« جاللات خېنىم»،« باھادىرنامە» قاتارلىق تارىخى رومانلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن ،مىللتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ياسىنجان سادىق چوغلان ئاكابىلەن بۇ قېتىم قايتا دىدارلشپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم. بۇندىن 13يىل بۇرۇن بۇ ئۇلۇغ ئىنسان بىلەن« 9- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبياتى يىغنى»دا تۇنجى قېتىم دىدارلاشقان ئىدىم. ئۇ چاغدا ئەمدىلا ئوقۇش پۇتتۇرگەن ۋاخلىرىم ئىدى. بۇ يىغنىغا يەكەندىن ياسىنجان ئاكام بىلەن رىزۋاگۇل يۇسۇپ كەلگەن ئىدى.مەن رىزۋانگۇل يۇسۇپ بىلەن ياتاقداش ئىدىم.رىزۋانگۇلنىڭ ئېغىر بېسىق مىجەزى گۇزەل ھۆسنىگە تېخمۇ ھۆسۈن قاتقان ئىدى. ئۇنى كۆرگەنلام ئادەم ياقتۇرۇپ قالاتتى. مەنمۇ تېزلا ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدىم كېيىن ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئەسلىدىكى خوتەنگە بېرىش سەپىرىمنى ئۆزگەرتىپ يەكەنگە ماڭدىم. شۇ چاغدا ياسىنجان ئاكاممۇ بىز بىلەن بىللە ماڭغان ئىدى. ئۇلار مېنى يەكەن تارىخى ھەققىدە تۇنجى تەسىراتقا ئىگە قىلغان ئىدى. مانا شۇ خوشلاشقان پېتى كېيىنكى كۇنلەردە بۇ ئىككى ئۇلۇغ ئەرباپ بىلەن قايتا دىدارلىشىش پۇرسىتى بولمىدى.ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىنى سۆيۈنىش ئىچدە ئوقۇپ ،ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ يۇردۇم. بۇ قېتىمقى شىمال سەپىرىدە ياسىنجان ئاكامنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا قۇلۇقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. خۇددى يۇتتۇرۇپ قويغان گۆھىرىنى قايتا تاپقان ئادەمدەك بەكلا ھاياجانلادىم. ئۇنى كۆرۈپ شۇنچە شادلاندىم. دىمسىمۇ ئۇ بىزنىڭ بايلىقمىز - گۆھىرىمىز ئەمەسمۇ؟
ياسىنجان ئاكىنىڭ ئوچۇق مىجەزى ئاۋالقدەكلا تۇرۇپتۇ. ئۇ نىڭ كىشلەرگە بولغان قىزغىن مۇئامىلىسى ئاۋالقىدەكلا . ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ھەر قانداق ئادەم قورۇنۇپ قالمايدىكەن. مەن شۇ مىنۇتلاردا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتىلىك ھېس قىلىدىم چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىش نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئارزۇسى. شۇڭا دەرھال « باھادىرنامە» نى كۆتۇرۇپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئىمزا قويدۇرۋالدىم. ئەۋاتلىرىم بۇ ئىمزانى - مۇشۇ كىتاپنى ،مۇشۇ تارىخنى يازغان ئۇلۇغ ئىنساننىڭ پوچۇركىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن دەيمەن.ياسىنجان ئاكا، ئامان بولۇڭ، شىمالدىمۇ، بىزنىڭ بۇ نېفىت شەھرىدىمۇ نۇرغۇن تارىخلار ، رىۋايەتلەر سىزنىڭ ئۆزىنى بايقىشىڭىزنى كۈتۈپ ياتماقتا. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، چۈنكى سىز مەھمۇت قەشقىرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ ،ئەلشىر ناۋائى ...ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمن ،زوردىن سابىر، ئابدىرېھم ئۆتكۇر، مەمتمىن ھوشۇر، جالالىدىن بەھرام ......قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرىمزغا ئوخشاشلا بىزنىڭ بىباھا بايلىقىمز.
شىنجاڭ يازغۇچىلا ر جەمىئيىتىدىكى بارلىق رەھبەرلەرنىڭ مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىزنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرغالىقىغا كۆپ تەشەككۇر. ئەيبۇ ئاكا، جاپا تارتىڭىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا guzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-10 16:59