زىيارەت ئۆمىكى 7-كۈنى قاراماي شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ قارامايدىكى ئىككى كۈنلۈك ئېكىسكۇرسىيە، ئۈگىنىش پائالىيىتىنى باشلىدى. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مايبۇلاق، قاراماي نېفىت كۆرگەزمىخانىسى،قاراماي سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى قاتارلىق جايلاردا زىيارەت ۋە تۇرمۇش ئۈگىنىشتە بولدى. بۈگۈن چۈشتىن ئاۋال ئالدى بىلەن، ئەتىگەن سائەت 7:30 دىن 9:30 غىچە قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا قارامايدىكى بىر قىسىم ئەدىبلەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئوسمان قاۋۇل رىياسەتچىلىك قىلدى.قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن قاراماينىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالى، ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە قىسقىچە دوكىلات بەردى، ئاندىن قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ئارسلان تالىپ يىغىن قاتناشچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ يېزىقچىلىق تەجىربىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاخىرىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم سۆھبەت يىغىنىنى خۇلاسىلاپ سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىنىشى، يازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئۈگىنىشى، تەربىيەلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە قاراشلىرىنى، ئۆزىنىڭ زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەردىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.