ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

«تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپ ئوقۇش كۇرسى» باشلاندى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 341
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:23:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت يۇرتىدىن چىققان شائىر - يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمى بەركەتلىك بولسۇن! بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرسى كەمدەك؟دىلشات قىيۇم نۇر ئاكام يوققۇ ؟ يۇرتۇمنىڭ ئوتتەك ئىسسىق ھىدىنى ھىدلاۋاتىمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1358
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 505
تۆھپە : 0
توردا: 81
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان قەلەمكەشلىرىنىڭ تاغتۇرادىكى پالىيىتى ئەھمىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1703
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 142
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   berchinay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 23:42  


سېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  161
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 265
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 14:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


چاقچاققا قوشۇپ ئۈمىدلەر كەتتى

تاغقا كەتتى ئون بەش كارىزچى،
باشلاپ كېلەر يېڭى سۇ ئېقىن.
بۇ يىل يامغۇر تۇلا تۇرپانغا،
ئىسسىقىغۇ كەم ئەمەس لېكىن.
يېڭى نىشان ئىزدەپ «قورۇلچى»،
قەدەم ئالدى كونا لۈكچۈندىن.
تويۇقتا سۇ قىس بولغاچ بەكمۇ،
باشلىق قىپتۇ «ئەرقۇت»نى «مىسكىن».
قاندۇرالماس چاڭقاق دىللارنى،
يېغىپ يامغۇر كەلسىمۇ كەلكۈن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 15:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012  - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «تارىم» ژۇرنىلىدىن، باش مۇھەررىر، شائىر ياسىن زىلال، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر پاتىگۈل ئەخمەت، مۇھەررىرلەردىن مۇھەممەت ئەيسا ئۆزئەرك، خاسىيەت ئەمەتلەر ئىجادىيەت بازىسىغا كېلىپ كۇرسانتلاردىن ھال سورىدى ۋە سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەت ناھايىتى جانلىق، قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتتە ھېكايە، رومان ئىجادىيىتى، ئاممىباپ شېئىرلار ھەققىدە نۇرغۇن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى. بۈگۈنكى سۆھبەتتە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ ئاپتورلارنىڭ مۇھەررىرلەر بىلەن مەخسۇس ئالاقە باغلىشىنى، ئېۋەتكەن ئەسىرى ھەققىدە بەلگىلىك ۋاقىتتا سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىپ خەۋىرىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشى بولدى. ئۈچ سائەتكە سوزۇلغان سۆھبەت كۆڭۈللۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئاخىرىلاشتى.

DSC_8568.JPG


DSC_8579.JPG


DSC_8548.JPG


DSC_8553.JPG


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 15:33:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ــ 4


                                 ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت


كۆڭۈللۈك يامغۇر

2012 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى. تاڭ سەھەر ئورنىدىن تۇرغان يازغۇچىلار ئاخشامقى سىم ـ سىم يامغۇرنىڭ شارىلداق يامغۇرغا ئايلانغانلىقىنى كۆردى. يىل بويى يامغۇر، قارنى كۆرۈش ناھايىتى ئاز نېسىپ بولىدىغان تۇرپان يازغۇچىلىرىغا نىسبەتەن بۇ يامغۇر ھەقىقەتەن ھاياجانلىق ھادىسە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پىلان ئۆزگەردى.
ــ بۈگۈن يامغۇر ۋە يامغۇردىكى تاغ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلىنىمىز،ــ دېدى ئۆمەرجان سىدىق. شۇنىڭ بىلەن ئابلا ئىسھاق پەرۇزان، ئۆمەرجان سىدىق، ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت ماشىنىسىنى تەق قىلىپ تاغقا چىقىشقا تەييارلاندى. شۇ چاغدا تېلېفوندا جىددىي سۆزلىشىۋاتقان ئۆمەرجان سىدىق يېنىمىزغا كېلىپ:
ــ ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇشۇ سانى توغرىلىق يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ قالدى: ئۈزۈم بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرپان ۋە ئۈزۈم توغرىلىق يازغان يېڭى شېئىر، نەسىر بولسا ياكى بۈگۈن يېڭىدىن يازساڭلار «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ مۇشۇ سانىغا بەرسەك،ــ دېدى. بۇ گەپ دەرھاللا بىر قانچە يازغۇچىنىڭ ئىلھام قۇشىنىڭ قانىتىنى مىدىرلاتقۇزدى.
ماشىنا ئەينىكىگە تىنىمسىز ئۇرۇلىۋاتقان يامغۇر، يامغۇردا بەھۇرۇز يۇيىنىۋاتقان يايلاق، ئېھتىياجىمىزدىن ئېشىپ مۇزلاپ كەتكەن ھاۋا يازغۇچىلار ئۈچۈن گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ئايلىنىۋاتاتتى. ئۆزىمىزدە ماشنىلارنىڭ تەق بولۇشى ساياھىتىمىزگە ئاسانلىق تۇغدۇرغان ئىدى،  يازغۇچىلار بىردەمدىلا  تاغ باغرىدىكى مەنزىرە رايونىغا كەلدى. يېشىللىق، يېشىللىق... يامغۇر، يامغۇر... تۆت ئەتىراپ يېشىللىق، تۆت ئەتراپ يامغۇر. يازغۇچىلار مەنزىرىدىن، يامغۇردىن ھوزۇرلانغاچ بەس ـ بەستە سۈرەتكە چۈشۈشكە باشلىدى. پەرھات باھايدىن «ھاردىم، مەن قەپقالدىم» دېمەي سۈرەتكە تارتاتتى، تىلكامىرادا سۈرەتكە ئالاتتى. مەن يىراقلارغا سوزۇلغان يايلاققا ــ يېشىلىققا قارىغىنىمچە شائىر قۇربان باراتنىڭ «يېشىل ھايات» ناملىق شېئىرىنى ئېسىمگە ئالدىم. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا دەرسلىكتە ئۆگەنگەن بۇ شېئىرنى نەنسەن يايلىقىنى، سايرام يايلىقىنى، نارات يايلىقىنى، بايىنبۇلاق يايلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىمدىمۇ ئەسلىگەن ئىدىم. مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ شېئىرنى ئوقىغان چېغىمدا «يايلاق راستىنلا شۇنچە گۈزەلمىدۇ؟» دەپ بەك ئويلاپ كەتكەن ئىدىم.
ئاندىن بىز بۈك-باراقسان جىغانلىققا كەلدۇق. كۆپىنچىمىز ئىلگىرى جىغاننى، بۇنچە كەڭ جىغانلىقنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن يەنە ھاياجانغا چۆمۈلدۇق. شۇنىڭ بىلەن كىيىملىرىمىزنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشى، جىغانلىقنىڭ پاتقاق بولۇشىغا پىسەنت قىلماي جىغانلىق ئارىسىغا كىردۇق. جىغاننى تۇتۇپ باقتۇق، گۈلىنى پۇرىدۇق، سۈرەتكە چۈشتۇق. ھاياجان يەنە يامغۇر بىلەن تەڭ ئۈستىمىزگە تۆكۈلدى. يازغۇچىلار ھاياجاندىن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ماڭدى. مەن كەينىمگە يېنىپ بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يامغۇردا يۇيۇنۇپ نۇرلىنىپ كەتكەن جىغانلارغا قارىدىم. قەلبىمدە شېئىرىي تۇيغۇ پەيدا بولدى:

تىكەنمىكىن دېسەم سېنى، ئەي جىغان،
يامغۇر سۆيگۈ ئەيلەپ قىلماقتا پىغان.
بەلكىم ياشاپ قالار مۇنداق سۆيگۈ:
تىكەندىنمۇ خۇشپۇراقلىق گۈل ئېچىلغان.

شۇ چاغدا يازغۇچىلار كەتكەن تەرەپتىن بىرىنىڭ بوم ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسام ئۆمەرجان سىدىق دىكتورلارنى دوراپ كامىرا ئالدىدا سۆزلەۋېتىپتۇ:
ــ ھۆرمەتلىك تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن تۇرپاندىن قەلبى ئاتەش 15 نەپەر يازغۇچى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شۈيشىگۇدىكى ئىجادىيەت بازىسىغا كىتاب ئوقۇش كۇرسىغا كېلىپ بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپتىمىز. يايلاق ھەقىقەتەن گۈزەل، قەلبىمىز تېخىمۇ گۈزەل. بۇ قىممەتلىك دەملەرنى خۇشال، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەيلى...
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنىمۇ ھاياجانلاندۇرۇپ قويدى ۋە:«توغرا، بىز بۇ يەردىن گۈزەل تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېتىمىز، شۇنداقلا گۈزەل تۇيغۇلىرىمىزنى قالدۇرىمىز» دەپ پىچىرلىدىم.
بىز بۇ يەردىن ئايرىلىپ تاغ چوققىسىغا قاراپ ئاتلاندۇق. بۇ يەر تېخىمۇ گۈزەل ئىكەن. ئەتىراپ يەنە يېشىللىق، ئۆزگىچىلىكى: يېشىللىققا قوشۇلغان سېرىق گۈللەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىناتتى. بىز بۇ مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىپ تۇرىۋىدۇق، تۇيۇقسىز ئاق تۇمان پەيدا بولدى ۋە بارغانچە قۇيۇقلىشىشقا باشلىدى. بىز بۇرۇن مۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا ھەم ۋەھىمىگە چۈشتۇق، ھەم يەنە ھاياجغان چۆمۈلدۇق. بىر چاغدا تۇمان بەكلا قۇيۇقلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ماشىنا ھەيدەشتىن قورقۇپ ماشىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش چىرىقىنى، تۇمان چىرىقىنى ياندۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇق. ھەممە يەر ئاق تۇمان. ئەتىراپنى كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاياجاننىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ۋەھىمە ئىگىلىۋالدى. ھاۋادا قۇيۇق ئاق تۇمان ئاقاتتى، تۇمان تېخىمۇ قۇيۇقلىشاتتى، تېخىمۇ ئاقىراتتى... خېلىدىن كېيىن تۇمان ئاستا ـ ئاستا تارىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ ـ تېنەپ «تاغتۇرا»غا قايتىۋالدۇق. (ئىجادىيەت بازىسىنى جايلاشقان ئورنىغا قاراپ «تاغتۇرا» دەپ ئاتىۋالغان ئىدۇق.)
تاغتۇراغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەممەيلەن بايىقى مەنزىرىنى سۆزلەشكەچ ئاياقلىرىمىزدىكى قۇيۇق، قېلىن لاينى تازىلاشقا باشلىدۇق. تاغتۇرايىمىزنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن ئەستايىدىل، جان كۆيدۈرۈپ ئەمگەك سىڭدۈرىۋاتقان ياقۇپ ئىسمايىل قۇرۇلچى، ئابدۇراھمان ئېلىنىياز يەنە سۈپۈرگىنى، پول سۈرتكۈچنى قولىغا ئالدى. ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلەن قارىدىم...
سەلدىن كېيىن ئەيبۇ ياقۇپ بىزگە يازغۇچى غەيرەت ئاسىم،پەرھات ئىلياس، ئابلىكىم ھەسەنلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر بەردى.



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1518
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭلارنى سۇنغاچ تۇرساڭلارچۇ، سىلەرنى يەپ - ئىچكىلى، ئويناپ كۈلگىلى بېرىپتۇ دەپ قالمايلى يەنە؟ ئۆمەرجان ئاكا، شاڭخەيدىكى ئىلھاملار نەگە كەتتى؟ ئابلىتىپ ئىمىن،  ئابدۇخالىق ئابلىمىتلارمۇ جىم. پاشاگۈلنى تازا بىر قايناپ كېتەرمىكىن دېسەم تارتىنىپ قالدىمىكىن دەيدىغۇ تاڭ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1074
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 277
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 20:20:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە سانجىدىكى ئوقۇشۇم سەۋەبلىك بارالمىغان بولساممۇ، بىراق ئۆمەرجاننىڭ بايانلىرىدىن بارغاندەكلا بولۇپ قالدىم. مەنمۇ قۇرۇق كەلمىدىم جۇمۇ، ئەمىسە مانا تۆكتۈم:

تاش مەلىكە

مۇھەببەت چۆلىدە كىم بار؟
سورىما دوستۇم، ئەسلى مەن بار.
زەلالەت دەشتىدە كىم بار؟
تاش مەلىكە __ باغرى خۇن - خۇن بار.

نازىنىن دەھشىتى قاتتىق،
ئېيتقىن جېنىم، چىدام نەدە؟
قىسمەتلەر مېۋىسى ئاچچىق،
تاش مەلىكەم، قەسەم نەدە؟

جەزبلەر سېھرىدە دەلدۈش،
مېنىڭدەك پەرىشان بارمۇ؟
ئەقىل پايخان، يوقۇ زېھنى ھوش،
تاش مەلىكەم كۆڭلى پىنخانمۇ؟


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1074
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 277
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 10:28:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يارغولدا تۇرۇپ سىلەرنى بەك سېغىندىم. پاشاگۈل شىئېرلىرىڭىزنى جەنۇبىي تاغقىلا تۆكمەي، بۇ يەرگىمۇ تۆكۈپ قويۇڭ.
سىلەرمۇ مېنى سېغىنغان بولساڭلار، مانا مەن بۇ يەردە:

http://www.yargol.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3627

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 478
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:16:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنىش

ئابدۇلىتىپ ئىمىن

ھەر سەھەر ئۇيقىغا خەير دىگەن چاغ،
كۆزلىرىم تۇنجى رەت سۆيەتتى سېنى.
يىلاندەك تولغىنىپ تاتلىق ئەسنىشىڭ،
بىر شېرىن تۇيغۇغا چۆمدۈرگەن مېنى.

ئاھ، نىچۈن بۇ سەھەر تۇرمىدىڭ دەرقەم،
تەبەسسۈم ئوينىغان نازلىرىڭ قېنى.
قەلبىمنىڭ تارىنى چېكەتتى ئۈنسىز،
باغرىڭدا دانلىغان مۇھەببەت قۇشى.

تېنىقىڭ توختاۋسىز تۇرسا يېلىنجاپ،
ئازاتتى گۈلخاننىڭ شەۋقىدىن مۇڭ كۈي.
تاغ ئارا سەيلىگە چىققان كېيىكتەك،
ئويغىتار قەلبىمدە ھاياجان شوخ ئوي.

ۋە لىكىن بۇ دەقىق باغرىمدا بوشلۇق،
تەئەججۈپ ئىلكىدە تۇرار تېڭىرقاپ.
غايىۋى بىر سىيما غىدىقلار دەم-دەم ،
قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ  سۆيگۈ ئېچىرقاپ.

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى نەنسەن (غەربىي تاغ) خاتىرىسى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:27:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   «مېنىڭ مۇھەررىرىم»

                                                         ( ھېكايە )

                                                       ياسىنجان ئۆمەر


        مەن ئاقساي ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كەلگەندە، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 30 نەپەرگىمۇ يەتمەيتتى. يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدىلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 60 نەپەردىن ئېشىپ كەتتى. ئىلگىرىكى يىللاردىكى سىنىپ ۋە ئىشخانا قىيىنچىلىقىمۇ تامامەن ھەل بولۇپ، ھەممىمىز ئازادە سىنىپ ۋە ئىشخانىلاردا خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق. مېنىڭ ئوقۇغان كەسپىم تەبىئىي پەن بولغاچقىمۇ ياكى بۇرۇندىن يېتىلدۈرىۋالغان ئادىتىممۇ تازا ئىچ مىجەز ئادەم ئىدىم. شۇ سەۋەبلىك يالغۇزلۇقنى خالايتتىم، باشقىلاردەك نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن قويۇق بادى- كەلدى مۇناسىۋەتلەرنى قىلىپمۇ كەتمەيتتىم.
        مەكتىپىمىزدە سابىر جۈمە دەيدىغان بىر سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تۆۋىنى يېزا رەھبەرلىرىدىن باشلاپ يۇقىرىسى مەركەزنىڭ باشلىقلىرىغىچە ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك ئىسمىنى بىلەتتى. ئۇ سۆزىنى بىر باشلىۋالسا گىزىتتىكى ئادەتتىكى خەۋەردىن باشلاپ مەملىكەت خەۋەرلىرى، جاھاندىكى ئىشلار، قىزىق نوقتا، دۇنيا ھەپتىلىكى ۋە ئاخىرىدا خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرىگىچە ئۇجۇر- بۇجۇرىنى قويماي سۆزلەپ چىقاتتى. مەن ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە بەك ھەيران قالاتتىم. سابىر جۈمە ئادەتتە ئىشخانىدىكى پاراڭلار بولسۇن، ۋە ياكى چوڭ- كىچىك سورۇنلاردا بولسۇن كۆپ ھاللاردا ھوقۇق ۋە مەركەزنىڭ پارىڭىنىلا قىلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى يوق يەردە سابىر جۇڭياڭ ( مەركەز) دەيتتى. پاراڭغا كەلسە سابىر جۇڭياڭغا ئۇستاز بولغىدەك يەنە بىر ئوقۇتقۇچىمىز بولۇپ ئىسمى شاكىر بوسۇق ئىدى. ئۇ ئەدەبىيات دەرسى بېرەتتى. ئۇنىڭ بەزىدە گېزىت- ژۇرناللارنىڭ  ھېيت- بايراملىق سەھىپىلىرىدىلا شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ قايسى ساھەدىن سۆز ئېچىلىپ قالسا « پالانى ماتىرىيالدىن كۆرۈشۈمچە» دەپلا شۇ ساھەگە سۆز قىستۇراتتى-دە، خەقنىڭ سۆزىنى تارتىۋىلىپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى پاراڭنى بىر باشلىۋالسا سۆزىنى باشقىلار ئاڭلاۋاتامدۇ، ئاڭلىمايۋاتامدۇ كارى يوق سۆزلەۋېرەتتى، خۇشياقمىغانلار ئىشخانىنى تاشلاپ چىقىپ كېتەتتى. بەزىدە دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندىلا ئۇ ئامالسىز گېپىنى توختىتىپ سىنىپقا قاراپ ماڭاتتى.
        شاكىر بوسۇق مەن مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە ئاياللار بايرىمىغا ئاتاپ يېزىلغان ئۈچ كۇبلىتلىق شېئىرى بېسىلغان بىر پارچە گېزىتنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۇ شېئىرىنىڭ قانداق ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلغانلىقى، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىر قانچە سورۇنلاردا تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنى ماختاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بىرەر سائەتتەك سۆزلەپ، پەقەت دەرسكە قوڭغۇراق چېلىنغاندىلا ئۆزىنىڭ يېقىندا بىر يىرىك ئەسەر ئۈستىدە جىددى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ سىنىپىغا قاراپ مېڭىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ « يىرىك ئەسەر» دىگىنى پوۋىسىتمۇ ياكى رومانمۇ بۇنى بىلمىدىم. بىراق مانا ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ شائىر بوسۇقنىڭ ھېلىقى يىرىك ئەسىرى تۈگەل خۇددى بىر قېلىپتا قۇيغاندەك، پەقەت تېمىسىلا ئوخشىمايدىغان بىر قانچە پارچە شېئىرىدىن باشقا بىرەر بەت كەلگۈدەك ھىكايىسىمۇ ئېلان قىلىنمىدى. كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۇ « يىرىك ئەسەر يېزىۋاتىمەن» دەپ يۈرگىنىگە ئون يىلدىن ئاشقانمىش. شاكىر بوسۇق مەكتەپتىلا جىق گەپ قىلماستىن، جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەتلەردىمۇ باشقىلارغا سۆز بەرمەيدىغان بولغاچقىمىكىن ئۇنى بىلىدىغان كۆپ ساندىكى كىشىلەر «شاكىر مۇئەللىم» دىمەستىن «شاكىر شاتوت» دەيتتى. قىسمەنلىرى «بايراملىق شائىر» دەپ ئاتىشاتتى. قىزىق يېرى ئۇ ئۇنداق سۆزلەرگە خاپىمۇ بولۇپ كەتمەيتتى.
        ئىلگىرى ئىشلىگەن مەكتىپىمدە قادىر خېشىن①  دەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بولىدىغان. ئۇ بوش ۋاقىتلىرى بولسىلا ئىشخانىمۇ ئىشخانا تېمىسقىلاپ يۈرەتتى. ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بولۇنغان ئادەتتىكى چاقچاقتىن تۇتۇپ، چوڭ- كىچىك سورۇنلاردا بولۇنىۋاتقان گەپلەرنى ئېقىتماي- تېمىتماي مەكتەپ مۇدىرىغا يەتكۈزۈپ ئاۋارە ئىدى. قادىر خېشىن گەپلەرنى ئۆز پېتىچە يەتكۈزسە مەيلىتى، لېكىن كۆپ ھاللاردا ئارتۇقچە سۆزلەر ياكى دىيىلمىگەن بەزى سۆزلەرمۇ قوشۇلۇپ كېتەتتى. شۇ سەۋەبلىك بىر قانچە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئازارلىشىپ قېلىشمۇ يۈز بەرگەنىدى. مۇبادا قادىر خېشىننىڭ بۇ دۇنيادا پۇشايمىنى بار دىيىلسە ئۇ ئۆزى بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتقاندىن كېيىن ئاخشىمى نىمىلەرنى دىيىشىدىغانلىقىنى نىمىشقا بىلەلمەيۋاتقانلىقىدىن ئارتۇق پۇشايمىنى بولمىسا كېرەك. تۇرمۇشتا قادىر خېشىندەك ئادەملەردىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن « ئارقىدىن» دىگەن تېمىدا بىر پارچە قىسقا ھېكايە يېزىپ ئەۋەتكەن ئىدىم. ۋىلايەتلىك ئورگان گېزىتىنىڭ قايسى كۈندىكى ئەدەبىي بېتىگە بېسىلىپتۇ. بۇ ھېكايەمنىڭ بېسىلىشى بىلەن تەڭ بالاغا قالدىم. « بەللى- بەللى» دىگىنىچە گېزىتنى كۆتۈرۈپ شاكىر بوسۇق ئىشخانامغا كىرىپتۇ. ئۇ دەسلىپىدە ھېكايەمنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، ھېكايىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر ھازا كۆرسەتمە بەردى. مەن ئارتۇقچە گەپ قىلماي باش لىڭشىتىپلا قويدۇم، كېيىن ئۇ ھېكايەمنىڭ تىلى، قۇرۇلمىسى ۋە تېمىسى توغرىسىدا قولاق- مېڭەمنى يەپ كەتكۈدەك ئۇزۇن سۆزلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بىزار بولۇپ « شاكىر مۇئەللىم، چۈشتىن كېيىن دەرسىم بار ئىدى، تەييارلىق قىلىۋالاي دىگەن، بۇ توغرىسىدا كېيىن سۆزلىشەيلى» دىۋىدىم ئۇ ماقۇل بولۇپ قوشۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى. ئىچىمدە «ئەمدى چىقىپ كېتىدىغان بولدى» دەپ ئويلاپ تۇرسام، ئۇ ئۆرە تۇرىۋېلىپ يەنە 15 مىنۇتلارچە سۆزلىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە پوۋىسىت بولغىدەك بىر ۋەقەلىكنى مەن تولىمۇ ئاددى ھېكايە قىلىپ يېزىپ قويۇپتىمىشمەن، بۇ مېنىڭ قەلىمىمنىڭ تېخى پىشمىغانلىقى، يېزىقچىلىققا يېڭى كىرگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىمىش. ئۇ ئاخىرىدا بۇندىن كېيىن بىر نەرسە يازسام چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا كۆرسىتىشىم كېرەكلىكىنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىشخانامدىن چىقىپ كەتتى. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ ئىشخانامغا ئارا كۈندە ئالتە قېتىم كىرىپ، يېقىندىن بېرى نېمىلەرنى يېزىۋاتقانلىقىمنى، قانداق كىتابلارنى ئوقىۋاتقانلىقىمنى سوراپ ئارامىمدا قويمىدى. ئۇ مەكتەپتىكى ئارامىمنى بۇزغىنى يەتمىگىنىدەك دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۆيۈمگە كېلىدىغان بولدى. ئۇنىڭ شۇنچىۋالا گەپ سۆزلىرىنى نەدىن تاپىدىغانلىقىغا ھەيران قالاتتىم. قىزىق، ئۇ سۆزلەپ ھارمايتتى، لېكىن مەن ئاڭلاپ ھېرىپ قالاتتىم. ئاشۇ بىر پارچە ھېكايە ئىلگىرىكى نورمال تۇرمۇشۇمنى بۇزىۋەتكەنىدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بۇ ئادەمدىن قوتۇلۇشنىڭ چارىسىنى تاپتىم.
        بىر كۈنى ئاخشىمى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر روسىيىلىك يازغۇچىنىڭ بۇندىن 20 يىل ئىلگىرى « دۇنيا ئەدەبىياتى» دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ھېكايىسىدىكى پىرسۇناژ لارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا ئاققا كۆچۈردۈم. ئەتىسى شاكىر بوسۇق ئىشخانامغا كىرىشىگىلا بۇ «ھېكايە »منى كۆرۈپ بېقىڭ دەپ تۇتقۇزۇپ قويدۇم. ئۇ ماڭا قاراپ « بۇ ئىشىڭىز بولىدۇ ئۇكا» دەپ ئارگىنالنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ كۈن خېلى ئارام تېپىپ قالدىم. تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە كەلسەم ئۇ ئىشخانام ئالدىدا مېنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئىشخانىغا كىرىپلا ئوقى ئۈزۈلگەن پىلىموتتەك ئېغىزىنى قويىۋەتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا نىمىلەرنى دەۋاتقانلىقى قولىقىمغا كىرمەيتتى. بىر چاغدا ئۇ مەن « يازغان» ھېلىقى ھېكايىنى چىقىرىپ ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ ئەسەرنى مۇنداقلا ئەۋەتسەم بېسىلمايدىغانلىقىنى شۇڭا ئۇ كۆرسەتكەن تەلەپلەر بويىچە قايتا بىر قېتىم ئىشلىسە ئېلان قىلىنىشىدا ئۈمىد زورلىقىنى دىگەچ بەش ۋارەقلىق پىكىر قەغىزىنى ماڭا سۇندى. ئۇ بەرگەن قەغەزنى ئېلىپ قارىسام چوڭ- كىچىك 60 تۈرلۈك تەكلىپ- پىكىر تۇراتتى. مەن ئارتۇقچە سۆز قىلمايلا سومكامدىن ھېلىقى « دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ «شاكىر ئاكا، سىز ماۋۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بېقىڭ» دەپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ سىنىپىمغا چىقىپ كەتتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ مېنىڭ ئۇ خالىس مۇھەررىرىم ئىشخانامغا قايتا دەسسىمەس بولدى.

        ①خې شىن- «دوك ۋەزىر لىيۇيوڭ» فىلىمىدىكى خۇشامەتچى ئەمەلدار.


  



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:29:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                   مۇھەببەتنىڭ N دەرىجىسى

                                           (نەسىرلەر)

                                       ياسىنجان ئۆمەر

                                                       1

بىر شائىر مۇھەببەتنى گۈلگە ئوخشاتقانىكەن. مەن ئۇنى نۇرغا ئوخشىتىمەن. چۈنكى، نۇرسىز جىمىكى جانلىقنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. يەنە بىر شائىر مۇھەببەتنى زوق بىلەن تەسۋىرلەپ ئوتقا ئوخشاتقانىكەن. مەن ئۇنى سۇغا ئوخشىتىمەن. چۈنكى، سۇسىز ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
                                                      
                                                       2

        « ئەگەر ئىنساننىڭ قەلبىدە ئوت بولمىسا ئىدى، ئۇ ھەرگىزمۇ تاشتىن ئوت چىقىرىشنى بىلمىگەن بولاتتى. (ئا. جالالىدىن) » ناۋادا ئىنساننىڭ قەلبىدە سۇ بولمىسا ئىدى، ئۇ ھەرگىزمۇ قۇدۇق قېزىپ سۇ چىقىرىشنى بىلمىگەن بولاتتى. مۇبادا ئىنساننىڭ قەلبىدە نۇر بولمىسا ئىدى، ئۇ ھەرگىزمۇ نۇر ئارقىلىق كېچىنى يورۇتۇشنى بىلمىگەن بولاتتى... ئەگەر ئىنساننىڭ قەلبىدە شەخسىيەتچىلىك بولمىسا ئىدى، ئۇ ھەرگىزمۇ چىن مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن بولاتتى.

                                                        3
        
مەن ھايات مۇساپەمدە توققۇز قېتىم مۇھەببەت ۋە ئەخلاققا ساداقەتسىزلىك قىلىپ توققۇز قېتىم ئۆز ۋىجدانىمنى بولغىدىم-دە، توققۇز قېتىم ئادىمىيلىكتىن چەتنىدىم. بۇلار؛
        1. مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى تۇرمۇشۇم  دەپ كېسەل ياتقان ئانام بىلەن كارىم يوق ئىشرەت كوچىسىدا نازىنىن قىزلارغا پۇل خەجلىگىنىمدە.
        2. ھوقۇق ۋە شان- شەرەپنى دەپ ۋاستە تاللىماي بىراۋلارنى پۇتلاپ، بىراۋلارغا پۈكۈلگىنىمدە.
        3. بايلىق ۋە راھەت-پاراغەتنى دەپ ھارام-ھالال ئايرىماي ساختىپەزلىك قىلغىنىمدا.
        4. ئۆز پايدامنى كۆزلەپ « ئاقنى ئاق، قارىنى قارا» دىيەلمىگىنىمدە.
        5. تاسادىپىي يولۇققان بىرەر قېتىملىق جىدەلدە غورورنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ، ئاجىزنى بوزەك ئېتىپ، ياماندىن قورقۇپ ئېگىلگىنىمدە.
        6. ئۆزۈمدىن تۆۋەنلەرنى مەنسىتمەي، ئۆزۈم بىلەن تەڭلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، ئۆزۈمدىن يۇقىرىلارغا ھىجىيىپ خۇشامەت قىلغىنىمدا.
        7. كۈندە دېگۈدەك مېنىڭ ۋە بالىلىرىمنىڭ ئاش- تامىقىنى ئېتىپ، كىر- قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىدىغان ئۆمۈر يولدىشىم بولغان رەپىقەمگە يالغان ئېيتىپ بەزىدە ھاراق ئىچىپ، بەزىدە قىمار ئويناپ ۋە بەزىدە رەڭلىك سورۇن تۈزۈپ ئىلگىرىكى پاك مۇھەببىتىمىزگە، ھالال نىكاھىمىزغا خىيانەت قىلغىنىمدا.
        8. مەسئولىيەتتىن قېچىپ ئۆزۈمگە ياكى باشقىلارغا كۆپلەپ ۋەدە- قەسەملەرنى بېرىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغىنىمدا.
        9. ھورۇنلۇق قىلىپ تالاي قېتىم ئۆز- ئۆزۈمنى ئالدىغىنىمدا.

                                                        4
      
ھەربىر ئىنسان بۇ دۇنياغا «ئىڭڭە» دەپ تۆرەلگەندىن تارتىپ تاكى جىسمى تۇپراققا ئايلانغانغا قەدەر مۇھەببەت بىلەن ئاپرىدە بولۇپ مۇھەببەت بىلەن كۆز يۇمىدۇ. مەيلى ئۇ قايسى خىل تەبىقىدىكى ئىنسان بولىشىدىن قەتئىينەزەر مۇھەببەتنىڭ نۇر تالالېرى ھەر ۋاقىت ئۇنى ئوراپ تۇرغان بولىدۇ. شۇڭا مۇھەببەتنىڭ تۆرەلمىسى ھەر بىر تىۋىنغۇچىنىڭ قەلبىدە، ئۇنىڭ پاسىلى بولسا ھىجران ئوتى بىلەن ۋىسال دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئاخىرقى مەنزىلى بولسا ھالال نىكاھنىڭ قىبلىگاھىدا بولۇپ مۇھەببەتنىڭ ئۇلى ساداقەت ۋە ۋاپادۇر. ساداقەتنىڭ نىگىزى تەۋرەنمەس ئېتىقادتۇر. ئېتىقادنىڭ يىلتىزى سەمىمىيەت ۋە ئەخلاقتۇر. ئېتىقادى سۇز ياكى ئېتىقادى بۇزۇلغان قەلىبتىن سەمىمىيەت ۋە ئەخلاقنىڭ نۇرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ساداقەت قورغانى پاچاقلىنىپ مۇھەببەت گۈلىستانىغا قۇرت چۈشىدۇ.

                                                          5
        
        نۇمۇسنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. لېكىن، نۇمۇسسىز ئادەم ھەممىنى سېتىۋېتىدۇ.

                                                           6  
        
ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى بىلمىگەن ئەر ئۆزىنىڭ نەسەبىنى ياخشى باشقۇرالمايدۇ ياكى ياخشى تەربىيەلمەيدۇ.

                                                          7
     
   شەرمى- ھايا، سەمىمىيەت ۋە ساداقەت، مېھرى- ۋاپا، نۇمۇس ۋە ئەخلاق، جىمىكى مۇھەببەتنىڭ ئىدىئولوگىيىسىدۇر. بۇ خىل ئىدىئولوگىيىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى ئۇنى بۇزىدىغان ئامىللارنىڭ ئانىسى غەيۋەت- شىكايەت ۋە كەيىپتۇر.




www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1826
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 124
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:37:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ،ماڭىمۇ مۇشۇنداق پۇرسەتلەر كەلسىچۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 774
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 13:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبى تاغنىڭ سالقىن ھاۋاسى - تورپاننىڭ تىنجىق ، قىززىق ھاۋاسى بىلەن سېلىشتۇرما بولغاندا ، قەلىبلەردە ئويغانغان نادىر تۇيغۇلار ھەممىنى ھاياجانغا سالدى . خۇشال دەملەر كۈڭۈل باغلىرىغا كەشتە بۇلۇپ ئۇيۇلغاي !

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 14:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ــ (5)

                                   ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت



تۇنجى سۆھبەت

دەرۋەقە، «ھاۋايى  مۇئەللەق يىغىنخانىسى»نى تەييارلاپ تۇرىۋىدۇق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مۇھەببەت ئۆزى سۆزلەيدۇ»، «گۈللالە»، «يات كۆلەڭگىلەر»، «يىللار ۋە ئادەملەر» قاتارلىق رومانلارنى يازغان يازغۇچى غەيرەت ئاسىم، شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى،«ئەللەي تەبىئەت»، «بۇغرانىڭ زومىگىرى» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان، سەنەۋەر تۇرسۇن ئورۇنلىغان «قۇي پىيالىگە چاينى»، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئورۇنلىغان «ئوينايدىغان دالا بارمۇ؟»، «ئوغۇل بالا» قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرى بىلەن خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان شائىر ئابلىكىم ھەسەن، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتنىڭ مۇھەررىرى، خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن «ئالىمجان بۆلۈمسىزمۇ؟» (ئەسلى ئىسمى «مەن نېمە گۇناھ») ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سىنارىستى، «كرورانلىق بالىلار» ناملىق روماننى يازغان يازغۇچى، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان پەرھات ئىلياس يېتىپ كەلدى.
ئەزىز مېھمانلارنى يىغىنخانىسىغا باشلىدۇق.
سۆھبەت تەبىئىي يۇسۇندا باشلىنىپ كەتتى.
ئۆمەرجان سىدىق: غەيرەتكاملارنىڭ بىزنى يوقلاپ چىققىنىدىن ھەممىمىز ئىنتايىن خۇش بولدۇق. قېنى قەلەمكەشلەر، ۋاقىتنى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىشنى باشلىساق.
غەيرەت ئاسىم: بۇ قېتىمقى كىتاب ئوقۇش كۇرسى ياخشى تەشكىللىنىپتۇ. كۇرسانتلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىن، ھەر كەسپتىكىلەردىن تەشكىللىنىپتۇ. بولۇپمۇ ئارىدا دېھقان قەلەمكەشلەرنىڭمۇ بولۇشى مېنى ئىنتايىن خۇش قىلدى. تەربىيەلىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولۇشى مۇھىم ئەمەس، گەپ شۇنىڭدىن ئۆزىمىزنىڭ نەپ ئېلىشىمىزدا. بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنى لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا تەربىيەلىدۇق، بۇ يىل ئۆمەرجان سىدىق قاتارلىق 12 ئەدىبنى شاڭخەيدە تەربىيەلىدۇق. شاڭخەيدە يازغۇچىلار بىۋاسىتە دەرس ئۆتتى، ئاساسىي نۇقتىسى «تۇيغۇنى ئېچىش» دەرسى. بۇ ئارقىلىق مەلۇم شەئىيگە نىسبەتەن باشقىچە نۇقتىدىن گۈزەل تۇيغۇلارنى ھېس قىلىش. بۇ مېنىڭچە ئىنتايىن ئۆزگىچە دەرس بولغان. بەلكىم سىلەر بۇ يەردىكى بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە مەلۇم سىلكىنىش خاراكتېرلىك ئويلارغا كېلىشىڭلار مۇمكىن. مۇشۇنىڭ ئۆزى قىممەتلىك.
پەرھات ئىلياس: مەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا (ئۇ چاغدا ئىنىستىتۇت) چېغىمدا گېڭ شىمىن تەرجىمە قىلغان «تۇرپان تېكىستلىرى»نى كۆرگەندىن باشلاپ تۇرپاننى تونۇشقا چۈشىنىشكە باشلىغان. شۇندىن كېيىن تۈرلۈك شەكىللەردە تۇرپان بىلەن بولغان ئالاقەم كۈچەيدى. دوست ـ بۇرادەرلەر يوقلاش، تۇرپان ئەدىبلىرى بىلەن ئۇچىرىشىش جەريانىدا تۇرپاننى چۈشىنىشىم چوڭقۇرلىدى، چۈشىنىشىم چوڭقۇرلىشىشى بىلەن تۇرپانغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ يۇقىرىلىدى. شۇڭا سىلەر بىلەن بۇ يەردە ئەسرارلاشقىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمەن.
ئابلىكىم ھەسەن: ئېغىنىلەر، مەن تېنەشلا كېلىپ قالدۇق(بۇ تۇرپانچە گەپكە كۈلدۇق. كەيپىياتتىكى جىددىيچىلىك سەل بوشىدى).  تاللانغان، سەرخىل كۈچلەرنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ خۇشلىقى. بالا ۋاقىتلىرىمدىلا خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە» ناملىق كىتابىنى 6 ـ 7 قېتىم ئوقۇغادىن باشلاپ تۇرپانغا قىزىققان ئىدىم. كېيىن ئۇنىڭ «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق رومانىنى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇدۇم. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم. شۇ چاغدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنى دوراپ شىلەپە، پەلتۇ كىيىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان. قىسقىسى، تۇرپان ماڭا بالا ۋاقتىمدىلا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا تۇرپانغا بولغان ھۆرمىتىم، چۈشەنچەم چوڭقۇر. تۇرپاندىن تېپىلغان تۈرلۈك ھۆججەتلەر، تۇرپاندىن تېپىلغان «ئوغۇزنامە» داستانى، «چاشتانى ئىلىگ بەگ« داستانى، مايتىرى سىىمىت» دراممىسى، توپلانغان رىۋايەتلەرنىڭ ئەڭ كۆپ بولۇشى تۇرپان ئەدەبىياتىنىڭ شانلىق تارىخىنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ. تۇرپان تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ئۇچىرىشىدىغان بىر ئېسىل تۆت كوچا.
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت: غەيرەتكا، سىزنىڭ رومانلىرىڭىزدا تۇرمۇش ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك تەسۋىرلىنىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرى، ئوخشمىغان كۆرنۈشلىرى جانلىق نامايەن قىلىنغان. شۇڭا سىز تۇرمۇش ئۆگىنىش ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
غەيرەت ئاسىم: مەن دەسلەپ ھېكايە يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. ھېكايىچىلىق ھەققىدە 30 يىل ئىزدەندىم. ئەمما نەتىجەم تازا ياخشى ئەمەس. ئەسەر يازغانسېرى قىيىنچىلىق كۆپىيدۇ. چۈنكى يازغانسېرى تەلەپ يۇقىرىلايدۇ. بەزى ئەسەرلەرنى يېرىمىنى ئوقۇپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ قۇرۇلما ۋە ۋەقەلىكنىڭ ئاددىي بولۇپ قالغانلىقىدىكى گەپ. مېنىڭچە قۇرۇلما بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغىنى ياخشى. ئەمەلىيەتتە بۇ تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن بولغان. بەزىلەر شۇنداق ياخشى، ئەگرى ـ توقاي ۋەقەلەرنى تەمسىز يازىدۇ. بەزىلەر ئاددىي ۋەقەلەرنىمۇ ئېسىل ئەسەر قىلىۋېتىدۇ. (مەن ۋەقە نۇقتىسىدىنلا دەۋاتىمەن.) 1994 ـ يىلى مەن ئىلى ئوبلاستلىق پىلىچى كۆمۈر كېنىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىشقا باردىم. ئىلگىرى مەن كان تۇرمۇشىنى چۈشەنمەيتتىم. مەن يەرگە بارغاندىن كېيىن كانچىلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەسىلەن: مەن باشتا ئۇلارنىڭ كان ئاستىدىن چىقىپ ھاراق ئىچىشىنى، تاماقنى كۆپ يېيىشىگە ھەيران قالاتتىم. ئەمدى كۆرسەم تومۇز ئىسسىقتىمۇ كان ئاستى ئىتايىن سوغۇق بولىدىكەن. ئۇ يەردە كۈن بويى ئىشلەپ چىققانلار كۆپلەپ ئېنىرگىيە، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلمىسا ئۇلارنىڭ بەدىنىنى سوغۇق ئېلىپ كېتىدىكەن.  ئۇندىن باشقا مەن كان رايونىدا جان بېقىش ئۈچۈن ھىيلە ـ مىكىر بىلەن پالاقلاپ يۈرگەنلەرنى، كەڭ قۇرساق، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى،  مەرت ـ نوچىلارنى، قەرزدىن قېچىپ كانغا ئىشلىگىلى كېلىپ كان ئاستىدىن كۈنلەپ چىقماي يوشۇرۇنۇپ يۈرگەنلەرنى، ھە دېسە كۆمۈرنى ھايىنىغا ساتىدىغانلارنى، مەنئەپەت توقۇنۇشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. كېيىن مەن مۇشۇ تۇرمۇش ئاساسىدا «يىغلىما ئىنسان» ناملىق روماننى يېزىپ چىقتىم. دېمەك يازغۇچى بولغان ئادەم تۇرمۇش ئۆگىنىشى، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان تۇرمۇشنى بولسا چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشى كېرەك.
ئابلىكىم ھەسەن: 1. بىۋاسىتە تۇيغۇسىنى يېزىش. بىر يىلى كورلىغا بېرىپ بالىسى ئۈچۈن شار پۈۋلەۋاتقان تىلەمچىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم. بالا ئىنتايىن خۇشال. ئۇنىڭ نەزەرىدە دادىسى باشقا دادىلارغا ئوخشاشلا قۇدرەتلىك. ئەمما بالا ئەقلىنى بىلسە دادىسىنىڭ تىلەمچى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. بالا شۇ چاغدا قانداق ھېسسىياتتا بولار؟ مەن شۇ دەقىقىدە شۇلارنى ئويلاپ كەتتىم ۋە شۇ چاغدىكى تۇيغۇمنى شېئىر قىلىپ يېزىپ چىقتىم. 2. يازغۇچىدا توغرا پىسخىكا بولۇش. تۇرمۇش ئىجادىيەتچىنى يەۋەتسە بولمايدۇ. بۇنداق دېگىنىم ئىجادىيەت ئۈچۈن تۇرمۇش يولىنى تېپىشتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. چۈنكى يازغۇچى ئالدى بىلەن تۇرمۇشتا ياشىغۇچى. ئاندىن ئەدىب. شۇڭا تۇرمۇش بىلەن ئىجادىيەتنى ئايرىش كېرەك. 3. ئۆزىگە ئىشىنىش. «مۇكاپاتلاندىم، ئەسەرلىرىمگە ئوبزورلار ئېلان قىلىندى، ئالقىشلاندىم» دەپ ئابرويپەرەسلىك قىلماسلىق. «ئەسىرىم باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى، مۇكاتقا ئېرىشىشىمۇ يوق گەپ» دەپ ئۆزىنى تولىمۇ تۆۋەن چاغلىماسلىق. تىرىشىش، ئىزدىنىش روھىنى تاشلاپ قويماسلىق.
مۇھەممەت مەھمۇت: غەيرەتكام نۇرغۇن رومان ئېلان قىلدى. يازغۇچى ئۆزىدە قانداق ساپا ھازىرلىشى كېرەك؟
غەيرەت ئاسىم: يازغۇچى ئالدى بىلەن ياخشى ئادەم بولۇش كېرەك. ھەق ـ ناھەق ئۈستىدە راست گەپ قىلالايدىغان، كەمتەر بولۇشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ئاددىي ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. ئەمما مەنىۋىيىتىدە شاھ بولۇشى كېرەك.  
مۇھەممەت مەھمۇت: نۇرغۇن شېئىرلىرىڭىز ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى. تىلغا قانداق ئىشلەيسىز؟
ئابلىكىم ھەسەن: چوڭلار تېمىسىدىكى شېئىرنى يازغاندا قانداق يازغۇم كەلسە شۇنداق يازىمەن. ئەمما بالىلار شېئىرلىرىغا سەل قارىمايمەن. بالىلىقىمنى ئۇنتىيالمىدىم. يازغاندا بالا ۋاقتىمغا قايتىمەن. ھەدەمنىڭ 3 ياشلىق بالىسىنى ۋېلىسپىتكە مىندۈرۈپ كېتىۋاتسام. «جىمىرلايدۇ يۇلتۈزلار» دەپ ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ. كېيىن بالامنى يەسلىگە ئېلىپ كېتىۋاتسام «كىچىككىنە قونچىقىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەيران قالدىم. چۈنكى بۇ تېكىست مېنىڭ. ئەمما بالام تېكىست ئاپتورىنىڭ ئۆز دادىسى ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدۇ ـ دە. شۇنىڭ بىلەن ئويلاپ قالدىم: «بالىلار چوقۇم بۇنداق ناخشىلارغا دۇچ كېلىدۇكەن، بۇنداق ناخشىلارنى ئامراقلىق بىلەن ئېيتىدىكەن، چوڭقۇر تەسىرلىنىدىكەن.»  شۇنىڭ بىلەن قەلىمىمنى بالىلار ناخشىلىرىغا قاراتتىم. مېنىڭچە بالىلار شېئىرلىرىنى، جۈملىدىن ناخشىلىرىنى يېزىشتا بالىلارنىڭ تىلىغا ئاسان كېلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسىلەن: بايا دېگەن «كىچىككىنە قونچىقىم» دەپ باشلىنىدىغان ناخشىدىكى بىر مىسرانى «ئەمدى جىمجىت ئۇخلايدۇ» دەپ يازغان ئىدىم. ئەمما بالام «ئەمدى جىم ـ جىم ئۇخلايدۇ» دەپ ئېيتىۋاتمامدۇ. «ئاپلا» دەپ قالدىم. «جىمجىت» دېگەن سۆزگە قارىغاندا «جىم ـ جىم» دېگەن سۆز بالىلارنىڭ تىلىغا ئاسان كېلىدۇ. يادىدا ئاسان قالىدىغان تەسۋىر، بايانلار ئاساس قىلىنغان مىسرا تۈزۈش، مىسرالار راۋان، رېتىمدار بولۇش، قاپىيىسى توق،  بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ماس كېلىدىغان بولۇش كېرەك.
مەمتىمىن ئابدۇقەييۇم: تەرجىمە قىلىنغان بەزى داڭلىق رومانلارنىڭ داڭلىقلىقىنى بىلەلمىدىم.
غەيرەت ئاسىم: بۇ مەدەنىيەت بىلەن قىزىقىش جەھەتتىكى پەرقتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بەزى رومانلاردىن بىز ھوزۇرلىنالماسلىقىمىز مۇمكىن. ئامېرىكا ۋە غەربتە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ھېمىڭۋاينىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق پوۋېستىدىكى تەسۋىرنىڭ نەپىسلىكىمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم بىر تەرەپ بولغان. ئەمما خېلى كۆپ كىتابخانلىرىمىز ئاشۇ تەسۋىرلەردىن زېرىكىش ھېس قىلدى.
ئابدۇخالىق ئابلىمىت: ئىلھام كەلسە يېزىش، كەلمىسە يازماسلىق كېرەكمۇ؟
ئابلىكىم ھەسەن: ئىلھام ۋە تىرىشچانلىق بىر شائىر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.  بۇلار بىر ـ بىرىگە باغلىق. شائىر دائىم تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەك. شېئىر يېزىش ئىمكانىيىتى بولغان ھامان دەرھال يېزىۋېلىش لازىم. چۈنكى تۇرمۇشتا شائىرنىڭ ئىلھامىنى غىدىقلايدىغان ئىشلار ھەر دائىم بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن. ئاشۇ ۋاقىتتىكى تۇيغۇنى يېزىۋالىدىغان ياكى خاتىرىلەپ قويىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كېرەك.
ياقۇپ ئىسمايىل قۇرۇلچى: ئاڭلىسام نەشرىياتلار روماننى ئالقىلايدىكەن. نەشر قىلىنىۋاتقان رومانلارمۇ كۆپ.  ھېكايە، نەسىرلەرگە ئورۇن بارمۇ؟
ئابلىكىم ھەسەن: نەشرىيات بازارغا يۈزلەندى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلمىسە بولمايدۇ. چۈنكى مۇھەررىرلەرگىمۇ ئىقتىسادىي مۇكاپاتلار، پاراۋانلىقلار كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل كېرەك. ئەمما بۇ نەسىر، ھېكايە، شېئىرلارنى چەتكە قاققىنىمىز ئەمەس. مەسىلەن: كاتتا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى نەشر قىلغان ئىدۇق. ئەمما يىلدا ئاران 500 پارچە سېتىلىپتۇ. كىتابنى نورمال باقىدىغان تىراژ 3000 پارچە. نەشرىياتتا مۇنداق: پۇل قەغەزگە، قەغەز يەنە پۇلغا ئايلىنىدۇ. يەنى بىز پۇل چىقىرىپ كىتاب نەشر قىلىمىز. كىتاب سېتىلغاندىن كېيىن ئاندىن پۇل قايتىپ كېلىدۇ. دېمەك، شېئىرلار سېتىلمىدى. بۇنىڭدا نەشرىياتتنىڭ گۇناھى يوق. چۈنكى نەشرىيات نەشر قىلدى. گەپ كىتابخانلار ئالمىغان گەپ. بايا دېگەندەك مۇھەررىرلەرنىڭ پاراۋانلىقى، يىللىق مۇكاپاتى كىتابقا باغلىق. كىتاب سېتىلمىسا نەدىكى پاراۋانلىق؟ شۇڭا مۇھەررىلەر نەسىر، شېئىر، ھېكايىلەرگە ئالدىراپ قول سۇنمايدىغان بولۇپ قالدى. رومانغا كەلسەك، روماننى بىز باشقا ژانىلاردىن ياخشى كۆرۈپ ئەمەس، خەق سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن چىقاردۇق.  ھازىر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلدۇق: مەلۇم زۆرۈر قىممىتى بولسا زىيان بولسىمۇ چىقىرىمىز. يۆلەيدىغان ساھەلەردىكى كىتابلارنى، ئايال ئاپتورلارنىڭ كىتابىنى، نەسىرلەر توپلىمىنى يۆلىگەن ئاساستا نەشر قىلىمىز.
پەرھات باھايدىن: تۇرپان يازغۇچىلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ باققىلى بولارمۇ؟
ئابلىكىم ھەسەن: مېنىڭچە تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئالقىلاشقا تېگىشلىك دەپ قارايمەن. تۇرپاننىڭ نوپۇسى نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ سانىنى ئاز دېگىلى بولمايدۇ. ئەسەرلىرىنىڭ سالمىقىمۇ، سۈپىتىمۇ ياخشى. مەسىلەن: ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت نەشرىياتىمىزنىڭ نۇقتىلىق ئاپتورى. نۇرغۇن رومانلىرىنى نەشر قىلدۇق، ئالقىشقا ئېرىشتى، قايتا ـ قايتا باستۇق. ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە گەپ بولغاندا تىلغا ئېلىنىدىغان يازغۇچىغا ئايلاندى. ھوي، بىر خەۋەرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ «گۈلنىڭ ئېچىلمىقى قىيىن» ناملىق ئىككى توملۇق رومانى نەشردىن چىقتى. (قىزغىن تەبرىك چاۋىكى چېلىندى). بالىلار ئەدەبىياتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا  پەرھات كازىمىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ «ئۈمىدۋار بالا» ناملىق بالىلار رومانى نەشر قىلىنغان. ئالدىمىزدا ئۇنىڭ «بىر پوتۇلكا قۇم» ناملىق بالىلار رومانى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. جاسارەت جاپپارنىڭ «ياغاچ قۇلاق» ناملىق رومانى نەق فانتازىيە، پەرھات ئىلياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار» ناملىق رومانى بولسا ئىلمىي فانتازىيە يولى بىلەن يېزىلغان. ئەمما پەرھاتنىڭ ئەسەرلىرىدە بالىلىرىمىزنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى بايان، تەسۋىرلىرىدە يېزا، كارىز گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدۇ.
تاغتۇرادىكى تۇنجى سۆھبەت قىزغىن ۋە كۆڭۈللۈك ئېلىپ بېرىلىپ، كۆڭۈللەر قىيمىغان ھالدا ئاخىرلاشتى.



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش