گۈل پۇراش
ياسىنجان ئىمىن (ئۈمىد)
سېنى سىم-سىم ئۇزاتقان سەھەر،
بۇلۇتمۇ ياش تۆككەن ئېسەدەپ.
قانداق ئۇنتاي چۈشۈمگە لەرزان
كىرگىنىڭدە سۈپسۈزۈك لەيلەپ؟...
ئېسىڭدىمۇ بىز ئۇچراشقان كۈن،
گۈل تۇتقىنىم...قىزارغىنىڭ زەپ؟
ئۈزىۋالدىم بىرجۈپ گۈلسۇرۇخ،
ۋىسال كۈلگەن كۈنلەرنى ئەسلەپ...
قىزىلگۈلنىڭ لېۋىدە شەبنەم،
ئېچىلماقتا قەلبىم پورەكلەپ.
بەرگىلەردە خۇشبۇي تىنىقىڭ،
قاندى بۈگۈن سېغىنچىم پەسلەپ...
قايتقىنىڭدا قارلغاچ بولۇپ كەل،
سەن كەلگىچە كۆيەي گۈرۈلدەپ.
سۆيگۈ چېچىپ تۇمشۇقلىرىڭدىن
يالقۇنىمنى پەسەيتكىن پەرلەپ...
مەيلى زەپران تۆكۈلسۇن ياپراق،
مەيلى ئاق قار ياغسۇن لەپىلدەپ؛
قەلبىم ساڭا يەنىلا باھار،
گۈل ئېچىلار بىر سېنىلا دەپ....
2012-5-31. ئاقسۇ .