ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

شىمالغا سەپەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 628
تۆھپە : 0
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 14:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازى ئوغلى، ،، قاتارلىق شائىر يازغۇچىلارنىڭ خوشال- خورام سەپەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2599
تۆھپە : 7
توردا: 254
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 14:36:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ئىزگۈ ئۇچىرشىشلار، سەمەرىلىك قەدەملەر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ... مۇشۇ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى ئازات مۇئەللىم باشچىلىغىدىكى يازغۇچىلار جەمىيىتى رەھبەرلىرىمىزنىڭ تېنى سالامەت، ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي..-بۇ ئىشلارنى  تەشەببۇس قىلىپ روياپقا چىقرىش يولىدا ھارماي تىرىشقان ئەيبۇ ئاكىمىزنىڭ ئايىغىدىن گۈللەر ئېچىلغاي...

   بۇ قېتىم شىمالنى ئايلىنىش سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇستاز ئەدىبلىرىمىزنىڭ -تورداشلىرىمىزنىڭ سەپرىگە ئاقيول بولسۇن... مۇبارەك بولسۇن ئەزىزلەر..

   ساھىبخان ئىبراھىم نىياز ،ئوسمان قاۋۇل، دولقۇن تۇرغۇن ئاكىلارغا مۆلجەر تاغ باغرىدىن سالام....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-8 14:49  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 871
تۆھپە : 1
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:01:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 266
تۆھپە : 12
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:17:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                            سالام نامە

                                                                 (نەسر)  

                                                         ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ

شىمالغا ،جۇڭغار –ئابرال ۋادىلىرىغا ئۆگىنىش ،زىيارەت ئۈچۈن  يولغا چقىدىغان كۈنىنىڭ ھارپا كىچىسى. سەپەر شاتلىغى مەستخۇشلىغىدا شۇنداق  تاتلىق  -شىرىن چۈش كۈرۈپتىمەن …
چۈشۈمدە دولان دەرياسى ۋادىسىدىكى  ياپ –يېشىل بوستانلىق  گۈلزارلار ئارا سەيلە قىلىپ  كېتىپ بارغۇدەكمەن …سەلكىن شاماللار  قاناتلىرىنى  يىنىككىنە قېقىشىپ ئۈچۈپ كېلىپ مىنى ،ئەركىلىتىپ باغاش ئەتكۈدەك ،
يېشىل ياپراقلار بىر بىرسىدىن گۈزەل بىر بىرسىدىن  رەڭدار گۈل بەرگىلىرى   يۈزلىرىدە قۇياشنىڭ ئوتلۇق  نۇرلىنى چاقنىتىپ ، كۆزلىرىدىن ھاياجان  شەبنەملىرىنى   سىرغىتىشىپ تۇرۇپ چاۋاكلار چالغۇدەك،
ئۇلار ماڭا شۇنداق مۇھەببەتلىك ئوتلۇق تىلەكلەرنى ئېيتقۇدەك :
-مۇبارەكلەر  بولسۇن ! مۇبارەكلەر  بولسۇن !،سالامىمىزنى ،دۇئالىرىمىزنى جۇڭغار –ئابرال ۋادىلىرىغا يەتكۈزسىڭىز –دەپ چۇرقۇراشقۇدەك،
باغىستاندىكى   بۇلبۇل،كاككۇك،تورغاي ،سۇندۇك، تۇرلىغا ،قارا غۇجىلار بەس-بەس بىلەن سايرىشىپ  شۇنداق خىتاپلار قىلغۇدەك :
-بىزنىڭ سالامنامىلىرىمىزنى  مەرھۇم داۋۇتجان ناسىرى ،رۇزى تەمبۇر بوۋىلىرىمىزغا ،نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ، سەنۇبەر قاتارلىق ئىلى بۇلبۇللىرىغا ئالغاچ كەت !
چەكسىز كەتكەن يېشىل ئېتىزلاردىن ،ئېكىنزارلاردىن ياڭراق  ئىلتىجالار جاراڭلىغۇدەك :
-نۇرلۇق قۇياشتىن تىمسال ئالغان  قىزىرىپ بىشقان شىرمەت نانلىرىمىزدىن جۇڭغاردىكى نىفىتچىلارغا ،ئىلى -ئالتاي يايلاقلىرىدىكى  چارۋىچى ،يىلقىچىلارغا ئالغاچ كەت! بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىمىز ھۆرمىتىمىز قۇياشقا ئوخشاش ئوتلۇق ھەم مۇقەددەس  …!!!
بۇلۇتلارغا تاقاشقان  ئىگىز قارلىق چۇققىلار ئارىسدىن  شارقىراپ ھەيۋەت بىلەن ئېقىپ چۈشىۋاتقان تارىم دەرياسىدىن سادا كەلگۈدەك:
-ئەزىز ئوغلۇم …سالامىمنى ،سادايىمنى ،ئىلى ،ئىرتىش دەرياسىغا  يەتكۈز –دىگۈدەك!!!  
ئاقسۇ جەنۇبى شەھەر رايونى يار بۇيىدا ھاسىسىغا تايىنىپ ، ئۇچتەك   ئاقارغان  ساقال بۇرۇتلىرىنى  ئاپئاق تونى سەلكىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان  پەرىشتە سۈپەت بۇزرۇك  بوۋىمىز  خاراباتىنىڭ قۇبۇلىغا مۇيەسسەر بولدۇم .
بۇزرۇك بوۋام ماڭا شۇنداق دىگۈدەك :
-ئۇنتۇپ قالما ،شۇ جۇڭغار ،ئابرال دالالىرىغا بارغىنىڭدا  شاھ-مەشرەپ ھەزرەتلىرىنىڭ ئىشىق ھىجران  دەشىتلىرىدە قالدۇرغان ھەربىر مۇقەددەس ئىزلىرىنى تاۋاپ قىلغاچ  كەل!يەنە سەككاكى ،نازىمىلار  ئىلىم ھىكمەت –نەزمى ئەشئار گۈلىستانىدا سەيرى قىلىۋاتامدىكىن؟ئۇلارنى ئىزدەپ بېرىپ سالام بىرىپ ئۆت ئوغلۇم .ناۋادا تۇغلۇق تۈمۈرخان ئاق تۇلپارىنى مىنىپ جەڭگاھلارغا كەتكەن بولسا سەلكىىنلەردىن دۇئايىمنى يەتكۈز .تەلەي بەختىڭگە  خان ئالىيلىرى  ئوردا سەلتەنەتىدە بولسا ئايىقىغا باش قۇيۇپ ئىززەت  ئېھتىرامىمنى  بىلدۈرۈپ كەل !...
ئاقسۇ لەنگەر كۇچىسىدا قولتۇقىغا كىتاب قىستۇرۇپ ئالدىراش كېتىپ بارغان ئوت يۈرەك  شائىر ل. مۇتەللىپ بىلەن  ئۇچرىشىپ قالدىم. ئوت يۈرەك  شائىر  ماڭا شۇنداق يالقۇنلۇق خىتاپلارنى قىلغۇدەك :
-بەك ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ ،شۇ دەمدە قانىتىم بولغان بولسا ، مەنمۇ سەن بىلەن كۆكتە پەرۋاز قىلىپ  چوڭ بۇلغان يۇرتۇم ئىلى نىلقا بويلىرىغا بارغان  ،يۇرتۇمدىكى ھەربىر چىمدىم تۇپا- تاشلارنى،ھەربىر تال گۈل-گىياھلارنى قانماي پۇرىغان ،شۇ قىبلىگاھ يۇرتۇمنى  قانماي باغاشلىغان سۆيگەن بۇلاتتىم.بۇ قىممەتلىك پۇرسەتكە ئىرىشكەن ساڭا مۇبارەك بولسۇن !شۇلارنى ئۇنتۇپ قالما،-سادىر بوۋامغا ،ئەخمەتجان قاسىم ھەم ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم ئەتكەن نامسىز قەھرىمانلارغا  بولغان سالامىمنى  چۇڭقۇر ھۆرمىتىمنى  ساڭا سوغات قىلىپ تۇتاي ! …
…………………………
شۇنداق شىرىن تاتلىق چۈش كۈرۈپتىمەن ...
مانا بۈگۈن ئۈزۈم  جۇڭغار،  ئىلى ۋادىلىرىدا يۈرمەكتىمەن .
بەلكىم  مەن  بۇ يازمامنى تۈزۈكرەك يازالمىغاندىمەن  
ئەمما مەن  جەنۇب خەلقى بولۇپمۇ، ئاقسۇ ۋادىسىدىكى كىشىلەرنىڭ جۇڭغار ، ئىلى ۋادىلىرىغا  بولغان   ئوتلۇق مۇھەببىتىنى سالامنامىسىنى   ئېلىپ كەلدىم...

2012-يىل 8-ئىيۇل  .قارىماي


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەرەنبۇلاق ۋە نېفىت ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى زىيارەت خاتىرىلىرى

IMG_3469.JPG


IMG_3473.JPG


IMG_3478.JPG


IMG_3485.JPG


IMG_3493.JPG




IMG_3510.JPG


IMG_3546.JPG


IMG_3539.JPG


IMG_3492.JPG





www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  832
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 17:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق قەلەم ساھىبلىرىنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 366
تۆھپە : 4
توردا: 149
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 17:57:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئاق يول بولسۇن .........

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  832
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 18:25:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق چوغلان ئاكامنىڭ تېخىمۇ چوغلىنىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2654
تۆھپە : 84
توردا: 523
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 18:32:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قارامايدىكى ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتتىكى بىر قىسىم سۆرەتلەر :


SSL20601.JPG




10.jpg



19.jpg




13.jpg


17.jpg



18.jpg


3.jpg


16.jpg



4.jpg



5.jpg



7.jpg


12.jpg



6.jpg



9.jpg


2.jpg


1.jpg



8.jpg



14.jpg




11.jpg
15.jpg
مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  348
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 59
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 19:47:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرخىللار يىغىلىپتۇ، سەپىرىڭلارغا ئاق يول تىلەيمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 642
تۆھپە : 0
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 20:48:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     يېڭى مۇھىت كىشىگە يېڭىچە ئىلھام ۋە يېڭىچە تۇيغۇلارنى، ئارزۇ-ئىستەكلەرنى بەخىش ئېتىدۇ. ئىدىيە ۋە مەنىۋىيەت جەھەتلەردە سىلكىنىش ئېلىپ كىلىدۇ.  ئۇيقۇ ئېچىلىدۇ، قەلەم شاشلىشىدۇ!....
بۇ قېتىم شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «شىمال سەپىرى» نىڭ خاسىيىتى بىلەن، پەخرلىك ئەدىپلىرىمىزنىڭ مول مەنىۋى مەھسۇلاتلارنى ، تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى خەلقىمىزگە سۇنۇشىغا تىلەكداشمەن!... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-8 20:49  


كەتمەك ئاسان، كەچمەك تەس!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1067
تۆھپە : 0
توردا: 198
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 21:33:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوۋ........... سەيلە-ساياھەت دېگەنمۇ سالاپەتلىك كىشىلەرگە بەكرەك يارىشىدىغاندەك قىلىدۇ جۇمۇ، سۆلىتىدىن ئەيمىنىپمۇ قارىغىلى بولمايدا رەسىملەرگە ... (چاقچاق ھە)

ئەزىزلەرنىڭ سەپىرگە شادلىق ۋە يېڭىچە ئىلھاملار يار بولغاي! ئاق يول تىلەيمەن!

ئاسمان دەز كەتسە كەتسۇن، كۆڭۈل دەز كەتمىسۇن!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1763
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 21:34:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپەرلەر ئاق يوللۇق بولغاي! يانغىن ئىنىمنىڭ ئۈلگۈرۈپ كىلەلىگىنىدىن خۇش بولدۇم.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1136
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 21:53:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ياسىنجان سادىق قاتارلىقلارنىڭ يېڭى مەنزىرىلەردىن يېڭىچە سادالارنى ياڭرىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 938
تۆھپە : 4
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 22:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلەك تەلقىنلىرى


باغرىڭغا بىر پارچە ئوت بولۇپ كىردىم ،
مېھرى ئوت ، چېھرى ئوت ، قەلبى ئوت جەنۇپ .
يۈرۈكىم ئايلاندى قايناق قازانغا ،
بېغى ئوت ، تېغى ئوت ، خەلقى ئوت جەنۇپ ....

      بۇلتۇر مۇشۇ كۈلەردىكى ‹‹ جەنۇپقا سەپەر ›› زىيارىتىدىكى تەسىرات خاتىرەمدىن ...


دىلكەشلىك ھىدى تېخى دىمىقىمدا ،
ياز خۇلۇق يالقۇن يانار تىنىقىمدا .
ئۈزۈلمەس قەلبلەرنىڭ رىشتىسىدىن ،
شىلدىرلاپ ئىزگۈ ئاقار ئېرىقىمدا .

ئاق تىلەك ، ئاپئاق يوللار ئېچىلىدۇ ،
بۇ مېنىڭ كۆكسى كۆلبە قىنىقىمدا .
كەلگۈم بار تاڭلىيىمغا تاڭنى تېڭىپ ،
بىر ئۆمۈر كۈلكە ئويناپ زىنىقىمدا .

قالمىدىم دوستلار ئارا قاراڭغۇدا ،
ياندۇرسام سەن پەرۋانە چىرىقىمدا .
تەنبىھلەر تەلقىنىدە تۈزۈتۈپ قوي ،
بولسا گەر سەۋەن - خاتا قىلىقىمدا .

كۆۋرۈكنىڭ ياغىچىنى سۇغا چىلاپ ،
چايقىغان ئىكەن مېنى قىرىقىمدا .
شۇڭا قول ئۇزاتقانلار ئۇلۇغلۇقتىن ،
ھىچقاچان بوپ باقمىغان سىنىقىمدا .

مەن كىمنى رازى قىلغان مەئىشەتتىن ،
بىر ئوچۇم ، قۇچقاچ تويماس تېرىقىمدا .
باغرىنى بارلىق قىلىپ تۆككەنلەرنىڭ ،
يامايمەن يېرىقىنى يېرىقىمدا .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇخېلىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-9 14:37  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش