قولۇمدا گۈل، يېنىمدىمۇ گۈل
(ئىپىك ناخشا تېكىستى)
ئوغۇرلۇقچە بىر گۈلنى ئۈزدۈم،
گۈل شېخىدا قېپقالدى ئىزى.
‹‹گۈلنى سۆيۈپ گۈل ئۈزىڭ !›› دىدى،
كۆرۈپ قالغاچ شۇ گۇلباغ قىزى.
تۇرۇپ قالدىم بوغۇلۇپ، مەڭدەپ
قىزغا لايىق جاۋاپ تاپالماي.
قۇلۇمدا گۈل، يېنىمدىمۇ گۈل،
كېتىپ قالدىم قىزغا باقالماي.
نەقرات:
‹‹گۈلنى سۆيۈپ گۈل ئۈزىڭ ›› دىدى
كۆرۈپ قالغاچ شۇ گۈلباغ قىزى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەمەتجان قۇربان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-11 15:10