىلىم ئاسمانلا مېھرىدە كۈلەر.
ئاسماننىڭ لېۋىمۇ يا قىيا كۆزى،
شارقىراپ سۈزۈك نۇر رىۋايەت سۆزلەر.

رىۋايەت ئاڭلىغاچ بىر چاغ بىر گۈزەل،
شارقىراتما تۈۋىدە بەرگەنتى مېھىر.
جەننەتتىن تېز سىزما بارمۇ بۇ يەردە،
مۇھەببەت ئۇلغايتتى ئوتلۇق بىر سېھىر.

          2012-يىلى 2-ئىيۇل جەنۇبى تاغ خاتىرىسى  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 09:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      كاتتا ئىش بوپتۇ، ھەرقايسى ۋىلايەت ھەتتا ناھىيىدىكى يازغۇچى جەمئىيەتلىرى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئەدەبىيا- سەنئەت ئىشلىرىنى  قوللاش يولىدا كۆرسەتكەن يوليۇرۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، يازغۇچىلار شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك ، چۈنكى ۋاقىت ئاتقان ئوق،

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 774
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭلار تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن ، تاغتۇرانىڭ ئىلھاملىرى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن !

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 616
تۆھپە : 9
توردا: 217
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 11:59:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  خېلى كۈنلەردىن بېرى تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقان بۇرادەرلەرنىڭ ئىجادىيىتىدە يۈكسۈلۈش بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سالامەت بولۇڭلار دوستلار!

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 14:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ــ 11

                                                 ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت



كارخانىلارغا زىيارەت

بۈگۈن كۇرسانتلار جىددىيلەشتى، ھاياجانلاندى. چۈنكى ئۇلار زىيارەت قىلىدىغان ئورۇنلار ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن مۇھىم ئىدى. بىرىنچىدىن، ئىجادىيەت نۇقتىسىدىن جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە قاتلىمىنى چۈشىنىش، يەنە بىر نۇقتىدىن نەزەر نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ تېما جەھتتىكى تار دائىرىدىن قۇتۇلۇش.
شۇنىڭ بىلەن سائەت سەككىز يېرىمدا ئۆمەرجان سىدىق، ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان ماشىنىسى بولۇپ ئۈچ ماشىنىدا يازغۇچىلار تاغتۇرادىن شەھەر ئىچىگە قاراپ ئاتلاندى.
ئالدى بىلەن ئايبۇ ياقۇپ ئۈچۈن ئاددىي، ئەمما ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئۆمەرجان بىلەن ئىككىمىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇرەككەپ بولغان يوللارنى بېسىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ مۇزىي 1959 ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەت A4 دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى، دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك مۇزىي. يېڭى مۇزىي 2005 ـ يىلى 9 ـ ئايدا پۈتكەن بولۇپ  ئومىۇمىي كۆلىمى 17228 كۋادىرات مېتىر ئىكەن. بىز مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن نەزەرىمىزدىكى ئاددىي مۇزىيغا كىردۇق. چۈنكى مۇزىي ئىشىكى بىزگە تولىمۇ ئاددىي ۋە ئالاھىدىلىكى يوقتەك كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما بۇ جەھەتتىكى بىر قىسما تۇيغۇمىز مۇزىيخانىغا كىرىش بىلەن تۈگىدى.
چۈنكى  كۇرسانتلار ئالدى بىلەن ئەينەكلىك يولغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەينەكلىك يول  كۇرسانتلارنى تەمتىرىتىپ قويدى. چۈنكى بۇ يول ئادەمگە ھازىرلا سۇنۇپ ئويىلىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. بۇ ھال ئادەمگە ئىختىيارسىز قورقۇنچ سالاتتى. شۇڭا ئېھتىيات بىلەن قەدەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق. مەن ئەينەك يول ئاستىغا نەزەر سېلىپ، بۇ يولنىڭ ئاددىيلا ھالدا ئادەمدە «قورقۇنچ» پەيدا قىلىش ئۈچۈن ياسالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەينەكلىك يولنىڭ ئاستىدا قۇم، شېغىل، قۇرۇپ كەتكەن ياغاچ پارچىلىرى بار بولۇپ، ئادەمنى ئىختىيارسىز شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىتى بىلەن بىرلىشىپ كېتىۋاتقاندەك، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىنى كۆرىۋاتقاندەك تەسىراتقا كەلتۈرەتتى. مۇزىي ئۈچۈن مۇنداق تەسىراتنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ھەممەيلەنگە ئايان، ئەلۋەتتە.
مەن ئايلىنىپ يۈرۈپ «قاينار 2 ـ نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىكى بالبال»نىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. بالبالنى، يەنى ئۇرخۇن دەرياسى بويى بىلەن باغلاپ ئويلايدىغان بالباللارنى مەن گېزىت ــ ژۇناللاردىكى سۈرەتلەردىنلا كۆرگەن بولغاچقا، قاش ـ كۆزى، ئاغزى ئېنىق نامايەن قىلىنغان، تولىمۇ سىپتا ياسالغان، بەردەم ساقلانغان بۇ بالبالغا ھەيران بولۇپ مېھرىم بىلەن ئاستا سىلىدىم.
ــ تۇتماڭ،ــ دېدى نازاەرت قىلىۋاتقان قىز يېنىمغا كېلىپ.
ــ ئەجەپ ئوبدان تۇرۇپتۇ. ھېچ يېرى پۇچۇلماپتۇ،ــ دېدىم بالبالدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي.
ــ بۇ دېگەن تەقلىدىي بالبال،ــ دېدى قىز. بۇنى ئاڭلاپ بايىقى قىزغىنلىقىم سەل سۇۋىغاندەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھەمراھلىرىمنىڭ كەينىدىن چاپتىم. يازغۇچىلار ئۇزۇن تارىخىي مەدەنىيەتنى نامايان قىلىدىغان بۇيۇملارنى ئىنچىكە كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ھەرخىل ئىپادىلەرنى كۆرۈش مۇمكىن ئىدى. بەزىلەر ئويغا پاتقان، بەزىلەر ھەيرانلىق ئىلكىدە، بەزىلەر شېئىرىي تۇيغۇغا چۆمۈلگەن. بەلكىم بىرەر پارچە شېئىر پۈتۈپ بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
مەن ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ كاللامدا «گۈزەللىك يارىتىش» دېگەن ئىبارىنىڭ بارغانچە روشەنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇزىينى ئاشۇ نۇقتىدىن كۆرۈشكە باشلىدىم. شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن تارىختىن بۇيان گۈزەللىك يارىتىش ئىستىكى ئۈچۈن ئىزدىنىپ كەپتۇ، تۇرمۇشىدا شۇ ئىستىكىنى نامايان قىلىپتۇ. مەسىلەن: چەرچەن زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان قۇش نۇسخىلىق كەشتەنىڭ جەلپكارلىقى؛ تۇيۇق مىڭ ئۆي تام رەسىمىدىكى نەپىس، ئوبرازلىق سىزىلغان ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بىڭشۇ رەسىمى؛ تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جانلىق، رىۋايەتلىك سىزىلغان فۇشى ــ نۇۋا رەسىمى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قولىدا تاغاق، يەنە بىرىنىڭ قولىدا قايچا، ئۇلار چاچ ياساۋاتقان بولۇپ، رەڭدار كىيىم كەيگەن، ئەڭلىك سۈرتكەن، مەڭزى، لېۋى قىزىل، قاشلىرى قارا، ئىنچىكە؛ تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان مەللە رەڭ شايى رەڭلىك، ئىنتايىن نېپىز، نېپىزلىقىدىن ئەينەككە چاپلاپ بىزگە كۆرسىتىپتۇ؛ شايىغا سىزىلغان «قورشاۋ شاھمات ئويناۋاتقان ئايال» رەسىمى، ئايال ئىنتايىن نازاكەتلىك، نەپىس ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇرۇق يۆتكىمەكتە... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن روشەن بولغان گۈزەللىك يارىتىش، گۈزەللىككە ئېرىشىش، گۈزەللىكنى مەدھىيەلەش ئىستىكى ئىپادە قىلىنغان.
بىز مۇزىيدىن گۈزەل ۋە قىممەتلىك تۇيغۇلار ئىلكىدە قايتىپ چىقتۇق.
ئەمدىكى نىشان شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئەدەبىيات سارىيى ئىدى. بىز ئۇنىۋېرىستېتنىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ 7 ـ قەۋىتىگە چىقىپ ئەدەبىيات سارىيىغا كىرگىنىمىزدە بىزنى بۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئەلى مۇئەللىم قىزغىن كۈتىۋالدى. ئەلى بىزگە ئەستايىدىللىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن چۈشەندۈردى. بۇ يەرگە كىلسسىكلاردىن تارتىپ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىىياتىمىزدىكى پېشىۋالارغىچە نەشر قىلىنغان كىتابلىرى، رەسىملىرى، قول يازمىلىرى ساقلىنىپتۇ. داڭلىق ئەدىبلەرگە مەخسۇس ئورۇن ئاجىرىتىپ تونۇشتۇرۇپتۇ، كىتابلىرىنى تىزىپتۇ. بىر تامغا ماۋزېدۇڭ، سەيپىدىن ئەزىزى، بۇرھان شەھىدىلەرنىڭ چوڭ سۈرىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، يەنە بىر تامغا پۈتۈن تام بويلىتىپ بۇ ئەدەبىيات سارىيىغا كىتابى، تەرجخمىھالى، رەسىمىنى بەرگەن قەلەمكەشلەرنىڭ سۈرىتى بېرىلىپتۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەۋەسكار ئاپتورلارنىڭمۇ رەسىمى بار ئىكەن. شۇ چاغدا بىرنەچچىمىز ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشقا سەل قاراپ ماتېرىيال، رەسىم ئېۋەتمىگەنلىكىمىزگە بەك ئەپسۇسلاندۇق.
ــ ھېلىمۇ كېچىكمىدىڭىزلەر،ــ دېدى ئەلى مۇئەللىم،ــ بۇ يەر ئەدەبىيات سارىيىغا كىچىك كېلىپ قالدى. بىز يېڭى مەكتەپ رايونىغا كۆچكەندە ئەدەبىيات سارىيىنىڭ كۆلىمىنى چوڭايتماقچى. ھەربىر ئادەمگە بىردىن كۆزنەك ئاجىرىتىپ، چوڭ ئېكراندىن بىرنى ئورنىتىپ ھەر بىر ئادەمنىڭ ماتېرىيالىنى، سۈرىتىنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىمىز.
ــ ھازىر جۇڭگودا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات سارىيىدىن ئىككىسى بار،ــ دېدى ئەيبۇ ياقۇپ،ــ بىرى مۇشۇ ئەدەبىيات سارىيى، يەنە بىر ئىچكى موڭغۇلدىكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات سارىيى. ئۇ ئەدەبىيات سارىيى ئىچكى موڭغۇل پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتىغا تەسىس قىلىنغان، 20 مىليون يۈەن سەرپ قىلىپ سېلىنغان مەخسۇس بىر بىناسى بار.
پاراڭنىڭ تېمىسى  بۇ ئەدەبىيات سارىيىدا نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنىڭ يوقلىقىغا كۆچىۋىدى، ئەيبۇ ياقۇپ سەل قايناپ قالدى:
ــ بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزدا سەل قاراش خاھىشى  ئېغىر ئىكەن. سەل قاراش، ئېرىنىش سەۋەبىدىن بەزى تونۇشتۇرىلىدىغان، سەھنىدىن قۇرۇق قالىدىكەنمىز. مەسىلەن: بىز كىتاب تەقدىم قىلىشقا سەل قارايمىز. ئەسلى يازغۇچىنىڭ ھەر بىر كىتابى چىققاندا مۇشۇنداق ئەدەبىيات سارىيىغا، ماتىريال مەركەزلىرىگە تەقدىم قىلسا (ئۇلاردا يازغۇچىلارنىڭ كىتاپلىرىنى سېتىۋېلىپ قويىدىغان ئايرىم مەبلەغ ھازىرچە يوق)تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە ئۇچۇر يەتكۈزگىلى كىتابنىڭ ۋە يازغۇچىنىڭ ئىناۋىتىنى جايىدا قىلغىلى بولىدۇ. يەنە بىر ئىشنى مىسالغا ئالسام، بەزىلەر مەيلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە بولسۇن، مەيلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە بولسۇن ئەزا بولۇشقا سەل قارايدۇ. شەرتى توشسا، ئىلتىماس يېزىپ،جەدۋەل تولدۇرۇپ بېرىشكىمۇ ئېرىنىدۇ. يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشقۇ ھوقۇق ياكى ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى بىر سالاھىيەت، شان ــ شەرەپ. ئۆتكەندە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىغا بىر داڭلىق شائىرىمىزنى ۋەكىل قىلىش ئۈچۈن ماتېرىيالىنى ئېۋەتتۇق. ماڭىدىغانغا تەييارلىق تۇرغاندا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورگىنىدىن ئۇقتۇرۇش كەلدى. قارىساق ئۇ شائىرىمىزنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى تەستىقلانماپتۇ. سەۋەب، ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس ئىكەن. ئەلۋەتتە، ئەھۋالنى، ئۇنىڭ تەرتىپىنى بىلمەيدىغان يازغۇچىلىرىمىزغا ئۇچۇر، يېتەكلەش جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىمىگەن يەرلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس.
ئەيبۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىزگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى. دېمىسىمۇ، ئاساسى بار، ئەمەلىي مەسىلىلەر سۆزلەنگەن ئىدى.
بىز ئۇ يەردىن چىقىپ شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر ــ پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە باردۇق. شىركەتنىڭ غوجايىنى تۇردى لېتىپ بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى. كىچىك پېئىل، گەپنى ئالدىرىماي، مېغىزلىق قىلىدىغان تۇردى لېتىپ ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، ياپونىيەدە ئىشلىگەن، كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئاشخانا ـ رېستۇرانلارنىڭ مۇلازىمىتىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئاساسىي يۆنۈلۈش قىلغان مۇشۇ شىركەتنى قۇرۇپتۇ. ئاپتوماتلىشىش ــ ھازىرقى ئاشخانا، رېستۇرانلار تازا ئېھتىياجلىق يۈزلىنىش بولغاچقا ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى تېزدىن ئومۇملىشىۋېتىپتۇ. تېخى ھازىر قازاقىستانغا كۆپلەپ ئېكىسپورت قىلىۋېتىپتۇ. تۇردى ئۆزىمۇ قولىدا قەلەم توختايدىغان، سەۋىيىلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان قەلەمكەش بولغاچقا قىزغىن سۆھبەتتە بولدۇق. ئۇنىڭ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش روھى، ئىگىلىك تىكلەش يولى، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى بىزگە ئەمەلىي، جانلىق دەرس بولدى.
چۈشتىن كېيىن بىز شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گورۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىقتىساد ــ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا باردۇق. بۇ يەردە ئارمان گورۇھىنىڭ 50 مىڭ كۋادىرات مېتىرلىق كۆلەمدىكى سانائەت رايونى بار ئىكەن. بىزنى گورۇھنىڭ زىيالىي سودىگەر دەپ تەرىپلىنىدىغان لىدىرى رادىل ئابلانىڭ ياردەمچىسى خەمىت ئاكا كۈتىۋالدى. بىز سۆھبەتلىشىش ۋە كەمپۈت، شاكىلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق ئارماننىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىيات ئەھۋالى، تىجارەت ئىدىيىسى، تىجارەت يۆنىلىشى، كارخانا روھى، ئاخىرقى كۈرۈش نىشانى، ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى، زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرى، گورۇھ قارمىدىكى شىركەتلەر، گورۇھ ۋە رادىل ئابلا ئېرىشكەن شان ــ شەرەپ، ئۇلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. ئادىل ئابلا، رادىل ئابلا ئاكا ــ ئۇكىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى، ئىدىيەسى، ئىزدىنىشى بىزگە زور ئىلھام بولدى. بولۇپمۇ گورۇھىنىڭ تەرەققىياتى تېز، ئىناۋىتى يۇقىرى، داڭلىق ماركا ياراتقان، ئۆزىمۇ ئالىي مەكتەپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقىغان تۇرۇقلۇق، رادىل ئابلانىڭ ئىدىيەنى يېڭىلاش ۋە كۈنسايىن ئۆزگىرەپ تۇرغان بازار ئىگىلىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرىسىتېتىغا بېرىپ ئوقۇشى بىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئوقۇشتىن، ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش ئىدىيىسى پەيدا بولىۋاتقان بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۈچۈن بۇ بىر سىگنال ۋە يېشىل چىراق!
چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار كەچقۇرۇن خەتكە توشقان خاتىرىلىرىنى قولتۇقلىغانچە تاغتۇراغا قايتىپ كەلدۇق. كېلىپ تۇرىۋىدۇق، ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن تىنىمسىز تەر تۆكۈۋاتقان نەشرىيات سودىگىرى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن يېتىپ كېلىپ نەشرىياتچىلىقىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئېھتىياجلىق بولغان تېما ــ كىتابلار، كىتاب نەشر قىلىش يوللىرى، ئۆزى يېقىندىن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى، كىتاب نەشىر قىلىشتا ھەمكارلىشىش قاتارلىق تېمىلاردا بىز بىلەن سۆھبەت قۇرۇپ بۈگۈنكى ھاياجىنىمىزغا تېخىمۇ ھاياجان قوشتى.

خاتىمە

3 ــ ئاۋغۇست ئەتىگەن كۇرس ئاخىرلاشتى. ئەمما كۇرسنىڭ قەلبىمىزدىكى تەسىراتى ئۇنداق ئاسان ئاخىرلاشمايدىغاندەك قىلاتتى. شڭا ھەممەيلەننىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى، كۆزى تاغتۇرادا قالدى. ئەمما مۆھلەت توشقان، قايتماي ئامال يوق. ماشىنىلارغا چىقتۇق، بۇ يەردىكى ھاياجانلىق، قىزغىن، مۇنازىرىگە باي، ئىجادىيەت تۇلپارلىرىمىزنى ياڭراق كىشنەتكەن كۈنلەر كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ كۈنلەر قىسقا بولسىمۇ بىزگە بەرگەن تەسىراتى چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن بولدى. ئەمدى قايتقاندىن كېيىن بۇ تەسىراتلارنى قەلبىمىزدە تاۋلاپ، قەغەزگە چۈشۈرۇرمىز. خەير ــ خوش تاغتۇرا، يەنە كۆرۈشكەيمىز!


(تۈگىدى)


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1333
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 133
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 19:44:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۈنلەردىن بۇيان تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى .ئۆمەرجان ئابدۇللا ( ئەرقۇت ) ئاغىنىمىز ئىسىل يازمىڭىز بىلەن جەنۇبىي تاغدىكى دىيارىمىز قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىدىن تۇلۇق خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر، قەلەم تۇلپارىڭىز مەڭگۈ ھېرىپ قالمىغاي ! كۇرسقا قاتناشقان بارلىق بۇرادەرلەرنىڭ قەلىمىگە زور بەرىكەت يار بولغاي ! ئۆمەرجان سىدىق قاتارلىق يولباشچىلارنىڭ تېنى مەڭگۈ سالامەت بولغاي ! مۇشۇنداق پائالىيەتلەر مەڭگۈ ئۈزۈلمىگەي !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش